ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

چەتئەللىك مەشھۇر 100 كىنو چولپىنى (8)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
6994 3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 01:38  



71.  ئېددىي مورفېي                艾迪·墨菲                  Eddie Murphy
كومىدىيەچولپىنى



ئېددىي مورفېي1961-يىلى نىيويوركنىڭ بىروكىسلىن رايۇنىدا تۇغۇلغان، دادىسى كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپكەتكەن بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قوللۇق تەربىيلەپ چوڭ قىلغان.ئارتىستلىق تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئېددىي، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا «ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھلانغان.كىيىن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئىزچىل كومدىيىلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىققان. 1980-يىلى 19 ياشلىق ئېددىي مورفېي پۈتكۈل ئامېرىكىدا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە فىلىمى «يەكشەنبە كېچىسىدىكى نەخ مەيدان» (周末夜现场) دا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ياراتقان.
ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن جېكسون بىلەن بىللە ئورۇنلىغان «نېمە بولدى» دېگەن ناخشىسى 90-يىللىرىنىڭ ياشلىرىغا تونۇش بولۇشى مۈمكىن.


72. گېئورگىي كىللونېي     乔治·克鲁尼    George Timothy Clooney
ھوللىۋودلۇق بويتاق



گېئورگىي كىللونېي 1961-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كىنتوككىي شىتاتى لېكسىنگىتون شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئارتىست، رىژېسسور.
2001-يىلى ئۇ «تۈرمىدىن قاچقان ئۈچ ئاقسۆڭەك» (逃狱三王) دېگەن كىنودا رول ئېلىپ، ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى «سىيرىيانا» (Syriana) دېگەن كىنوغا قاتنىشىپ 78-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى «خەيرلىك كەچ» (晚安,好运) دېگەن كىنو ئارقىلىق ئوسكار ئەڭ ياخشى رىژېسسور ۋە ئەڭ ياخشى سىنارىيە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى «تېھراندىن قېچىش» دېگەن كىنوسى 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ ئىتالىيىنىڭ ۋىنىستسىيە شەھىرىدە، ئەنگىلىيىلىك 36 ياشلىق ئادۋوكات Amo Ala Murdin بىلەن توي قىلدى.
ئاساسلىق قاتناشقان كىنولىرى: كەلگۈسىدىكى باغۇ بوستان(2015)  ئاسارە-ئەتىقە بۇلىغۇچىلار (2014)  يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچى(2013)  ئاق سېر (2012)  زوڭتوڭنى قەستلەش (2011)   ئىزباسار(2011)   ئامېرىكا پۇقراسى(2010)  تۈلكە دادا(2009)  كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈرۈش(2009) بۇلۇت ئۈستىدە(2009) كۆرۈپ بولۇپ كۆيدۈرۋېتىش (2008)  مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتىش(2007)  گېرمانىيىلىك ئادەم(2006)  خەيرلىككەچ، تەلىيىڭنى بەرسۇن(2006)
未来乐园  盟军夺宝队 地心引力  白色爵士  总统杀局  后人  美国公民  了不起的狐狸爸爸  以眼杀人  在云端  阅后即焚  爱情达阵   十三罗汉  全面反击  德国好人  晚安,好运



73. مارگېرت رىيان           梅格•瑞恩    Meg Ryan   
تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن ئايال چولپان.






1961-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ رومانتىك-كومىدىيىلىك ئاساسى، كۆرۈرمەنلەر ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تالانتلىق ئايال ئارتىست، ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. 1993-يىلى ئۆزىنىڭ شەخسى كىنو شىركىتى FandangoFilms نۇ قۇرۇپ چىقتى، 1995-يىلى  تۇنجى فىلىمى «فرانسىيىدىكى سۆيۈشۈش» (法兰西之吻) نى ئىشلىدى. يەنە قورقۇنچلۇق فىلىم « LostSouls » نى ئىشلىدى. ھوللىۋودنىڭ بۇ «كىنو خانىشى» كىنوخانىشىلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ھازىر تېخىمۇ كۆپ ئىزلارنى قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ۋەكىللىك كىنولىرىدىن «سېئېتلادا تۈنەش» (1993) قاتارلىقلار بار.
西雅图不眠夜


74. كېللىي   尤金•柯伦•凯利       Eugene Curran Kelly
ئۆزگىرىش پادىشاھى



1912-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى پىنسىلۋانىيە شىتاتىدا تۇغۇلۇپ، 1996-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. پىتتسبۇرگ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، داڭلىق كىنو ئارتىسى، ئۇسۇلچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژوسسور، ناخشىچى، ئىلگىرى نۇرغۇن داڭلىق كىنولاردا رول ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا كىنو تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو ئىنىستىتوتى باھالاپ چىققان 100 يىل مابەينىدىكى ئۇلۇغ ئەر سەنئەتكارلار قاتارىدا 15-ئورۇننى ئىگىلىگەن.
ئۇ رول ئالغان ئاساسلىق كىنولار:
1942-يىلى 《for me and my gal》
1944-يىلى مۇقاۋىدىكى قىز
1945-يىلى Anchors Aweigh   ئوسكار ئەر ئاساسلىق رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1948-يىلى The pirate
1949-يىلى قايناق شەھەرنىڭ باھار مەنزىرىسى
1951-يىلى ئۇسۇلچى گۈل   ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى مۇزىكا ۋە ئەڭ ياخشى كومدىيىلىك ئەر باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
1951-يىلى It's a big country
1951-يىلى باھاردىكى ناخشىچى قىز
《for me and my gal》 《封面女郎》 《Anchors Aweigh》 《The pirate》 《锦城春色》 《花都舞影》 《It's a big country》 《万花嬉春》

75. تام كىروس    汤姆•克鲁斯     Tom Cruise




قامەتلىك شاھزادە
تام كىروس 1962-يىلى تۇغۇلغان، ئامېرىكا نىيويورك شىتاتتىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى.
1981-يىلى 19 ياشلىق تام كىروس سەنئەت ساھەسىگە كىرىپ كەلدى، 1983-يىلى ئۇ ئاساسلىق رول ئالغان «گۆدەكمۇ غالجىرلىشىدۇ» دېگەن كىنو 41-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار كومىدىيە، مۇزىكا تۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئەر رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ 1986  1990  1990   1997   2000 –يىلى ئوسكار ۋە ئالتۇن شارنىڭ تۈرلۈك مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ كەلدى. بۇنى ئاق بۈركۈتتە تونۇمايدىغانلار يوق بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇ رول ئالغان ئەڭ يېڭى كىنوسى «ئەتىنىڭ گىرۋىكىدە» نىڭمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىكى ئاق بۈركۈتتە ئېلان قىلىنىپ بولۇندى. «ئۈزلۈكسىز ۋەزىپە 5» 2015-يىلى قويىلىدىكەن.


76. ۋىسلىي سىنپېز  韦斯利•斯奈普斯    Wesley Snipes
پىچاق جەڭچىسى




1962-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى فلورىدا شىتاتىدا تۇغۇلغان، كىنو-تېلىۋىزىيە ئارتىسى.
ۋەكىللىك كىنولىرىدىن «ھالاكەت ئويۇنى» (死亡游戏) «پىچاقچى» (刀锋战士) سېستىمىسىدىكى 5 قىسىملىق كىنو، « Gallowwalker » «پىدائىلار3»  «ساقچى بىروكىس» قاتارلىقلار بار. 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ھوللىۋودنىڭ نىگېر چولپىنى، «پىچاقچى» نىڭ ئاساسلىق باش رولچىسى ۋىسلىي سىنپېز باج ئوغۇرلىدى دەپ ئەيىپلىنىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.


77. جۇدى پوستېر    朱迪•福斯特   Jodie Foster
ھوللىۋودنىڭ 1-تالانتلىق خانىمى






1962-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئارتىست، رىژېسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى. ئوقۇغان مەكتىپى يالى ئۇنىۋېرتىستىتىنىڭ مەدەنىيەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى. ئاساسلىق كىنولىرىدىن: تاكسى شوپۇرى، جاۋاپكار، جىمغۇر پاقلان، نىئېرنىڭ قەلبى، قەھرىمان قاتارلىقلار بار.
ئاق بۈركۈتتە ئېلان قىلىنغان كىنولىرىدىن «جەننەت ماكان» بار.
出租车司机 被告 沉默的羔羊 妮尔的芳心 勇敢者
ئاساسلىق نەتىجىلىرى: 61-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتى(جاۋاپكار)، 64-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى (جىمغۇر پاقلان)، 70-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار ئۆمۈرلۈك مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتى.


78. رالىف فىننېس    拉尔夫•费因斯    Ralph Fiennes
چولپان بولۇشنى خالىمايدىغان تالانت ئىگىسى








1962-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ ساففولىك دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان كىنو ئارتىسى.
چېرسىيا سەنئەت ئىنىستىتونى (Chelsea College of Art) پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خان جەمەتى درامما ئىنىستىتوتىتدا ئاكتىيورلۇقنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئىمھتىھان ئارقىلىق خان جەمەتى دىرامما ئۆمىكىگە قاتناشقان. ئىككى قېتىم ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بىرودۋىي تىياتېر ئۆمىكىنىڭ شاھزادە ھامىلىت رولىنى ئېلىپ تونىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىن بىر ئەر ئارتىسى.
ئاساسلىق كىنولىرى: Schindler نىڭ تىزىملىكى     ئەنگىلىيىلىك كېسەل      بۇداپىشت مېھمانخانىسى
بىز بىلىدىغان كىنولىرىدىن  007  ئەرشنى مالىمان قىلىش،  خارىي پوتتېر ئۆلۈم ماشىنىسى قاتارلىقلار بار.
辛德勒的名单   英国病人   布达佩斯大饭店
ئاساسلىق مۇكاپاتالىرى: 66-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى، 69-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى، ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى، ياۋروپا كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ياۋرۇپالىق ئاكتىيور مۇكاپاتى، ئەنگىلىيە كىنو تېلېۋىزىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.


79.جون دېپ   约翰尼•德普    Johnny Depp
مىجەزى ئوبدان كىچىك پېرسوناژ







جوننى دېپ ھوللىۋود چولپىنى، 3 قېتىم ئالتۇن شار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان كىنوسى «قايچىچى ئېدۋارد (ماشىنا ئادەم ئېدۋارد)» (剪刀手爱德华) بولۇپ، نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلار سۆيۈپ كۆرگەن كىلاسسىك كىنو ھېساپلىنىدۇ. 2003-يىلىدىن باشلاپ «كارىپ دېڭىز قاراقچىسى» سېستىمىسىدىكى كىنوغا رول ئېلىشقا باشلىغان. بۇ كىنو ئۇنى ھوللىۋودنىڭ كىنو چولپىنىغا ئايلاندۇرغان.
ئۇ رول ئالغان ۋەكىللىك كىنولار: چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى، كارىپ دېڭىز قاراقچىسى، جەھەننەمدىن كەلگەنلەر، شاكىلات قىز، 9-يول، باشسىز چەۋەنداز، ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئايالى، قارا يۈرەك ساپ كۆڭۈل، تەنھا جاھانكەزدى
   查理和巧克力工厂 加勒比海盗  来自地狱   浓情巧克力   第九道门   无头骑士  太空异种  忠奸人   独行侠  


80. بىراد پېت   布拉德•皮特   Brad Pitt
ھىسسىياتچان كىچىك پىرسوناژ



بىراد پېت، 1963-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئوكلاھۇما شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئاكتىيور، فىلىم ئىشلىگۈچى.
ئۇ 1987-يىلى ۋاقىتلىق ئارتىست سالاھىتىدە «ئىگىسىز زىمىن» (无主地) نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان. 1993-يىلى «كالىفورنىيە قاتىلى» (加州杀手) دە رول ئالغان ۋە ۋىنىتسىيە كىنو كۆرىكىدە ئەڭ ياخشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى «12 مايمۇن» (十二只猴子) دا رول ئېلىپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى B پىلان كىنوچىلىقىنى قۇرغان. 2005-يىلى ئانجولىنا جۇلىيە بىلەن بىللە «شىمىس ئەر-خوتۇن» (史密斯夫妇) دا رول ئالغان ۋە ئىككىسىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان. 2007-يىلى «سىرلىق مەرگەننى ئۆلتۈرۈش» (神枪手之死) دە رول ئېلىپ، 2-قېتىم ۋېنىتسىيە كىنو كۆرىكى ئەڭ ياخشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى «بالىلىقىغا قايتىش» (返老还童) دېگەن كىنو ئارقىلىق 81-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010- يىلى ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن ۋە باش رول ئالغان «نۇقتا توپ» (点球成金) دېگەن كىنو ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى كىنو ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى يارتىپ بەردى. 2011-يىلى «مېھرىبانلارچە ئۆلتۈرۈش » (温柔的杀戮) تە باش رول ئالدى، 2013-يىلى ئۇنىڭ «قىيامەتلىك جەڭ» (末日之战)  دېگەن كىنوسى قويۇلدى.

باشقا رەسىملەر كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش2
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار3

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
سۈرخان ۋاقتى: 2014-11-24 11:06:10 | ئايرىم كۆرۈش
بوۋاي، ئۇزۇندىن بېرى يوقاپ كەتتىڭىز، خىزمەت بېسىمى بەك ئېغىرمۇ قانداق؟  سېغىنىپ كەتتۇق سىزنى
يىكەنداز
رامبو ۋاقتى: 2014-11-28 19:28:53 | ئايرىم كۆرۈش
براد پېتنىڭ ‹‹تىروي›› دىگەن فىلىمىنى بەك ياقتۇرىمەن
گېلەم
شاكىر ۋاقتى: 2016-1-27 14:51:45 | ئايرىم كۆرۈش
سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز نەتىجىسىدە چولپانلار نىڭ ھاياتى پالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇۋالدىم رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1