ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1443|ئىنكاس: 26
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەنمۇ Arduino غا ئاشىق

8

تېما

375

يازما

750

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2861
ئاقچا
0
QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-19 22:41  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ، ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى ، رەھمىتى ۋە بەرىكىتىنى يوللايمەن ، ھەم ئالپ مۇنبىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە گۈلىنىپ مىللىتىمىز يانفۇنچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن . يېقىندىن مۇنبەردە Arduino ھەققىدە مەزمۇنلار كۆپىيىپ قالدى ، ھەقاچان كۆپىنچىڭلار Arduino نى مۇنبەردىكى e-chewendaz ئەپەندىمنىڭ تېمىلىرى ئارقىلىق بىلدىڭلارغۇ دەيمەن ، مەنمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى . دەسلەپ مەن e-chewendaz ئەپەندى «مەن Arduinoغا ئاشىق»   دېگەن كىتاپنى تارقاتقاندا سېتىۋېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم ، كۆرۈش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى پۇختىلاش ئۈچۈن چۇقۇم Arduino تاختىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئەمەلىي تەجرىبە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن Arduino غا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم سەۋەبلىك بۇ يەردىن  Arduino UNO R3 تاختىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم ، يەنە شۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ئېنفرا قىزىل نۇرلۇق ئادەم بەدىننى سەزگۈچ مودىلى ، ئاۋاز سەزگۈچ مودىلى ،  ئېنفرا قىزىل نۇرلۇق توسالغۇنى سېزىش مودىلى ،  يورۇقلۇق سېزىش مودىلى ،  IC FRID كارتا ئوقۇش مودىلى ، ئۇلترا ئاۋازلىق ئارىلىق سەزگۈچ مودىلى ۋە مۇقىملاش جازىسى ، كۆك چىش مودىلى قاتارلىق مودىللارنى سېتىۋالدىم ،

ۋە e-chewendaz ئەپەندى Arduino-توردىن كېرەكلىك دىتاللارنى سېتىۋىلىش توغرىسىدا  دېگەن تېمىسىدىكى تەمىنلىگەن ئادرىستىن ئايروپىلان قۇيرۇق قانات ماتورى ، تۆت خانىلىق  ۋاقىت كۆرسېتىش رەقەم لامپىسى ،قوش يوللۇق L9110 ماتور قوزغىتىش مودىلى ، nokia5110 سۇيۇق كىرىستال ئېكران ۋە ئېكران مودىلى ، قوش يوللۇق رېلى مودىلى ، ۋە بىر قانچىلىغان ئۇلاش سىمى ۋە رەڭلىك LED لامپىلارنى سېتىۋالدىم.

شۇنىڭ بىلەن سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنىڭ تېزراق كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم ، ئاخىرى بىر ھەپتىدە سېتىۋالغان نەرسىلىرىم كەلدى ، ھاياجان ئىچىدە قاپنى ئاچتىم ، بۇ بەسەي ھەقىقەتەن تەپسىلىي ئىش قىلىدىغان نەرسىكەن ، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىسمى ، باھاسى ، ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى تالونغا تولدۇرۇپ ئەۋەتىپتۇ ، ھەم يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ ، يەنە 2.5 گىگابايت ئەتراپىدا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ( خەنچە ) قاچىلانغان نۇر دېسكىسىنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ ، شۇنداقتىمۇ مەن بۇ ماتىرىياللارغا قانائەت قىلماي مال تاپشۇرىۋېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ يەنىمۇ نۇرغۇن ماتىرىياللارنى يوللاپ بېرىشنى ئېيتتىم، ئۇ قوشۇلدى ۋە يەنە 1 گىگابايت ئۆپچۆرىسىدىكى ماتىرىياللارنى يوللاپ بەردى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەسەيگە ياخشى باھا ۋە بەش يۇلتۇزنى بېرىپ جەمئىي 265.5 يۈئەننى ئۇنىڭغا ئۇرۇپ بەردىم.... ( e-chewendaz ئەپەندى تەمىنلىگەن ئادرىستىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنى بىرنەچچە كۈندىن كېيىن سېتىۋالغان ، شۇڭا ئۇ نەرسىلەر ئىنشائاللاھ ئەتىلەردە قولۇمغا تىگىپ قالارمىكىن.)
  كەچتە ئىشلىرىمدىن بىكار بولغاندىن كېيىن ، Arduino بىلەن بىر ھەپىلىشىپ باقاي دەپ كومپيۇتېرىمغا جاۋا مۇھىتىنى ھازىرلاپ Arduino تاختىسىنى كومپيۇتېرىمغا تونۇتۇپ Arduino IDE نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم، ھەم ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى كومپيۇتېر سەۋىيەم بىلەن Arduino بىلەن ھەپىلىشەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،  ئەمما بۇ ۋاقىتتا تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، نىمە ئۈچۈن دەمسىلەر ؟ مەندەك ھېچقانداق كومپيۇتېر تىلىنى بىلمەيدىغان بىر قارا قورساق ئۈچۈن Arduino IDE غا كود يېزىش ۋە بۇ كودلارنى Arduino تاختىسىغا يوللاش ۋە ئىجرا قىلدۇرۇش مەن ئۈچۈن بىر چەتئەللىككنىڭ ئالدىدا مەقسىتىمنى بىلدۈرەلمىگەندەك قىيىنغا چۈشتى ،تەييار كودنى Arduino IDE كىرگۈزۈشنىمۇ بىلمىدىم، ھەتتا Arduino تاختىسىغا LED نى قانداق ئۇلاشنىمۇ بىلمىدىم، ھەممە نەرسە تەييار ئەمما مەن ھېچنىمە قىلالمىدىم، بۇ چاغدا كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى ، ئۆزۈمنىڭ كۆزى ئوچۇق قارىغۇ ئىكەنلىكىمدىن تولىمۇ ئۆكۈندۈم ، ... ئەمما پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ دە ، چوقۇم شۇ پۇشايمانغا ئورۇن بەرمەسلىك لازىم ، ( شۇڭا تەۋسىيەرىم ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىلىم ئۆگىنەيلى ، بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىپ ، بىلمىگەننى بىلگەندىن سوراپ ئۆگىنەيلى ) ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ شۇنىڭ بىلەن e-chewendaz ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ تەلىم ئېلىشنى ئويلىدىم، دە Arduino چ چ توپى 316836607 غا كىرىپ قارىسام e-chewendaz ئەپەندىم توردا يوق ئىكەن ، چۈنكى بۇ ۋاقىت بەكلا كىچە بولۇپ كەتكەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ توپتىكى ‹‹ يىگانە ›› ئىسىملىك توردىشىمىزغا ياردەم سوراپ خەت يازدىم ، ( مۇنبەردىكى ئىسمى ‹‹ يۇمشاق دېتال ›› )

بۇ توردىشىمىز دەرھاللا جاۋاب قايتۇردى ۋە ماڭا ئېرىنمەستىن زېرىكمەستىن بىلمىگەن جايلىرىمنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ، مېنىڭ بۇ ھەقتە سەۋىيەم نۆل ئەمەسمۇ ؟  ھېچقانداق ساۋادى يوق بىر ئادەمنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش  قانچىلىق جاپالىق ۋە مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ....   ( مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹‹ يىگانە ›› قېرىندىشىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، چۈنكى ئۇ كېچىنى كېچە دېمەي ، كۈندۈزى ئىشلەپ چارچاپ كەتسىمۇ كىچىسى ئارام ئالماي ماڭا مەن بىلمىگەننى ئۆگەتتى ... ھەم e-chewendaz ئەپەندىمگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن ، چۈنكى ئۇ ماڭا Arduino نى تونۇتتى ۋە Arduino غا بولغان قىزىقىشىمنى قوزغاتتى ،  ۋە بىز ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق تېمىلارنى يوللاپ بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتتى ، بۇنى ھېچقايسىڭلار ئىنكار قىلالمايسىلەر ... ھەم يەنە مەزكۇر ئالىپ توپىنى قۇرغۇچىغا، باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن ، ئاخىرىدا مىنى مۇشۇ ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغان  ھەممىنى بىلگۈچى ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ، مۆئمىن بەندىلىرىگە مېھرىبان ، ئاسىي بەندىلىرىگە ئازابى قاتتىق بولغان ، ھەممە شەيئىنىڭ رەببى بولغان كېرەملىك رەببىمگە كۆپ تەشەككۈرلىرىمنى ئېيتىمەن )،،،،
  قېرىندىشىم ‹‹ يىگانە ›› نىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆگىتىشى ئاستىدا Arduino تاختىسىغا ئاددىي بولغان بولغان LED نى چاقنىتىش كودىنى يېزىشنى ئۆگەندىم ، بۇ جەرياندا قېرىندىشىم ‹‹ يىگانە ›› ماڭا Arduino IDE دىكى ھەربىر قۇر كودنىڭ  مەنىسى ، ئىشلىتىلىشىنى تەپسىلىي ئۆگەتتى ، ھەم Arduino تاختىسىدىكى ھەر بىر پۇتنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ۋە قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى . ئىككىمىز پۈتۈن بىر كىچىنى Arduino ھەققىدە پاراڭلىشىش ۋە كود يېزىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق ، بۇ جەرياندا ئىككىمىز يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق تەجرىبىلەرنى ئىشلىدۇق ، شۇ چاغدىلا مەن پروگراممىرلارنىڭ جاپاسىنى ھەقىقىي بىلىپ يەتتىم،  چۈنكى سىز ئىشلىتىۋاتقان مەلۇم بىر پروگرامما ياكى ئەپلەر پروگراممىرلىرىمىزنىڭ ئاشۇ قۇمدەك كودلارنى ، سان سىفىرلارنى بىرمۇ بىردىن كىرگۈزۈش ئارقىلىق قان تەر بەدىلىگە ۋۇجۇتقا كەلگەن ... ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز سىزمۇ سىناپ بېقىڭ ،  ..  بىر چاغدا قارىسام بامدات ناماز ۋاقتى بوپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز خوشلاشتۇق ، مەنمۇ تاھارەت ئېلىپ نامىزىمنى ئوقۇپ رەببىمگە كۆپ سانا تەسبىھلارنى ئوقۇدۇم پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملارنى يوللىدىم ....
تۆۋەندە مەن سىلەرگە شۇ كېچە ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق ئۆزۈم قول سېلىپ ئىشلىگەن بىر قانچە تەجرىبىلىرىمنىڭ سىنلىق كۆرۈنىشىنى ۋە كودلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي .....
1. LED چىراقنى چاقنىتىش


كودى:
  1. int a = 13;// ulinix putinh 13 kilip balgilax

  2. void setup()
  3. {
  4.   pinMode(a, OUTPUT);// ulinix putiga tok berix oquk
  5. }

  6. void loop()
  7. {
  8. digitalWrite(a, HIGH);// qirak yenix
  9. delay(1000);// 1 sikunt saklax
  10. digitalWrite(a, LOW) ;// qirak oqux
  11. delay(1000);// 1 sikunt saklax
  12. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
2. Arduino ساقچى چىرىقى ( بۇنى قېرىندىشىم ‹‹ يىگانە ›› ئىككىمىز ئىجاد قىلغان.)


كودى:
  1. int a = 12;// ulinix puti = 12
  2. int b = 13;// ulinix puti = 13

  3. void setup()
  4. {
  5.   pinMode(a, OUTPUT);
  6.   pinMode(b, OUTPUT);
  7. }
  8.   
  9.   void loop()
  10.   {
  11.    digitalWrite(a, HIGH);
  12.    delay(50);
  13.    digitalWrite(a, LOW);
  14.    delay(50);
  15.    digitalWrite(a, HIGH);
  16.    delay(50);
  17.    digitalWrite(a, LOW);
  18.    delay(100);
  19.    digitalWrite(b, HIGH);
  20.    delay(50);
  21.    digitalWrite(b, LOW);
  22.    delay(50);
  23.    digitalWrite(b, HIGH);
  24.    delay(50);
  25.    digitalWrite(b, LOW);
  26.    delay(300);
  27. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
3.LED ئېلان تاختىسى چىرىقى ( بۇنى ئۆزۈم تەييار كودتىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن)


كودى:
  1. int BASE = 2 ;  //第一顆 LED 接的 I/O 腳
  2. int NUM = 6;   //LED 的總數

  3. void setup()
  4. {
  5.    for (int i = BASE; i < BASE + NUM; i ++)
  6.    {
  7.      pinMode(i, OUTPUT);   //設定數字I/O腳為輸出
  8.    }
  9. }

  10. void loop()
  11. {
  12.    for (int i = BASE; i < BASE + NUM; i ++)
  13.    {
  14.      digitalWrite(i, LOW);    //設定數字I/O腳輸出為"低",即逐漸關燈
  15.      delay(200);        //延遲
  16.    }
  17.    for (int i = BASE; i < BASE + NUM; i ++)
  18.    {
  19.      digitalWrite(i, HIGH);    //設定數字I/O腳輸出為"低",即逐漸開燈
  20.      delay(200);        //延遲
  21.    }  
  22. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
يۇقارقى سىنلارنى قويغۇچنىڭ تەڭشىكىدىن 超清 قىلىپ تەڭشەپ كۆرۈڭ ، تېخىمۇ سۈزۈك كۆرەلەيسىز ....
پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى يوللاپ قوياي دېسەم ، توردىن ماتىرىيال چۈشۈرسە ئاتتەك تېز چۈشكەن بىلەن تورغا ماتىرىيال چىقارسا تاشپاقىدەك ئاستا ماڭىدىكەن ، شۇڭا  ۋاقىت چىقىرىپ بىر كۈنى ھەممىنى يوللاپ قوياي، ئەمما ھەممىسى خەنچە ، سىنلىق ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىمۇ بار ، پايدىلىنىپ قالارسىلەر.....
ئەسكەرتىش : بۇ تېما مەلۇم بىر شەخسىي غەزەر بىلەن يوللانمىدى ، ھەم ئۈستىدىكى تاۋباۋ تور ئادرىسىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈنمۇ يولانمىدى ، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قىزىقىشىم سەۋەبلىك ئۆزۈمنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يوللاندى ، ئۆزۈمنىڭ توردىن نەرسە سېتىۋېلىش تارىخىم ئۇزۇن ھەم مال سېتىۋېلىش سوممام زور بولغانلىقى ھەم توردىن مال سېتىۋېلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن ( تۆۋىنى نەچچە يۈەن ، يوقۇرىسى نەچچە ئونمىڭ يۈەنلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغان ، ھازىر توردىن مال سېتىۋالغان پۇل سوممام 100 مىڭ يۈەنگە باراي دەپ قالدى ، ئاساسەن كىيم كېچەكتىن باشقىنى توردىن سېتىۋالىمەن )  تورداشلارغا توردىن مال سېتىۋېلىشتا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يوللاندى.  بىز ئۆز-ئارا ئۈگىنىشكە،ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج! شۇڭا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭلارنى سورايمەن.... ئۈندىدار ۋە كىيۇ كىيۇ : 646280980
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

1

تېما

472

يازما

881

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2581
ئاقچا
0
QQ
iltebir107 ۋاقتى: 2014-6-15 13:35:01 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئوغلانلىرىمىز كۆپەيگەنسىز مىللىتىمىزنىڭ ئىلىكتىرون تېخنىكا سەۋىيىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بۇ قېرىندىشىمىز غەيرىتى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. چەۋەنداز ئەپەندى ۋە يۇقارقى ياردەم قىلغان مىھنەتسىز  ئۇستىلارغا تەشەككۈر.

1

تېما

432

يازما

332

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

红米note

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2118
ئاقچا
0
سەردار8 ۋاقتى: 2014-6-15 10:30:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا توردىن مال سېتۋالىدىغان تەجىربىڭىزدىن ئازراق سۆزلەپ بەسىڭىز

58

تېما

1033

يازما

1070

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4334
ئاقچا
32

تۆھپە ئوردېنى

QQ
bahit8 ۋاقتى: 2014-6-15 10:39:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ،تىرىشىڭ!
يىگانە ئىسىل بالا جۇمۇ ، يوقاپلا كەتتى ئۇ بۇرادەر!
ئۈستىدىكى چ چ غا ئۇلىنىش قىلغان رەسىملەرنى يەرلىكتىن بىۋاستە ئالپقا يوللاڭ!

10

تېما

370

يازما

571

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2273
ئاقچا
10
QQ
bayawat ۋاقتى: 2014-6-15 11:02:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭىدا چىراغ ياندۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلغىلى بولمامدۇ،،،.؟

0

تېما

46

يازما

126

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
420
ئاقچا
1
QQ
ahsa33 ۋاقتى: 2014-6-15 11:16:21 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ بۇرادەر

8

تېما

375

يازما

750

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2861
ئاقچا
0
QQ
فەخرىي  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 11:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 11:02
بۇنىڭىدا چىراغ ياندۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلغىلى بولمامدۇ ...

بولىدۇ ،  شۇ دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن چىراغ ياندۇرۇش ئەڭ ئوڭايكەن
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

8

تېما

375

يازما

750

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2861
ئاقچا
0
QQ
فەخرىي  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 11:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 10:39
ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ،تىرىشىڭ!
يىگانە ئىسىل بالا ...

ھەئە ، ھەقىقەتەن ئېسىل بالىكەن ، ئاخشام يەنە بىر كىچە ئۇخلىماي نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىپ قويدى.....
يوللىمىدى دەمسىز ؟ نەچچە قېتىم يوللىدىم ، شۇ رەسىمنىڭ كاساپىتىدىن بۇ تېماممۇ ئىككى كۈن كېچىكىپ يوللاندى، رەسىم يوللىسام ‹‹ تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى كۈتۈش ›› دەپلا تۇرىدۇ ، بىر كۈن ساقلىدىم ، يەنە قارىساممۇ يوللىغان رەسىملىرىمنىڭ قارىسىمۇ يوق ، شۇ ئاچچىقىمدا ئاخىرى چ چ غا ئۇلىنىش قىلىپ چىقاردىم...
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

8

تېما

375

يازما

750

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2861
ئاقچا
0
QQ
فەخرىي  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 11:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەردار8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 10:30
بولسا توردىن مال سېتۋالىدىغان تەجىربىڭىزدىن ئازراق سۆ ...

ئىنشا ئاللاھ ، ئەگەر تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى بولسا ، شۇنداق قىلاي....
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

8

تېما

375

يازما

750

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2861
ئاقچا
0
QQ
فەخرىي  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 12:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 10:39
ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ،تىرىشىڭ!
يىگانە ئىسىل بالا ...

رەسىملەر نورمال كۆرۈنگەندۇ ؟ مېنىڭكىدىغۇ نورمال بولمىسا...
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

8

تېما

407

يازما

833

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2735
ئاقچا
2
elpida ۋاقتى: 2014-6-15 12:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 11:54
ھەئە ، ھەقىقەتەن ئېسىل بالىكەن ، ئاخشام يەنە بىر كىچە  ...

ئەمما رەسىملەرنىڭ بىرىمۇ چىقماپتۇ....بۇ تىڭشۈندىكى ھارامزادىلەرغۇ پايدا دېسە ۋاستە تاللىمايدۇ...لېكىن باشقىلارغا ھېچنەرسىنى بىكارغا بەرمەيدۇ....

0

تېما

164

يازما

442

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2118
ئاقچا
0
ئوغلان132 ۋاقتى: 2014-6-15 13:31:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،مەنمۇ ئارىنوغا قىزىققۇچىلارنىڭ بىرى .توك يول ،ھەرخىل رىمونتچىلىق ئىشلىرغا بۇرۇندىن قىزقاتتىم .ئاردىنو توك يول تاختىسىدا ئېلكتىر چەۋەنداز ئەپەندى تەمىنلىگەن كودلار ئارقىلىق تەجرىبە ئىشلەپ باققان بولساممۇ.پروگرامما يېزىشقا نىسبەتەن كاللام تېخى  ئاددىي ئىكەن.شۇنداقتىمۇ تىرىشۋاتىمەن.بىرلىكتە تىرىشايلى
دوستلار نوكىياۋېندوۋسفون ئېتىپ توكقا سالسا يەنە ئېچىل ...

34

تېما

1041

يازما

1800

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
5969
ئاقچا
71

تۆھپە ئوردېنى

QQ
https://onedrive.live.com/redir?resid=A6BB7B82DA6F6228%211532

بۇ ئادىرىستا رەڭلىك چىراق كونتىرول قىلىش پروگراممىسىنىڭ ئاردۇينو نۇسقىسىنىڭ پروگراممىسى ۋە ۋىندوۋسنىڭ كونتىرول قىلىدىغان exe پروگراممىسى بار،

پەخرىي بىلەن مەن بىرلىكتە يىزىپ چىققان،  

بىز يانىدىغان چىراقنىڭ رەڭگىنى كومپىيۇتېردا رەڭ تەڭشەش تاختىسىدىن بەلگىلەپ بەرسەك ئاردۇينودىكى چىراقنىڭ رەڭگى بىز كومپىيۇتېردا تەڭشەپ بەرگەن رەڭگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ!

قىزىل يىشىل كۆك چىراق پۇتلىرىنى ئۆزىڭىز ئاردۇينو تاختىڭىزنىڭ PWM پۇتلىرىدىكى بىرەر تال پۇتلىرىغا ئۆزگەرتىپ بۇ پروگراممىنى توك يول تاختىڭىزغا ماسلاشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ!
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

5

تېما

85

يازما

383

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1264
ئاقچا
0
xukur218 ۋاقتى: 2014-6-15 14:08:30 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ  تىرىشىڭ  قېرىندىشىم  ئاللا  ئىشلىرىڭىزنى  ئاسانلاشتۇرۇپ  بەرسۇن .

0

تېما

54

يازما

39

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
144
ئاقچا
0
ۋاپ ۋاقتى: 2014-6-15 14:13:50 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر دوسلار ۋە ئۇستازلار مەنمۇ بىر كومپىيۇتىر ۋە ئىلىكتىرۈن ئىشلىرىنىڭ سادىق ھەۋەسكارلىرىدىن بىرى ئەپسۇس بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم ئاساسەن يوق دىسەممۇ بولىدۇ مومكىن بولسا ئۇستازلار مۇشۇ كومپىيۇتىر ۋە ئىلىكتىرۇن ساھەسنى تونىتىدىغان ئۈگىتىدىغان ئۆزئارا ئگۈنىدىغان ۋە بىزدەكلەرنى يىتەكلەيدىغان شۇتوغرىسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بارىدىغان ئۇستازلار جەمگاھىدىن بىرەنى تەۋسىيە قىلساڭلا مەيلى كىيۇ - كىيۇ توپى بولامدۇ ياكى ئۇندىدار توپى ياكى بولمىسابىلوگ مۇنبەر بولسىمۇ بولاتتى来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش