- جۇغلانما
- 426
UID29732
تىزىملاتقان2013-12-16
ئاخىرقى قېتىم2015-3-25
توردا48 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 426
- ئاقچا
- 0
|
ئەلتەر سودا تور بېكىتى يېرىم يىللىق پىلانلاش، ياساش باسقۇچىنى تاماملاپ، دەسلەپكى قەدەمدە يانفۇن سودىسى ئاساس قىلغان سودا سۇپىسى شەكىللەندۈرى.
ئەلتەر تورى
1. تور بېكىتىمىزنىڭ باشقا سودا بەتلىرىگە قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار:
(1) ئىشەنچىلىك مال ساتىدىغان ھەرقانداق بىر تىجارەتچى قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ تور دۇكىنىنى ئاچسا بولىدۇ.
(2) خېرىدار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايۇندىكى مال باھاسىنى ۋە باشقا رايۇندىكى مال باھاسىنى، دۇكان ئادرىسىنى، ئالاقە شەكلىنى كۆرەلەيدۇ.
(3) دۇكان ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ دۇكىنىدىكى مال باھاسىنى ئۆزى كونتىرول قىلىدۇ.
(4) مالنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى بىز چىقىرىپ بېرىمىز. دۇكان ئاچقۇچى پەقەت مال باھاسى چىقارسىلا بولىدۇ. باشقۇرۇش بەك قولايلىق.
(5) ساختا، تەقلىد، قاپ ئالماشتۇرغان، سۈپەتسىز ماللار تور بىكىتىمىزگە چىقىرىلمايدۇ ھەمدە شۇ خىل ساختا، تەقلىد، قاپ ئالماشتۇرغان، سۈپەتسىز ماللارنىڭ باھاسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ،دۇكان ئاچقۇچىلارمۇ يۇقارقى قائىدىگە رىئايە قىلدۇ.
(6) دۇكان ئاچقۇچى بىزنىڭ ھەركۈنلۇك توپ مال باھاسىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايدۇ. ھەم مال كىرگۈزەلەيدۇ. سانى چەكلەنمەيدۇ.
(7) خېرىدار ھەر ۋاقىت تۆۋەن باھادا ئۆزى ياقتۇرغان يانفۇنلارنى توردىن ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەڭ يېقىن ئەمەلىي دۇكاندىن سېتىۋالسا بولىدۇ. تور سودىسىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئەڭ يېقىن شەكلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
(8) دۇكان ئاچقۇچىلار توردىن كېلىدىغان خېرىدارلار توپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز سودىسىنى تىخمۇ كىڭەيتىدۇ.
يۇقارقىدىن باشقا تور بىكىتىمىز ئوخشاش خىلدىكى تورلاردا بولمىغان ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. يانفۇننى ئاساس قىلغان سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق باشقا ئېلىكتىر بويۇملىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى سېتىش يۆلىنىشى بويىچە تەرەققىي قىلىمىز.
2. دۇكان ئىچىش لاھىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلانغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز. شۇڭا ھازىر دۇكان ئېچىش باسقۇچىدا كۆپچىلىكنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دۇكان ئېچىشىنى، بىرلىكتە ئىلگىرلەشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەلتەر تورىدا دۇكان ئاچقۇچىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە شەرتكە ماس كەلسە دۇكان ئېچىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
(1) ئەمەلىي دۇكىنى بولۇش.
(2) سودا ئەخلاقى بولۇش.
(3) خېرىدارلارغا مەسئۇلىيەتچان بولۇش.
(4) سەمىمىي بولۇش، يېڭىنى يېڭى، كونىنى كونا دەپ سېتىش.
(5) تور دۇكىنىغا ۋاقتىدا قاراش. مال باھاسىنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش.
يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار تور دۇكىنى ئېلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3. تور دۇكىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۈچتىن بىرىنى تاللاپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
(1) ئەلتەر دېتالىنى سېتىۋالغانلار 100 يانفۇننىڭ مال باھاسىنى ھەقسىز چىقىرىپ دۇكان ئاچسا بولىدۇ.
(2) ھەقسىز ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا 50 خىل يانفۇننىڭ مال باھاسى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ.
(3) ھەقلىق ئاچقانلارغا يىللىقى 100 يۈەنلىك ئۆلچەمدە 100 خىل يانفۇننىڭ مال باھاسىنى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ، ھەمدە شۇ دۇكاندارغا ئايرىم تور دۇككىنى لاھىيلەپ بېرىلىدۇ. ئايرىم تور نامىغا ئۇلاپ بېرىلىدۇ. 1000 ئىسىم كارتىسىنى ھەقسىز باستۇرۇپ بېرىمىز. كۆپەيتىپ باستۇرماقچى بولسا ھەر 1000 كارتىغا پەقەت 15 يۈەن قوشۇپ تاپشۇرسىلا بولىدۇ. ھەمدە ئۆز تور دۇككىنىنى ئايرىم تەشۋىق قىلىشقا بولىدۇ. مەسلەن: ئاتلان خەۋەرلىشىش تور دۇككىنى بولسا www.elter.cc/atlan دەپ باسسىلا شەخسى تور دۇككىنىغا ئۇلاپ بېرىلىدۇ.
4. تور دۇككىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەكىلدە ماتىرىيالىنى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىمىزغا قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
ئىسمى:
تېلفۇن:
qq:
يۇرتى:
دۇكان ئادرىسى:
دۇكان ئىسمى:
ئۇندىن باشقا قايسى ماركىنى ئاساس قىلىپ دۇكان ئاچماقچى بولسا شۇ ماركىدىن مال باھاسىنى چىقىرالايدىغان يانفۇن سانىنى ئەسكەرتىپ قالدۇرىشى كېرەك. مەسلەن سامسۇڭ 30، خۇاۋېي 20 ، لېنوۋو 10 دېگەندەك.
مەسلىھەت سوراش تېلفۇنى: 18999988643
qq:2093172129
|
|