ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1514|ئىنكاس: 38

توك ئەرزانمۇ يېقىلغۇمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتىمىزدا دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملېرىنى ھۆل ئىلىپ يىغىپ ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرغان بىرەيلەننىڭ ئىسكىلاتقا سۇۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان توك ھەققىنىڭ ھەر كىلوۋاتى 1.4 يۈەندىن بۇلىدىغانلىقىنى، خېلى مىڭىپمۇ ئېتۋار باھالىق قىلالمىغنلىقىنى ئاڭلاپ يىقىلغۇ ئىشلەتسە ئەرزان بۇلارمۇ دەپ ئويلاپ ھىساپلاپ باققان ئىدىم، ھىساپلىسام تەبئى گاز ئىشلەتسە شۇ باھادىن تۈۋەن تۇختايدىكەن.
  ئادەتتە 20 كىلوۋاتتىن يۇقىرى گىنراتوردا توك چىقارسا ھەر لىتىر بېنزىندا 4 كىلوۋات، ھەرلىتىر دېزىل مىيىدا 5 كىلوۋات توك چىقارغىلى بۇلىدىكەن(بىسىم ئاشۇرغۇچلۇق قىلسا 6-8 كىلوۋاتقا يىتىدۇ) .
  يىقىلغۇلارنىڭ سىلىشتۇرمىسىدا بىر لىتىر بېنزىن بىلەن بىر كۇپ مىتىر تەبئى گاز ماتوردا  ئوخشاش ئىنىرگىيە چىقىرىدۇ.
  مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندا ماتورنىڭ ئاسراشلېرى قۇشۇلسا تەبئى گازنى يىقىلغۇ قىلىپ توك چىقىرىپ ئىشلەتسە توك باھاسىدىن ئىشىپ كەتمەيدىكەن. 3.6 يۈەن ھەر لىتىر تەبئى گاز باھاسىنى 4 كە بۆلسەك 0.9 يۈەن بۇلىدۇ.
تەبئى گازنى ئىشلىتىشتە يەنە باشقا ئۇسول قوللانغاندا بولسا تەننەرىخ چۈشۈپ كىتىدۇ. يەنى سۇۋۇتۇش كومپىسسورىنى بىۋاستە ماتورغا چىتىپ ئايلاندۇرسا، ماشنىلارنىڭ سۇۋۇتۇش كومپىسسورىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بىز چوڭراقىنى تىپىپ بىۋاستە چىتىش ئارقىلىق، گىنراتور ئۈنۈمسىز قۇۋۋىتى ۋە كومپىسسور ئىلىكتىرماتورىدىكى  قۇۋۋەتنى چىقىرۋەتسەك ھەر لىتىر تەبئى گاز ئارقىلىق 7 كىلوۋاتقا يىقىن ئىنىرگىيەگە ئېرىشكەن بۇلىمىز. 3.6 يۈەن ھەر لىتىر تەبئى گاز باھاسىنى 7 كە بۆلسەك 0.52 يۈەن بۇلىدۇ.
  يەنە بۇ يەردە توك تارتىش ھەقلېرى بار، ئەگەر قۇلاي بولسا ئىگىز-پەس بولغان جايلاردا تۈۋەن ئورۇندىكى سۇنى يۇقىرىغا تارتىپ يەر سۇغىرىدىغان ئىشلارغا توك تارتىش رەسمىيەتلېرى ئۈچۈن بىر-مۇنچە تۆلەپ يىلىنىپ يۈرگەندىن تەبئى گاز ياكى پاتقاق گازى ئارقىلىق مەقسەتكە يىتىشنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بۇلىدۇ.
  ئەلۋەتتە پاتقاق گازى تىخىمۇ ئەرزان بۇلىدۇ. ھەر كىلو قۇرۇق لاۋا ياكى ھەرە كىپىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىگە سىلىنسا 7-8 ھەسسە كۆپ ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان گاز ھاسىل قىلالايدۇ. ئادەتتە 6 كىلودىن يۇقىرىراق قۇرۇق ئۇتۇن كۆيگەندە بىر كىلو بېنزىننىڭ چىقارغان ئىسسىقلىقىغا يىقىن ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئەمما پاتقاق گازى ماتوردا كۆيگەندە تەبئى گازدىنمۇ يۇقىرى ھەركەت ئىنىرگىيسى ھاسىل قىلىدۇ. دىمەك 750 گىرام ماتىريال ياكى ھەرە كىپىكى بىر لىتىر بېنزىندىن ئارتۇق تۇختايدۇ. پاتقاق گازىنى كۆيدۈرىدىغان ماتورمۇ ئايرىم بۇلۇپ، ئادەتتىكى ماتورغا بىۋاستە ئىشلەتمەيدۇ. دۆلىتىمىزدە بەك قىممەتمۇ ئەمەس...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
tograk520 + 50 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-4-27 13:51:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقەقەتەن ئەرزان توختايكەن
ۋاقتى: 2014-4-27 14:03:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
جۇلا ئەپ بازىرى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 14:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
520isil يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 14:03
كاللام چېلنىپ   يېساپلىيالمىدىم مەن

لاۋا-لۇتقا ۋە ھەرە كىپىكىنى ھىساپلىمايلا قۇيۇڭ، شۇ توك يوق يېزىلاردا ھەقسىز دىگەندەكلا، يەنە مال قوتىنىدىن چىققان ئۇغوتنى سالسا قالدۇقى بەرىبىر كۈچلۈك ئۇغوت بولغاندىكىن شۇنى ئىشلىتىپ ئازوت ئىشلەتمىسىمۇ بۇلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-4-27 14:38:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەرزان توختىغدەك .
ۋاقتى: 2014-4-27 14:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا مۇشۇ تەييار توك ئەرزان جىمۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 15:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
omak007 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 14:57
يەنىلا مۇشۇ تەييار توك ئەرزان جىمۇ ...

ئائىلىدە ئىشلىتىشتە ۋە ئېتۋار باھا بىجىرىلگەن بولسا ئەرزان.
ۋاقتى: 2014-4-27 17:07:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ نامرات دۆلەتتە ھەممە نەرسە قىممەت بولامدۇ نىمە، بولاپمۇ ساختىپەزلەر جىق دۆلەتتە…
      قايسى بىر توردا «ئامېرىكىدا توك-سۇ جوڭگۇدىكىگە قارىغاندا خىلى ئەرزان» دەپ ئوقۇۋىدىم …
ۋاقتى: 2014-4-27 17:39:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 15:06
ئائىلىدە ئىشلىتىشتە ۋە ئېتۋار باھا بىجىرىلگەن بولسا  ...

تېمىدا دىيىلگىنى بۇيىچە ئېيتقاندا، 5 موچەنگە چۈشسە ھەقىقەتەن ئەرزان توختايدىكەن، توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا كىتىدىغان توكمۇ ئاز ئەمەس، ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئاۋۇ 1.4 كويلۇق توكقا نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدۇ، شۇ ڭا بۇ ئۇسۇل ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلكەن. مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز، رەھمەت سىزگە!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 17:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tograk520 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 17:39
تېمىدا دىيىلگىنى بۇيىچە ئېيتقاندا، 5 موچەنگە چۈشسە ھە ...


  گاز بولمىغان يېزىلاردا يەنىلا چوڭ پاتقاق گازى كۆلچىكى ئىشلەتكىنى ياخشى، ئۇنىڭدا توك چۈشۈرۈش ھەققىگە پاتقاق گازى پۈتىدۇ، كىيىنكى توك بىر موغا بارمايدۇ ھەم ئۇغوت مەسلىسى ھەل بۇلىدۇ...
  جىددى بولغاندا دېزىل گىنراتورى قىلىپ بىسىم ئاشۇرغۇچ سەپلىسە ئۇمۇ بېنزىندىن تەننەرخى خېلى تۈۋەن بۇلۇپ(1.28 يۈەن)، 1.4 يۈەنلىك بىلەن ئۇخشاش تۇختايدۇ...
ۋاقتى: 2014-4-27 19:20:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىي گاز ىەرزان توختايدۇ .
ۋاقتى: 2014-4-27 20:29:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توك تەييار بولسا توك بولاتتى توك تەييار بولمسا .پاتقاق گازىدىن پايدلانسا راسلا ئەرزان توختايدۇ.
ۋاقتى: 2014-4-27 22:01:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئككى پورشېنلىق دېزىل ماتورنىىڭ بېسىم ئاشۇرغۇچنى نەچچە پۇلغا تاپقىلى بۇلدۇ؟
ۋاقتى: 2014-4-27 22:11:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتقاق گازنى قانداق چىقىردۇ يادەم قىلساڭلا دوسلا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-27 23:21:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BAHTIYAR12 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 22:01
ئككى پورشېنلىق دېزىل ماتورنىىڭ بېسىم ئاشۇرغۇچنى نەچچە ...

ئادەتتىكىلېرى بۇلىدۇ، ئىشاش گەپ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش