چۈشۈرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسى

ئالاھىدىلىكى
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.

ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]

چۈشۈرۈش ئۈچۈن 20 ئىنكاس بار

  1. قۇربان مۇنداق يازغان:

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم ئۇستاز 5.6 نىڭ 5.5 بىلەن قانداق پەرقى بار ؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      5.6 تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى، ئۇ يەنىلا سىناق. ئۇنىڭدا ئەلكاتىپ نامىدا ئىشلەنگەن ئېكران خەت نۇسخىسى بار، قاچىلىغاندا I386 نى تەلەپ قىلمايدۇ. باشقا يەرلىرى ئوخشاش.

  2. شايار مۇنداق يازغان:

    سىلەر قۇرغان توردا بىۋاستە تەرجىمە قىلدىغان تور لوغىتى بېكتىنى قۇرۇپ، بەك ياخشى قىلىپسىلەر.مەن بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلنىپ كىلۋاتىمەن.
    مۇشۇ تور لۇغىتنى تېخمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئويغۇر تىلىدىكى جۈمللەرنمۇ بىۋاستە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغىلى بولدىغان ھالەتكە ئەكەلگىلى بولامۇ؟ مەسىلەن:گوگىل، ياخو، توردىكى بىۋاستە تەرجىمە قىلدىغان تور بېكەتلەرگە ئوخشاش؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ھازىرچە تېخنىكا جەھەتتىن كۆپ قىيىنچىلىق يوق، لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى سېلىشتۇرما جۈملە ئامبىرى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئادەم كۈچى ۋە شۇلار بېرىدىغان زور مەبلەغ كېتىدۇ، لېكىن، ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

  3. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    ئالىمكا، يۇقىرىدىكى يۇمتالنى ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.6 (ھەقسىز) نۇسخىسى دەپسىز لىكىن ھۆججەتنىڭ ئىسمىدا ئەلكاتىپ 5.5 ھەقسىز نەشىرى دەپتۇ. ئىككىسىنىڭ قايسىسى توغرا ؟
    5.6 نەشىرىدە I386 نى تەلەپ قىلمايدىغىنى بەك ياخشى بوپتۇ . ئىلان قىلىنغاندا چوقۇم بىر نۇسخا سىتىۋالىمەن .
    يەنە بىر گەپ، ئەلكاتىپتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگەندە بىر نەچچە كونۇپكىنى باسقاندا شۇ ھەرپ بىلەن باشلانغان سۆزلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەسىلەن خەنزۇچە كىرگۈزگۈچلەرگە ئوخشاش.
    ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارلار قوشۇلسا تىخىمۇ قولايلىق بولغان بولاتتى.
    شىفىتنى بىسىپ تۇرۇپ ل نى بىسىپ لا نى چىقارغاندەك قولايلىق تىزلەتمىلەرمۇ بوپ قويىدۇ.
    ئاتىكاچىلىق قىلدىممۇڭ قانداق ؟

  4. comlar مۇنداق يازغان:

    ئۇستام ، توردىكى لۇغەتكە ، بىۋاستەئۇيغۇرچە كىرمەمدۇ نېمە ؟

  5. خەمىت مۇنداق يازغان:

    سىلەر قۇرغان توردا بىۋاستە تەرجىمە قىلدىغان تور لوغىتى بېكتىنى قۇرۇپ، بەك ياخشى قىلىپسىلەر.مەن بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلنىپ كىلۋاتىمەن.بولسا مۇشۇجەھەتتە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالامسىز.

  6. شاھدىيار مۇنداق يازغان:

    مەن ئىزچىل ئەلكاتىپ خەت نۇسخۇللىرىنى ئشىلىتىۋاتىمەن.بۇ جەھەتتىن سىزگە ئالاھىدە تەشەككۇر بىلدۈرىمەن.

  7. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    ئالىمكا ياخشىمۇسىز، بىر مۇھىم ئىش بار چوقۇم جاۋاپ قايتۇرشىڭىزنى ئۇمۇت قىىلىمەن .

    نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاددىلاشتۇرۇپ ،A نى باسسا ئا ،H ى باسسا خ ،F نى باسسا ف چىقىدىغان ، دېمەكچى ئۇقۇلۇشى لاتىنچىغا يېقىن ھەرىپلەرنى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۇقۇلۇشى ئوخشاش ياكى يېقىن كۇنۇپكىلارغا ئورناتماي ، ھازىرقىدەك مۇرەككەپ قىلىمىز ؟ بۇ تېخنىكىدىكى مەسلىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟ ئاددىلاشسا ، ئۇگەنگۈچىلەرگە قولاي بولسا ، ئىشلىتىش ئەپلىك بولسا ، ئۇنۇم تېزلەشسە ياخشى ئەمەسمۇ ؟
    نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋە غەيرى بوپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ………
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
    مۇمكىن بولسا سوۋگوۋ پىنيىنچە كۈرگۈزگۈچىسىگە ئوخشاش ئىقتىدار ھازىرلانسا دەيمەن . قولايلىق بولار ئىدى .

    جاپا چەكتىڭىز ئالىمكا . سىزنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      مۇشۇ ئىش توغرىسىدا 3 يىل ئىلگىرى بىلىك مۇنبىرىدە رەسمىي تالاش-تارتىش بولغان ئىدى، بۇ ئىشنىڭ خۇلاسىسىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتسام، گەرچە ئىلگىرىكى ئۆلچەمدە بىر قىسىم ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەم ئومۇملاشقانلىق سەۋەبىدىن ئارتۇقچىلىقى كۆپرەك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، شۇڭا،
      بۇرۇنقى ئۆلچەمنى ئەمدى بۇزمايلى، كۆنەلمىگەنلەر Microsoft Keyboard Layout Creator دىن پايدىلىنىپ، 5 مىنۇت ئىچىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كۇنۇپكا لايىھىسىنى ياساپ چىقالايدۇ.

  8. ئۇيۇشقاق مۇنداق يازغان:

    ياخشىكەن ، مەن قاچىلىۋالدىم ، ئەجرىڭلارغا رەھمەت ! اللە تېخىمۇ بەركەتلەرنى بەرسۇن ! بولسا ئىسلامىي دېتاللارنى ياساپ توردا ھەقسىز تارقاتساڭلار ، ( مەسلەن : ئۇششاق – چۈششەك دېتاللار ، تېلفۇن دېتاللىرى دېگەندەك )
    بۇ پەقەت مۇنداقلا دەپ باققان گەپ جۇمۇ ، ئىنكاس بىلەن ئۇرماڭلار بەزى ‹ ئۇيغۇر › لار

  9. ئابدۇرەھىم ئابدۇقادىر مۇنداق يازغان:

    ئالمكا ياخشمۇ سىز….مەن تىلىۋىزىيە ئىدارسىدا تەرجىمانلىق قىلىمەن…. بەزى خەۋەرلەرنى تىلىۋىزۇردا بىۋاستە تارقاتقانلقتىن ئىملا خاتالىقىغا قاتتىق دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ….بۇرۇن سىزنىڭ ئىملا توغرلايدىغان بىر دىتالڭىز باردەك قىلاتتى،،،ھازىرمۇ بارمۇ،،،،قانچە پۇل؟
    مۇشۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن بولسڭىز ،،،؟
    رەخمەت

  10. ئەيساجان مۇنداق يازغان:

    مەن ئەلكوررىكتور سېتىۋالاي دىگەن، قانداق سېتىۋالىمەن؟ ئۇيغۇر سوفىت تور بىتى نىمىشقا
    ئىنگىلىزچىلا كۆرۈنىدۇ؟ سىزنىڭ بۇ تور خاتىرىڭىزگە ئىنكاس يازاي دىسەم نىمىشقا خەتنى باشلاپ بولغىچە
    خەتنىڭ بېشى ئىكراننىڭ ئوڭ تەرىپىگە كىرىپ كىتىپ كۆرگىلى بولمايدۇ؟ (شۇڭا بۇ خەتنىڭ بېشىدا بوش ئورۇن بار)

  11. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    ئالىم مۇئەللىم، ئالدىنقى يىللاردا «ئۇيغۇر سوفت ئەلكوررېكتورى»نى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ، خېلى مەنپەئەتلەنگەنىدىم، لېكىن كومپيۇتېر يېڭىلاش سەۋەبىدىن( ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېرغىمۇ قاچىلىۋاتكەنلىكىم ئۈچۈن) قايتا قاچىلىيالماي، بىر ياخشى دېتالنى ئۆيدە ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قالغانىدىم. يەنە بىرنى سېتىۋالاي دېسەم قەشقەردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. بۇ دېتال ماڭا بەك ئەسقاتقانىدى. ماڭا يەنە بىر نۇسخا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىلەرمۇ؟( يېڭى نۇسخىسىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئېنىقىنى دېگەندە، قاچانراق چىقار؟بولسا شۇ يېڭى نۇسخىسىنى سېتىۋالغان بولسام)

  12. ئەنىشتە مۇنداق يازغان:

    ياخشمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم…. نىمە ئۈچۈن مۇشۇ كىيىن چىققان كىرگۈزگۈچلەردە ئۇيغۇر ۋە كىڭەيتىلگەن ئۇيغۇر دەپ ئىككى خىل چىقىدۇ؟؟؟ پەرقى نىمە؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئاساس، يېزىق بىر تەرەپ قىلىش قوشۇمچە بولغاچقا، ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە نەشىردىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىدا ھەرپلىرى ئورنىغا ئاساسەن شەكىل ئۆزگەرتىپ يېزىلىدىغان يېزىقلار مەسىلەن: ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە،…دېگەندەك مۇرەككەپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلمىغان، شۇڭا، بۇلاردا ئۇيغۇرچىنى راۋان بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى باش، ئوتتۇرا، ئاياغ ۋە يالغۇز دېگەندەك شەكىللەرگە ئۆزگەرتىپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، كۆچۈرۈپ چاپلىساق، ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىگە يەتكەن بولىمىز. شۇڭا، مۇشۇنداق ئايرىم قورال لازىم بولىدۇ،

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: