ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 501|ئىنكاس: 5

ئوبيېكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسىنى مۇنداق چۈشەندىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،   مانا ھەش-پەش دىگۈچە كەسپى سۆزلارنىمۇ ئانچە-مۇنچە بىلەلەيدىغان بوپ قالدىم .   بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئاغىزىدىن php مىيەنشىياڭ دۈيشىياڭ پىروگىرامما تىلىغا ئۆزگىرەپتۇ .   AS3.0 مىيەنشىياڭ دۈيشىياڭغا ئۆزگىرەپتۇ.   AS2.0ئۈگەنگەنلەرنىڭ جېنىغا ۋاي .   دىگندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم .   ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ساۋاقداشلار خاتىرىسىنى ياساشقا AS2.0نى ئۆگەنگەنلىكىمگە ،   ھەمدە ياسىغانلىقىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ باققان .   كىيىن بىلسەم مەن ئىشلەتكەن stop , go to دېگەندەك كودلار ئاللىقاچان AS3.0دىن چىقىرىپ تاشلىنىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ۋازكەچكەن ئىدىم .   ھەمدە AS3.0نى ئۆگۈنىشنى پىلانلىدىم .   چۈنكى flash دېگەن بۇ نەرسىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم .   ھەتتا ئۇنى vbغا قىستۇرۇپ يۇمشاق دېتالمۇ ياسىماقچى بولغان ئىدىم .   ھەمدە ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئازغىنە ئىنگىلىزچە سەۋېيەم بىلەن گوگىلنى كىزىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئامالنى تاپتىم ،   قىلسام ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكى يوقىدى، شۇنداق خۇشال بولۇپ بولۇپ كەتتىم .   ئاندىن مانا-ئىنا دەپ ئۇنىمۇ ئۆگىنىپ بولالمىدىم .   مىنىڭ ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسىنى تۇنجى قېتىم سېرىتقى جەھەتتىن تۇنۇغان ۋاقتىم مۇشۇ بولدى.   

ئالىي مەكتەپتە ھەممە ئۆزگىرىپ كەتتى .   بۇرۇنقى ھەپتىدە بىرنەچچە سائەت كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان مەن تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 5-6 سائەت ئولتۇرىدىغان قەبىھ ھالەتكە ئۆتتۈم .   كۆرگەن نەرسەم كۆپ بولمىسىمۇ ئازغىنە بىلىمىم بىلەن توختىماي بىرنەرسىلەرنى ياساپ باقتىم .   بىرمەسىلىنى ھەتتا بىر ئىككى كۈن ھەل قىلغان يەرلىرىممۇ شۇنداق كۆپ بولدى .   نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەندىم .   مۇشۇ جەرياندا html5 بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەمدى flash كە كۈن بەرمەيدىغانلىقى ،   مېنىڭ دەرھال AS3.0ئۈگۈنىش خىيالىمدىن ۋاز كىچىشىم كېرەك ئىكەن.   مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشەندىم ھەمدە ماڭا ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسنى يۈزەكى تۇنۇتقان AS3.0دىن مەردلەرچە ۋاز كەچتىم .   ئاندىن ھېلىقى phpنى باشلىۋەتتىم .   نۇرغۇن كىچىلەرنى phpئۈگۈنىش بىلەن ئەمەس ئۇنىڭ بىلەن ھەرخىل كىچىك نەرسىلەرنى ياساش بىلەن ئۆتكۈدۈم .   كىيىن بىر دەرىسلىكنى كۆرمەكچى بولدۇم .   كۆرۈپ دەل ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسنى سۆلەۋاتقان چاغدا بۇخىل پىروگىرامما لايھەسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ دەرھال يەنە بىرنىمە ياساشقا چۆكۈپ كەتتىم .   
بۇ ۋاقىتتىكى چۈشەنچەم

بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن نۇرغۇن قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىمىز .   ئوبيېكتقا يۈزلىنىشنىڭ ئالدىدا جەريانغا يۈزلەنگەن .   ئەمدى جەريانغا يۈزلەنگەن چاغدا مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن كىتىدىغان بارلىق قەدەم باسقۇچلارنى بىر يەرگە تەييار قىلىدىكەنمىز ھەمدە ھەربىر قەدەم باسقۇچقا بىرتال يىپ ئۇلاپ قۇيىدىكەنمز .   شۇنىڭ بىلەن بىرسى سەن ماۋۇ ئىشنى قىلدىسە ھېلىقى يىپلارنىىڭ ئۇچىنى ئېلىپ كىلىپلا بىجىرىدىكەنمىز .   ئەمدى ئوبىكىتقا يۈلەنگەن چاغدا نۇرغۇن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىشلارنىىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى بىريەرگە يېزىپ قۇيۇپلا بىرەرسى بىر ئىش قىلدىسە ئوخشىمايدىغان يىرىنى ئۆزگەرتىپلا قىلىپ بىرىدىكەنمىز .   بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن كۆپ ئىش قىلىش ئۈچۈن قولايلىق ئىكەن ،   ئىككىنچىدىن يىپلارنىڭ كۆپ بولۇپ كىتىشىنى شۇنداقلا بىر-بىرسى بىلەن چىگىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .   مۇشۇ نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئوبىكىتقا يۈزلەنگەندە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن .   شۇڭا نۇرغۇن پىروگىرامما تىللىرى بۇ تەرەپكە مېڭىپتۇ .   


phpئارقىلىق مۇنچىلىك چۈشەنگەن بولدۇم .   لېكىن مىسال ئالغۇدەك بىررەر مىسال يېزىپ باقىدىم .   لېكىن مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن php class لارغا يۇلۇقتۇم .   مەسىلەن ،   ئۇيغۇرچە كود ئالماشتۇرۇش ،   ئىلخەت يوللاش ،   exls ئوقۇغۇچ . . . .   بۇلار دەل ئوبىكىتقا يۈزلەنگەنلىكنىڭ مىساللىرى دەپ قارىدىم .   ھەمدە بۇلارنى ئىشلىتەلەيدىغان ،   كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم .   ئەلۋەتتە ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۆزۈم ئۈگەنگەن نەرسىلەر ئەمدى مەكتەپتىكى ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسىنى كۆرۈپ ئۆتىلى.   

مەكتەپكە كېلىپ نۇرغۇن ئاكاشلارنىڭ ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسى نى پەقەت چۈشەنمىگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ مىسالىغا ئۆتىدىغان c++ نىمۇ پەقەت بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم .   شۇنىڭ بىلەن ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈنۈپ يەتتىم .   ھەمدە مەكتەپ تاللاپ بەرگەن cتىلىنى قايتۇرىۋېتىپ java نى تاللىۋالدىم .   بۇ ۋاقىتتا باشقىلاردىن c تىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ،   ھەم ئاساس ئىكەنلىكىنى بىلدىم .   شۇنىڭ بىلەن cتىلىنىمۇ تەڭ ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم لېكىن ۋاقىت شارائىت يار بەرمەي قېپ قالدى.   java نى شۇنداق تىرىشىپ ئۆگەندىم ،   ئانلدىنقى قىسىمىنى پىروگىرامما ئاساسىنى تىكلەش ئۈچۈن ،   كەينى قىسمىنى ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسى ئۈچۈن ،   ھەتتا بىر نەچچە قېتىم خەنزۇ يولداشلارنى ھەيران قالدۇردۇم .   بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈممۇ شۇنداق خۇشال بولدۇم .   
بۇ ۋاقىتتىكى چۈشەنچەم

ئالدى بىلەن تۈر ئۇقۇمىنى تۇنۇشىمىىز كېرەك.   ئالدىنقى چۈشەنچەمدىكى نۇرغۇن ئوخشايدىغان ئىشلار ئەلۋەتتە بىر تۈرگە تەۋە . مەسىلەن : ئەرەنچە ۋېلىسىپىت مىنىش ،   ئايالچە ۋېلىسىپىت مىنىش ،   باللار ۋېلسىپىتىنى مىنىش ھەممىسى ۋېلىسىپىت مىنىش تۈرىگە كىرىدۇ .   سايىۋەن بىلوگى ،   ئەجرىم بىلوگى ،   تەشنا بىلوگى ھەممىسى بىلوگ دېگەن تۈرگە تەۋە .   ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم مەزمۇنى بار ،   ئۆزلىرىنىڭ سەھىپىللىرى بار ،   ئۆزلىرىنىڭ ئابۇنتلىرى بار .   گەرچە بۇلار بىرتۈرگە تەۋە بولسىمۇ ئۇلار ئۆز-تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .   تەشنايى مېنىڭ بىلوگىمغا كىرەلمەيدۇ .   يەنە مەسىلەن بۇ يازمىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن بىلوگ دېگەن ئۇقۇمنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەككىلىشىڭىز كېرەك ھەمدە سايىۋەن بىلوگىنى بىكىتكەندىن كىيىن بۇيازمىنى بىكىتىسىز،   ئەگەر  ئەجىرىم بىلوگىدىن بۇيازمنى كۆرىمەن دىسىڭىز ،   يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كەپ قالىدۇ .   يەنە مىسال ئالىمەن ھەرگىز زىرىكمەڭ ، مىسال بولغاندىلا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ .   مەسىلەن : بىلوگ قۇرۇش دەپ بىر تۈر بار .   سىز موللاخۇن بەلىكم خەقلەرنىڭ بىلگىنى كۆرۈپ بىلوگ قۇرۇشنى ئويلاۋاتىسىز . . .   قانداق قىلىش كېرەك؟   توغرا ، سىز بىلوگ قۇرۇش تۈرىدىن پايدىلىنالايسىز ،    ئەڭ ئاۋۋال سىز بۇ بىلوگنى قورىدىغان بوشلۇقنى بىكىتىۋالاسىز ،   ئەلۋەتتە بوشلۇق بىكىتكەن چاغدا ئىسىمنىمۇ قۇيىۋالىسىز ،    قەتئىي ئىسىڭىزدىن سىز ئوخشىمايدىغان بىر  .   ئىسىم قۇيۇڭ .   ھەگىز مۇ سايىۋەن دەپ قۇيۇۋالماڭ .   گەرچە بوشلىقىمىز ئوخشىمىسىمۇ باشقىلار مەزمۇننى كۆرمەكچى بولغان چاغدا پەرق ئىتەلمەيدۇ دە ،   سىز باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز .   ھە ئىسىمنى بىكىتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا ھەرخىل ئىشلارنى قىلالايسىز ،   [سايىۋەن كود] موللاخۇن بىلوگى .   تىمىسى=موللاخۇن بىلوگى؛   موللاخۇن بىلوگى. ئۇسلۇبى=موللا؛   [سايىۋەن كود/]  مۇشۇنداق ئەمدى .   ئەگەر موللاخۇننىڭ بالىسى بىلوگ قۇرماقچى بولسا يەنە نۇرغۇن قۇلايلىقلار بار ئىككىسىنى ئۇلاپ قۇيساق موللاخۇننىڭ بالىسى موللاكىچىك دادىسىنىڭ بىلوگنى ھەم ئۆزىنىڭ بىلوگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ .   بۇ ، مىىسالدىكى بىر يەر سىلەرگە چوقۇم تونۇش ،   ياكى چوقۇم بىرەر يەردە كۆرۈپ باقتىڭلار .   [سايىۋەن كود] بىلوگ   موللاخۇن بىلوگى = يېڭى بىلوگ()؛   [سايىۋەن كود/] مۇشۇ كود ئارقىلىق بىز نېمە ئىشلارنى قىلدۇق ؟   ئالدى بىلەن موللاخۇنغا بىر بوشلۇق سېتىۋالدۇق .   ئاندىن موللاخۇنىڭ بىلوگنىڭ تىمىسىغا موللاخۇن بىلوگى ،   تۇنجى يازمىسىغا سالام دۇنيا دېگەن لەرنى ئاپتوماتىك ھالدا قوشۇپ قويدۇق .


ھە ئەمدى بولدى مۇشۇ ۋاققىچە زىرىكمەي ئوقوغان بولسىڭىز سىز چوقۇم مېنى ياقتۇرۇپ قالدىڭىز ھەمدە ،   ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسىنى چۈشۈنۈپمۇ قالدىڭىز ! ئەمدى ،   ھالقىندا تۇر[class]لارنى كۆرسىڭىز چوقۇم چۈشۈنەلەيسىز،   ھەمدە دوراپ كىچىك مىساللارنى يېزىپ باقسىڭىز ئۈگۈنۈپ كىتىسىز دېگەن گەپ .   ئۈستىدىكىسى مېنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى چۈشەنچەم ،   بۇندىن كىيىن داۋاملىق تۈردە چوڭقۇر چۈشۈنىمەن .   كىيىنكى يازمامدا java دىن پايدىلىنىپ يېزىلغان كىچىك-كىچىك ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىراممىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .   ئۇستازلارنىڭ كەم قالغان يەرلىنى ئاستىغا تۇلۇقلاپ قۇيۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .   ئاللاھغا ئامانەت ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن .
مەنبەسى:سايىۋەن بىلوگى
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-15 10:08:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، داۋاملىق تىرشىڭ .  بولسا مۇشۇ java دىگەننى پارچىلاپ تىلە قىپ بىر چۇشەندۇر ۋەتكەن  بولسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم.
ۋاقتى: 2014-5-15 10:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىيەنشىياڭ دۈيشىياڭ
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-15 11:27:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەخمۇ تىرشىڭ زىرىكمەي تىرشىڭ.

ئۇيغۇر پىرگۇراممىرلارنىڭ تەخمۇ كۇپىيىشنى ئۇمىد قىلمەن.
ۋاقتى: 2014-5-15 11:54:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ. سىزگە ئاپرىن. قېرىندىشىم. سىز JAVA بىلسىڭىز سىزگە بىر تەكلىپىم بار. يەنى 2.3سېستىمىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش. بۇ توغرىلىق /forum.php?mod=vi ... 7%D8%AA%DB%87%D8%B4 بۇ ئادرىستا تىما بار. لېكىن ئە بىلەن ئى ھەرپى ئۇلانمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن مۇنداق چۈشەندىم. يەنى ئەرەپچىدە ئە ھەرپى بىلەن ئى ھەرپى يوق، ئالدىدىكى ھەرپنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاستىغا سىزىق سىزىق قويۇش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ دەپ ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە مەن ئەرەپچە بىلمەيمەن. شۇڭا ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەندە ئە بىلەن ئى نىڭ كەينىگە مەجبۇرى بوش ئورۇن قالدۇرۇلغاچقا ئۇلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى JAVAبىلىدىغانلار ھەل قىلالايدۇ. شۇڭا سىز مۇشۇ تىمىدا بىر ماقالە يازغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
ۋاقتى: 2014-5-15 13:07:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
内存:4g  ,  硬盘:500 g  , 显卡:1g
مۇشۇنداق سەپلىمىلىك خاتىرە كومپىيوتىر ساتىدىغانلار بارمۇ ؟ ئۈرۈمچىدە ساتىدىغانلار بولسا ئالاقىلشىش نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلا  . تىما ئىگىسى كەچۈرۈڭ ھە  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش