- جۇغلانما
 - 1257
 
 UID27872
 
تىزىملاتقان2013-11-22
 
ئاخىرقى قېتىم2014-7-14
 
توردا260 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 1257
 
- ئاقچا
 - 0 
 
 
 
 
 | 
	
 
| 
 
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،   مانا ھەش-پەش دىگۈچە كەسپى سۆزلارنىمۇ ئانچە-مۇنچە بىلەلەيدىغان بوپ قالدىم .   بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئاغىزىدىن php مىيەنشىياڭ دۈيشىياڭ پىروگىرامما تىلىغا ئۆزگىرەپتۇ .   AS3.0 مىيەنشىياڭ دۈيشىياڭغا ئۆزگىرەپتۇ.   AS2.0ئۈگەنگەنلەرنىڭ جېنىغا ۋاي .   دىگندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم .   ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ساۋاقداشلار خاتىرىسىنى ياساشقا AS2.0نى ئۆگەنگەنلىكىمگە ،   ھەمدە ياسىغانلىقىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ باققان .   كىيىن بىلسەم مەن ئىشلەتكەن stop , go to دېگەندەك كودلار ئاللىقاچان AS3.0دىن چىقىرىپ تاشلىنىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ۋازكەچكەن ئىدىم .   ھەمدە AS3.0نى ئۆگۈنىشنى پىلانلىدىم .   چۈنكى flash دېگەن بۇ نەرسىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم .   ھەتتا ئۇنى vbغا قىستۇرۇپ يۇمشاق دېتالمۇ ياسىماقچى بولغان ئىدىم .   ھەمدە ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئازغىنە ئىنگىلىزچە سەۋېيەم بىلەن گوگىلنى كىزىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئامالنى تاپتىم ،   قىلسام ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكى يوقىدى، شۇنداق خۇشال بولۇپ بولۇپ كەتتىم .   ئاندىن مانا-ئىنا دەپ ئۇنىمۇ ئۆگىنىپ بولالمىدىم .   مىنىڭ ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسىنى تۇنجى قېتىم سېرىتقى جەھەتتىن تۇنۇغان ۋاقتىم مۇشۇ بولدى.    
 
ئالىي مەكتەپتە ھەممە ئۆزگىرىپ كەتتى .   بۇرۇنقى ھەپتىدە بىرنەچچە سائەت كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان مەن تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 5-6 سائەت ئولتۇرىدىغان قەبىھ ھالەتكە ئۆتتۈم .   كۆرگەن نەرسەم كۆپ بولمىسىمۇ ئازغىنە بىلىمىم بىلەن توختىماي بىرنەرسىلەرنى ياساپ باقتىم .   بىرمەسىلىنى ھەتتا بىر ئىككى كۈن ھەل قىلغان يەرلىرىممۇ شۇنداق كۆپ بولدى .   نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەندىم .   مۇشۇ جەرياندا html5 بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەمدى flash كە كۈن بەرمەيدىغانلىقى ،   مېنىڭ دەرھال AS3.0ئۈگۈنىش خىيالىمدىن ۋاز كىچىشىم كېرەك ئىكەن.   مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشەندىم ھەمدە ماڭا ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسنى يۈزەكى تۇنۇتقان AS3.0دىن مەردلەرچە ۋاز كەچتىم .   ئاندىن ھېلىقى phpنى باشلىۋەتتىم .   نۇرغۇن كىچىلەرنى phpئۈگۈنىش بىلەن ئەمەس ئۇنىڭ بىلەن ھەرخىل كىچىك نەرسىلەرنى ياساش بىلەن ئۆتكۈدۈم .   كىيىن بىر دەرىسلىكنى كۆرمەكچى بولدۇم .   كۆرۈپ دەل ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسنى سۆلەۋاتقان چاغدا بۇخىل پىروگىرامما لايھەسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ دەرھال يەنە بىرنىمە ياساشقا چۆكۈپ كەتتىم .    
بۇ ۋاقىتتىكى چۈشەنچەم  
 
بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن نۇرغۇن قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىمىز .   ئوبيېكتقا يۈزلىنىشنىڭ ئالدىدا جەريانغا يۈزلەنگەن .   ئەمدى جەريانغا يۈزلەنگەن چاغدا مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن كىتىدىغان بارلىق قەدەم باسقۇچلارنى بىر يەرگە تەييار قىلىدىكەنمىز ھەمدە ھەربىر قەدەم باسقۇچقا بىرتال يىپ ئۇلاپ قۇيىدىكەنمز .   شۇنىڭ بىلەن بىرسى سەن ماۋۇ ئىشنى قىلدىسە ھېلىقى يىپلارنىىڭ ئۇچىنى ئېلىپ كىلىپلا بىجىرىدىكەنمىز .   ئەمدى ئوبىكىتقا يۈلەنگەن چاغدا نۇرغۇن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىشلارنىىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى بىريەرگە يېزىپ قۇيۇپلا بىرەرسى بىر ئىش قىلدىسە ئوخشىمايدىغان يىرىنى ئۆزگەرتىپلا قىلىپ بىرىدىكەنمىز .   بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن كۆپ ئىش قىلىش ئۈچۈن قولايلىق ئىكەن ،   ئىككىنچىدىن يىپلارنىڭ كۆپ بولۇپ كىتىشىنى شۇنداقلا بىر-بىرسى بىلەن چىگىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .   مۇشۇ نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئوبىكىتقا يۈزلەنگەندە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن .   شۇڭا نۇرغۇن پىروگىرامما تىللىرى بۇ تەرەپكە مېڭىپتۇ .    
 
 
phpئارقىلىق مۇنچىلىك چۈشەنگەن بولدۇم .   لېكىن مىسال ئالغۇدەك بىررەر مىسال يېزىپ باقىدىم .   لېكىن مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن php class لارغا يۇلۇقتۇم .   مەسىلەن ،   ئۇيغۇرچە كود ئالماشتۇرۇش ،   ئىلخەت يوللاش ،   exls ئوقۇغۇچ . . . .   بۇلار دەل ئوبىكىتقا يۈزلەنگەنلىكنىڭ مىساللىرى دەپ قارىدىم .   ھەمدە بۇلارنى ئىشلىتەلەيدىغان ،   كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم .   ئەلۋەتتە ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۆزۈم ئۈگەنگەن نەرسىلەر ئەمدى مەكتەپتىكى ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسىنى كۆرۈپ ئۆتىلى.    
 
مەكتەپكە كېلىپ نۇرغۇن ئاكاشلارنىڭ ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسى نى پەقەت چۈشەنمىگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ مىسالىغا ئۆتىدىغان c++ نىمۇ پەقەت بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم .   شۇنىڭ بىلەن ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىسىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈنۈپ يەتتىم .   ھەمدە مەكتەپ تاللاپ بەرگەن cتىلىنى قايتۇرىۋېتىپ java نى تاللىۋالدىم .   بۇ ۋاقىتتا باشقىلاردىن c تىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ،   ھەم ئاساس ئىكەنلىكىنى بىلدىم .   شۇنىڭ بىلەن cتىلىنىمۇ تەڭ ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم لېكىن ۋاقىت شارائىت يار بەرمەي قېپ قالدى.   java نى شۇنداق تىرىشىپ ئۆگەندىم ،   ئانلدىنقى قىسىمىنى پىروگىرامما ئاساسىنى تىكلەش ئۈچۈن ،   كەينى قىسمىنى ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسى ئۈچۈن ،   ھەتتا بىر نەچچە قېتىم خەنزۇ يولداشلارنى ھەيران قالدۇردۇم .   بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈممۇ شۇنداق خۇشال بولدۇم .    
بۇ ۋاقىتتىكى چۈشەنچەم  
 
ئالدى بىلەن تۈر ئۇقۇمىنى تۇنۇشىمىىز كېرەك.   ئالدىنقى چۈشەنچەمدىكى نۇرغۇن ئوخشايدىغان ئىشلار ئەلۋەتتە بىر تۈرگە تەۋە . مەسىلەن : ئەرەنچە ۋېلىسىپىت مىنىش ،   ئايالچە ۋېلىسىپىت مىنىش ،   باللار ۋېلسىپىتىنى مىنىش ھەممىسى ۋېلىسىپىت مىنىش تۈرىگە كىرىدۇ .   سايىۋەن بىلوگى ،   ئەجرىم بىلوگى ،   تەشنا بىلوگى ھەممىسى بىلوگ دېگەن تۈرگە تەۋە .   ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم مەزمۇنى بار ،   ئۆزلىرىنىڭ سەھىپىللىرى بار ،   ئۆزلىرىنىڭ ئابۇنتلىرى بار .   گەرچە بۇلار بىرتۈرگە تەۋە بولسىمۇ ئۇلار ئۆز-تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .   تەشنايى مېنىڭ بىلوگىمغا كىرەلمەيدۇ .   يەنە مەسىلەن بۇ يازمىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن بىلوگ دېگەن ئۇقۇمنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەككىلىشىڭىز كېرەك ھەمدە سايىۋەن بىلوگىنى بىكىتكەندىن كىيىن بۇيازمىنى بىكىتىسىز،   ئەگەر  ئەجىرىم بىلوگىدىن بۇيازمنى كۆرىمەن دىسىڭىز ،   يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كەپ قالىدۇ .   يەنە مىسال ئالىمەن ھەرگىز زىرىكمەڭ ، مىسال بولغاندىلا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ .   مەسىلەن : بىلوگ قۇرۇش دەپ بىر تۈر بار .   سىز موللاخۇن بەلىكم خەقلەرنىڭ بىلگىنى كۆرۈپ بىلوگ قۇرۇشنى ئويلاۋاتىسىز . . .   قانداق قىلىش كېرەك؟   توغرا ، سىز بىلوگ قۇرۇش تۈرىدىن پايدىلىنالايسىز ،    ئەڭ ئاۋۋال سىز بۇ بىلوگنى قورىدىغان بوشلۇقنى بىكىتىۋالاسىز ،   ئەلۋەتتە بوشلۇق بىكىتكەن چاغدا ئىسىمنىمۇ قۇيىۋالىسىز ،    قەتئىي ئىسىڭىزدىن سىز ئوخشىمايدىغان بىر  .   ئىسىم قۇيۇڭ .   ھەگىز مۇ سايىۋەن دەپ قۇيۇۋالماڭ .   گەرچە بوشلىقىمىز ئوخشىمىسىمۇ باشقىلار مەزمۇننى كۆرمەكچى بولغان چاغدا پەرق ئىتەلمەيدۇ دە ،   سىز باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز .   ھە ئىسىمنى بىكىتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا ھەرخىل ئىشلارنى قىلالايسىز ،   [سايىۋەن كود] موللاخۇن بىلوگى .   تىمىسى=موللاخۇن بىلوگى؛   موللاخۇن بىلوگى. ئۇسلۇبى=موللا؛   [سايىۋەن كود/]  مۇشۇنداق ئەمدى .   ئەگەر موللاخۇننىڭ بالىسى بىلوگ قۇرماقچى بولسا يەنە نۇرغۇن قۇلايلىقلار بار ئىككىسىنى ئۇلاپ قۇيساق موللاخۇننىڭ بالىسى موللاكىچىك دادىسىنىڭ بىلوگنى ھەم ئۆزىنىڭ بىلوگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ .   بۇ ، مىىسالدىكى بىر يەر سىلەرگە چوقۇم تونۇش ،   ياكى چوقۇم بىرەر يەردە كۆرۈپ باقتىڭلار .   [سايىۋەن كود] بىلوگ   موللاخۇن بىلوگى = يېڭى بىلوگ()؛   [سايىۋەن كود/] مۇشۇ كود ئارقىلىق بىز نېمە ئىشلارنى قىلدۇق ؟   ئالدى بىلەن موللاخۇنغا بىر بوشلۇق سېتىۋالدۇق .   ئاندىن موللاخۇنىڭ بىلوگنىڭ تىمىسىغا موللاخۇن بىلوگى ،   تۇنجى يازمىسىغا سالام دۇنيا دېگەن لەرنى ئاپتوماتىك ھالدا قوشۇپ قويدۇق . 
 
 
ھە ئەمدى بولدى مۇشۇ ۋاققىچە زىرىكمەي ئوقوغان بولسىڭىز سىز چوقۇم مېنى ياقتۇرۇپ قالدىڭىز ھەمدە ،   ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەسىنى چۈشۈنۈپمۇ قالدىڭىز ! ئەمدى ،   ھالقىندا تۇر[class]لارنى كۆرسىڭىز چوقۇم چۈشۈنەلەيسىز،   ھەمدە دوراپ كىچىك مىساللارنى يېزىپ باقسىڭىز ئۈگۈنۈپ كىتىسىز دېگەن گەپ .   ئۈستىدىكىسى مېنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى چۈشەنچەم ،   بۇندىن كىيىن داۋاملىق تۈردە چوڭقۇر چۈشۈنىمەن .   كىيىنكى يازمامدا java دىن پايدىلىنىپ يېزىلغان كىچىك-كىچىك ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىراممىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .   ئۇستازلارنىڭ كەم قالغان يەرلىنى ئاستىغا تۇلۇقلاپ قۇيۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .   ئاللاھغا ئامانەت ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن .  
مەنبەسى:سايىۋەن بىلوگى  |   
 
 
 
 |