- جۇغلانما
- 8802
UID8231
تىزىملاتقان2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم2015-6-2
توردا5927 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ئەلتەر ئەپ بازىرى
  
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 8802
- ئاقچا
- 0
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-3 01:36
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
ئالدىنقى كۈنى ئەلتەر سودا تورىدا دۇكان ئېچىش توغرىسىدا بىر تېما يوللانغان ،تېما ئادرېسى :
/forum.php?mod=viewthread&tid=31144
بۇ تېمىدا مەزكۇر سودا تورىنىڭ ئاساسلىق توربەت خاراكتىرى ئېنىق ئىپادىلەنمەي قاپتۇ ، شۇڭا مەن سەل تولۇقلاپ قۇياي دەپ بۇ تېمىنى يېزىشىم .مەنمۇ ئەلتەردە مال باھاسى چىقارغۇلارنىڭ بىرى .
ئەلتەر سودا تورىنىڭ خاراكتىرى ۋاقتىنچە مەخسۇس يانفۇن سېتىش توربېتى ،كېيىنچە باشقا تۈرلەر قوشۇلىدۇ دەپتۇ . ئەلتەر سودا تورىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا مالنى توردىن كۆرۈش ،ئەمما ئاخىرىدا پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىدا مالنى مال سېتىۋالغۇچى ئۆزى تۇرغان جايدىن ئەلتەردىكى باھاسى بۇيىچە سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش .
مەسىلەن قەشقەر رايونىنى مىسالغا ئالايلى :
ئەلتەر تورىدا قەشقەر شەھەر ئىچىدىن بىر دۇكان ئۆزىدىكى يانفۇن باھالىرىنى يوللايدۇ ، قەشقەردىكى باشقا ئورۇنلاردىكىلەرمۇ ئۆزىدىكى يانفۇن باھالىرىنى يوللايدۇ ، مالنىڭ چوقۇم %100 ئىشەنچىلىك مال بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . قەشقەردىكى بىرەرسى مەسىلەن سامسۇڭ 9500 نى سېتىۋالماقچى بولسا ئەلتەرگە چىقىپ مال باھاسىنى كۆرىدۇ ، ئەلتەر تورى مال سېتىۋالغۇچى ئىشلەتكەن كومپىيۇتېرنىڭ IP نومۇرىغا ئاساسەن ئۆزىگە ئەڭ يېقىن تەرتىپ بۇيىچە ئەلتەر تورىدا شۇ 9500 نىڭ باھاسىنى چىقارغان دۇكانلارنىڭ ئادرېسى ،ئالاقىلىشىش نومۇرى ،شۇ دۇكاندىكى باھاسى قاتارلىقلارنى تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ ،مال سېتىۋالغۇچى دۇكانلاردىكى مال باھاسى ۋە ئۆزى تۇرغان جاي بىلەن بولغان ئارلىق قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم دۇكانغا بىۋاستە بېرىپ ياكى ئالاقىلىشىپ شۇ مالنى سېتىۋالىدۇ .
مانا موشۇنداق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونىدىكى ئەمەلىي دۇكىنى بارلار ياكى مال مەنبەسى مۇقىم بولغانلار ئەلتەر تورىدا ئۆزىدىكى مال باھالىرىنى ئەلتەر سودا تورىغا چىقىرىپ قويسا مالنى توردىن كۆرۈپ ئاندىن بىۋاستە سېتىۋالىدىغان تور سودىسى شەكىللىنىدۇ . بۇنداق بولغاندا مال ساتقۇچىلار ماللىرىنى تەشۋىق قىلالماسلىقتىن ئەنسىرمەيدۇ ، مال سېتىۋالىدىغانلارمۇ مالنى ئۆزى قۇلى بىلەن تۇتۇپ كۆرۈپ تۇرۇپ ئالالايدۇ .ساختا مال ئېلىپ قىلىشتىن ۋە پۇلنى سېلىپ قويۇپ قويۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرمەيدۇ .
مالنىڭ سۈپەتلىك بۇلىشىغان ئەلتەر تورى قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ ؟
ئەلتەر تورىدا مال باھاسى چىقىرىدىغانلار ھەقسىز چىقارسىمۇ بولىدۇ ، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ چىقارسىمۇ بولىدۇ ، ھەقسىز چىقارغاندا چوقۇم ئاز بولغاندا بىر ئورۇندىكى ئۈچ دۇكان ئۆز ئارا كاپالەت بېرىپ تەڭ تىزىملىتىش كېرەك ، كېيىن بىرى ساختا ياكى كونا مال سېتىپ يۇقاپ كەتسە قالغان كاپالەت بەرگۈچىلەر ئىگە بولىدۇ ھەم چىققان زىياننى تۆلەيدۇ .
كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش شەكلىدە بولسا ئۆزى چىقارغان مال سانىغا ئاساسەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ يەككە دۇكان تىزىملىتىپ مال باھاسى چىقارسا بولىدۇ . ساختا ياكى كونا ماس ساتسا چىققان زىياننى ئەلتەر تورى ساتقۇچى تاپشۇرغان كاپالەت پۇلىدىن چىقىرىپ تۆلەپ بېرىدۇ ،ئېشىپ قالغان كاپالەت پۇلىنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ ئەلتەر تورىدىكى دۇكىنى تاقىلىدۇ .ئەگەر ھىچقانداق ساختا ياكى كونا مال ساتماي مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەلتەر تورىدىن چېكىنمەكچى بولسا كاپالەت پۇلى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ .
مانا بۇلار ئەلتەر سودا تورىنىڭ باشقا سودا تورلىرىدىن ھەقىقىي پەرىقلىنىدىغان خاراكتېرىدۇر .
قالغان تەپسىلاتلارنى /forum.php?mod=viewthread&tid=31144 بۇ تېمىدىن كۆرسەڭلار ياكى بىۋاستە 18999988643 بۇ نومۇرغا تېلېفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ .
qq:2093172129
|
|