ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1114|ئىنكاس: 12

[بىلىم، تەجرىبە] Xperia Z1 يانفونىنىڭ ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلاش بولىقى تارقىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pidakar048 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 13:31  

سونىي شىركىتى بۈگۈن يەرشارى مىقياسىدا Xperia Z1 يانفونىنى ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلاش بولىقىنى تارقاتقان. ئىگەللىنىشىچە، Z1 يانفونى بۇ قېتىم ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلانغاندىن كېيىن، سىستېما نەشىر كودى 14.3.A.0.681  بولىدىكەن، يېڭىلانغاندىن كىيىن، ئاندىرويىد نەشىرى 4.4.2 بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلاردا ئىلگىرلەش بولىدىكەن.
ئالدى بىلەن يانفوننىڭ كامىرا ئىقتىدارى يېڭىلىنىدىغان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ۋە فۇكۇس تەڭشەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئوموميۈزلۈك ئىلگىرىلەشلەر بولىدىكەن، قىسقىسى، يېڭىلانغاندىن كېيىن يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
سونىي تەرەپنىڭ دېيىشىچە، Z1 يانفونى بۇ قېتىم ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلانغاندىن كىيىن، يەنە ئېلخەت ئىقتىدارىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچەيتىلىدىكەن، ھالبۇكى سونىي بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان.
ئاخىرىدا، خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، سىستېما ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭدا ساقلانغان كۆپ قىسىم bug لار تۈزىتىلىدىكەن  ھەمدە سىستېمىنىڭ ئومومىي ئىقتىدارى ۋە توك تېجەش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
Z1  ئابونتلىرى سىستېمىدىكى تەڭشەش رايونىدىن «يانفون ھەققىدە»نى، ئاندىن «سىستېما يېڭىلاش» دېگەننى تاللىغاندىن كېيىن، سونىي شىركىتى تارقاتقان يېڭى سىستېما بولىقىنى چۈشۈرەلەيدىكەن.
نۇر   تورى تەرجىمىسى
  كەچۈرۈڭلار  مىنىڭ  تىلفۇنۇم l36h  ئىدى  بۇ Xperia Z1 مۇ  ياكىXperia Z   بۇرۇن  يېڭلاش دىگەننى  باسسام مەغلۇپ بولدى دەپ چىقۋالغان بۈگۈن يېڭىلىسام  ئىچىدىكى ھۆججەتلەر  يۇيۇلۇپ كىتەرمۇ   يا تىلفۇنۇم كىسەك بولۇپ قالامۇ ئۆتكەندە فونىت قاچلايمەن دەپ خېتى مۇڭغۇلچىدەك بولۇپ قېلىپ يامان تەستە ئوڭغشىغانتىم لىق  بىر نەسە بار  ئىدى
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-3-29 13:41:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ تىلفۇنۇمنى كوتەگىلى بولغان بۇلسا ھە ئەپسۇس
ۋاقتى: 2014-3-29 14:17:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفۇننىڭ تەڭشىكىدە يۇقمقكەن تىلفۇنىڭىزنىڭ تىپى،
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-3-29 14:34:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سامسۇڭ 9500 تى، 4.4.2 گە كۆتۈرگەن، ئەمما ئودىن تونۇماي روت ئالالمايۋاتىمەن، ياردەم قىلدىغانلار بارمۇ ؟ ھەق ئالساڭلامۇ مەيلىتى..  چ چ 1595624519
ۋاقتى: 2014-3-29 14:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام نۇردا تۇراتتى بۇ تېما، تىما مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
ۋاقتى: 2014-3-29 14:44:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.3 بىلەن 4.4 نىڭ پەرقى ART
ئەگەر ART بولمىسا 4.4گە كۆتۈرگەننىڭ ئەھمىيىتى يوق
ۋاقتى: 2014-3-29 15:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulla998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 15:30  

مەن  4.3  روت  ئالالمىدىم  شۇڭا  4.4  كۆتۇرەلمىدىم
ۋاقتى: 2014-3-29 18:29:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
l36hدەلXperia Z بۇتېلفوننڭ سېستىمىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بارىلىق ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ سونىنىڭ ئىگە تەرەپ تېلفون سېستىما يېڭلاش دېتالى ئارقىلىق كومپىيوتېردا يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ .
ۋاقتى: 2014-3-29 19:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سونى l36h سېتىلىدۇ بەك پاكىزە بەك ئىشەنچىلىك ھىچقانداق يىرىدە سىم سو يوق پۇلىسى 1800 بولسا بولىدو ئۇندىدار laxkar 13565674362
ۋاقتى: 2014-3-29 21:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدۇق رەھمەت
ۋاقتى: 2014-3-29 22:55:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە كۆپ ھاللاردا تېلېفوننى يېڭىلىغاندا يانفوندىكى ماتىرېياللار يوقاپ كەتمەيدۇ لېكىن ئىھتىيەت قىلغاننىڭ زىيىنى يوق ، مەن بىر ئىشقا ھەيران بۇ سونىي تېلېفونلار بۇرۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرچىنى قۇللايدىغۇ دەيمەن ( ئەلۋەتتە قۇلدا يازغاندەك بولسىمۇ )
ۋاقتى: 2014-3-29 23:24:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimdan يوللىغان ۋاقتى  2014-03-29 14:37:00
بايام نۇردا تۇراتتى بۇ تېما، تىما مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ

كۆزىڭىز بادۇ  نۇر تورى تەرجىمىسى دەپ تۇردۇغۇ كاللىسى بىلەن كۆزى نەگە كىتىدىغاندۇ بۇلارنىڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-30 14:34:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەت يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 18:29
l36hدەلXperia Z بۇتېلفوننڭ سېستىمىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بارىل ...

رەھمەت     ئاۋۇنىڭدەك  مەشغۇلات  قىلسام  无法安装 دەپ   چىقۋالدى يەنە   سىز دىگەندەك قىلىپ  باقاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش