ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 29

ئالغان كىندىل كەلدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

3

دوست

1387

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
56
جۇغلانما
488
توردا
317 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 21:59:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئوقۇشقا بۇرۇندىن ئىشتىياقىم بار ئىدى. ئەمما مەن ئىچكىرىدە بولغاچ ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق دىيەرلىك، باشقا تىلدىكى كىتابلارمۇ بەكلا قىممەت بولغاچقا ئادەتتە دەرسلىك كىتابلار بىلەن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ كەلگەن. كومپىيۇتېرىمدا پ د ف نۇسخىسىدىكى ئېلكىتابلارنى كۆپىنچە يانفونغا قاچىلىۋېلىپ، 4 سۇڭ ئىكراندا چوڭايتىپ، كىچىكلىتىپ دېگەن قىلىپ، كۆزنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ كۆرۈپ كەلگەن. شۇڭىمۇ سىنىپتا دوسكىدىكى خەتلەر بارغانچە غۇۋا كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتكەن.
ئالدىنقى ھەپتە بۇ يەرگە كىرسەم ئېلېكتىرلىك قەغەز، سىياھ  ئېلكىتابىنى توپ سېتۋالساق...
/thread-11101-1-1.html
ماۋۇ تېما تۇرىدۇ، تازا بىر قارىسام مەردانجاننىڭ ‹ مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بىردىن ئىلىپ قويىشىنى مۇراجەت قىلىمەن،چۈنكى كىتاپ ئەڭ خاسىيەتلىك تۇرمۇش كارتنىسى،500 يۈەن جىق پۇل ئەمەس،بىلىم ئۈچۈن  پۇل خەجلەش مەڭگۈ ئەرزىيدىغان بىر ئىش!› دېگەن سۆزلىرىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ بالىنى ئەسلىدىنلا ھۆرمەتلەيتتىم، مېنىڭچە ئۇ بالا ھەرگىزمۇ ئامباردا بېسىلىپ قالغان كىندىلنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىزگە بۇنى تەۋسىيە قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ، مەردانجاندىن سوراپ كىندىل دېگەن نەرسىنى تېخىمۇ چۈشەندىم.
مېنىڭ بۇ مەھسۇلات توغرۇلۇق تۇنجى ئېرىشكەن ھاسىلاتىم:
كىندىل Kindle بولسا ئامازون شىركىتىنىڭ كىتاپ ئوقۇغۇچ تۈرىدىكى مەھسۇلاتى ئىكەن. بۇنىڭغا ئېلىكتىرونلۇق سىياھ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى قەغەز كىتابلاردىكى سىياھ بىلەن ئوخشاش كۆرۈش ئۈنىمىگە ئېگە ئىكەن. كۆزگە ئارتۇق زېيىنى يوقكەن. پەقەت، كۆز بىلەن ئوقۇغۇچنىڭ ئارىلىقى يىقىن بولۇپ كەتمىسىلا، ياكى يېتىپ تۇرۇپ كىتاب كۆرمىسىلا كۆزگە زىيىنى يوقكەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشاش مەھسۇلاتلىرى بولسىمۇ ئەمما، كىندىل يەنىلا ئىقتىدارىنىڭ يەككىلىكى ۋە كەسىپىيلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن دۇنيا ۋە دۆلەت ئىچى كىتاب ئوقۇغۇچ ساھەسىدە بايراقدار ئورۇندا ئىكەن. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى كىندىل 5 ۋە كىندىل ئاق قەغەز Kindle Paperwhite بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئاق قەغەز نۇسخىسى سېزىمچان يورۇيدىغان ئىكرانلىقكەن. سېزىمچان ئىكرانغا كۆنەپ كەتكەنلەرگە خىل كېلىدىكەن.  كېچىدە، كۈن نۇرى ئاجىز ئورۇنلاردا كىتاب كۆرۈشكە تازا ماس كېلىدىكەن، ئەمما ئازراق قىممەتكەن. باشقا چوڭ پەرق يوقكەن.
بۇلارنى كۆرۈپ راسا ھاياجانلىنىپتىمەن. ياشلىقتا قېنى قىزىق كېلىدۇ دېگەن جىڭ گەپمۇ، ئۇياندىن كۆرۈپ بۇياندىنلا مەردانجانغا دەپ كىندىل ئاق قەغەز  دىن بىرنى زاكاس قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن مال كەلدى. تۆۋەندىكىسى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

IMG_20130530_121845.jpg

مانا ماۋۇ قېپى، مەن ئامراق رەڭدىكەن. ئاقسا

IMG_20130530_121920.jpg

بىللە كەلگەن چاپلاق ۋە چاپان

IMG_20130530_122019.jpg

IMG_20130530_122041.jpg

بىسمىللا دەپ ئاغزىنى ئېچىپ بولۇپلا بىر پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئەمما يامان شاش كۆرۈندى.

IMG_20130530_122221.jpg

دىققەت قىلىدىغان نۇقتا، كىندىل بىلەن بىللە چىققان نەرسە پەقەت بىر تال USB سىملا خالاس. ئەمما مۇشۇ سىم بىلەن توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە ھۆججەتنىمۇ مۇشۇنىڭدا يوللايدۇ.


IMG_20130530_122431.jpg

IMG_20130530_122618.jpg

IMG_20130530_122453.jpg

قوزغىلىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشلەر، ئاۋۇ تىلنى خەنچە قىلىپ تاللىسىڭىز بولىدۇ، ۋاقتىنچە ئۇيغۇرچە يوق ئىكەن

IMG_20130530_213138.jpg


رۇبائىلار دېگەن ئېلكىتاپ، ئەمما سەت ئاقسا چىقىدىكەن خەت، مۇزدەكلا

باشقا رەسىملەرنى تور سۈرئىتى ناچار بولۇپ قېلىپ قەتئىي يۈكلىگىلى بولمىدى، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئانچە كۆپ تارتمىغان

مېنىڭ پىكرىم، كۆپچىلىك بۇ ئوقەتنى ئالساڭلار پۇشايمان قىلمايدىكەنسىلەر، كۆزۈڭلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن بىر ئارامبەخش ئىكران ئىكەن. ئۆزىمۇ شۇنداق يەڭگىل ۋە ئەپچىل ئىكەن. مېنىڭچە، مەردانجان ئېيتقاندەك، ھەر بىر ئۇيغۇر بىرنى ئېلىپ قويسا بولغۇدەك ئوقەتكەن.

ئۈمىدلەن!
www.Umidlen.com

0

تېما

1

دوست

861

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
178
توردا
451 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 23:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىمۇ كۆپ كىتاب كۆرىدىغانلارغا مۇشۇنداق بىر قورال كەم بولسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار kindleدىن بىرنى ئېلىۋېلىپ، ئېلكىتابلارنى قاچىلىۋالىدىغان بولسىزە..
مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا كىتاب كۆرۈش ئۈچۈن ئېلكىتاب كۆرگۈچ سېتىۋالماقچى بولغاندا،ئەمما ئۇچاغلاردا بۇنداق قەغەز ئېكرانلىقلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەبجەق ماركىلىقلىرىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىمۇ 800سودىن كەم ئەمەس ئىدى. كىيىنچە «كىتاب كۆرۈش ئىقتىدارى بولغاندىكىن تاختا كومپيۇتېرلا سېتىۋالمايمۇ» دەپ ئويلاپ 蓝魔ماركىلىقتىن بىرنى نەچچە يۈز سومغا سېتىۋالغان. سېستىمىسى ئاندرويد بولغاندىكىن باشقا دېتاللارنى، ئۇششاق ئويۇنلارنى قاچىلىغۇسى كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىتاب كۆرۈش بىرياقتا قالىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەغەز ئېكرانلىق بولمىغاندىكىن كۆزگىمۇ تەسىرى بولىدىكەن.
ئاندىن كىتابنى كومپيۇتېردىمۇ كۆرسە ئوخشاش دەپ قالماڭلار، كومپيۇتېرنى ئاچقاندىن كىيىن دىققەت چېچىلىدۇ، توربەتلەرنى يوقلاپ چىققۇسى، ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىدۇ. ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ.  كۆپ كىتاب كۆرىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى يەنىلا قەغەز ئېكران.
سۆزلەۋېرىپ مەنمۇ قىزىپ قالدىما، ئىنشائاللاھ كىيىنچە بىرنى ئېلىپ قويمىسام.

9

تېما

2

دوست

1072

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
364
توردا
175 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 00:03:32 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
txt شەكىللىك كىتاپلارنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ،ئۇيغۇرچە نورمالمۇ؟
نەچچە پۇلغا توختىدى بۇ ئوقەت؟
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

5

تېما

3

دوست

1387

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
56
جۇغلانما
488
توردا
317 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 00:14:41 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amir يوللىغان ۋاقتى  2013-6-2 00:03
txt شەكىللىك كىتاپلارنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ،ئۇيغۇرچ ...

تېكىست ھۆججىتىدا ھەرپ بەلگىلەر نورمال. ئەمما جۈملىدىكى سۆزلەر ئەسلى تەرتىپى بويىچە ئوڭدىن سولغا كۆرۈنمەي، سولدىن ئوڭغا كۆرۈلىدىكەن. " ئالدىم كىندىل مەن" دېگەندەك. ئەمما چۈشەنگىلى بولىدىكەن. باھاسى 750 ئەتراپىدا بولدى.

5

تېما

3

دوست

1387

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
56
جۇغلانما
488
توردا
317 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 00:17:41 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hezine يوللىغان ۋاقتى  2013-6-1 23:46
مەنچىمۇ كۆپ كىتاب كۆرىدىغانلارغا مۇشۇنداق بىر قورال ك ...

توغرا، پەد ئالغان كىشىنىڭ ئۇنى بۇنى قىلىپ باققۇسى، ئالىپقا چىقىپ يېڭى ئەپلەرنى قاچىلاپ باققۇسى كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى مۇددىئا: كىتاب ئوقۇش بىر ياقتا قالىدۇ.ئەمما قولىڭىزدا كىندىل بولسا، پەقەت ۋە پەقەت كىتابلا كۆرۈدىكەنسىز، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

32

تېما

3

دوست

3386

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
61
جۇغلانما
1519
توردا
148 سائەت
نادىر
2

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 00:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 欣博阅G6   غا ساتقۇچىغا ئۇيغۇرچە تېكىستنى يوللاپ كۆرسىتىپ باققان، ئوڭدىن سولغا بولۇپ چىقىدىكەن، لىكىن خەت سولغا توغىرلىنىپ چىقىدۇ.

باھا سۆز

qeqnus  ئىمزايىڭىز بەك ئىسىلكەن!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 15:37
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش: پەقەت مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە بولۇش ئەمەس بەلكى پۈتۈن كۆرۈنۈش دوپپا كەيسە، بۇرۇت قويسا، ئوڭدىن باشلانسا ئاندىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئەڭ قول تۇتىدىغىنى كۆرۈنۈش مەسلىسى.

11

تېما

3

دوست

1815

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
770
توردا
99 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 00:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرنى ئالارمەن

8

تېما

6

دوست

1650

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
406
توردا
424 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 09:36:50 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر بۇ كېندىلنىڭ توكى نەچچە ۋاقىت يېتىدىكەن؟ خېلى ئۇزاق يېتەمدىكەن؟

5

تېما

3

دوست

1387

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
56
جۇغلانما
488
توردا
317 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 09:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
romwaz يوللىغان ۋاقتى  2013-6-2 09:36
بۇرادەر بۇ كېندىلنىڭ توكى نەچچە ۋاقىت يېتىدىكەن؟ خېلى  ...

8 ھەپتە دەپ يېزىپتۇ، مەن قارىساممۇ ئاز دېگەندە بىرەر ئاي يەتكۈدەك... مەن خېلى ئىشلەتتىم، توكى ھېچ بىر مىدىرلىغاندەك ئەمەس، يەنىلا ئالغان ۋاقتىدىكىدەكلا تۇرىدۇ
ئۈمىدلەن!
www.Umidlen.com

0

تېما

1

دوست

861

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
178
توردا
451 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 12:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسى 750يۇەنمىكەن؟ ئاۋۇ تېمىدا 550 دەپ يېزىپتىكەن، سىز ئېكرانى يورۇيدىغىنىنى ئالدىڭىزمۇ يە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-13 09:15 , Processed in 0.116902 second(s), 38 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش