|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەرەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-18 00:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر:
مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆزۈم تۈزگەن ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالىنى ئېلىپ كەلدىم. بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى android ئەپنى يېشىپ ئېرىشكەن تىل ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشتۇر.
بىر قانچە كەسمە سۈرەتلىرى:
ئاۋۋال تىل ھۆججىتى تاللاش دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ تىل ھۆججىتىنى تاللاپ ئېلىپ كىرىسىز.
ئىككىنچى قەدەمدە: ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەرجىمە تىلىنى(ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە) ۋە تۈرىنى(ئاساسى رايۇندا ياكى كېڭەيتىلگەن رايۇندا دېگەندەك) تاللاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
تەرجىمە ئاخىرلاشقاندا تەرجىمىگە كەتكەن ۋاقىت ۋە تەرجىمە قىلىش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ شۇ بويىچە كېيىنكى تەھرىرلەش باسقۇچىغا ئۆتسىڭىز بولىدۇ.
خاتا كەتكەن سۆزلەربولسا ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۈزەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر بەزى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بىلەلمەي قالسىڭىز سۆزلۈك ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تەرجىمىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
قانداق؟ ئىقتىدارلىرى كۆپمىكەن؟ نىمە؟ كەمچىلىكى يوقمۇ دەمسىز؟
ئەلۋەتتە بار، ھازىرچە بايقالغان ئەڭ چوڭ كەمچىللىك جۈملە ئامبىرىنىڭ ئاز بولىشىدۇر. بۇنداق دېسەم بۇنى ئىشلەتكەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى دېيىشىڭىز مۇمكىن. لىكىن ئامبىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ يەنە مۇنداق ئىقتىدارىمۇ بار. يەنى تىل ھۆججىتىنى(*.xml) تەھرىرلەيدىغان دېتال ئورنىدىمۇ ئىشلىتىكە بولىدۇ. تىل ھۆججىتىنى تاللاپ بەرسىڭىزلا تەرجىمە قىلىدىغان سۆزنى ئىستونغا بۆلۈپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ سىز ماس قۇرلار بويىچە قوش چېكىپ تەرجىمە رايۇنىدا تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ساقلىۋەتسىڭىز، سىزگە پۈتكەن بىر تەرجىمە ھۆججىتىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق بىر ئىقتىدارنى ئەسكەرتىپ ئۆتىشكە ئەرزىيدۇ. يەنە سىز ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان تىل ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ(ئەلۋەتتە بۇ تىل ھۆججىتىگە ماس خەنزۇچە(ئېنگىلىزچە) تىللىرىنىمۇ تەييارلايسىز.) ئامبار قۇشىۋالالايسىز. بۇنىڭ كېيىنكى تەرجىمىلەردە پايدىسى كۆپ ئەلۋەتتە.
بىز يەنە تەرجىمىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز قەرەللىك ھالدا يېغىلغان ئامبارلارنى تورغا يوللاپ سىزنىڭ چۈشۈرىشىڭىز ئۈچۈن تەمىنلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن پات-پات ئامبار يېڭىلاشنى بېسىپ تۇرۇڭ جۇمۇ؟ (ئەلۋەتتە سېستىما ئۆزىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ)
ئەگەر بۇ دېتالنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىز يولۇقمىغان مەسىلىلەر ئۇچرىسا بۇ تىما ئاستىغا ياكى دېتالدىكى تەكلىپ-پىكىر كۆزنىكىگە ئىنكاس قالدۇرۇپ بىزگە ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. بىز بۇ سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىپ يېڭى نەشىرلىرىنى يوللاپ تۇرىمىز.(نەشىر يېڭىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ يېڭى نەشىرلىرىگە ئېرىشسىڭىز بولىدۇ)
ئاخىرىدا موشۇ دېتالدا تەرجىمە قىلغان ئىككى ئەپنى ھوزورۇڭلارغا سۇنۇش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىنكى تەرجىمە ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
شەرەر ئەپ تەرجىمە قۇرالى(قوشۇمچە ئىككى ئەپمۇ بار)
چۈشۈرۈش1
چۈشۈرۈش2
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 11:43):
دېتالنى چۈشۈرۈپ ئېچىلمىغانلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن .Net2.0 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز نورماللىشىدۇ.
[url=http://www.microsoft.co...
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 11:48):
=http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=1639
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 14:37):
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://xarar.u.qiniudn.com/%D8%B ... %A7%D9%84%D9%89.exe
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 14:40):
چۈشۈرۈش2:http://pan.baidu.com/s/1iWpxC
پارول:h88u
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-19 21:34):
شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالىنىڭ 2.0 نەشىرى چىقتى.
كۆرۈش ئادرېسى: /thread-26512-1-1.html |
-
006.jpg
(279.65 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)
-
010.jpg
(97.68 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)
-
011.jpg
(77.96 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)
-
012.jpg
(76.22 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6)
-
013.jpg
(202.07 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)
-
014.JPG
(78.76 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|