|
باغداشتىكى توردىشىمىز ئەليار ناھايتى مۇھىم بولغان بىر ئۇچۇرنى قالدۇرۇپتۇ، مەن بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئەسكەرتىش بەرمەيلا ئالدىراپ يازغىنىمدىن خىجىل بۇپ قالدىم.
ئەليارنىڭ ئىنكاسى؛ بىر ئىككى يىل بۇرۇن بىزنىڭ يېزىدا ئاممىنىڭ ئىسسىنىش مەسلىسىنى ھەل قىلىمىز دەپ ھەر بىر ئائىلىگە پاتقاق گازى كۆلچىكى ياساتقۇزغان ئىدى.ئېسىمدە قېلىشىچە پاتقاق گازىنى ئىشلىتىشكە باشلاپ ئىككى ئاي بولمايلا بەش-ئالتە ئادەم پاتقاق گازىدىن زەھەرلىنىپ جېنىدىن ئايرىلدى.ئاڭلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچىسى گاز چىقىدىغان تۆشۈك تۇسۇلۇپ قاپتۇ دەپ كۆلچەك ئىچىگە كىرىپتىكەن. كېيىن ئىشلىتىشنى توختىتىۋەتتى.دېھقان قېرىنداشلارغا كەسپى تېخنىك خادىملارنىڭ يىتەكچىلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىدىن باشقا بىخەتەرلىك ئامىلىنىمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئويلىشىش كېرەكمۇ قانداق؟
كاربون چالا ئوكسىدى ۋە مىتان گازى ئادەمنى تىزلا تۇنجۇقتۇرۇپ قۇيىدۇ، كۈچلۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماي تۇرۇپ، ئورەككە چۈشۈپ مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ. |
|