ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 4256|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

7-قارارلىق ئاندرويد ۋە ئالما ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى

25

تېما

183

يازما

1106

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
0
جۇغلانما
3004
ئاقچا
11510

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنىMedal No.3



7-قارارلىق ئاندرويد ۋە ئالما ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى

未标题-1.jpg

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاندرويد ۋە ئالما يانفونلار ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىلىشىگە ئېرىشتى. ئاندرويدلىق تېلېۋىزور ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر ئائىلىلەرگە تېزلىكتە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئايپەد ۋە ئاندرويدلىق تاختا كومپيۇتېرلار كىشىلەرگە كۆپ قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. مۇشۇلارغا ئەگىشىپ ئاندرويدلىق يانفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرگە، ئالما يانفونى ۋە ئايپەدلەرگە سىستېما يېزىش، ئۇلاردىكى ھەرخىل كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارغا ھەرخىل سىستېمىلارنى قاچىلاش جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىغا ئايلاندى. بىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كەسپىي خادىملارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىپ بۇ كۇرسنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تەربىيىلىنىپ چىققان خادىملارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق رايونىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە ۋە ھەرقايسى ناھىيىلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ كەسىپ ئاز ئىقتىساد بىلەن ئۆگەنگەن تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىدىغان بولغاچقا تەربىيىلىنىپ چىققان ياشلار ئۈچۈن ياخشى بىر چىقىش يولى بولۇپ قالدى.

بىز كۇرستىكى بارلىق مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق نەزەرىيە بىلەن كۈچلۈك ئەمىلى مەشىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىتىدىغان بولغاچقا، كۇرسانتلار ئۆگىنىش جاپاسىغا چىدىسىلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقىقىي بىر كەسپىي خادىمغا ئايلىنىپ، كۇرس تاماملاپلا ئىش باشلىقىدەك سەۋىيىگە يىتەلەيدۇ. كۇرسقا قاتناشقان ھەر بىر ئەزا بىز بەرپا قىلغان «تېخنىكا خادىملار كۇلۇبى»غا ھەقسىز ئەزا بولۇش شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.  400G سىغىمدىكى رۇم، سىستېما ماتېرىياللىرى ۋە سىستېما يېزىش قوراللىرى تەمىنلەپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قايتىپ بارغاندىن كېيىنلا ئىش باشلاپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتالايدۇ. كۇرستىكى ھەربىر مەزمۇن ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك سىنغا ئىلىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ داۋاملىق تەكرار قىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن كۇرسانتلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.

كۇرستا ئۆگىتىلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
  • ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىستېما تۈزۈلۈشى
  • HTC, Sony, Samsung ۋە باشقا داڭلىق ماركىلىق يانفونلارغا سىستېما يېزىش
  • OPPO, Veivo, ZTE, Coolpad, XiaoMi, Lenovo, HuaWei قاتارلىقلارغا سىستېما يېزىش
  • جۇڭگودا ئىشلەنگەن غەيرىي ماركىلىق يانفونلارغا سىستېما يېزىش
  • Android مۇھىتى ھازىرلاش ۋە Android قۇرۇلما ئانالىزى
  • Android لىق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
  • Android ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش
  • Android قا ئۇيغۇرچە رۇم ياساش
  • Android قا ئەپ ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
  • ئالما ۋە ئايپەدلەرگە  سىستېما يېزىش
  • ئالما ۋە ئايپەدلەرنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش
  • ئالما ۋە ئايپەدلەرنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
  • ئالما ۋە ئايپەدلەرگە ئەپ قاچىلاش
  • ئالما تېلېفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش


ئۆتۈلىدىغان قوشۇمچە مەزمۇنلار:
  • كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاش
  • قاتتىق دىسكىنى رايونغا بۆلۈش
  • كومپيۇتېرغا قوش سىستېما قاچىلاش
  • توردىن سىستېما ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش
  • كومپيۇتېر ۋە توردىن بىخەتەر پايدىلىنىش

ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار:
  • ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان ياشلار
  • ئاندرويد ۋە ئالما ھەۋەسكارلىرى
  • يانفون رېمونت قىلىدىغانلار
  • يانفون تىجارىتى قىلىدىغانلار
  • مۇشۇ ساھەدە خىزمەت تاپماقچى بولغانلار


دەرسلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مول، ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولغان ئۇستازلار سۆزلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگەن دىرېكتورلار، جەمئىيەتشۇناسلار مۇۋاپىق لېكسىيىلەرگە تەكلىك قىلىنىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ. دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە كەسپىي سۆزلەر قوشۇپ ئۆگىتىلىدۇ. كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىمىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 100 سائەت بولۇپ، كۈنىگە 8 سائەتتىن دەرس ئۆتىلىدۇ، كۇرس ۋاقتى 15 كۈن.  ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ياتاق ھەققى 300 يۈەن، ئوقۇش پۇلى 1500 يۈەن. ئورنى قەشقەر شەھىرىدە. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.




دەرھال تېلېفون قىلىپ تىزىملىتىڭلار





ئالدىنقى 6 قارارلىق كۇرستىن بىر قىسىم كۆرۈنىشلەر




19

تېما

618

يازما

843

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
1
جۇغلانما
2939
ئاقچا
5
sanjar ۋاقتى: 2014-8-16 10:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
•Android قا ئەپ ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
بۇ مەزمۇن مۇشۇنداق ئاساسىي بىلىم بىلىم دەپلا تۈگەپ قالامدۇ ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئەپلەرنى ، بولۇپمۇ پەچەت كىرگۈزگۈچلەرى مۇستەقىل ياسىيالايدىغانلارنى تەربىيلەپ چىقساڭلار بۇلاتتى . يەنە شىياۋمى سېستىمىسىنى ھەرقانداق ئاندىروئىد تىلفونلارغا كۈچۈرەلەيدىغان تېخنىىلارمۇ بار ، مۇشۇلارنىمۇ دەرىسلىك مەزمۇنى قىلساڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەنتۇق !

6

تېما

138

يازما

176

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
786
ئاقچا
11
ئاتلان520 ۋاقتى: 2014-8-16 12:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك    ياخشى   بۇپتۇ   بىز مۇ     يەنە   بېرىپ   كەلسەك   بۇلامدۇ   نىمە     

0

تېما

12

يازما

365

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
802
ئاقچا
28
serdax888 ۋاقتى: 2014-8-16 12:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي..ھەي..مەنمۇ ئويلىشىۋاتىمەن جۇمۇ

0

تېما

12

يازما

332

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
730
ئاقچا
0
bahtim@uqun ۋاقتى: 2014-8-16 12:18:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئۈرۈمچىگىمۇ بىرەنى قۇرساڭلار بولمامدۇ بىزمۇ ئۈگىنەتۇق

6

تېما

138

يازما

176

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
786
ئاقچا
11
ئاتلان520 ۋاقتى: 2014-8-16 12:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahtim@uqun يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 12:18
مۇشۇ ئۈرۈمچىگىمۇ بىرەنى قۇرساڭلار بولمامدۇ بىزمۇ ئۈگى ...

ئۈرۈمچىدىن   قەشقەرگە   كىلىپ   ئۆگەنسەڭلا   بولمىدىمۇ    بىزمۇ   كۇچادىن  قەشقەرگە   بېرىپ  ئۇقۇپ  كەلدۇخ قۇ   دەرسلەرنىمۇ  شۇنداق  چۈشەندۈرۈپ  ئۆتىدۇ

2

تېما

37

يازما

96

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
365
ئاقچا
0
QQ
anasjan ۋاقتى: 2014-8-16 13:04:29 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tilpun numrigizni kaldurmapsigu  baxkila  kandak  alakilxidu tilpun numrigizni kaldurup koyug

25

تېما

183

يازما

1106

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
0
جۇغلانما
3004
ئاقچا
11510

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنىMedal No.3

UyghurWeb  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-16 13:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anasjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 13:04
Tilpun numrigizni kaldurmapsigu  baxkila  kandak  alakilxidu tilpun numrigizni kaldurup koyug

تېما ئاستىغا قاراڭ.

6

تېما

138

يازما

176

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
786
ئاقچا
11
ئاتلان520 ۋاقتى: 2014-8-16 13:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا مۇشۇ شۇ

0

تېما

2

يازما

7

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
20
ئاقچا
0
akanguyghur ۋاقتى: 2014-8-16 15:36:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا يانفۇندا ئەپ تەرجىمە قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قويوشنى خالايدىغانلار بارمۇـ مەندە ئىگىلىزچە 2ئەپ باتتى  ـ ئۈزۈم تەرجىمە قىلاي دىگەن!  پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرى ــ 411315504

0

تېما

12

يازما

332

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
730
ئاقچا
0
bahtim@uqun ۋاقتى: 2014-8-16 16:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلان520 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 12:54
ئۈرۈمچىدىن   قەشقەرگە   كىلىپ   ئۆگەنسەڭلا   بولمىدىمۇ   ...

مەنمۇ قەشقەردىن لىكىن ئۈرۈمچىگە باغلىنىغلىق شۇڭا دەيمەنغۇ ئۈرۈمچىدىن بىكا بولغاندا بىرىپ ئۈگىنىمەن ئىنشا ئاللا

1

تېما

58

يازما

62

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
283
ئاقچا
56
ئويلان ۋاقتى: 2014-8-16 18:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-قېتىملىق تەربىيلەشكە قارغاندا يېڭلىقلار بارمۇ؟ مەنمۇ قىزقىپ قېلۋاتمەن جۇمۇ

10

تېما

352

يازما

413

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1842
ئاقچا
0
simsimtamqa ۋاقتى: 2014-8-16 18:57:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردە بولسام ئۇقا كەنمەن چالا قالغان يەرلەرنى

0

تېما

13

يازما

40

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
109
ئاقچا
0
SIRDAX9412 ۋاقتى: 2014-8-16 22:39:29 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان غۇلجىغا كىلە بۇ كۇرۇس ھەرگىز توختاپ قالماڭلار

0

تېما

13

يازما

40

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
109
ئاقچا
0
SIRDAX9412 ۋاقتى: 2014-8-16 22:41:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
778910 دەپ ئورلەپ كىتىۋىرىڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش