- جۇغلانما
- 8449
UID8231
تىزىملاتقان2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم2015-4-10
توردا5812 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ئەلتەر ئەپ بازىرى
  
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 8449
- ئاقچا
- 14
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-16 16:21
يانفۇن رېمونتچىلىقىنىڭ بەش يىل ،ئون يىل بۇرۇنقى 19 ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدۇ.ھازىر زاماننىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز. يەنە بەش ئون يىلغىچە يانفۇننىڭ ساقلىغۇچ ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ،ئېكران ياكى باشقا زاپچاسلىرىنى ھازىر دۇكانغا چىقىپلا باتارىيە سېتىۋالغاندەك سېتىۋېلىپ ئۆزىمىز سېلىپلا ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن،موشۇنداق يانفۇن چىقىرىشنى چەتئەلدىكى شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن پىلانلاپ بولغان .شۇ ۋاقىتتا ھىچكىمنىڭ رېمونتچىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ.رېمونتچىلىق دېگەن كەسپ گوملا چۈشىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا يەنە نىمە قىلىپ كۈن ئالىسىز؟!
نىمىلا بولمىسۇن ھازىرقى 25 ياشتىن كىچىك بالىلارغا رېمونتچىلىق دېگەن كەسپنى قەتئىي تەۋسىيە قىلمايمەن.باشقىلارغا دەيدىغىنىم 25 تىن كىچىك بولساڭلار يەنە پۇرسەت كۆپ ، تاللايدىغان يولمۇ كۆپ. ئۇبدان ئويلىشىپ بىر ئىش قىلارسىلەر.
بۇنداق گۈلدەك ۋاقىتلېرىڭىزدا كېيىن ئىستىقبالى بار كەسپلەرنى ئۆگىنىڭ. مېنىڭ تەۋسىيەرىم ئەڭ باشتا بىر ئىككى يىل تىل ئۆگىنىڭ ، تۆت بەش يىل سەرپ قىلىپ بىردىن ئارتۇق تىلنى پىششىق ئۆگىنىۋالسىڭىز ئۇنىڭدىن كېيىنكى تاللاش يولىڭىز كۆپ بولىدۇ . تىل ،پروگرامما دېگەننى پۇل خەجلىمەي ئۆزى ئۆگىنىپ كەتكەنلەر ساماندەك. |
|