ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

رىئال مۇھەببەت ھېكايىسى ---گۇگۇم ۋاقتى(2-قىسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدىنقى ھېكايىمىز جېسسى بىلەن سېلىيىن 6 ئايدىن كېيىن كۆرىشىدىغانغا ۋەدىلىشىپ تۈگىگەنىدى. ئەمدى بىز شۇ ھېكايىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.

توققۇز يىلدىن كېيىن ، پارىژ


جېسسى: تويۇم بولىدىغان شۇ بىر نەچچە ئاي جەريانىدا ئىزچىل سىزنى ئويلىدىم، مەن دېمەكچى ، چېركاۋغا يولغا چىققان ۋاقتىمدا، ماشىنىدا كېتىۋاتقان، ئىزچىل سىزنى ئويلىدىم،  ئاندىن چېركاۋنىڭ يېنىدا سىزنى كۆردۈپ دەپ ئويلىدىم. سىز 13-كوچا بىلەن تىياتىرخانا ئارلىقىدىكى يولدا كۈنلۈك تۇتقىنىڭىزچە تۇرۇپسىز، شۇنداق ، مەن ئۇنى سىز شۇ دەپ ئويلىدىم، بۇمېنى بەك ئازابلىدى.


سېلىيىن:مەلۇم مەنادىن ئېيىتقاندا مەندىكى پۈتۈن رومانتىكىلىق ھېلىقى كېچىدە ئۆلۈپ بولغانىدى.مەن بەلكىم ئەمدى مەڭگۈ ئۇنداق ھېسىياتتا بولمايمەن دەپ ئويلىدىم ، نېمىشقىكىن سىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كېچە مېنىڭ پۈتكۈل ھېسىياتىمنى  ئىپادىلەپ بولغاندەكلا، لېكىن سىزنىڭ كېتىشىڭىز بىلەن ھەممە بىرگە كېتىپ قالدى،مەن ئۆزۈمنى ئەمدى مۇھەببەت ماڭا مەنسۇپ بولمايدىكەن دەپ ئويلىدىم.




توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار توققۇز يىل ئالدىدىكى ھېلىقى ۋەدىسىنى ئۇنتۇشۇپمۇ كەتكەنىدى، جېسسى ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پارىژغا كەلدى. ئۇ كىتابىغا سىلېيىن بىلەن  ۋېيىنادا ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىر كۈننى يازغانىدى، كىتاپ ئىنتايىن بازار تاپقاچقان جېسسى نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن پۈتۈن ياۋروپادا ئايلىنىپ  تەشۋىقات ئىمزا قويۇش پائالىيىتى قىلدى.   پارىژ بېكىتىدا ، ئۇ  پائالىيەت ۋاقتىدا  تونۇش بىر چىراينى كۆرۈپ قالدى، توغرا ، ئۇ دەل سېلىيىن ئىدى



جېسسىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىپ پارىژدىن ئايرىلىدىغىنىغا پەقەت ئىككى سائەت ۋاقىت قالغان ئىدى. ئۇلار كۆرۈشۈپلا  خۇددى بۇرۇنقىدەك  قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.  ھەر ئىككەيلەننىڭ تەقى تۇرقىدا ئۆزگۈرۈش بار، ئۇلار ئەمدى ھېلىقى جەمىيەتكە ئەمدى چىققان جېسسى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان سىلېيىن ئەمەس ئىدى.  ئۇلار ئۆتكەن 9 يىلدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتتى... جېسسى  توي قىلىپ  بىر ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولغانىدى. سىلېيىن تېخى ھازىرغىچە توي قىلىپ بولالمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە مۇھەببەت ئەمدى مەۋجۈت بولمايدىغاندەك،  تۇرمۇشىنى  خالىغان بىرسىگە تاپشۇرۇپ نابۇت قىلىشنى خالىمايدىغاندەك ..... دەل مۇشۇ جايدا  يازما بېشىدا بېرىلگەن بايىقى دىئالوگ چىقىدۇ... جېسىمۇ توي قىلىش ئالدىدا  ناھايىتى ئىككىلەنگەن ئىدى،




سىلېيىن خىجىل بولغان ھالدا جېسسىدىن ھېلىقى يىلى دېكابىردا ۋېيىناغا بارغان بارمىغانلىقىنى سورىدى، جېسسى  دەسلەپ بارمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىر ئاددىيلا  ، ئالدىراقسانلىقتا ئوتتۇرغا چىقىپ قالغان  ۋەدە ئىكەنلىكىنىنى  ئېيتىپ سېلىيىنغا تەسەللى بېرىدۇ،   سېليىن  جېسسىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئازراق تەسەللى تاپىدۇ، چۈنكى  ئۇ مومىسىنىڭ  ئۆلۈمى سەۋەبلىك ھېلىقى دىكابىردا ۋېيىناغا جېسسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارالمىغانىدى. ئارقىدىنلا جېسسى شۇ يىلى ئۆزىنىڭ بارغانلىقى، دوسىتلىرىنىڭ ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ ئەخمەق دەپ زاڭلىق قىلىشى بىلەن كارى بولماي ۋېيىناغا كېلىپ سېلىيننى ساقلىغانلىقىنى ، ئاخىرى ئۇ ئىككىسى بىرگە بارغان بارلىق جايلارغا بېرىپ تېلفون نومۇرى ۋە شەرتلىك بەلگىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ.   ئۇ سېليىننى چوقۇم كېلىدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى ، كېچىكىپ قالسا  ئاشۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئالاقىلىشالايمىز دەپ ئويلىغانلىقىنى دەپ  بېرىدۇ، لېكىن جېسسىدا ئازراقمۇ  سېلىيىندىن ئاغرىنىش ھېسىياتى يوق بولۇپ ، ئۇلار يەنە شۇنداق ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭلىشىپ ماڭىدۇ.




جېسسى توي قىلىپ بولغانىدى ، سېلىيننىڭمۇ ئوغۇل دوستى بار.  9 يىل دىگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگۈرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تاشقى قىياتىمۇ ئۆگەرگەنىدى. لېكىن ئۇلار ئارىسىدىكى ھېلىقى پاراڭلار يىپيىڭى ، شۇ پېتى تۇرغاندەك   قەدەملەر توختىماستىن، پاراڭلار تېخىمۇ توختىمىدى. ئۇلار قەھۋە ئىچىىپ بولغاندىن كېيىن سېنا دەرياسى بويىغا كېلىشتى، كەچكى شەپەق ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە جۆر بولىۋاتقاندەك پارلاپ تۇراتتى
ئەگەر بىراۋنى سۆيسىڭىز ئۇنىڭ قولىنى قويىۋەتمەڭ ، تەقدىر خۇددى جېسسى بىلەن سېلىينىغا بىر چاقچاق قىلغاندەكلا،   قايتا ئۇچرىشىش بىرخىل شىرىن ھەم ئازابلىق  تۇيۇلدى، سېليىن  ئويلايىتتى، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ۋېيىناغا بارغان بولسام ئىشلار باشقىچە بولار ئىدى دەپ .. شەپەق نۇرى ئاستىدىكى پارىژدا قايتا ئۇچرىشىش، بىرخىل  تەشۋىشلەر ئارلاشقان ھېسىيات، قاراڭغۇلۇقتىكى بىرخىل ئۈمۈدتەك يېقىن كەلگىلى بولمايىتتى، بىز دائىم قەلبىمىزدە توغرا بىرىگە ئۇچرىدىم دەپ ئويلاپ  قارشى تەرەپ تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ قالىمەن دەپ ئويلاپ  قالىمىز، لېكىن بىز ھەرزامان  ۋاقىت تەرىپىدىن ئەخمەق بولىۋاتقانلىقىمىزنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز...



جېسسى بىلەن سېلىيىن قىزغىن پاراڭلىرى بىلەن سېلىيننىڭ ئۆيىگە كەلدى، جېسسى سېلىينغا ناخشا ئېيتىپ بېرىڭ دېدى، سېلىين گىتتارنى قولىغا ئېلىپ  «گۇگۇم پەردىسىدىكى ۋالىس» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بەردى،  ئۇلار تۇيۇقسىز  9 يىل ئىلگىركى نەرسىسىسنى تېپىۋالغاندەك، ھېلىقى يۈتتۈرۈپ قويغان گۈزەل ئەسلىمىسىنى تېپىۋالغاندەك ھېسىياتتا بولۇشتى.  بۇ ۋاقىتتا جېسسىنىڭ ئايروپىلانى ئۇچىدىغانغا پەقەت 20 مىنۇت ۋاقىت قالغان ئىدى.  سېلىين ئۇنىڭغا ئايروپىلان ۋاقتىنى ئەسكەرىتتى، بىراق  جېسسى بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى  ئەڭ مۇھىم  بىر قېتىملىق سەپەردىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ    سېلىيىنغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.



مۇھەببەت بىر ئاجايىپ نەرسە ، بەزى كىشىلەر پۈتۈن ئىشقى بىلەن ئۇنى قوغلاشسا، بەزىلەر  ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرىدۇ ، لېكىن مەيلى ئالدىنقى خىلدىكى كىشى ياكى كېيىنكى ئادەم  بولسۇن ھەممىسى يېڭىلىدۇ،  قارىماققا خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دىن بولغان جېسى ۋە سېلىيىنمۇ شۇنداق  .  مۇھەببەت ئاخىرىغا كەلگەندە ، كۆپ ھاللاردا ۋاقىت ۋە رېئاللىققا  ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.



ياش ۋاقتىلاردىكى رومانتىكىلىك خۇددى توققۇز يىل ئىلگىركى كۈن چىقىشقا ئوخشاش جۇشقۇن ، ياش ئوتتۇزدىن ئاشقان ، رېئال تۇرمۇش خۇددى توققۇز يىل ئىلگىركىدەك ،  كۈن پېتىشتىن بۇرۇن يەنە شەپەق  ئۇلارغا ئالدىدىكى بۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي قەدىرلەشكە تېگىشلىك كىشى ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتىۋاتقاندەك...



شۇنداق ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ھېكايسىدە شۇنداق بىر بەت بولىشى مۇمكىن،  بىز ياش ۋاقتىمىزدا  ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى بىرلىكتە قىلغان. ۋېيىنانىڭ كوچىلىردەك كوچىلاردا بىرگە ئايلانغان، بىرلىكتە   كىشىلىك ھايات،  تۇرمۇش، دۇنيا توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلاشقان، كۈن چىقىشنى بىرلىكتە كۆرگەن شۇنداق بىر كىشى بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئاقىۋەت  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى  بىرگە بولالمىغان بولىشىمىزمۇ مۇمكىن، بىراق ھايات يەنىلا داۋام ئېتىۋېرىدۇ. جېسسى بىلەن سېليىننىڭ  ۋېيىنادىكى ئۇچرىشىشى مۇھەببەتنىڭ تۇنجى بەتىلىرى بولسا 9 يىلدىن كېيىن پارىژدىكى ئۇچرىشىش    كەتكۈزۈپ قويغان ئاشۇ ئۇچرىشىشقا بېرىلگەن جاۋاب.   



جېسسى سېلىيننىڭ پىلاستىنكىلىرى ئىچىدىن بىر پىلاستىنكىنى چىقىرىپ ئۇنى قويدى،  ئۆي ئىچى رومانتىك مۇزىكا بىلەن  جىمجىتلىق قوشۇلۇپ بىرخىل  قايتا ئۇچرىشىش كەيپىياتى شەكىللەندۈردى،  سېلىيىن  جېسسىنى 9 يىل  يۈتتۈرۈپ قويغىنىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدى،  جېسسى بولسا ئايروپىلانغا چىقىدىغان ۋاقىت،  ئامرىكىغا قايتىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇدى، ئىككىيلەن مۇڭلۇق مۇزىكىغا جۆر بولىشقىنىچە  ئەسلىمىلەر ئىچىگە قايىتتى......گۇگۇم دىكى ھېكايە تۈگىدى.


داۋامى بار.......

ئۈچىنجى قىسمى : تۈن ۋاقتى


بىرىنجى قىسىمىنى ئوقۇش





ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

7پىنتوزىلىرى

41تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1