ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

لوس- ئانژېلىسقا يېزىلغان سۆيگۈ مەكتۇبىدىن تەسىرات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alma423 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-10 22:10  



تۆۋەندە، "مۇھەببەت شەھىرى" ناملىق فىلىم ھەققىدىكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ باقاي ھە
بۇ چايكوۋىسكىنىڭ «1812-يىل» سېمفونىيەسىنىڭ مۇقەددىمەسىدىن باشلانغان ناخشا ئۇسسۇل ۋە كىشىلىك ھايات تەسۋىرلەنگەن گۈزەل بىر مۇھەببەت ھېكايىسىدۇر. فىلىم باشلىنىش بىلەنلا شەھەرلىشىشنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولغان قاتناش توسۇلغان بىر يول بۆلىكى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ. لېكىن بۇ قاتار كەتكەن ماشىنىلاردىكى كىشىلەر زېرىكىش ئىچىدە ۋايساپ ئولتۇرماستىن، شوخ كۈيگە جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، قىزغىنلىققا تولغان ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئەستايىدىل كۆرۈرمەنلەر فىلىم باشلىنىشتىكى بەش مىنۇتتىن ئارتۇق كۆرۈنۈشنىڭ بىرلا كامېرادا ئۈزۈپ قويماي سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى بايقىۋالالايدۇ، فىلىمنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىدە بۇ خىل «نامراتلىق» قايتا- قايتا نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىنونى ئوبزورچىلار كىنوچىلىقتىكى «دەرسلىك ماتېرىيال فىلىمى» دەپ ئاتىدى. فىلىمگە CGI كومپىيوتېردا كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، باشتىن ئاخىر ئالاھىدە چىراغ، مونتاژلىق ئارقىلىق، خىيالىي رېئالىزملىق ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
فىلىمدىكى ناخشا ۋە مۇزىكا قىسمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، نۇر ۋە فوكۇستىن تولۇق پايدىلىنىلغان، ئەتراپتىكى شەيئىلەر پۈتۈن كۆرۈنمەي ياكى غۇۋالاشتۇرۇلۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى باش پېرسوناژغا تولۇق مەركەزلەشتۈرگەن. سۈرەتكە ئېلىشتىكى نادىرلىق بۇ فىلىمنىڭ ئوپېراتورىنى ئوسكار ئەڭ نادىر ئوپېراتور مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى.
فىلىمدىكى باش پېرسوناژلار بولسۇن ، ياكى قوشۇمچە پېرسوناژلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كىيىملىرى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن، كىشىلەرگە بىرخىل يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
فىلىمدە دەۋر ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن زور دەرىجىدە يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر بىر ئىككى قېتىم ئىشلىتىلگەن يانفون، بىرلا قېتىم كۆرۈلگەن ئېنتىرنېت تورىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، فىلىمدە قايسى دەۋردىكى ھېكايىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مەيلى ياشلار بولسۇن، ياكى ياشانغانلار بولسۇن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان شەيئى ۋە ئۇسلۇبنى تاپالايدۇ.
فىلىم يەنە رەڭلەردىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان بولۇپ، فىلىمنىڭ ھەممە يېرى جۇشقۇنلۇققا تويۇنغا يورۇق رەڭلەرگە تولغان.

«ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس» دېگەن سۆز ئادەتتە جاھان كەزدى گۇمپىكارلار فىلىمىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بىراق بۇنى ئىككى كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىشلىتىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن تۇنجى يولۇقۇشتا ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئەر باش پېرسوناژغا «ئوتتۇرا بارماق» چىقىرىشى، ئىككىنچى قېتىم يولۇققاندا ئەر باش پېرسوناژنىڭ ئايال باش پېرسوناژنى سوقۇپ ئۆتۈپ كېتىشى دېگەندەك ئۇششاق تەپسىلاتلار بۇ ئىككى يۈرەكنىڭ بىر بىرىگە باشلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. كۈتۈلمىگەن ئۇچرىشىشلار، گۈزەل دەقىقىلەر سىزنى ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان مۇڭلۇق كۈيلەرگە رام قىلىپ، ئۆزگىچە سېھرىي دۇنياغا باشلاپ كىرسە، ئارزۇ- ئارمان ناملىق جاپالىق سەپەرنىڭ بوران- چاپقۇنلۇق يوللىرىدىكى خوشاللىق ۋە خاپىلىققا تولغان كەچۈرمىشلەر، توختىماي يولۇقۇۋاتقان ئوڭۇشسىزلىق ۋە رەت قىلىنىشلار، تىركىشىشلەر، ئارمانلارغا خىلاپ ھالدا قۇربانلىق بېرىشلەر، ئاستا- ئاستا يوقىلىۋاتقان ئۈمىد، شام كەبىي يېنىپ ئۆچكەن رومانتىك مىنۇتلار سىزنى رېئاللىققا قايتۇرۇپ، گاھ كۈلدۈرۈپ، گاھ قايغۇغا مۇپتىلا قىلىدۇ.

ماددىي ئېھتىياج، تۇرمۇش، مۇھەببەت ۋە ئارزۇ- ئارمانلار ئوتتۇرىسىدىكى تېڭىرقاش ھەم زىددىيەتلىك مەسىلىلەر سىزنى چىگىش خىياللارغا باشلايدۇ.

ئەگەر فىلىمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىگە ئارزۇ، مۇھەببەت، تىرىشىش قاتارلىقلار سىڭدۈرۈلگەن بولسا، ئاخىرقى ئون مىنۇتلۇق قىسمى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەنگەن مونتاژلىق كۆرۈنۈشى كىشىلەرنى چەكسىز چوڭقۇر خىياللارغا باشلايدۇ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئارزۇ، تىرىشچانلىق، مۇھەببەتتىن باشقا يەنە ھەمراھ بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئارمانلارغا يۇغۇرۇلغان گۈزەل كۆرۈنۈش، پېرسوناژلارنىڭ خىيالى سۈپىتىدە ئېكراندا قايتا پەيدا بولغان ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە، رېئاللىق ۋە ئارزۇ- ئارمانلار ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما... تەقدىردىن ئىبارەت ھۆكۈمچى ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۈرۈلگەن.

ئارتېسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى، فىلىمنىڭ بايان شەكلى ۋە ئۇسلۇبى، چىنلىق ئاساس قىلىنغان نەق مەيدان ناخشا- مۇزىكا، ئۇسسۇل... ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رومانتىك دۇنيا، ئويلاپ باقمىغان نەتىجە... ھەممە شۇنچىلىك مۇكەممەل ھالدا كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.


فىلىمدىكى مۇنداق بىر قانچە نۇقتا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئالدى بىلەن بۇ بىر ناخشا ئۇسسۇللۇق فىلىم بولۇپ، نەپىس ئىشلەنگەن ناخشا- مۇزىكىلار ۋە ئۇسسۇللار سىزگە جاز مۇزىكىسى، برودۋايچە سىمفونىيە، تاپ ئۇسسۇلى، ۋالىس، لاتىنچە ئۇسسۇل قاتارلىقلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرسا، باش پېرسوناژنىڭ پىئانىنو كۈيى سىزنى قايسى بىر ئەسلىمىلەر قوينىغا تارتىپ كىرىدۇ. بۇ يەردە بىر نەرسىنى دەپ قويۇش كېرەك. ئېيتىلىشىچە، ئەر باش پېرسوناژ رولىنى ئالغۇچى راين گوسلىن ئەسلىدە پىئانىنو چېلىشنى ئانچە بىلمەيدىغان بولۇپ، كىنو رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۈچ ئاي مەشىق قىلىپ، فىلىم بېشىدىكى ئالتە مىنۇتلۇق ئۈزۈلمەي سۈرەتكە ئېلىنغان ئۆزگىچە قىيىنلىق دەرىجىسىدىكى جاز ئۇسلۇبىدىكى پىئانىنو مۇزىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېلىپ، كەسپتىكىلەرگە ياخشى بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
بۇنىڭدىن باشقا، فىلىمدىكى قوشۇمچە پېرسوناژلارمۇ ناھايىتى ياخشى تاللانغان بولۇپ، تاماقخانا خوجايىنى رولىنى ئالغان ج ك سىممونس ۋە مۇزىكا ئەتىرىنىڭ ناخشىسىچى كېيس رولىنى ئالغان جون لەجىند قاتارلىقلار ئىلگىرى ئوسكار مۇكاپاتى ۋە گىراممى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆزگىچە يارقىن نۇقتا ياراتقان.
فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئالتە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بۇ فىلىمنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقتى. 85- يىلى تۇغۇلغان بۇ ياش رېژىسسور ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش كىشى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ «غەزەبلەنگەن دۇمباقچى» فىلىمى ئارقىلىق تونۇلغان بولۇپ، مۇستەقىل فىلىم ساھەسىدىكى يېڭى يارقىن يۇلتۇز بولۇپ قالدى.


بەلكىم ئىنسان ھاياتىدا ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەر مەڭگۈلۈك بولۇپ داۋاملىشالمىسىمۇ، بىر مەھەل داۋاملىشىشى كېرەكتۇر. بەلكىم ئارزۇ ئارمانلار ۋە رېئاللىق ئوتتۇرىسىغا كىمدۇر بىرى تەرىپىدىن رەھىمسىز چېگرا سىزىقى سىزىپ قويۇلغاندۇ. بەلكىم مۇھەببەت ئىنسانلارغا ئۇنداق ئاسان ئۇتۇق بەرمەيدىغاندۇ، ۋە ياكى ئىنسانلار ئۆز مۇھەببىتىنى تاكى قازا يېتىپ كۆزى يۇمۇلغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان مەخپىي رېتسىپنى تېخى يېپىپ بولالمىغاندۇ.

پىئانىنو چالىدىغان مۇزىكانت يىگىت بىلەن ئارتېس بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن شوق قىزچاق... ئۇنداقتا بۇ ئىككەيلەننىڭ ھېكايىسى قانداق قانداق باشلاندى؟ قانداق داۋاملاشتى؟ يەنە قانداق ئاياقلاشتى؟
ئىشىنىمەنكى، فىلىم ئاخىرىدىكى تەبەسسۇملۇق بىر جۈپ چىراي سىزنى بۇ فىلىمنى كۆرگەنلىكىڭىزگە ھەرگىز پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ.


سۆيۈملۈك كۆرۈرمەن، ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىكى تەسىراتىڭىز نېمە؟ ئۆز ھېكايىڭىزگە ۋە فىلىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 20

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئاۋغۇست ۋاقتى: 2017-7-11 15:38:45 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنى كۆرگەندىن كېين يۈرەك بىر خىل رېتىمدا ئېچىشتى.  بىراق ھامىنى ئاقىۋەت رېئاللىق ئىنتايىن كەسكىن ھالدا تاماشىبىنلارنىڭ ھېسىياتىغا باقماي ئېچىپ بېرىلگىنىدە، يۈرەكنىڭ يەنە بىر يەرلىرى ئىللىق تۇيغۇ ھېس قىلدى.   ئۆز ئارزۇسى ۋە مۇھەببەت ئارلىقىدا تەمتىرەپ تېڭىرقاۋاتقان ياشلىق ، ئاقىۋەت ئارزۇلار رېئاللىققا بوي سۇنغان ھەقىقەت فىلىمدە ئىنتايىن گۈزەل سۈرەتلەر بىلەن ئەكىس ئېتىلگەن ئىدى.  ھەممىمىز تۇرمۇشىمىزنىڭ شۇنداق گۈزەل ھېكايىلەرگە تولغان بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.بىراق  رىئاللىقتىن ئىبارەت بىر چوڭ داۋاننىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالالمايمىز.  فىلىم مۇھەببەت ھېكايەمنى قايتا ئويغىتىپ قويدى.  مۇھەببەتنىڭ ھارارىتىدە كۆيۈشكەن  بىرجۈپ يۈرەك، لېكىن ئاقىۋەت يەنىلا بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلار ئۈچۈن ۋاز كېچىشكەن ئاجىز قەلىبلەر. شۇنچە يىل ئۆتۈپتۇ، ئۇنى تېخى ئۇنتۇپ كەتكىنىم يوق، ھەم ئەينى چاغدا چىقارغان قاراردىن پۇشايمىنىممۇ يوق، قالغىنى پەقەت بىر مەھەل گۈلدۈراس ئەسلىمىلەرگە تولغان ياشلىقنىڭ  چوغدەك بەتلىرى !  مۇھەببەت دىلدا مەڭگۈ مەۋجۈت بولىدۇ، بىراۋنى سۆيۈش دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ!
يىكەنداز
ili~oghli ۋاقتى: 2017-7-11 19:27:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋغۇست يوللىغان ۋاقتى  2017-7-11 15:38
فىلىمنى كۆرگەندىن كېين يۈرەك بىر خىل رېتىمدا ئېچىشتى.   ...

مۇھەببەت دىلدا مەڭگۈ مەۋجۈت بولىدۇ، بىراۋنى سۆيۈش دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ!
يۈرەككە تەگدى ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

6تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1