- جۇغلانما
- 329
UID18753
تىزىملاتقان2013-6-18
ئاخىرقى قېتىم2014-9-2
توردا54 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 329
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pidakar048 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-29 13:31
سونىي شىركىتى بۈگۈن يەرشارى مىقياسىدا Xperia Z1 يانفونىنى ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلاش بولىقىنى تارقاتقان. ئىگەللىنىشىچە، Z1 يانفونى بۇ قېتىم ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلانغاندىن كېيىن، سىستېما نەشىر كودى 14.3.A.0.681 بولىدىكەن، يېڭىلانغاندىن كىيىن، ئاندىرويىد نەشىرى 4.4.2 بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلاردا ئىلگىرلەش بولىدىكەن.
ئالدى بىلەن يانفوننىڭ كامىرا ئىقتىدارى يېڭىلىنىدىغان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ۋە فۇكۇس تەڭشەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئوموميۈزلۈك ئىلگىرىلەشلەر بولىدىكەن، قىسقىسى، يېڭىلانغاندىن كېيىن يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
سونىي تەرەپنىڭ دېيىشىچە، Z1 يانفونى بۇ قېتىم ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلانغاندىن كىيىن، يەنە ئېلخەت ئىقتىدارىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچەيتىلىدىكەن، ھالبۇكى سونىي بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان.
ئاخىرىدا، خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، سىستېما ئاندىرويىد 4.4.2 گە يېڭىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭدا ساقلانغان كۆپ قىسىم bug لار تۈزىتىلىدىكەن ھەمدە سىستېمىنىڭ ئومومىي ئىقتىدارى ۋە توك تېجەش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
Z1 ئابونتلىرى سىستېمىدىكى تەڭشەش رايونىدىن «يانفون ھەققىدە»نى، ئاندىن «سىستېما يېڭىلاش» دېگەننى تاللىغاندىن كېيىن، سونىي شىركىتى تارقاتقان يېڭى سىستېما بولىقىنى چۈشۈرەلەيدىكەن.
نۇر تورى تەرجىمىسى
كەچۈرۈڭلار مىنىڭ تىلفۇنۇم l36h ئىدى بۇ Xperia Z1 مۇ ياكىXperia Z بۇرۇن يېڭلاش دىگەننى باسسام مەغلۇپ بولدى دەپ چىقۋالغان بۈگۈن يېڭىلىسام ئىچىدىكى ھۆججەتلەر يۇيۇلۇپ كىتەرمۇ يا تىلفۇنۇم كىسەك بولۇپ قالامۇ ئۆتكەندە فونىت قاچلايمەن دەپ خېتى مۇڭغۇلچىدەك بولۇپ قېلىپ يامان تەستە ئوڭغشىغانتىم لىق بىر نەسە بار ئىدى |
|