لۇك گوس، ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق كىنو-فىلىم ئاكتىيورى. ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇ بىر ناخشا چولپىنى ئىدى، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن كىنو ساھەسىگە قاراپ يۈزلەنگەن. 2002-يىلى Blade 2 دە نومانىڭ رولىنى ئالغان، مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ھوللىۋود ھەرىكەتلىك فىلىم چولپانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

  خەنچە تەرجىمە نامى: 鲁克•高斯
نامى: Luke Goss
تۇغۇلغان جايى: ئەنگلىيە لوندون
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1968.9.29
قان تىپى: A
يۇلتۇز تۈركۈمى: مىزان
بوي ئېگىزلىكى: cm185

  ئائىلە كۆرۈنىشى:
  Luke Damon Goss 1968-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كېچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككى ئاي بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانكەن. 11 مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ قوشكېزەك ئىنىسى Matt مۇ ئەنگلىيەنىڭ Lewisham دوختۇرخانىسىدا كۆز ئاچقان.
  Matt بىلەن ئۇ 5 ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن.

  سەنئەت ھاياتى
  لۇك گوس باشقىلارغا كىنو ئارقىلىق تونۇلغان، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بۇرۇن ناخشىچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. 1987-يىلى ئۇ قوشكېزىكى مات گوس ۋە كەرگ لوگېنلار بىلەن بىرلىكتە «قېرىنداشلار» ناخشا گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. «قېرىنداشلار» ئۆزلىرىنىڭ «مەن ساڭا قەرز ئەمەس»، «مەن نام چىقارغدا» قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلىرى بىلەن ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە نام چىقارغان! ئۇلار 80-يىللاردىكى ياۋروپا ئون چوڭ گۇرۇپپىلارنىڭ بىر ھېسابلىنىدۇ. 90-يىللارغا كەلگەندە، «قېرىنداشلار» ئەزالىرى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، لۇك گوسمۇ كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان، مات گوس بولسا داۋاملىق مۇزىكا يولىغا ماڭغان.
  2002-يىلى لۇك گوس «قىلىچۋاز جەڭچى 2» فىلىمىدە نومانىڭ رولىنى ئېلىپ ھوللىۋود ھەرىكەتلىك چولپانلار قاتارىغا كىرگەن.
2004-يىلى جېن زى دەننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن لۇك گوس ياڭ زى چىيوڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ «بۈركۈت ئايال پالۋان» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭدا چوڭ سەلبىي پىرسۇناژ «بۆرە»نىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.
2005-يىلى سامىيۇل جاكسېن بىلەن ھەمكارىلىشىپ «باتۇر رازۋېتچىك» فىلىمىدە رول ئالغان.
2008-يىلى قويۇلغان «دوزاخ ئوغلى 2: ئالتۇن ئارمىيە» دە لۇك گوس رەزىل نادا شاھزىدىنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىمدە قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ماھارەت كۆرىنىشى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بوشلۇقتا 360 گرادۇس پىرقىراشتەك ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۇ ئۆزى تاماملاپ، ماھارەت ئاساسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى نامايان قىلغان.
2009-يىلى، لۇك گوس ئويۇندىن ئۆزگەرتىلگەن چوڭ فىلىم «تۆمۈر مۇشت»نىڭ كىنو نۇسخىسىدا سىتىف فوكسنىڭ رولىنى ئوينىغان.

ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى:
«ھالاكەتلىك ئۇچار ماشىنا 3: دوزاخ يالقۇنى»
«كەسپىي قاتىلنى زىيارەت قىلىش» (2012)  
«ھالاكەتلىك ئۇچار ماشىنا 2» (2010)
«دوزاخ ئوغلى 2: ئالتۇن ئارمىيە» (2008)
باشقا رەسىملەر كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار5

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
759705020 ۋاقتى: 2013-11-19 21:08:50 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  ئاداشمۇ  خېلى ياخشى ئىشلەپ قۇيىدۇ  كىنو   جۇمۇ        .. ....................  رەھمەت :)
يىكەنداز
سۈرخان ۋاقتى: 2013-11-20 14:06:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كاساپەت، ما ئاداشنىڭ كىنولىرىنى ئەمدى كۆردۈممىكىن دېسەم، بۇرۇن خېلى كۆپ كىنولىرىنى كۆرۈپتىكەنمەن来自: Android客户端
گېلەم
BlacK ۋاقتى: 2013-11-20 15:12:43 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇنىڭ «ھالاكەتلىك ئۇچار ماشىنا 2» بۇ كىنوسىغابەك ئامراق!!!!!!!!!
كىگىز
بۆرەخان ۋاقتى: 2013-11-20 17:51:53 | ئايرىم كۆرۈش
كەلگۈسدە توغولامدۇ يە ؟ تۇغۇلغان ۋاقتىنى قايتا تەھىرلەپ قويسىڭىز قان تىپىنىڭ ئۈستىدىكى يازغىنىڭىزنى
ئورۇندۇق
قوشماق ۋاقتى: 2013-11-21 13:47:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۆرەخان يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 17:51
كەلگۈسدە توغولامدۇ يە ؟ تۇغۇلغان ۋاقتىنى قايتا تەھىرل ...

1968-يىلى9-ئاينىڭ 29-كۈنى دەپتىغۇ.؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1