|
يېقىندىن بۇيان ئورگان تەرەپ دېگەن گەپ كۆپىيىپ قالدى. كۆپچىلىك بۇ ئاتالغۇنى يۇمشاق دېتال، ئەپلەرنى ياسىغۇچى تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر زاۋۇت تەرەپ دەۋاتىدۇ.
ئورگان تەرەپ دېگەن گەپ خەنزۇچە 官方 دېگەننىڭ بىۋاستە تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغتىدە «ئورگان» نى مۇنداق ئىزاھلاپتۇ.
ئورگان I
ئى [ر ‹گرېك] ① ‹بىئول› ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇمەن جانلىق ئورگانىزملارنىڭ مەلۇم بىر فۇنكىسيىسىنى بېجىرىدىغان قىسمى؛ ئەزا: سېزىش ئورگىنى. ئاڭلاش ئورگىنى. ② بىرەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدىغان مۇئەسسەسە، تەشكىلات؛ ئىش بېجىرگۈچى تارماق؛ ئىدارە: مەمۇرىي ئورگان. ھەربىي ئىشلار ئورگىنى. ئورگان خىزمىتى. ئورگان گېزىتى
ئورگان II
ئى [ر ‹گرېك] ‹مۇز› تىللىق چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى ئۇزۇن تۆت چاسا ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىللىرى بار، ئۈستى تەرىپىگە بېسىش كۇنۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىلار بېسىلسا تىللار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئاياغ تەرەپتە تەپكۈچ بولۇپ، ئاياغ بىلەن تېپىلگەندە شامال ساندۇقىدا يەل پەيدا بولۇپ مىس تىللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز پەيدا قىلىدۇ.
«ئورگان» سۆزى ئىستىمالىمىزدا ئىدارە-ئورگان شەكىلىدە كۆپرەك قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر ئىدارىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى مەنىسىمۇ مەمۇرى ئورۇن ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر تارمىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پۇقرالارنى ئىدارە قىلدىغان، باشقۇردىغان مەنىلەرنى بىلدۈردىكەن.
يۇمشاق دېتال ياسىغۇچى ئورۇن ياكى شەخىسنى ئورگان دېسە تازا ماس كەلمەيدىكەن. سەۋەبى: ئۇلار مەمۇرى ئورۇن ياكى ھۆكۈمەت ئەمەس، شۇنداقلا يۇمشاق دېتاللارنى ياسىغۇچىلار پۇقرالارنى باشقۇرمايدۇ. ھەم بۇ سۆز گىرىكچىدىن كىرگەن سۆزكەن.
شۇڭا كۆپچىلىككە «ئورگان تەرەپ» دەپ ئاتىماي، «ئىگە تەرەپ» دەپ ئىشلىتىش تەكلىپنى بېرىمەن.
«ئىگە» ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ھەم چۈشىنىشلىك، ئىگە تەرەپ دېسە ھەممە ئادەم چۈشىندۇ. |
|