ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1355|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بارماق دىسكىدىن سىستېما قاچىلاش(ئىنتىل سوفىت)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

يازما

38

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
99
ئاقچا
0
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇشۇ سىستېما قاچىلاش جەھەتتىكى بەزىبىر قىيىنچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر كەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بارماق دىسكا ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش دەرسلىكىنى سىنغا ئېلىپ چىقتىم.  بۇ تۇنجى قېتىم سىن دەرسلىك ئىشلىشىم بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالىي بولغىلى بولمىدى، شۇڭا كەڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
بۇ دەرسلىك camtasia studio دا سىنغا ئېلىندى. win8.1 سىستېمىسىدا مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش جەريانى كۆرسىتىلدى. شۇڭا ئەمەلىي كومپيۇتېرغا قارىغاندا بەزىبىر ئوخشىماسلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسكەرتىش بېرىلدى. يەنىلا ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاسىتىغا ئىنكاس شەكىلىدە سورىساڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرىمەن.
بۇ دەرسلىكتە سۆزلەنگەن سىستېما قاچىلاش ئۇسۇلى بولسا بىر قەدەر كەسپىيلەشكەن ئۇسۇل بولۇپ قاتتىق دېتالدا مەسىلە يوقلا كومپيۇتېر بولسا، توكى بولسىلا بىر بارماق دىسكا بىلەن ھەرقانداق كومپيۇتېرغا windows نىڭ ھەرقانداق نەشىردىكى سىستېمىسىنى قاچىلاشقا تامامەن بولىدۇ، يەنى بۇ قورالنى ئادەتتە مەخسۇس كومپيۇتېر ئېلىپ-ساتارلار، رېمونت قىلىدىغانلار ۋە ئىشتىن سىرىت كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى يېنىدا ھەمىشە بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان جابدۇقى دېسەك بولىدۇ.  ئەگەر كومپيۇتېرنى يېڭىدىن سېتىۋالغان بولسىڭىز ۋە ياكى سىستېمىدىن مەسىلە چىقىپ نورمال قوزغىتىپ سىستېما قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئۇسۇل بىلەن ئاسانلا مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز، يەنى يېڭى كومپيۇتېرنى خالىغانچە رايونلارغا بۆلۈش، ئىلگىرىكى سىستېمىنى ئوڭشاش، ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى زاپاسلاپ باشقىدىن سىستېما قاچىلاش، قوش سىستېما، ئۈچ ۋە ياكى ئۇندىن كۆپ سىستېما، ئارىلاش سىستېما، مەسىلەن windows بىلەن linux دېگەندەك ھەرخىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشتا ناھايتى ئۈنۈملۈك قورالدۇر.:
بۇ دەرسلىكنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىپ تارقاتتىم، مەقسىدىم مۇشۇ سىستېما قاچىلاشتا قىيلىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، شۇڭا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئەھۋالدا ھەرقانداق يەردە تارقاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  لېكىن خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزۈمنىڭ دەيدىغان بەزى دەييۈزلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ئاسانلىقچە بولدى قىلمايمەن.

      بۇ دەرسلىكنىڭ سىن ھۆججىتىنى يوۋكۇغا يوللىسام بەك تۇتۇق بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا چۈشۈرۈش ئادېرسىنىمۇ بىللە قالدۇردۇم، سۈزۈك نۇسخىسىنى بەيدۇ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈپ كۆرگەيسىلەر.
بەيدۇ بوشلۇقىدىن سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
http://yun.baidu.com/share/link? ... 0&uk=1746391871
دەرسلىكتىكى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىش پروگراممىسى ياساش دېتالىنى چۈشۈرۈش:
http:u.diannaodian.com/
تەۋسىيە:  مەن ھازىرغىچە يۈز نەچچە قېتىم سىستېما قاچىلاپ تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ سىلەرگە تازا ئەسقاتىدىغان بىلىملەردىن بىر قانچىنى سۆزلەپ بېرەي. 1. ئەگەر قوش ياكى ئۈچ سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مەسىلەن winxp+win7,  win7+win8, winxp+win7+win8  قاتارلىق ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنى لايىقىدا رايونغا ئايرىشمۇ قوش ياكى ئۈچ سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىشتىكى قولايلىق، مۇقىملىق ۋە ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەگەر قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز تەۋسىيەم: 40 ياكى 50 گېگابايىتلىق قىلىپ دىسكىنىڭ بېشىدىن ئىككى رايون ئايرىپ ئىككىلىسىنى ئاساسىي رايون يەنى 主分区 قىلىپ بەلگىلەپ دىسكىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ئاساسىي رايونغا نەشىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاڭ، ئىككىنچى رايونغا نەشىرى سەل تۆۋەنرەك بولغان سىستېمىنى قاچىلاڭ، قاچىلىغاندا باشقا ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئاۋۋال مەن دەرسلىكتە سۆزلىگەن ئۇسۇل بىلەن ئىككى رايونغا ئىككى سىستېمىنى قاچىلاپ بولۇپ ئاندىن قوراللاردىن windows 启动修复,引导修复 دېگەن قورال بىلەن بىر قېتىم رېمونتلاپ قويسىڭىزلا ئىككىلا سىستېما نورمال قوزغىلالايدۇ. ئۈچ سىستېمىنى قاچىلاشمۇ پرىنسىپى ئوخشاش.
سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ۋىروسخور قاچىلاڭ، ئاندىن تورغا ئۇلاپ 驱动精灵 دېگەن دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بارلىق يېڭىلاشقا ۋە رېمونتلاشقا تېگىشلىك قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى تولۇق يېڭىلاڭ. ئۈچۈنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى قاچىلاش بولسۇن. ئاخىرىدا ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن باشقا دېتاللارنى قاچىلاڭ، دېتال قاچىلاشتىمۇ ھۈنەر بار، سىز ھەممىنى قارا قويۇق C دىسكىغا قاچىلاۋەرمەڭ، پەقەت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ۋىروسخور، تورغا ئۇلاش دېتالى، قوزغاتقۇچ رىمونتلاش دېتالىنى سىستېما دىسكىسىغا قاچىلاپ باشقا دېتاللارنى ئامال بار سىستېما دىسكىىسغا قاچىلىماڭ. بۇنداقتا سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى، بىخەتەرلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، بەزى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان دوستلار يېڭى سىستېما قاچىلىسىمۇ بىرەر ھەپتە ئۆتمەيلا سىستېمىسى ئېشەكتىن ئۆتە ئاستىلاپ كېتىدۇ، سەۋەبى بولسا ھەممە دېتاللنى سىستېما دىسكىسىغا قاچىلىسىڭىز سىستېمىنىڭ ئوقۇش يېزىش، ئىزدەش، ئىجرا قىلىش سۈرئىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇندىن سىرىت نۇرغۇن دېتاللار تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن قالدۇق ھۆججەت ۋە ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن كىنو كۆرۈش دېتاللىرى، شۇڭا ھەر قانچە چوڭ دىسكىڭىز بولسىمۇ ئاسانلا توشۇپ قالىدۇ.
تەكلىۋىم: ئالتۇنتاغ قورۇقچىسىنى 金山卫士 قاچىلاپ پات پات ئومۇميۈزلۈك ئەخلەت تازىلاش، ئىز تازىلاش، تىزىملاش جەدۋىلى تازىلاش ئېلىپ بېرىڭ، كامىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىڭ. كىنو كۆرىدىغان ۋە باشقا توردىن بىر نەرسە چۈشۈرىدىغان دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئورنىنى سىستېما دىسكىسىدىن باشقا دىسكىغا يۆتكىۋېتىڭ. دېتال قاچىلىغاندا ئادەتتكى دېتاللارنى سىستېما دىسكىسىنىڭ يېنىدىكى دىسكا رايونىغا قاچىلاڭ. دىسكىنى رەتلىك، ئېدىتلىق تۇتۇڭ، تولا قاچىلاپ، تولا ئۆچۈرمەڭ. توردىن بىر نەرسە چۈشۈرگەندە سىستېما دىسكىسىغا چۈشۈرمەڭ.
ئەمدى ھۆججەتنى قانداق باشقۇرۇشتا مۇنداق بىرقانچە پرىنسىپ بار، ئۈستەل يۈزىدە ھۆججەت ساقلىماڭ. سەۋەبى ئۈستەل يۈزىنڭ ساقلىنىش ئورنى ئەمەلىيەتتە س دىسكا يەنى سىستېما دىسكىسىدا بولىدۇ، شۇڭا ھەرۋاقىت سىستېما بۇزۇلسا قايتا قاچىلىغاندا يۈتۈپ كېتىش، سىستېما دىسىكىغا ۋىروس ئورنىۋېلىش، سىستېمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە ئىجرا سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق بىرقاتار ناچار تەسىرى بار، ئەڭ مۇھىمى بۇ سىزنىڭ ئېدىتلىق ئىدىيىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل. بۇنىڭغا ئادەتتە كۆپىنچە ئادەملەر دىققەت قىلمايدۇ، بەزىلەرنڭ ئۈستەل يۈزىگە قارايدىغان بولسىڭىز 刷新 قىلىدىغان ئورۇنمۇ تەستە چىقىدۇ. ئەگەر كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز ئۇنىڭمۇ ئامالى يوق ئەمەس، سىز باشقا بىر دىسكىغا بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ ئاندىن مائوسنى ئوڭ چەكسەك 发送到——桌面快捷方式 دەيدىغان تۈر بار، شۇنى ئىجرا قىلساق دەرھال ئۈستەل يۈزىدە ئوخشاش ئىسىملىك بىر قىسقۇچ پەيدا بولىدۇ، سىز خالىغانچە ھۆججەتلىرىڭىزنى شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىز چاتاق چىقىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن دېتال قاچىلىغاندا ھەربىر دېتالنىڭ كەمىدە بىردىن بەزىدە بىرقانچىدىن تېزلەتمە سىنبەلگە پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ بىرلا ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ساقلاڭ، شۇنداقتا ئېكران پاكىز ھەم رەتلىك كۆرۈنىدۇ. مېنىڭ ئېكرانىمدا ئۈچلا سىنبەلگە بار، يەنى بارلىق تېزلەتمە سىنبەلگىلەرنى يىغىدىغان بىر خۇرجۇن، تورغا چىقىش دېتالى تېزلەتمە سىنبەلگىسى، ئەخلەتخانا
ئاندىن سىستېما قاچىلىغاندا ئوبدان سىستېما قاچىلاش بولىقى تاللاشقا دىققەت قىلىڭ، چوقۇم نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈڭ، ھەرگىزمۇ قالايمىقان سىستېمىلارنى قاچىلاۋەرمەڭ. مەسىلەن 雨林木风,深州,番茄家园 قاتارلىقلارنىڭ سىستېمىسى ھەقىقەتەن بولىدۇ.

1. دەرسلىكتىكى ئېنىق بولمىغان نۇقتا
  بارماق دىسكىغا قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئويۇپ بولغاندىن كېيىن سىستېما قاچىلىماقچى بولغان كومپيۇتېرنى قانداق قىلىپ شۇ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش، دەرسلىكتە بۇ جايدا مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆرسېتىشكە ئامال بولمىدى، شۇڭا رەسىملىك قىلىپ يوللاپ قويدۇم. تۆۋەندە dell خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ مۇشۇنى قانداق تەڭشەشنى رەسىملىك قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي. - v8
ئىككى خىل ئۇسۇل بار، بىرنىچىسى ، بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ قايتا قوزغىتىمىز، كومپيۇتېر دەسلەپ قوزغىلىشىغىلا توختىماستىن F12 نى بېسىپ تۇرىمىز، باشقا ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېردىمۇ شۇنداق (كۆپىنچە ماركىلىق يېقىنقى 5-6 يىلدىن بۇيانقى خاتىرە كومپيۇتېردا ئوخشاش)  بۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر كىچىك رامكا ئېچىلىدۇ.

بۇ مۇشۇ كومپيۇتېردىكى قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق قوزغتىش تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككىنچى قۇردىكىدەك تۈرنى يەنى USB دېگەن خەت بار تۈرنى تاللايمىز ھەمدە مۇقىملاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر بارماق دىسكىدىن قوزغىلىشقا كىرىدۇ.

ئەمدى ئىككىنچى خىل ئۇسۇل، بۇ سەل مۇرەككەپرەك بولۇپ ئادەتتە يۈزدە يۈز بارماق دىسكىدىن قوزغىتىشقا تەڭشىگىلى بولىدۇ، لېكىن مەشغۇلاتى مۇرەككەپ. يەنى كومپيۇتېر ئەمدى قوزغىلىشىغىلا توختىماستىن F2 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرىمىز (بۇ ئۇسۇل ھەممە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىدا ئاساسەن ئىشلەيدۇ، ئاز بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئەڭ سول يۇقىرى تەرەپتىكى كۇنۇپكا يەنى Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق BIOS قا كىرىمىز.)  زادى قايسىسىنى بېسىشنى بىلمىسەك ئادەتتە قوزغىلىۋاتقاندا باشقا مەشغۇلات قىلماي دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرساق ئېكراننىڭ سول ئاستى تەرەپتە كۆرۈنگەن بىرىنچى كۇنۇپكا نامى دەل مۇشۇ تەڭشەككە ئېلىپ كىرىدىغان كۇنۇپكا شۇ، قايتا قوزغىتىپ شۇنى توختىماي بېسىپ تۇرساق بولىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان BIOS قا كىرىدۇ، بۇ يەردە ئەگەر بىلمىسىڭىز قالايمىقان مەشغۇلات قىلماڭ، چۈنكى ئەگەر بىرەر مەشغۇلاتنى بىلمەي خاتا قىلىپ سالسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنى كېرەكتىن چىقىرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن، چاقچاق ھە، ئۇنچىلىكمۇ ئېغىر ئەمەس.
تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك قوزغىلىدۇ، بۇ بارلىق خاتىرە كومپيۇتېرلاردا ئاساسەن ئوخشاش

بۇنىڭدىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئوڭ سولغا يۆتكەش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Boot دېگەن تۈرگە ئەكېلىمىز.

ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە نۇرغۇن كومپيۇتېرلارنىڭ بىر بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ماۋۇ dell نىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىدىن تۇتۇلغان رەسىملەر، يېڭى كومپيۇتېركەن، شۇڭا تەڭشەكلىرىمۇ شۇنداق ئاددىكەن، بىرقاراپلا بىلگىلى بولىدىكەن، يەنى ئاستىدىكى قاتار تۇرغان رەقەم تەرتىپى بويىچە تىزىلغان تىزىملىكنىڭ بىرنچىسى قايسى بولسا شۇنىڭدىن قوزغىلىدىكەن، بۇ يەردە بىرىنچىسى قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىشقا تەڭشەكلىك، بۇنى بارماق دىسكىغا ئۆزگەرتىمىز، يەنى بىرنىچى تىزىملىككە توغرىلاپ مۇقىملاشتۇرساق مۇنداق كىچىك رامكا ئېچىلىدۇ:

بۇنىڭدىن بىز USB دېگەن خەت بار تۈرنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرىمىز.
باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ مۇرەككەپ، بۇ يەردە ھەممىنى سۆزلەشكە ئىمكان بولمىدى، ئەگەر زادى F12 دىن قوزغىتالمىسىڭىز ئۇنداقتا مۇشۇ Boot تىزىملىكىنى رەسىمگە تۇتۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن قانداق مەشغۇلات قىلىشنى كۆرسىتىپ قوياي
ئاخىرىدا F10 نى باسساق ساقلاپ قايتا قوزغىتامسىز دەيدۇ، مۇقىملاشتۇرساقلا كۇپايە.
2.  دەرسلىكنىڭ ئاخىرىدا سىستېما قاچىلاش باسقۇچىدا مەن مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىستېما قاچىلاش باشلانغاندىن كېيىنكى مەشغۇلاتلارنى كۆرسېتىشكە ئىمكان بولمىدى، لېكىن بۇ يەردە سىزنىڭ باشقا مەشغۇلات قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرقى گوست سىستېمىلار پۈتۈن ئاپتوماتىك بولۇپ، قاچىلاش جەريانىدا بىزنىڭ ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئاخىرىدا سىستېما ئۆزى ھەممىنى قىلىپ بولۇپ توختايدۇ.
ئەمما تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، سىستېما قاچىلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۈستەل يۈزىدىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ باشقا سىستېما قاچىلىمايدىغان دىسكا رايونىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ، بولمىسا سىستېما قاچىلىغاندا C رايوندىكى ھەممە نەرسە يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.
بۇندىن باشقا ھەر قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار.  ئوبدان ئىشلىيەلمەي قالدىم، پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

ئەسلى مەنبە : قۇتيار تورى .
ئىنتىل سوفىت تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى تەھرىرلىدى.

مۇلازىمەت كىيۇ كىيۇ نۇمۇرى :  89124144

تور بىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئ.ۇنۇتماڭ

كامالىي ئىھتىرام بىلەن : ئىنتىل تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
KAYSAR/xin + 20 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى

2

تېما

4

يازما

38

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
99
ئاقچا
0
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 16:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا جايلار بولسا تور بىتىمىز ئارقىلىق ئورتاقلىشىڭ
www.intilsoft.cn

0

تېما

39

يازما

96

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
434
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 17:46:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم، ئەجرىڭىزنى اللە بەرسۇن. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. رەھمەت.
جۇلا ئەپ بازىرى

1

تېما

117

يازما

153

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
621
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 17:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل ،ئۆگىنەي ،دېگەندەك بەتلە خوتەندە ئېچىلمايدىغۇ باللا؟
شىنجاڭ مۆتىۋەر ئېلېكترون پەن-تېخنىكا تورى
http://motiwar.biz

55

تېما

715

يازما

225

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4524
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 17:57:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ ھىچقانداق ئەپ ئىشلەتمەي بارماق دېسكىدىن قاچىلايمەن .
ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

1

تېما

85

يازما

139

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
398
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 18:21:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى دەرسلىكنى ئىلىپ كەپسىز مومكىن بولسا بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق دەرسلىكلەرنى يوللاپقالسىڭىز
سىمسىزتورى يوق ئىقىمى ئازلارنىمۇ ئويلاپ دەرسلىكنى zip ياكى rar شەكلىدە پىرىسلاپ سىغىمىنى كىچىكرەك قىلىپ يوللىسىڭىز.  رەھمەت سىزگە

0

تېما

39

يازما

96

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
434
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 19:01:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 18:21
رەھمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى دەرسلىكنى ئىلىپ كەپسىز مو ...

قوللايمەن.

25

تېما

833

يازما

1205

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4785
ئاقچا
21

تۆھپە ئوردېنى

ۋاقتى: 2014-6-8 19:15:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 19:35  

سىز دىگندەك قىلسا بەكلا ئاۋارچىلىقكەن
بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرغا قاچىلاپ بارماق دىسكىنى كوپىيوتېرغا سېلىپ بارماق دىسكىڭىزنى ياسىۋالسىڭىز كومپىيوتېر قوزغالمىسىمۇ بارماق دىسكا ئارقىلىق كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ سېستىما قاچىلىغىلى بولىدۇ يەنە چۈشەنمىسەڭلا ئاستىدىكى تىمىدىن پايدىلنىڭ
مانا بۇنداق دېتالدىن تۆت دانە يوللاپ قويدۇم خالىغىننى ئىشلىتىڭلار
http://u.diannaodian.com/
http://www.laomaotao.net/
http://www.winbaicai.com/
http://www.uqidong.com/
يەنە قىلالمىساڭلا بۇ تىمىدىكى دەرىسلىك بۇيىچە قىلساڭلا بولىدۇ
/forum.php?mod=viewthread&tid=4779&extra=

1

تېما

169

يازما

210

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
935
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 21:30:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ساقلىۋالاي،كىيىنچە لازىم بۇلىدۇ.

5

تېما

157

يازما

859

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2397
ئاقچا
4
QQ
ۋاقتى: 2014-6-8 21:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالما كومپىيۇتېرغا ئائىت بىلىم يوقمۇ مەن بۇ كومپىيۇتېرغا گوست سىستىما قاچىلىيالماي ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى.

1

تېما

169

يازما

210

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
935
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 21:33:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 19:15
سىز دىگندەك قىلسا بەكلا ئاۋارچىلىقكەن
بۇ دېتالنى چۈشۈ ...

رەھمەت سىزگە ،ساقلىۋالاي.

0

تېما

129

يازما

143

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1034
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 23:05:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر نى ياسىۋالغانتىم .ئوپتىك دىسكا ئىشلەتمىىسەممۇ .ھەر قانداق سىستىمىنى نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىمەن .مەن ئادەتتە كومپىيوتىر قوزغۇلۇپ gosit قا كىلىشى entir كونوپكىىسىنى بېسىپ شۇيەردىن قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم .مىنىڭ چۈشەنچەم مۇشۇنچىلىك

3

تېما

161

يازما

260

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1413
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 23:43:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم.

1

تېما

889

يازما

272

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4032
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-8 23:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالم ، پايدىلىق تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە ...
قايسىڭلاردا سامسۇڭ د 710 يانفۇنىنىڭ تار شەكىلدىكى رومە  ...

10

تېما

403

يازما

800

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2638
ئاقچا
2
ۋاقتى: 2014-6-9 01:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىرۇس تازىلاش،سېستىمىنى ئەلالاشتۇرۇشتا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 360،ئالتۇنتاغ،بەيدۇ ۋە باشقا ئەخلەتلەرنى تەۋسىتە قىلماڭلار.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش