ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 32

«ئورگان تەرەپ» ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىندىن بۇيان ئورگان تەرەپ دېگەن گەپ كۆپىيىپ قالدى. كۆپچىلىك بۇ ئاتالغۇنى يۇمشاق دېتال، ئەپلەرنى ياسىغۇچى تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر زاۋۇت تەرەپ دەۋاتىدۇ.
ئورگان تەرەپ دېگەن گەپ خەنزۇچە 官方 دېگەننىڭ بىۋاستە تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغتىدە «ئورگان» نى مۇنداق ئىزاھلاپتۇ.
ئورگان I
ئى [ر ‹گرېك] ① ‹بىئول› ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇمەن جانلىق ئورگانىزملارنىڭ مەلۇم بىر فۇنكىسيىسىنى بېجىرىدىغان قىسمى؛ ئەزا: سېزىش ئورگىنى. ئاڭلاش ئورگىنى. ② بىرەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدىغان مۇئەسسەسە، تەشكىلات؛ ئىش بېجىرگۈچى تارماق؛ ئىدارە: مەمۇرىي ئورگان. ھەربىي ئىشلار ئورگىنى. ئورگان خىزمىتى. ئورگان گېزىتى
ئورگان II
ئى [ر ‹گرېك] ‹مۇز› تىللىق چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى ئۇزۇن تۆت چاسا ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىللىرى بار، ئۈستى تەرىپىگە بېسىش كۇنۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىلار بېسىلسا تىللار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئاياغ تەرەپتە تەپكۈچ بولۇپ، ئاياغ بىلەن تېپىلگەندە شامال ساندۇقىدا يەل پەيدا بولۇپ مىس تىللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز پەيدا قىلىدۇ.

«ئورگان» سۆزى ئىستىمالىمىزدا ئىدارە-ئورگان شەكىلىدە كۆپرەك قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر ئىدارىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى مەنىسىمۇ مەمۇرى ئورۇن ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر تارمىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پۇقرالارنى ئىدارە قىلدىغان، باشقۇردىغان مەنىلەرنى بىلدۈردىكەن.
يۇمشاق دېتال ياسىغۇچى ئورۇن ياكى شەخىسنى ئورگان دېسە تازا ماس كەلمەيدىكەن. سەۋەبى: ئۇلار مەمۇرى ئورۇن ياكى ھۆكۈمەت ئەمەس، شۇنداقلا يۇمشاق دېتاللارنى ياسىغۇچىلار پۇقرالارنى باشقۇرمايدۇ. ھەم بۇ سۆز گىرىكچىدىن كىرگەن سۆزكەن.
شۇڭا كۆپچىلىككە «ئورگان تەرەپ» دەپ ئاتىماي، «ئىگە تەرەپ» دەپ ئىشلىتىش تەكلىپنى بېرىمەن.
«ئىگە» ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ھەم چۈشىنىشلىك، ئىگە تەرەپ دېسە ھەممە ئادەم چۈشىندۇ.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-2 16:40:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگە تەرەپ دېگەنمۇ  بولىدىكەن جۇمۇ، ئورگان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ناھايتتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىپسىز.
ۋاقتى: 2014-5-2 16:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشۇلىمەن قوللايمەن
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-2 16:44:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى ئشىلتەيلى  رەخمەت. جاپا چىكىپسىز.
ۋاقتى: 2014-5-2 17:10:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللايمە
ۋاقتى: 2014-5-2 17:14:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بوپ قويىدىكەن
ۋاقتى: 2014-5-2 17:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىپ تورىغا يېڭى كىرگەندە ئورگان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى پەقەت چۈشنەلمىگەن ئىدىم، چۈنكى بۇ راستىنلا لايىق ئاتالغۇ ئەمەستى ئالىپ ئاكا بۇنى راستىنلا ياخشى ئويلاپسىزمەنمۇ قوللايمەن.
ۋاقتى: 2014-5-2 18:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئاتىساقمۇ بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2014-5-2 18:35:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىززززززززززززززززززززز !
ۋاقتى: 2014-5-2 18:53:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن!
ۋاقتى: 2014-5-2 19:02:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا تېخىمۇ چۈشۈنىشلىك بولىدىكەن. قوللايمەن.
ۋاقتى: 2014-5-2 20:04:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن
ۋاقتى: 2014-5-2 20:14:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ، قوللايمىز
ۋاقتى: 2014-5-2 20:50:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تــــازا جـــــايـــىـــدا گـــــــەپ  بـــــوپتـــۇ !

قـــــوشـــــۇلـــىــمــــەن  !
ۋاقتى: 2014-5-2 21:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللايمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش