ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 844 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • xohkiz 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلا مەن بىر ئەپ يوللاي دىگەنتىم بوشلۇققا تىزىملىتىپ بولۇپ ئاندىن يوللامدىمەن 1633985123 ئەسكەرتىش بىرۋىتىپ

  • polat189 ئۈلۈشكۈن 00:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    9 كۈن تولىمۇ تەستە ئۆتتى ،

  • atiyan 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    IOS نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كىمدە بار ؟ قالدۇرۇپ قويساڭلار تىلفۇننى تۈرمىدىن قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم .

  • izqi520 2014-6-23 14:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    پادا باققاندا  دوسىت ئدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.

  • ☜Βυ♡Г@Ч☞ 2014-6-20 12:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنسانغا بېقىپ ، قەلىپمۇ ئۆزگىرەيدۇ .

  • Padichi 2014-6-18 16:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆپىنچەيلەن ئوخشاش مەسلەھەت سوراشتى: قانداق قىلاي!-مەن يەنە قايتا دەيمەن كىتاب ئوقۇڭ!

  • زوقلان 2014-6-16 17:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ توربېكەتنىمۇ زىيارەت قىلىپ قويۇڭلار: http://url

  • xakuf 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇگۇن مەن ئادرس تەھىرلەشنى ئۈگۈنىۋالدىم

  • دىھقان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سامسۇڭغا 4.4روم قاچىلاي دىگەنتىم ھەجەپ قاچىلىيامىدىم دىسە  http://url class="vm">  http://url class="vm">  http://url class="vm">  http://url class="vm">

  • Padichi 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پىتچىلىك سىكرىپىت كودى : http://url

  • alim09 2014-6-21 13:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار تېلىفوننىڭ تورىنى ئۈستەل كومپىيۇتىرغا قانداق ئۇلايدۇ  بۇ خىلدىكى دەرىسلىك ب...

  • alipjan 2014-6-19 18:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يېڭىدىن لىيەنشاڭ A678t ئالغان بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىدىم ،   ياردەم قىلىڭلار!!!

  • kara_iz 2014-6-18 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    html , css , java , php  ۋاي ۋاي قايسى تىلنى ئۈگۈنۈپ ئۈلگۈرەي ئەمدى .

  • زوقلان 2014-6-16 10:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    uyzoklanتەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.دوستلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز

  • margan_m73 ئۈلۈشكۈن 14:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    رامىزان مۇبارەك

  • alipjan 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى تېلفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغان بولدۇم!

  • 美丽的享受 2014-6-23 18:05 [ئىنكاس(2)] [...]

    سۇنئى ھەمراھ قازاننى جاپا تارتماي تەڭشەش ئۇسۇلىنى تاپتىم  يېڭىدىن سېتىپ ئالغان سۇنئى ئەمراھ قازاننى ئەكىلىپ تەڭشىگەندە قېشىڭدا ئادەم بولماي قالىدۇ يالغۇز تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ  نۇرغۇن جاپا تارتىپ كېتىسىز ئۆينىڭ ئۇگىزىغا چىقىپ چۈشۈپ دېگەندەك   ياكى ئىككى ئادەم بولسىمۇ يەنە جاپا تارتىسىز  مەن جاپا تارتماي تەڭشەش ئۇسۇلىنى تاپتىم  5مېتىرلىق يا ئون مېتىرلىق سىملىق توك مەنبەسى  خەنزۇچە 插座دەيمىز  مۇشۇ بار بولسىلا كۇپايە  ئالدى بىلەن سۇ ئى ئەمراھ قازان بىلەن 机子 ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى باش ئاپپارات دەمدۇق مۇشۇ ئىككىسىنىىڭ سېگىنال سىمىنى ئۇلايمىز  توك مەنبەسىگە چاتىمىز 遥控نىڭ بىر ئايرىم سېگىنال كۆرسۇتۇش كىنۇپكىسى بار شۇنى باسساڭ  كۆرۇنىدۇ  p00دەل شۇ  ئەمدى گەپ تەڭشەشتە قالدى سۇنئى ئەمراھ قازان بىلەن باش ئاپپاراتنى   ـ ياۋكۇڭنى ھەم توك مەنبەسىنى بىراق ئېلىپ ئۆينىڭ ئۆگىزىغا چىقىپ  سۇنئى ئەمراھ قازاننى مۇئاپىق جايغا قويۇپ بولۇپ باش ئاپپاراتنى توك مەنبەسىگە چاتقاندىن كىيىن ياۋكوڭنىڭ سېگىنال كىنۇپكىسىنى باسسىڭىز سېگىنال كۆرۇنىدۇ مانداق كۆرۇنىدۇ p00    مۇشۇنىڭغا قاراپ  قازاننى بۇراپ سېگىنال 80بولغىچە تەڭشىسىڭىز بولدى p80بولغانغا قەدەر قاراپ بۇراپ تەڭشىسەڭ بولدى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن قازاننى كىسەك بىلەن باستۇرۇپ مۇقىملاپ قويسىڭىز بولدى  ئەمدى باش ئاپپارتنى ياۋكوڭنى توك مەنبەسىنى ئىلىپ چۈشۈپ  باش ئاپپاراتبىلەن تېلېۋزۇر سىمىنى چاتسىڭىز بولدى  ئش تامام بولدى  مەن مۇشۇنداق تەڭشەپ  جاپا تارتماي ئاسان تەڭشىدىم

  • كۆك ئارال 2014-6-21 06:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆك ئارال ئۈندىدار سالونىنى قوشمىغانلار بولسا قوشىۋىلىڭلار . ئىزدەش نامى: Kokaral

  • Padichi 2014-6-18 16:20 [ئىنكاس(0)] [...]

    تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

  • `salam 2014-6-16 22:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    لىيەنشىياڭ A600e نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە رومى

  • polat189 2014-6-16 08:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا سامسۇڭ د 710 يانفۇنىنىڭ تار شەكىلدىكى رومە بار ؟

كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 24

بارماق دىسكىدىن سىستېما قاچىلاش(ئىنتىل سوفىت)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

96

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
37
توردا
14 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 16:57:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇشۇ سىستېما قاچىلاش جەھەتتىكى بەزىبىر قىيىنچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر كەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بارماق دىسكا ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش دەرسلىكىنى سىنغا ئېلىپ چىقتىم.  بۇ تۇنجى قېتىم سىن دەرسلىك ئىشلىشىم بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالىي بولغىلى بولمىدى، شۇڭا كەڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
بۇ دەرسلىك camtasia studio دا سىنغا ئېلىندى. win8.1 سىستېمىسىدا مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش جەريانى كۆرسىتىلدى. شۇڭا ئەمەلىي كومپيۇتېرغا قارىغاندا بەزىبىر ئوخشىماسلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسكەرتىش بېرىلدى. يەنىلا ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاسىتىغا ئىنكاس شەكىلىدە سورىساڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرىمەن.
بۇ دەرسلىكتە سۆزلەنگەن سىستېما قاچىلاش ئۇسۇلى بولسا بىر قەدەر كەسپىيلەشكەن ئۇسۇل بولۇپ قاتتىق دېتالدا مەسىلە يوقلا كومپيۇتېر بولسا، توكى بولسىلا بىر بارماق دىسكا بىلەن ھەرقانداق كومپيۇتېرغا windows نىڭ ھەرقانداق نەشىردىكى سىستېمىسىنى قاچىلاشقا تامامەن بولىدۇ، يەنى بۇ قورالنى ئادەتتە مەخسۇس كومپيۇتېر ئېلىپ-ساتارلار، رېمونت قىلىدىغانلار ۋە ئىشتىن سىرىت كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى يېنىدا ھەمىشە بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان جابدۇقى دېسەك بولىدۇ.  ئەگەر كومپيۇتېرنى يېڭىدىن سېتىۋالغان بولسىڭىز ۋە ياكى سىستېمىدىن مەسىلە چىقىپ نورمال قوزغىتىپ سىستېما قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئۇسۇل بىلەن ئاسانلا مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز، يەنى يېڭى كومپيۇتېرنى خالىغانچە رايونلارغا بۆلۈش، ئىلگىرىكى سىستېمىنى ئوڭشاش، ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى زاپاسلاپ باشقىدىن سىستېما قاچىلاش، قوش سىستېما، ئۈچ ۋە ياكى ئۇندىن كۆپ سىستېما، ئارىلاش سىستېما، مەسىلەن windows بىلەن linux دېگەندەك ھەرخىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشتا ناھايتى ئۈنۈملۈك قورالدۇر.:
بۇ دەرسلىكنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىپ تارقاتتىم، مەقسىدىم مۇشۇ سىستېما قاچىلاشتا قىيلىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، شۇڭا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئەھۋالدا ھەرقانداق يەردە تارقاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  لېكىن خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزۈمنىڭ دەيدىغان بەزى دەييۈزلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ئاسانلىقچە بولدى قىلمايمەن.

      بۇ دەرسلىكنىڭ سىن ھۆججىتىنى يوۋكۇغا يوللىسام بەك تۇتۇق بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا چۈشۈرۈش ئادېرسىنىمۇ بىللە قالدۇردۇم، سۈزۈك نۇسخىسىنى بەيدۇ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈپ كۆرگەيسىلەر.
بەيدۇ بوشلۇقىدىن سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
http://yun.baidu.com/share/link? ... 0&uk=1746391871
دەرسلىكتىكى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىش پروگراممىسى ياساش دېتالىنى چۈشۈرۈش:
http:u.diannaodian.com/
تەۋسىيە:  مەن ھازىرغىچە يۈز نەچچە قېتىم سىستېما قاچىلاپ تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ سىلەرگە تازا ئەسقاتىدىغان بىلىملەردىن بىر قانچىنى سۆزلەپ بېرەي. 1. ئەگەر قوش ياكى ئۈچ سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مەسىلەن winxp+win7,  win7+win8, winxp+win7+win8  قاتارلىق ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنى لايىقىدا رايونغا ئايرىشمۇ قوش ياكى ئۈچ سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىشتىكى قولايلىق، مۇقىملىق ۋە ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەگەر قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز تەۋسىيەم: 40 ياكى 50 گېگابايىتلىق قىلىپ دىسكىنىڭ بېشىدىن ئىككى رايون ئايرىپ ئىككىلىسىنى ئاساسىي رايون يەنى 主分区 قىلىپ بەلگىلەپ دىسكىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ئاساسىي رايونغا نەشىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاڭ، ئىككىنچى رايونغا نەشىرى سەل تۆۋەنرەك بولغان سىستېمىنى قاچىلاڭ، قاچىلىغاندا باشقا ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئاۋۋال مەن دەرسلىكتە سۆزلىگەن ئۇسۇل بىلەن ئىككى رايونغا ئىككى سىستېمىنى قاچىلاپ بولۇپ ئاندىن قوراللاردىن windows 启动修复,引导修复 دېگەن قورال بىلەن بىر قېتىم رېمونتلاپ قويسىڭىزلا ئىككىلا سىستېما نورمال قوزغىلالايدۇ. ئۈچ سىستېمىنى قاچىلاشمۇ پرىنسىپى ئوخشاش.
سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ۋىروسخور قاچىلاڭ، ئاندىن تورغا ئۇلاپ 驱动精灵 دېگەن دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بارلىق يېڭىلاشقا ۋە رېمونتلاشقا تېگىشلىك قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى تولۇق يېڭىلاڭ. ئۈچۈنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى قاچىلاش بولسۇن. ئاخىرىدا ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن باشقا دېتاللارنى قاچىلاڭ، دېتال قاچىلاشتىمۇ ھۈنەر بار، سىز ھەممىنى قارا قويۇق C دىسكىغا قاچىلاۋەرمەڭ، پەقەت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ۋىروسخور، تورغا ئۇلاش دېتالى، قوزغاتقۇچ رىمونتلاش دېتالىنى سىستېما دىسكىسىغا قاچىلاپ باشقا دېتاللارنى ئامال بار سىستېما دىسكىىسغا قاچىلىماڭ. بۇنداقتا سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى، بىخەتەرلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، بەزى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان دوستلار يېڭى سىستېما قاچىلىسىمۇ بىرەر ھەپتە ئۆتمەيلا سىستېمىسى ئېشەكتىن ئۆتە ئاستىلاپ كېتىدۇ، سەۋەبى بولسا ھەممە دېتاللنى سىستېما دىسكىسىغا قاچىلىسىڭىز سىستېمىنىڭ ئوقۇش يېزىش، ئىزدەش، ئىجرا قىلىش سۈرئىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇندىن سىرىت نۇرغۇن دېتاللار تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن قالدۇق ھۆججەت ۋە ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن كىنو كۆرۈش دېتاللىرى، شۇڭا ھەر قانچە چوڭ دىسكىڭىز بولسىمۇ ئاسانلا توشۇپ قالىدۇ.
تەكلىۋىم: ئالتۇنتاغ قورۇقچىسىنى 金山卫士 قاچىلاپ پات پات ئومۇميۈزلۈك ئەخلەت تازىلاش، ئىز تازىلاش، تىزىملاش جەدۋىلى تازىلاش ئېلىپ بېرىڭ، كامىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىڭ. كىنو كۆرىدىغان ۋە باشقا توردىن بىر نەرسە چۈشۈرىدىغان دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئورنىنى سىستېما دىسكىسىدىن باشقا دىسكىغا يۆتكىۋېتىڭ. دېتال قاچىلىغاندا ئادەتتكى دېتاللارنى سىستېما دىسكىسىنىڭ يېنىدىكى دىسكا رايونىغا قاچىلاڭ. دىسكىنى رەتلىك، ئېدىتلىق تۇتۇڭ، تولا قاچىلاپ، تولا ئۆچۈرمەڭ. توردىن بىر نەرسە چۈشۈرگەندە سىستېما دىسكىسىغا چۈشۈرمەڭ.
ئەمدى ھۆججەتنى قانداق باشقۇرۇشتا مۇنداق بىرقانچە پرىنسىپ بار، ئۈستەل يۈزىدە ھۆججەت ساقلىماڭ. سەۋەبى ئۈستەل يۈزىنڭ ساقلىنىش ئورنى ئەمەلىيەتتە س دىسكا يەنى سىستېما دىسكىسىدا بولىدۇ، شۇڭا ھەرۋاقىت سىستېما بۇزۇلسا قايتا قاچىلىغاندا يۈتۈپ كېتىش، سىستېما دىسىكىغا ۋىروس ئورنىۋېلىش، سىستېمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە ئىجرا سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق بىرقاتار ناچار تەسىرى بار، ئەڭ مۇھىمى بۇ سىزنىڭ ئېدىتلىق ئىدىيىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل. بۇنىڭغا ئادەتتە كۆپىنچە ئادەملەر دىققەت قىلمايدۇ، بەزىلەرنڭ ئۈستەل يۈزىگە قارايدىغان بولسىڭىز 刷新 قىلىدىغان ئورۇنمۇ تەستە چىقىدۇ. ئەگەر كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز ئۇنىڭمۇ ئامالى يوق ئەمەس، سىز باشقا بىر دىسكىغا بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ ئاندىن مائوسنى ئوڭ چەكسەك 发送到——桌面快捷方式 دەيدىغان تۈر بار، شۇنى ئىجرا قىلساق دەرھال ئۈستەل يۈزىدە ئوخشاش ئىسىملىك بىر قىسقۇچ پەيدا بولىدۇ، سىز خالىغانچە ھۆججەتلىرىڭىزنى شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىز چاتاق چىقىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن دېتال قاچىلىغاندا ھەربىر دېتالنىڭ كەمىدە بىردىن بەزىدە بىرقانچىدىن تېزلەتمە سىنبەلگە پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ بىرلا ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ساقلاڭ، شۇنداقتا ئېكران پاكىز ھەم رەتلىك كۆرۈنىدۇ. مېنىڭ ئېكرانىمدا ئۈچلا سىنبەلگە بار، يەنى بارلىق تېزلەتمە سىنبەلگىلەرنى يىغىدىغان بىر خۇرجۇن، تورغا چىقىش دېتالى تېزلەتمە سىنبەلگىسى، ئەخلەتخانا
ئاندىن سىستېما قاچىلىغاندا ئوبدان سىستېما قاچىلاش بولىقى تاللاشقا دىققەت قىلىڭ، چوقۇم نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈڭ، ھەرگىزمۇ قالايمىقان سىستېمىلارنى قاچىلاۋەرمەڭ. مەسىلەن 雨林木风,深州,番茄家园 قاتارلىقلارنىڭ سىستېمىسى ھەقىقەتەن بولىدۇ.

1. دەرسلىكتىكى ئېنىق بولمىغان نۇقتا
  بارماق دىسكىغا قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئويۇپ بولغاندىن كېيىن سىستېما قاچىلىماقچى بولغان كومپيۇتېرنى قانداق قىلىپ شۇ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش، دەرسلىكتە بۇ جايدا مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆرسېتىشكە ئامال بولمىدى، شۇڭا رەسىملىك قىلىپ يوللاپ قويدۇم. تۆۋەندە dell خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ مۇشۇنى قانداق تەڭشەشنى رەسىملىك قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي. - v8
ئىككى خىل ئۇسۇل بار، بىرنىچىسى ، بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ قايتا قوزغىتىمىز، كومپيۇتېر دەسلەپ قوزغىلىشىغىلا توختىماستىن F12 نى بېسىپ تۇرىمىز، باشقا ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېردىمۇ شۇنداق (كۆپىنچە ماركىلىق يېقىنقى 5-6 يىلدىن بۇيانقى خاتىرە كومپيۇتېردا ئوخشاش)  بۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر كىچىك رامكا ئېچىلىدۇ.

بۇ مۇشۇ كومپيۇتېردىكى قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق قوزغتىش تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككىنچى قۇردىكىدەك تۈرنى يەنى USB دېگەن خەت بار تۈرنى تاللايمىز ھەمدە مۇقىملاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر بارماق دىسكىدىن قوزغىلىشقا كىرىدۇ.

ئەمدى ئىككىنچى خىل ئۇسۇل، بۇ سەل مۇرەككەپرەك بولۇپ ئادەتتە يۈزدە يۈز بارماق دىسكىدىن قوزغىتىشقا تەڭشىگىلى بولىدۇ، لېكىن مەشغۇلاتى مۇرەككەپ. يەنى كومپيۇتېر ئەمدى قوزغىلىشىغىلا توختىماستىن F2 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرىمىز (بۇ ئۇسۇل ھەممە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىدا ئاساسەن ئىشلەيدۇ، ئاز بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئەڭ سول يۇقىرى تەرەپتىكى كۇنۇپكا يەنى Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق BIOS قا كىرىمىز.)  زادى قايسىسىنى بېسىشنى بىلمىسەك ئادەتتە قوزغىلىۋاتقاندا باشقا مەشغۇلات قىلماي دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرساق ئېكراننىڭ سول ئاستى تەرەپتە كۆرۈنگەن بىرىنچى كۇنۇپكا نامى دەل مۇشۇ تەڭشەككە ئېلىپ كىرىدىغان كۇنۇپكا شۇ، قايتا قوزغىتىپ شۇنى توختىماي بېسىپ تۇرساق بولىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان BIOS قا كىرىدۇ، بۇ يەردە ئەگەر بىلمىسىڭىز قالايمىقان مەشغۇلات قىلماڭ، چۈنكى ئەگەر بىرەر مەشغۇلاتنى بىلمەي خاتا قىلىپ سالسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنى كېرەكتىن چىقىرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن، چاقچاق ھە، ئۇنچىلىكمۇ ئېغىر ئەمەس.
تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك قوزغىلىدۇ، بۇ بارلىق خاتىرە كومپيۇتېرلاردا ئاساسەن ئوخشاش

بۇنىڭدىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئوڭ سولغا يۆتكەش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Boot دېگەن تۈرگە ئەكېلىمىز.

ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە نۇرغۇن كومپيۇتېرلارنىڭ بىر بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ماۋۇ dell نىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىدىن تۇتۇلغان رەسىملەر، يېڭى كومپيۇتېركەن، شۇڭا تەڭشەكلىرىمۇ شۇنداق ئاددىكەن، بىرقاراپلا بىلگىلى بولىدىكەن، يەنى ئاستىدىكى قاتار تۇرغان رەقەم تەرتىپى بويىچە تىزىلغان تىزىملىكنىڭ بىرنچىسى قايسى بولسا شۇنىڭدىن قوزغىلىدىكەن، بۇ يەردە بىرىنچىسى قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىشقا تەڭشەكلىك، بۇنى بارماق دىسكىغا ئۆزگەرتىمىز، يەنى بىرنىچى تىزىملىككە توغرىلاپ مۇقىملاشتۇرساق مۇنداق كىچىك رامكا ئېچىلىدۇ:

بۇنىڭدىن بىز USB دېگەن خەت بار تۈرنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرىمىز.
باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ مۇرەككەپ، بۇ يەردە ھەممىنى سۆزلەشكە ئىمكان بولمىدى، ئەگەر زادى F12 دىن قوزغىتالمىسىڭىز ئۇنداقتا مۇشۇ Boot تىزىملىكىنى رەسىمگە تۇتۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن قانداق مەشغۇلات قىلىشنى كۆرسىتىپ قوياي
ئاخىرىدا F10 نى باسساق ساقلاپ قايتا قوزغىتامسىز دەيدۇ، مۇقىملاشتۇرساقلا كۇپايە.
2.  دەرسلىكنىڭ ئاخىرىدا سىستېما قاچىلاش باسقۇچىدا مەن مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىستېما قاچىلاش باشلانغاندىن كېيىنكى مەشغۇلاتلارنى كۆرسېتىشكە ئىمكان بولمىدى، لېكىن بۇ يەردە سىزنىڭ باشقا مەشغۇلات قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرقى گوست سىستېمىلار پۈتۈن ئاپتوماتىك بولۇپ، قاچىلاش جەريانىدا بىزنىڭ ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئاخىرىدا سىستېما ئۆزى ھەممىنى قىلىپ بولۇپ توختايدۇ.
ئەمما تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، سىستېما قاچىلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۈستەل يۈزىدىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ باشقا سىستېما قاچىلىمايدىغان دىسكا رايونىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ، بولمىسا سىستېما قاچىلىغاندا C رايوندىكى ھەممە نەرسە يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.
بۇندىن باشقا ھەر قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار.  ئوبدان ئىشلىيەلمەي قالدىم، پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

ئەسلى مەنبە : قۇتيار تورى .
ئىنتىل سوفىت تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تەھرىرلىدى.

مۇلازىمەت كىيۇ كىيۇ نۇمۇرى :  89124144

تور بىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئ.ۇنۇتماڭ

كامالىي ئىھتىرام بىلەن : ئىنتىل تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
KAYSAR/xin + 20 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 20   باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى

2

تېما

0

دوست

96

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
37
توردا
14 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 16:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا جايلار بولسا تور بىتىمىز ئارقىلىق ئورتاقلىشىڭ
www.intilsoft.cn

0

تېما

1

دوست

225

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
43
توردا
106 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 17:46:05 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم، ئەجرىڭىزنى اللە بەرسۇن. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. رەھمەت.
جۇلا ئەپ بازىرى

1

تېما

6

دوست

508

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
116
توردا
167 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 17:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل ،ئۆگىنەي ،دېگەندەك بەتلە خوتەندە ئېچىلمايدىغۇ باللا؟
شىنجاڭ مۆتىۋەر ئېلېكترون پەن-تېخنىكا تورى
http://motiwar.biz

50

تېما

14

دوست

6873

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

ئاقچا
0
جۇغلانما
1550
توردا
3022 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 17:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ ھىچقانداق ئەپ ئىشلەتمەي بارماق دېسكىدىن قاچىلايمەن .
ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

1

تېما

3

دوست

355

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
124
توردا
30 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 18:21:46 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى دەرسلىكنى ئىلىپ كەپسىز مومكىن بولسا بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق دەرسلىكلەرنى يوللاپقالسىڭىز
سىمسىزتورى يوق ئىقىمى ئازلارنىمۇ ئويلاپ دەرسلىكنى zip ياكى rar شەكلىدە پىرىسلاپ سىغىمىنى كىچىكرەك قىلىپ يوللىسىڭىز.  رەھمەت سىزگە
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

1

دوست

225

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
43
توردا
106 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 19:01:00 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 18:21
رەھمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى دەرسلىكنى ئىلىپ كەپسىز مو ...

قوللايمەن.

25

تېما

50

دوست

4599

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
23
جۇغلانما
1157
توردا
1438 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 19:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 19:35  

سىز دىگندەك قىلسا بەكلا ئاۋارچىلىقكەن
بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرغا قاچىلاپ بارماق دىسكىنى كوپىيوتېرغا سېلىپ بارماق دىسكىڭىزنى ياسىۋالسىڭىز كومپىيوتېر قوزغالمىسىمۇ بارماق دىسكا ئارقىلىق كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ سېستىما قاچىلىغىلى بولىدۇ يەنە چۈشەنمىسەڭلا ئاستىدىكى تىمىدىن پايدىلنىڭ
مانا بۇنداق دېتالدىن تۆت دانە يوللاپ قويدۇم خالىغىننى ئىشلىتىڭلار
http://u.diannaodian.com/
http://www.laomaotao.net/
http://www.winbaicai.com/
http://www.uqidong.com/
يەنە قىلالمىساڭلا بۇ تىمىدىكى دەرىسلىك بۇيىچە قىلساڭلا بولىدۇ
/forum.php?mod=viewthread&tid=4779&extra=

0

تېما

10

دوست

791

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
174
توردا
292 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:30:40 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ساقلىۋالاي،كىيىنچە لازىم بۇلىدۇ.

5

تېما

2

دوست

2349

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
841
توردا
501 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:32:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالما كومپىيۇتېرغا ئائىت بىلىم يوقمۇ مەن بۇ كومپىيۇتېرغا گوست سىستىما قاچىلىيالماي ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى.

0

تېما

10

دوست

791

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
174
توردا
292 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:33:07 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 19:15
سىز دىگندەك قىلسا بەكلا ئاۋارچىلىقكەن
بۇ دېتالنى چۈشۈ ...

رەھمەت سىزگە ،ساقلىۋالاي.

0

تېما

6

دوست

1034

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
143
توردا
619 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 23:05:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر نى ياسىۋالغانتىم .ئوپتىك دىسكا ئىشلەتمىىسەممۇ .ھەر قانداق سىستىمىنى نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىمەن .مەن ئادەتتە كومپىيوتىر قوزغۇلۇپ gosit قا كىلىشى entir كونوپكىىسىنى بېسىپ شۇيەردىن قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم .مىنىڭ چۈشەنچەم مۇشۇنچىلىك

3

تېما

17

دوست

1320

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
237
توردا
689 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 23:43:40 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم.

1

تېما

20

دوست

3750

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
227
توردا
2459 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 23:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالم ، پايدىلىق تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە ...
قايسىڭلاردا سامسۇڭ د 710 يانفۇنىنىڭ تار شەكىلدىكى رومە  ...

10

تېما

6

دوست

2559

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
777
توردا
593 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 01:41:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىرۇس تازىلاش،سېستىمىنى ئەلالاشتۇرۇشتا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 360،ئالتۇنتاغ،بەيدۇ ۋە باشقا ئەخلەتلەرنى تەۋسىتە قىلماڭلار.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2014-7-1 23:25 , Processed in 0.098333 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش