ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2388|ئىنكاس: 32
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىندىل ئاق قەغەز ئىشلىتىش تەسىراتى

11

تېما

131

يازما

647

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1971
ئاقچا
26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dreamcatcher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 21:58  

    ئالدىنقى قېتىملىق ئىككى تېمامدا كىندىل توغرۇلۇق (/thread-11710-1-1.html) ۋە مېنىڭ ئالغان كىندىلىمنىڭ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق (/thread-11567-1-1.html) توختالغان. ئەمدى ھازىر ئاساسلىق قىلىپ مەن ئۆزۈم ئالغان كىندىل ئاق قەغەز نەشرى ۋە ئىشلىتىش تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىمەن.

كىندىل ئاق قەغەز(Kindle Paperwhite): ئامازون شىركىتىنىڭ كىتاپ ئوقۇغۇچ تۈرىدىكى مەھسۇلاتى بولۇپ، بۇنىڭغا ئېلىكتىرونلۇق سىياھ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن . ئادەتتىكى قەغەز كىتابلاردىكى سىياھ بىلەن ئوخشاش كۆرۈش ئۈنىمىگە ئېگە. كۆزگە ئارتۇق زېيىنى يوق. پەقەت، كۆز بىلەن ئوقۇغۇچنىڭ ئارىلىقى يىقىن بولۇپ كەتمىسىلا، ياكى يېتىپ تۇرۇپ كىتاب كۆرمىسىلا كۆزگە زىيىنى يوق. ئاق قەغەز نۇسخىسى سېزىمچان يورۇيدىغان ئىكرانلىقكەن. سېزىمچان ئىكرانغا كۆنەپ كەتكەنلەرگە خىل كېلىدۇ.  كېچىدە، كۈن نۇرى ئاجىز ئورۇنلاردا كىتاب كۆرۈشكە تازا ماس كېلىدۇ.

ئۈستىدە كۆك ئالغان يەرنى كۆرۈپ بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن، شۇڭا ئەمدى مەن ئاشۇ رىۋايەتلەرگە كۆزگە زىيانسىز ئىكران پەيدا قىلغان تېخنىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

faedab64034f78f084122c8079310a55b3191ca3.jpg


ئېلىكتىرونلۇق سىياھ: ئېلىكتىرونلۇق سىياھ بولسا ئىنقىلاب خاراكتىرلىق ئۇچۇر كۆرسىتىش تېخنىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بۇنداق. ئىلىكتىرونلۇق سىياھ ئېكراننىڭ يۈزىدە نۇرغۇن ناھايىتى كىچىك بولغان ‹مىكرو كاپسۇل› بولغان بولۇپ، كاپسۇلنىڭ ئىچىدە مەنپىي توك بولغان قارا دانىچە، ۋە مۇسبەت توك بولغان ئاق دانىچە بار. ئېلىكتىر زەرىتى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئوخشىمايدىغان رەڭدىكى دانىچىلارنى تەرتىپلىك ھالەتتە تىزغىلى بولىدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئاق قارا ئېنىق ئايرىلغان كۆرسىتىش ئۈنىمىگە يەتكىلى بولىدۇ. دېمەك ئادەتتىكى كىتابلارنىڭ سىياھسى باسما ئارقىلىق تىزىلىپ بېسىلغان بولسا، ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇغۇچنىڭ سىياھسى ئېلىكتىر زەرىتى ئارقىلىق تىزىلىدۇ، شۇڭا ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشايدۇ.
    ئېلىكتىرونلۇق سىياھلىق ئىكراننىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى بولسا توك تىجەش، خەتنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، يېڭىلانغاندىن كېيىنكى ھەرپلەرنىڭ تىزىلىشى ئىكراندا ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدۇ، ھەتتا ئاشۇ ۋاقىتتا باتارىيەنى چىقىۋەتسىمۇ ئىكراندىكى خەت يوقاپ كەتمەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇغۇچ سىز كىتاب ئوقۇغاندا توك سەرپ قىلمايدۇ، پەقەت بەت ئۆرۈگەندە ئاندىن توك ئىشلىتىدۇ، شۇڭىمۇ ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇغۇچنىڭ توكى ئۇزاق يېتىدۇ. كىندىل ئاق قەغەزنىڭ توكى ئادەتتە 8 ھەپتە يېتىدۇ دېيىلىدىكەن، مېنىڭچە 8 ھەپتە يەتمىسىمۇ 4~ 5 ھەپتە يېتىشىدە گەپ يوق.

______________________ئىككىنچى بۆلەك_____________________________


ئەمدى ئىشلىتىش تەسىراتىنى يازىمەن. كىندىل مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن پەقەت كىتاب ئوقۇش ئۈچۈنلا چىقىرىلغان مەھسۇلات بولۇپ، قاراتمىلىقى يۇقرىكەن. بولۇپمۇ كىندىل ئاق قەغەزدە سىز پەقەت ۋە پەقەت كىتابلا ئوقۇيالايسىز، ھەتتا باشقا نەشىردىكى م پ 3 ئىقتىدارىمۇ يوق بولۇپ، سىزنىڭ ناخشا ئاڭلىغاچ كىتاب ئوقۇساممۇ بولىدىغۇ دېگەن بىر كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلىدىغان قىلمىشىڭىزغا يول قويۇشنى قەتئىي ئويلاشمىغان. شۇڭا مەندەكلەرگە نىسبەتەن، بۇنى قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ قويسا، كىتاب كۆرمەسلىككە  ئىلاجىڭىز يوق. ھەمدە بۇنىڭدا كىتاب كۆرسىڭىز خۇددى قەغەز كىتاب كۆرگەندەكلا، ناھايىتى بەئەينى، ۋە ئېنىق.
     ئەمما،  مېنى رازى قىلىدىغان بىر ئىقتىدارى بۇنىڭدا لۇغەت ئاختۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئىنگىلىزچە كىتابلارنى ئوقۇغاندا سىز چۈشەنمىگەن سۆزنى چېكىپ بىردەم تۇرسىڭىز، ئاشۇ سۆزنىڭ مەنىسى، خەنچە تەرجىمىسى قاتارلىق نەرسىلەر چىقىدۇ، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان لۇغەتنى ئۆزىڭىز قاچىلىسىڭىز ۋە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە WiFi ياكى 3G تورى بىلەن تورغا چىققىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە تورلاردىن پەقەت نۇر تورىلا نورمال چىقىدىكەن،  مەن بۇنىڭ نېمىشقىلىقىنى بىلەلمىدىم، خەنچە تورلار نورمال، ئەمما مەيلى قانداق تور بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى رەڭسىز، مۇزىكىسىز، سىنسىز. يەنە تور ئارقىلىق ھەر قايسى تور قامۇسلىرىدىن پايدىلانغىلى ۋە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغىلىمۇ بولىدىكەن، ئەمما مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم.
   
______________________ئۈچىنچى بۆلەك_____________________________

ئەمدى كۆپچىلىك ھەممىدىن قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى، يەنى سىناق قىلغاچ تارتقان سۈرەتلىرىمنى يوللاي.

1. ئۇيغۇرچە تېكىست ھۆججىتى ھەرپ بەلگىلەر نورمال كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئەمما سۆزلەرنىڭ تەرتىپى سولدىن ئوڭغا بولۇپ چىقىدۇ،  مەن بۇنىڭ نېمىشقىلىقىنى بىلەلمىدىم، ئەمما بىزمۇ سولدىن ئوڭغا ئوقۇساق بولىدۇ، مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:



2. پ د ف ھۆججىتى، نورمال ئەھۋالدا قاتمايدىكەن، مەن ئەڭ چوڭ بولغاندا 27 م ب لىق خەننامە(ئۇيغۇرچە) دېگەن ئەسەرنى ئوقۇپ باقتىم، بەت ئالماشتۇرساممۇ شۇنداق راۋان، قاتىدىغان ئىش يوق، 20 نەچچە م ب لىق ئۆزلۈك ۋە كىملىك دېگەن ئەسەرمۇ شۇنداق، قاتمىدى، ناھايىتى راۋان. 41 م ب لىق خۇشخەت ئۆگىنىش قوللانمىسىمۇ بەت ئالمىشىشى ئىنتايىن نورمال ھەم راۋان،  ئەمما 57 م ب لىق يېڭى ھېتىت تۈركچە ئۆگىنىش كىتابىنى ئاچسام بەت ئالماشتۇرغاندا 1 سىكۇنتتەك قاتىدىكەن، بۇ بەلكىم ئىنكاس ۋاقتى بولىشى مۇمكىن.











* سۈرەتلەرنى سىفىرلىق ئاپراتتا تارتقاچقا سىغىمى چوڭ بولۇپ قېلىپ، مۇنبەرگە يۈكلىيەلمەي، سىكايجرايىۋغا يۈكلەپ قويدۇم، ئەگەر ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتىن چىقمىسا ئاسىتىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. https://skydrive.live.com/redir? ... ey=!AB_Qto1KSDU9FQA

______________________تۆتىنچى بۆلەك_____________________________

يىغىپ ئېيتقاندا كىندىل ئاق قەغەز نۇسخىسى ئېلىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان مەھسۇلات بولۇپ، مېنىڭ ئۇنى 100 ئۇيغۇرغا ئالغۇزغۇم بار، شۇڭا كۆپچىلىك ئەگەر مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ كىندىل ئالغان بولساڭلار مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭلار، ياكى مېنى ئىزدەپ مەن ئارقىلىق سېتىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ، بۇنى ئالساڭلار پۇشايمان قىلمايسىلەر. ^_^

بۇ تېمىنى يېزىشقا نۇرغۇن ۋاقتىم كەتتى، بولسا دوستلار ئىنكاسىڭلار، باھارىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر، يەنە باشقا سۇئال بولسا مەندىن سورىساڭلار بولىدۇ.
ئۈمىدلەن!
www.Umidlen.com

5

تېما

274

يازما

397

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1547
ئاقچا
0
بالدار ۋاقتى: 2013-6-10 22:29:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭىز ئاللا قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ،رەھمەت !يەنىمۇ تىرىشىڭ مەنمۇ ئۇقۇپ بۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىم كەتتى ھاھاھاھاھاھا

6

تېما

488

يازما

296

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2166
ئاقچا
1
lovever ۋاقتى: 2013-6-10 22:31:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ نەرسىگە قىززىقىپ قېلىۋاتىمەنتىلفۇننىڭ قىممىتىنى ئېلىپ ئويۇن ئويناپ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەندىن كۆرە ئەزانراقىنى ئىشلىتىپ ئاشقان پۇلغا كىندىل سېتىۋېلىپ كىتاپ ئۇقۇساق ياخشى بولغۇدەك باھا جەھەتتە ئوتتۇرا ھاللىرىنى قانچە پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ

12

تېما

174

يازما

407

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1222
ئاقچا
0
amir ۋاقتى: 2013-6-10 22:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنداق ئويلۇدۇم ،،،،بۇنىڭدا خەت نۇسخىللىرىنى ئالماشتۇرىلى بولىدۇ شۇنداقمۇ؟
شۇنداق بولسا مىنىڭچە ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىساق تېكىست ھۆججىتىدىكى ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنۈشى مۇمكىن

22

تېما

830

يازما

827

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3488
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنى

M.islam ۋاقتى: 2013-6-10 22:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lovever يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 22:31
مەن بۇ نەرسىگە قىززىقىپ قېلىۋاتىمەنتىلفۇننىڭ قىممىتى ...


توغرا دەيسىز ،بولۇپمۇ سىياھلىق ئېلىكىتاپ تولىمۇ ياخشى ،ئوتتۇرھاللىردىن kindle5 نىڭ باھاسى 525  ،ئەڭ مۇۋپىق ئوتتۇرا باھا ئىچىدە،ئەڭ ئەرزان باھا بىلەن تەمىنلەپ بىرمىز.

27

تېما

625

يازما

850

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3190
ئاقچا
15
ArpatKurban ۋاقتى: 2013-6-10 23:46:01 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىت ئېسىت… بىر ھەپتە بالدۇر يوللىماي قېرىندىشىم، مەن 1500سومغا خۇاۋېينىڭ تاختا كومپىيوتېرىنى ئاپتىمەن ئەمەسما، ئېسىت 1000سوم…

0

تېما

5

يازما

8

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
29
ئاقچا
0
QQ
Kiss.... ۋاقتى: 2013-6-11 00:35:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بۇرادەر .....   تېخىمۇتىرشڭ.

33

تېما

943

يازما

1192

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4471
ئاقچا
1
سۇبات786 ۋاقتى: 2013-6-11 00:38:22 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەرسىنىڭ خەت نۇسقىسىبى بىر ئالماشتۇرۋەتكىلى بولغان بولسا....كارامەت ئىش بۇلاركەن.

48

تېما

452

يازما

320

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1497
ئاقچا
0
QQ
kokle ۋاقتى: 2013-6-11 00:42:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ تەيدىيەن ماركىلىقتىن بىرنى ئىشلەتكەن. چوڭراق كىتاپلارنى ئوقۇشتا بەك ئاستىلاپ قالاتتى، بەت ئۆتكەندىكى كۆرۈنىشى بەك سەت بولۇپ پەقەتلا يارىمىغان. بىرەر ئايدەك ئىشلىتىپ زىرىكىپ ئەرزانلا سېتىۋەتكەنتىم.  بۇ بەلكىم ھەقىقەتەن ياخشىدۇ. شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپرەك قېرىندىشىمىزنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق كۆپلەپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىغا تىلەكداشمەن.

11

تېما

131

يازما

647

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1971
ئاقچا
26
Dreamcatcher  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-11 01:20:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالماقچى بولغانلار بىۋاستە مەردانجاننى ئىزدىسەڭلارمۇ ياكى مەن ئارقىلىق ئۇ بالا بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ، تىلىفوندا ئۇنى قىلدىم بۇنى كۆردۈم دېگەندىن كىندىلدا كىتاب كۆرگەن ئەۋزەل

11

تېما

131

يازما

647

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1971
ئاقچا
26
Dreamcatcher  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-11 01:23:06 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالماقچى بولغانلارغا يەنىلا كىندىل ئاق قەغەز نۇسخىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن، كىندىل 5 نىڭ چىرىقى يوق، يورۇمايدۇ، ھەم سەزمە ئىكران ئەمەس، كىندىل ئاق قەغەز قىممەترەك بولغىنى بىلەن ئاشۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى بار

15

تېما

699

يازما

649

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4093
ئاقچا
0
veros ۋاقتى: 2013-6-11 01:47:55 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمەدىگەن بىمەنەپاراڭ بۇ.!  ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بىرىش،ھەم ئۆزىنى ئالداش ئىكەن ئۇيغۇرچە تىكىست ئوقۇش.  (بىرىش تەسەللىي ئۆزى ئۆزىگە. بۇ پاراڭ بىمەنە دىگەن نېمە) تىرناق ئىچىدىكىنى سولدىن ئوڭغا ئوقۇڭ.
uqughuchi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
uqughuchi ۋاقتى: 2013-6-11 13:36:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

3

تېما

45

يازما

185

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
751
ئاقچا
0
ablekim1015 ۋاقتى: 2013-6-11 20:16:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قۇشۇپ قويساق بۇلىدۇ ، كۆپ بولغاندا تۆتنى كۈچۈرگىلى بۇلامدىكىن ! ؟

11

تېما

131

يازما

647

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1971
ئاقچا
26
Dreamcatcher  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-12 21:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
veros يوللىغان ۋاقتى  2013-6-11 01:47
نېمەدىگەن بىمەنەپاراڭ بۇ.!  ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بىرىش ...

ئات تاپقىچە ئېشەك مىن دەپتىكەن ئەمدى... ئامال يوق، بولسا يېزىق يۆلىنىشىنىڭ كۆرسىتىلىشى توغرا  بىر تەرەپ قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئۈمىدلەن!
www.Umidlen.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش