تۈرمىدىن قېچىش بەشىنچى بۈلۈم ھەققىدە
تۈرمىدىن قېچىش مايكولنىڭ ئۆلۈمى بىلەھن ئاياغلاشقاندىن كىيىن كۆرەرمەنلەرنى بىئارام قىلدى. ئەقىللىق، ۋاپاردار، كىلىشكەن 84 قىسىم فىلىمدە بىرمۇنچە جاپا تارتقان بىر قەھرىماننىڭ ئاخىردا ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يىتەلمەي بىئەجەل ئۆلۈپ كىتىشنى مەستانىلەر قۇبۇل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن شىركەت مەستانىلەرگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن بەشىنچى بۈلۈمدىن توققۇز قىسىم ئاجرىتىپ مايكولنى تىرىلدۈرۈپ ئەكىلىپ بەردى ۋە بۇ توققۇز قىسىمدىن پايدىلنىپ بىر تۈرمىدىن، بىر دۆلەتتىن قېچىپ، بىر تەشكىلاتنى بىتچىت قىلىپ، بىر نەچچە كاتتىباشنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىگە سۇلىتىپ مايكولنىڭ سالاھىيتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەستانىلەرنىڭ شىرىن چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردى.
تۆۋەندە فىلىم ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىمىز
فىلىمنىڭ ئارقا كۆرنىشى
كۆپچىلىككە ئايانكى ھازىر دۇنيا ۋەزىيتى ئىنتايىن قالايمىقان، ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.
ۋېيشىندا تارقالغان ھېلىقى« بىز تىنىچ ۋاقىتتا ئەمەس بەلكى تىنىچ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز» دىگەن گەپتىكىدەك ھۈكۈمەتنىڭ تىنىچلىق ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن ھېچنىمىدىن بىخەۋەر، خاتىرجەم ياشاۋاتقىنىمىز بىلەن سىرت ئۇنچىۋىلا تىنىچ ئەمەس.
فىلىمدە ئۇرۇش ئوتىدا قالغان يەمەننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىش بىلەن بىزگە بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچى« تىنىچلىق ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ، يەمەندەك گۈلخاننىڭ مەركىزىگە ئايلانغاندا، تىنىچلىقنى قان-ياشلار بىلەنمۇ قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىن ئەمەس».
ۋەتەن ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرۋاتىدۇ. فىلىمدە بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئىسلام»، «مۇسۇلمان» دىگەن ناملارنى سۈي ئىستىمال قىلىپ كۆزىگە سىغمىغانلارنى قىرغىن قىلىپ ماڭىدىغان جاللاتلاردىن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىمۇ كۆرۈلگەنلىكتىن ھۈكۈمەت ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، خەلقنىڭ تىنىچلىقى، سىرتتا يامىراۋاتقان ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تۇتىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرخىل دانا تەدبىرلەر ئارقىلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەربىر پۇقرا، ھەربىر تىنىچلىقنى سۆيگۈچى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئارقا كۆرنىشىدىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە دۆلەتنىڭ بىزنى نىمىدىن قوغداۋاتقانلىقىنى، نىمىدىن ئاگاھلاندۇرۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تازىلاۋاتقان ئەسەبىىي ئىدىيەنىڭ نەتىجىسىنى ئۇبدان بىلىۋېلىشى كىرەك. شۇنداقلا ھۈكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ھەربىرەيلەن ئۆز ھەركىتى بىلەن قوللىشى كىرەك.
ئۇنداق بولمايدىكەن ھەربىرەيلەننىڭ ئائىلىسى، تۇرمۇشى، كەلگۈسى مەزكۇر فىلىمدىكى يەمەننىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
فىلىمىدىكى شەخىسلەر
فىلىمنىڭ باشلىنىشىدىلا تى بەگ ۋە لىنكىنلار بىلەن باشلىنىدۇ. ئىھتىمال بۇلار كۆرەرمەنلەر ئەڭ كۆپ سېغىنغان كىشىلەر بولسا كىرەك. كەينىدىن سارا ۋە سۇكرى، كىللىرمەن، فىلەنكىن قاتارلىقلار كۆرۈندى بۇ يەردە تى بەگ، سۇكرى، كىللىرمەنلەرنىڭ فىلىمدە ئانچە رۇلى يوق ئاتايەن فىلىمگە سۆرەپ كىرىشتە بىرى مەستانىلەرگە ئۆتمۈشنى بىر ئەسلەپ بەرمەكچى يەنە بىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا كىرەك.
بۇ يەردە توختالمىساق بولمايدىغان بىر شەخىس فىلەنكىن دەسلەپتە مۇسۇلمان ئوبرازىدا كۆرسەتكىنىدە ھەيران بولغان ئىدىم. ئەمما كىيىن يەمەن ۋەزىيتىگە باشلاپ كىرگەندىن كىيىن فىلەنكىننى مۇسۇلمان ئوبرازىدا كۆرسىتىشنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ھەقىقىي مۇسۇلمان ۋە ئىسلام بىلەن جاھاننى قالايمىقان قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلماننىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
فىلەنكىن بىر مۇسۇلمان، ئۇ قىرغىنچىلىقتىن يىراق، زوراۋانلىقتىن يىراق، ئايرىمچىلىقتىن يىراق. ئىبادەت ۋە بەزى كىيىملەردە ئازراق پەرىقلەنگەندىن باشقا ھەممە تەرەپتە ئەتىراپتىكىلەر بىلەن ئوخشاش تىنىچلىقنى سۆيىدۇ، قېرىنداشلىرىنى سۆيىدۇ، ۋەتەننى ھىمايە قىلىدۇ. ئوخشىمىغان ئىتىقاد، ئوخشىمىغان، ئۆرۈپ-ئادەت، ئوخشىمىغان قاراشلار ئارا ئىتتىپاق بۇلۇپ ئۆتەلەيدۇ. مانا بۇ بىز بىلىدىغان، پارتىيە قوغدايدىغان، تەلەپ قىلىدىغان دىن، مۇسۇلمان ۋە ئىسلام. ئەمما، تۈرمىدىكى ئەبۇ رەمال ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكىلەر بولسا دەل پارتىيە بىزنى قوغداۋاتقان ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغانلار بۇلۇپ بۇنداق ئىدىيە بىز قورقىدىغان ئەيدىز ۋە باشقا يۇقۇملۇق كىسللەردىنمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى بۇلار كۆزىگە سىغمىغانلارنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمان نامى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ، كۆيدۈرىدۇ، ۋەيران قىلىدۇ. ھېچقاچان قۇلۇم خوشنا، ئۇرۇغ-تۇققا، قەۋىم-قېرىنداش دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ.
بىز چۇقۇم بۇ زىل ۋە ھالقىلىق ۋەزىيەتتە مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، ئىتىقادىمىزنى ئىنىق قىلىپ ئەسەبىىي ئىدىيە بىلەن بولغان پەرقىمىزنى ئىنىق ئايرىپ، پارتىيەنىڭ تازىلاش ۋە قۇتقۇزۇش ھەركەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزىمىزنىڭ تىنىچلىقنى، ۋەتەننى، قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيىدىغان، يۇرتىمىزنى قوغدايدىغان پارتىيەنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى بەجاندىن ئورۇنداپ ئۆزىمىزنىڭ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردىغان تىنىچلىق پەرۋەر كىشىلەر ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كىرەك.
فىلىمدىكى فىلەنكىن بىلەن ئەبۇ رەمالنىڭ تۇتقان يۇلىنى ئىنىق ئايرىپ يۇلىمىزنى توغۇرلىشىمىز ۋە چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۈرىشمىز كىرەك.
پۈتۈن دۇنيا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەبۇرەمالدەك كىشىلەر ئەمەس بەلكى فىلەنكىن دەك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك. شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئۇرۇش ئۇتىدا كۆيۈپ كۈل بولىدىغان ئىككىنچى يەمەن ئەمەس بەلكى ئىككىنچى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ دەك تەرەققىي قىلغان، مەدەنىي، باي، ئىناق يۇرت بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كىرەك.
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى
فىلىم گەرچە توققۇز قىسىمدا تاماملانغان بولسىمۇ ئەمما ۋەقەلىكنى ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرغان. فىلىمنىڭ بىرىنچى بۈلۈمىدە تۈرمىدى قېچىپ، ئىككىنچى بۆلۈمدە شەھەردىن قاچقان ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى بۆلۈمدە بىر تەشكىلاتتىن قاچقان دىمەك بۇرۇن بۇلارغا 84 قىسىم ئىشلىگەن بولسا ھازىر بىر تۈرمە، بىر دۆلەت، بىر تەشكىلاتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توققۇز قىسىملا كەتكەن. دىمەك فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن زىچ بۇلۇپ بىزنىڭ تىلىمىزدا ھەپەل-تۇپۇل تاماملانغان بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇكى بۇ فىلىمدىن كىرىم قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان پەقەت يەتتە يىلدىن بىرى ئۇنتۇلمىغان مايكولنى تىرىلدۈرۈپ ئەكىلىپ بىرىش ئارقىلىق مەستانىلەرگە جاۋاپ قايتۇرغان.
قانداقلا بولمىسۇن فىلىمىنى تاماملىدۇق ئەمدى ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك جايلاردىن ئىبرەت ئېلىش، قەدىرگە يىتىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە يىتىشىمىز كىرەك
|