ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 793 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • atiyan 2014-6-25 11:20 [ئىنكاس(1)] [...]

    IOS نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كىمدە بار ؟ قالدۇرۇپ قويساڭلار تىلفۇننى تۈرمىدىن قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم .

  • alim09 2014-6-21 13:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار تېلىفوننىڭ تورىنى ئۈستەل كومپىيۇتىرغا قانداق ئۇلايدۇ  بۇ خىلدىكى دەرىسلىك ب...

  • Padichi 2014-6-24 14:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    پىتچىلىك سىكرىپىت كودى : http://url

  • margan_m73 2014-6-29 14:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    رامىزان مۇبارەك

  • ئالىپبەگ 2014-7-9 19:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىچىكىردىن تېلفۇن ئالىمەن دەيدىغانلار ماۋۇنى بىر ئوقۇڭلار: http://url

  • فەخرىي 2014-7-10 11:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەمدى Arduino نىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتىدۇ ، ھەۋەس دېگەنمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن دېسە ....

كۆرۈش: 2035|ئىنكاس: 16

[ھۈنەر] كىندىل ئاققا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-20 22:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كىندىلنى بىلمەيدىغانلار، ئاۋۋال ماۋۇ ئاستىدىكى تىمىلارنى بىر قۇر كۆرۈپ، كىندىل ساۋاتىڭىزنى چىقىرىڭ!
كىندىل
/thread-11710-1-1.html
ئالغان كىندىل كەلدى!
/thread-11567-1-1.html
كىندىل ئاق قەغەز ئىشلىتىش تەسىراتى
/thread-11906-1-1.html
_________________________________________________________________
ئەمدى نەق گەپكە كېلىمىز، قەدەم باسقۇچ تۆۋەندىكىدەك:

1. كىندىل ئاق( ئاق قەغەز يەنى Kindle Paperwhite) نى كومپيۇتېرغا چاتىمىز.
2. ماۋۇ ھۆججەتنى(http://pan.baidu.com/s/1o6O5wfC) پىرىستىن يېشىپ، ئىچىدىكى ئىككى ھۆججەتنى كىندىلنىڭ يىلتىز مۇندەرىجسى يەنى كىندىل كومپيۇتېرغا چىتىلغاندا سەكرەپ چىققان documents ھۆججەت بوغچىسى دېگەن بار بولغان كۆزنەككە قويۇڭ.
3. كىندىلنى قايتا قوزغۇتۇڭ: تەڭشەك(设置) كە كىرىپ، ئوڭ ئۈستى بالداقنى بېسىپ، قايتا قوزغىتىش (重启) دېگەننى بېسىپ، قوزغىلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭ.
4. قوزغىلىپ بولغان كىندىلنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ، ماۋۇ تېكىست ھۆججىتىنى (http://pan.baidu.com/s/1hqJXRJu) كىندىلىڭىزغا قاچىلاڭ ھەمدە كىندىلنى كومپيۇتېردىن ئۈزۈپ كۆرۈپ بېقىڭ.

خۇلاسە ۋە ئەسكەرتىش:
ئۈستىدىكىلەرنى قىلىپ بولۇپ، شۇنى بايقايسىزكى، ئۇيغۇرچە خەت ئەمدى كىندىلىڭىزدا ئەينەكتەك چىقىدۇ، بىراق بىر مەسىلە،  تېكىست ھۆججىتىدە جۈملدىكى خەتلەر سولدىن ئوڭغا چىقىۋالىدۇ. مەسىلەن: مەن بولسام بىر ئوقۇغۇچى دېگەن جۈملە ئوقۇغۇچى بىر بولسام مەن دەپ چىقىۋالىدۇ. بۇنىڭ ئامالىنى مەنمۇ ئىزدەپ تاپالمىدىم، ئەمما تېكىست ھۆججىتى( txt.) تىن باشقا شەكىللەردە بۇ خىل مەسىلە ھەل بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە بىرسى مەن 2 - باسقۇچتىكى ھۆججەت بوغچىسىدىكى fonts دېگەن بوغچىدا پەقەت ئۈچلا خەت نۇسخىسى تەمىنلىدىم، ئەگەر ئۆزىڭىز خالىسىڭىز باشقا خەت نۇسخىلىرىنى ئاشۇ يەرگە قاتسىڭىز ياكى يۇيىۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇ مەشغۇلاتنى قىلىپ بولۇپ، كىندىلنى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنۇتماڭ!

ئاخىرقى تەۋسىيەم، كىندىلنى ئالغان ئىكەنسىز ئوبدان پايدىلىنىڭ، سىزنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىنىڭىزنى كۆرۈپ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار كىندىل ئالسا ۋە شۇ سەۋەپ كىتاب كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-12-20 23:03:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت   

باھا سۆز

ئەرزىمەيدۇ، ئەمما دىۋاندا مەندىن بۇرۇن ئولتۇرىۋاپسىز دە : )  ۋاقتى: 2013-12-20 23:05
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 23:04:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىۋاندا ئۆزۈم ئولتۇراي گەپ بار ئەمەسمۇ

گەپ: كۆپچىلىككە كىندىل توغرۇلۇق پىكىرلىشىدىغان بىر QQ توپى قۇرۇپ قويغان ئىدىم، قىزىقىدىغانلار كىرىپ ئۆز - ئارا پىكىرلەشسەڭلار بولىدۇ. توپ نومۇرى: 175155041
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-12-20 23:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېكىست سولدىن چىقىۋالسا، تېكىست ھۆججىتنى html دەپ ئۆزگەرتىپ ئېچىپ بېقىڭ. بۇرۇن wm يانفوندا شۇنداق بولۇۋېلىپ، تېكىست ھۆجەتلىرىنى html قىلىپ ساقلاپ ئاچسام نورمال كۆرۈنگەن ئىدى.
ۋاقتى: 2013-12-20 23:12:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  يەنە  يېڭىلىقلار  بولسا  يوللاپ  قۇياسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 23:19:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 23:12
تېكىست سولدىن چىقىۋالسا، تېكىست ھۆججىتنى html دەپ ئۆزگە ...

ھازىر سىناپ باقتىم، تېكىست ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلمە نامىنى html  قىلىپ كىندىلغا قاچىلىسام، كىندىل ئۇ ھۆججەتنى تونىمىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا كىندىل رەسمىي html تىلى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەرنىلا تونۇيدىغان ئوخشايدۇ، كىڭەيتىلمە نامىنى ئۆزگەرتىپ قويسا تونىمايدىغان ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2013-12-20 23:19:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
ۋاقتى: 2013-12-20 23:53:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 23:12
تېكىست سولدىن چىقىۋالسا، تېكىست ھۆججىتنى html دەپ ئۆزگە ...

ھە ئالىپكا مەندە بىر كىتاپ بار ئىدى ئۇنى ئاچساملا تور كۆرگۈچتە ئىچىلىدۇ كىتاپ كۆرگۈچتە ئىچىلمايدۇ سىز دېگەندىك html مىكىن مۇشۇنى pdf شەكىلگە ئۆزگەرتكىلى بولامۇ
ۋاقتى: 2013-12-21 00:51:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-21 00:52  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،پىقىرمۇ كىندول ئاق قەغەز ئىككىنجى ئەۋلاتتىن بىرنى ئالغان مەردانجاندىن.بوپ قويىدىكەن،ئاندىن   Dreamcatcher قېرىندىشىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق تونۇتتۇم،لىكىن خەت سولدىن ئوڭغا چىقىۋالغاچقاtxt ھۆججىتىنى باشقا تىپتىكى فورماتقا ئايلاندۇرۇپ باقسا قانداق بولا دەپ سىناپ باقسام بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولدى.يەنى azw3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرساق بولىدىكەن، شۇنداق پېچەت..مانا ماۋۇ يۇمشاق دىتالنى كومپۇتېرغا قاچىلاپ word ياكى txt ھكججىتىنى awz3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىمىزچۈشۈرۈڭ،بۇ دىتالنى كومپۇتېرغا قاچىلىغاندىن كىيىن كىندولنى كومپۇتېرغا چاتساق بۇ دىتال كىندولنى بىۋاستە تونىيدۇ.
ماۋۇ بولسا مەن ئۆزۈم ئايلاندۇرغانawz3 ھۆججىتى،كىندولغا قاچىلاپ كۆرۈپ  باقساڭلار بولىدۇ.چۈشۈرۈڭ
azw3 ھۆججىتىنى كىندولدا خالىغانچە چوڭايتىپ كۆرگىلى بولىدۇ.بىلەلمىگەنلەر ئىنكاس قالدۇرساڭلار ياكى توپقا خەت يازساڭلار بولىدۇ.ھە راسىت،ئۇيغۇرچەword، txt كىتابلار  بولسا چىقىرىپ قويساڭلار،تەڭ بەھىرلەنسەك.   
ۋاقتى: 2013-12-21 01:30:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتايىن. ئۇنى ئالماي يانفۇندا كۆرسە بولىدىغۇ ئانچە ئەرزان نەرسىمۇ ئەمەسكەن
ۋاقتى: 2013-12-21 12:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nur0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 23:53
ھە ئالىپكا مەندە بىر كىتاپ بار ئىدى ئۇنى ئاچساملا تور  ...

بۇ ئاسانغۇ! سىز شۇ تور كۆرگۈدە ئېچىلغان تېكىستنى كۈچۈرىۋېلىپلا word قا چاپلاپ شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ pdf قا ئايلاندۇرىۋالسىڭىز بۇلىدۇ!
ۋاقتى: 2013-12-21 20:58:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت شۇ بىر بەتتىن كۆچۈرەپ چاپلايدىكەنمىز باشقا ئاسانراق ئۇسۇل يوقمۇ بولمىسا مۇشۇندا قىلىپ تۇراي
ۋاقتى: 2013-12-31 03:06:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپ  تورىدىكى بارلىق تىرىشچان جەسۇرانە قېرىنداشلار يوقارقى ئىنكاسلارنى ئەستائىدىل كۆرۇپ چىقتىم ياخشى پىكىرلەر يېزىلىپتۇ كىندول بىلەن يانفۇن ئۇندىنباشقا شەكلى ئۆزگەرگەن ئالما خاتىرە كومپىيوتېرى قاتارلىق ئېلىكتىرونلۇق پايدىلانغۇچلاردا ئوخشىمىغان پەرىق شۇكى يەنى سالامەتلىك بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يۇمران ،ئاسىرامچان قاراكۆزىڭىزنى ئويلاڭ ؟ ئولار ئوتتۇرسىدىكى تەپسىلى پەرىقنى بەيدۇ تورى ئارقىلىق كۆرۇڭ ! مەن كىندول مەھسۇلاتىنى سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىخلاسمەن كىتاپ خۇمارلارھەۋەسكارلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن ...
قىسقىسى مەنمۇ كىتاپ ئوقۇش ھەۋەسكارى كىندولنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىل بولدى ،ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىمالال ھەرخىل خەت نوسخىلېرىدا تۇنۇتۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن .
ۋاقتى: 2014-1-23 00:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ErkinOS يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 03:06
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپ  تورىدىكى بارلىق تىرىشچان ج ...

ئۇنداقتا تېكىست شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىمۇ نورمال تۇنۇتتىڭىزما؟بولسا ئورتاق بەھىرلەنسەك بولاتتى
ۋاقتى: 2014-2-13 17:28:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kindle4 كىمۇ بولامدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش