ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئىككى لىنىيەلىك ھېكايە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 19:21  

يېقىندا ئېلان قىلىنغان كىنو "تۇتقۇن" ھەققىدە


بۇ كىنو توغۇرلۇق بىرنەرسە دېيىشتىن ئاۋال، كۆپچىلىككە بىر قاتار سانلىق مىقدارلارنى دەپ ئۆتەي.ئامېرىكىدا ھەر يىلى 800 مىڭ بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى دوكلات قىلىنىدىكەن، تەخمىنەن 58 مىڭ بالا باشقىلار تەرپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدىكەن. بۇنىڭ خېلى كۆپى ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بۇ سانلىق مىقدارلار پەقەت ئامېرىكىدىلا چەكلەندى، ئەگەر نەزىرىمىزنى رايۇنىمىزغا، پۈتكۈل دۇنياغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقىدەك سانلارغا ئۆزگىرىدۇ..
بالىلار كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جەمئىيەت ئۇلارنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى كېرەك. ئەمما ئەمەلىيەتتە بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئاسرىيالىدۇقمۇ؟
«تۇتقۇن» دېگەن بۇ كىنودا بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىگە دائىر ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ.


ھوللېۋوددا ئىككى خىل شۈبھىلىك (قورقۇنچلۇق) فىلىم ئىشلىنىدۇ. بىر خىلى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ۋەقەلىكى ئەگرى-توقاي، دىرامىتىك توقۇنۇشلار رۇشەن بولىدۇ. يەنە بىر خىلىدا بولسا سىنارىست ئەسلىمە، گۇمان پەيدا قىلىپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئادەمنى كىشىلىك ئەخلاق-پەزىلەت، جەمئىيەت ئەخلاقى ھەققىدە ئويلىنىش ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. بۇنداق كىنولارنىڭ رىتىمى ئاستا، ئەمەلىيەتچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. «تۇتقۇن» ناملىق بۇ كىنو 2-خىلىغا تەۋە. كىنونىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، 2 يېرىم سائەتلىك كىنو، ئەسلى 2 يېرىم سائەتلىك كىنو دېگەن داستانى كىنولار، تارىخى كىنولار بولاتتى ئەمما بۇ كىنودىكى ۋەقەلىك ئاددىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچىگە نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلار يوشۇرۇنغان.
كىنونى كۆرۈش جەريانىدا بەزى جايلىرىغا پەقەت كاللام يەتمەي مەسىلەن: نېمە ئۈچۈن بوب تەيلورنىڭ ئۆيىدىن بالىلارنىڭ كىيىم كېچىكى چىقىدۇ؟ بوب تەيلورمۇ ئەسلى جونىس ئائىلىسى تەرپىدىن تۇتقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئېسىنى يوقۇتۇش، خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىش دورىسى ئىچۈرۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن قېچىپ چىقىپ، تۇتقۇن قىلغۇچىنى دوراپ سۇلىياۋ بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش، ئۇلارغا كىيىم كىيگۈزۈش، ئۇلارنى كۆمۈۋېتىشتەك ئىشلارنى قىلىدۇ، ئەمما يوقاپ كەتكەن ئىككى قىزنىڭ كىيىمى نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بولۇپ قالىدۇ..مۇشۇ مەسلىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تور ئاختۇرسام، خەن كۆرۈرمەنلەرمۇ نۇرغۇن گەپلەرنى دېيىشىپتۇيۇ بۇنىڭغا دائىر گەپ يوق..ئەمما ئۇلارنىڭ تەسىراتىنىڭ خېلى ئورنى بار..شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يازغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭمۇ تەسىراتىمنى يېزىپ چىقتىم.. قالغىنىنى بىرلىكتە ئورتاقلىشارمىز...
1. مىننەددارلىق بايرىمى
دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىت مىننەددارلىق بايرىمى كۈنى، ئەمما كىنو ناھايتتى سوغۇق ھالدا بىرەر شۇملۇقتىن بىشارەت بېرىدىغاندەك كەيپىياتتا باشلىنىدۇ. كەيلى ئائىلىسى بىلەن بوچ ئائىلىسىنىڭ ئىككى قىزى بىرلىكتە ئوينىغىلى چىقىپ كېتىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ناھايتتى جىددىيلىشىدۇ، ئاقىۋەتتە بىر دالا ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ئالىكىستىن گۇمانلىنىدۇ. ساقچى لوك سوراق قىلىش ئارقىلىق ئالىكىسنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئالىكىسنى گۇناھسىز دېيىشىدىكى ئاساسى بولسا، ئۇنىڭدا پەقەت 10 ياشلىق بالىنىڭ ئەقلى بار ئىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەقلى ئاجىز ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا تورداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا قاتىل چوقۇم ئالىكىس، ئۇ ئاشۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالغان دېگەن ئوي پەيدا بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى ئىككى بالا يوقاپ كەتكەندە ئۇنىڭ ئاشۇ ماشىنىسى دەل يوقاپ كەتكەن جايدا ئىدى، يوقاپ كېتىشى ھامان بۇ ماشىنىمۇ غايىپ بولۇپ، خۇددى قېچىشقا ئۇرۇنغاندەك شىتات چېگىرىسىدا ساچقىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان ئىدى. كەيلى بولسا ياغاچچى، ئۇنىڭ بىۋاستە سەزگۈسىمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش بالىلارنى چوقۇم ئالىكىس تۇتۇپ كەتتى دەپ بېرىۋاتاتتى. كەيلى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئالىكىس بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ئالىكىس ناھايتتى پەس ئاۋازدا بىر ئېغىز گەپ قىلىدۇ. «مەن كېتىدىغان چاغدا بالىلار يىغلاپ قالغان»، بۇ بىر ئېغىز گەپ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بىر جۈملە سۆز كىنونىڭ كېيىنكى ۋەقە تەرەققىياتىنى يوشۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇ سۆز ئالىكىسنىڭ قاتىل ئەمەسلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. كىچىك بالا دېگەن ئۆزى تايىنىدىغان، يېقىنىم دەپ قارىغان ئادەمنى كۆرسە يىغلايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ئالىكىسمۇ بىر «بالا» (چۈنكى ئۇنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىچىلىك ئەقلى بار)، شۇڭا بالىلار ئۇنى كۆرگەندە يىغلىغان. شۇنداق دىيشىكە بولىدۇكى ئۇنىڭ بالىلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى راست، ئۇ بالىلارنى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى دېگەندىمۇ، چوقۇم ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن ئادەم بار، ئۇنداقتا بۇ ئادەم كىم؟
كىنونىڭ رىتىمى ئاستا، ئەمما ناھايتى نەپىس سۈرەتكە ئېلىنغان. كىنو ۋەقەلىكى ئاساسلىقى ئىككى لىنىيە بويىچە تەرەققى قىلىدۇ، بىرسى خۇگ جېكمان رول ئالغان ياغاچچى كەيلىنىڭ قىزىنى ئىزدىشى، يەنە بىرسى جاك گېللىنال رول ئالغان رازۋېدچىك لوكنىڭ يوقاپ كېتىش دېلوسىنى ئېنىقلىشى. كەيلى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئالىكىسنى تاپقاندىن كېيىن، ناھايتتى ئاچچىقلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېتىدۇ. بۇ كىنودىكى 1-«تۇتقۇن». شۇڭا كىنوغا Prisoners  (تۇتقۇنلار، مەھبۇسلار، يەنى كۆپلۈك قوشۇمچىسى بار) دەپ ئىسىم قويۇلغان. دېمەك كىنودىكى تۇتقۇن يالغۇز ئالىكىسلا ئەمەس. كەيلىنىڭ ھەرقانچە ئاچچىغقى كەلسىمۇ ئالىكىستەك ئەقلى ئاجىز ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ پايدىسى يوق. ئاچچىقتا ئەقىلى كېسىلگەن كەيلى، ئالىكىسنى ئېغىر قىيناپ، زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىدۇ. ئاقىۋەتتە ئەسلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زوراۋان، تېرورچى بولۇپ قالىدۇ... رازۋېدچىك لوك كىنودا ئەقىللىق، ئادىل ئادەم سۈپتىدە سەھنىگە چىقىدۇ. لوك دېلونى ئېنىقلاۋاتقۇچە باشقا بىر گۇماندار يەنى يىلان باققۇچى بوب پەيدا بولۇپ، ھېكايە ۋەقەلىكىدە زور بۇرۇلۇش بولىدۇ.. بوب يىلان باقىدۇ، سىرلىق ئوردا (بىرخىل تېپىشماق ئويۇنى) سىزىدۇ، شۇنداقلا سوراق قىلىنىۋاتقۇچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ....
يوقاپ كەتكەن قارا تەنلىك قىزنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ھەقىقى ئەھۋال ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. ئەمدىكى يىپ ئۇچى كەيلى بىلەن لوكنى ئالىكىسنىڭ بېقىۋالغان ئانىسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارىدۇ...ئىككى لىنىيەلىك ھېكايە ئۆزئارا بىرلىشىدۇ.



ئەمدى سەل تەپسىلىرەك بىرنەرسە دەيلى
2. دېلو تەھلىلى

كىنودىكى ئەقلى ئاجىز ئالىكىس بىلەن يىلان باققۇچى بوبلار قاتىل ئەمەس، قاتىل بولسا ئالىكىسنىڭ بېقىۋالغان ئانىسى. ئالىكىس پەقەت ئۆگەي ئانىسىنىڭ گپېى بويىچە بالىلارنى ئۆيگە ئېلىپ بارغان. بوب بولسا ئۆگەي ئانىنىڭ رازۋېېچىك لوكقا ئاتقان تۈتەك بومبىسى، يەنى گۇناھىنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپ قويماقچى. رازۋېدچىكنىڭ ئالىكىسقا «سەن كىچىك ئاپاڭنىڭ سېنى دەپ بىر ئۆمۈر تۈرمىدە ياتمىسۇن دېسەڭ، ھەممىنى ئېيت» دېگەن گېپىدىن كېيىن ئۇ كەيلى ياكى رازۋېدچىك بولمىسۇن، سورىغان سۇئاللارغا تېخىمۇ جاھىللارچە گەپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئالىكىس توغۇرلۇق گەپ بولۇنغاندا يەنە ئۇنىڭ بىر كۈچۈكنى خورلاپ ئوينىغان بىر كۆرۈنۈش بار. بۇ ئۇنىڭدا روھى جەھەتتىن مەسىلە بارلىقىنى يەنى ئۇ چوڭ بولغان مۇھىتنىڭ ناچارلىقىنى بىزگە ئاشكارلاپ بېرىدۇ. ئەقىللىق كۆرۈرمەنلەر بۇنى كۆرگەندىن كېيىن «ئۆگەي ئانا» نىڭ نېمە ئۈچۈن «ئۆگەي» ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ. ئالىكىسقا قارىغاندا بىر قەدەر ئادەتتىكىچە بولغان بوبنىڭ ئەھۋالىمۇ يەنىلا ئالاھىدە، ئۇنىڭ يىلان بېقىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۆگەي ئانىنىڭ ئېرىگە قاتتىق چوقۇنغانلىقى ۋە جىنايەت تەسۋېرلىنىدىغان بىر رومانغا بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن بولغان. روماندا تىلغا ئېلىنغان «غايىپ ئادەم» (بۇ «قەھرىماننىڭ رولى» Role-playing game دەيدىغان بىر تۈرلۈك ئويۇن تەسۋىرلىنىدىغان روماندىن ئۆلگە ئالغان. ئەمما كىنونىڭ ختىدە غايىپ ئادەم دەپ بار) نى دوراپ قەھرىمان بولماقچى بولغان. ئۇ يەنە يوقاپ كەتكەن قىزلارنى خاتىرلەش نەخ مەيدانىغا ئوغۇرلۇقچە بېرىپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋە يوقاپ كەتكەن بالىلار ئوخشاش كەچۈرمۈشكە ئىگە، يەنى ئۇمۇ ئىلگىرى ئۆگەي ئانا تەرپىدىن تۇتقۇنلۇققا ئۇچرىغان. (ئەلۋەتتە ئالىكىسمۇ شۇنداق). ئۆگەي ئانا ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئەسلى سادىق خىرىستىئان دىنى مۇرىتى ئىدى. ئۇلارنىڭ بالىسى راك كېسىلىگە گىرىپدار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ دىندىن گۇمانلىنىشقا باشلاپ، تەڭرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس بالىلارنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازاپلىرىنى باشقىلارغىمۇ تارتقۇزىدۇ. بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى مىڭ قېتىم ئۆلتۈرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى بۇ رەزىل-ئەر خوتۇنلار يەنىلا دىن مۇرىتى. (بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى گەرچە ئۇلار تەڭرىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسىمۇ، ئەمما تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. شۇڭا دىن مۇرىتى) كىنودا گەرچە بۇ ئېنىق ئىپادىلەنمىسىمۇ، بىراق دىن ھەققىدىمۇ خېلى ئويلىنىشلار بار.





3. كىنودىكى ئوبرازلار
كەيلى: ياغاچچى، گەرچە ئۇ بىچارە ئالىكىسقا نۇرغۇن زوراۋانلىقلارنى ئىشلەتكەن بولىسمۇ، بىراق بىزمۇ ئويلىنىپ باقساق بولىدۇكى، ئەگەر كەيلىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قالسا، بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ ئاشۇنداق تەقدىرگ ئۇچراپ قالسا، بىز قانداق قىلىمىز؟ بىزنىڭمۇ ئاچچىغىمىز كەلمەسمۇ؟ مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بۇ دېلوغا مۇئامىلە قىلالامىزمۇ؟ بىرنىمە دېمەك تەس.
لوك: ئادىل، كەسكىن، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك لوك كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا «ھەرقانداق دېلونى پاش قىلماي قويمايدىغان» قەھرىمان سۈپتىدە سەھنىگە چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇ پوپنى سوراق قىلغان كۆرۈنۈشتىن دارىلتامدا چوڭ بولغان لوكنىڭ دىنغا بولغان مۇرەككەپ ھېسسىياتىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.(قولىدىكى ئۈزۈككىمۇ قاراڭ)  خەن كۆرۈرمەنلەر دەيدۇكى ئۇ دېلو تەكشۈرۈۋاتقۇچە ئالدى بىلەن باسقۇنچى جىنايەتچلەرنى ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ئىلگىرى ئۇنىڭمۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولغاچقا ئۇ ئۆزىدە ئۆزىگە خاس خاراكتىرنى يېتىلدۈرگەن. كىنونىڭ بېشىدا كەيلى ۋە بوچ ئائىلسى مىننەددارلىق بايرىمىنى خۇشال تەبرىكلەۋاتقان چاغدا، ئۇ بىر كىچىك ئاشپۇزۇلنىڭ كۈتكىچىسىنى گەپكە سېلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ ئولتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشى.
بوچ ئائىلسى: مۇنازىرىدىن قارىغاندا خېلى كۆپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ بوچقا بولغان پوزتسىيەسى ئوخشىمايدىكەن، بۇ ئوخشىماسلىقتىكى سەۋەب ئۇنىڭ كەيلى ئائىلسىگە ئوخشىمايدىغىنى، كەيلى ئائىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بوچنىڭ قىزى يوقاپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىپادىسىنىڭ ناھايتتى ئېھتىياتچان بولغانلىقىدا. بىراق ئاتا-ئانا بولغان ئۇلارمۇ قىزىنى تېپىشقا ناھايتتى ئالدىرايدۇ، ئەمما ئىپادىسى كەيلىدەك ئۇنچە رۇشەن ئەمەس.  يوقاپ كەتكەن قىزلارغا شام يېقىپ تىلەك تىلىگەن ھېلىقى مەيداندىكى بوچنىڭ ھەركىتى بىزگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بوچنىڭ ھەركىتىنىڭ ئانچە رۇشەن بولمسلىقى كەيلى ئاساسلىق پېرسوناژ، بوچ بولسا قوشۇمچە پېرسۇناژ، شۇڭا كۆرۈرمەنلەر كىنو كۆرۈش جەريانىدا دىققىتىنى ئاسانلا ئاساسلىق پىرسۇناژغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ يەردە سىنارىستنىڭ بوچنى ۋەقەلىككە قىستۇرۇشى ئوخشاش بىر قىيىنچىلىققا قارىتا ئادەملەرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش. كۆرۈرمەنلەر بوچنى تەنقىتلىمەسلىكى كېرەك.



جىنايەتچى: جىنايەتچىنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بار، بۇ شەكسىز، بىراق بۇ يەردە مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىز. قانداق نەرسە قانۇن-تۈزۈمگە بوي سۇنىدىغان ئادەتتىكى ئادەمنى، كۆرگەن ئادەم ئۆچ بولىدىغان رەھىمسىز قاتىلغا ئايلاندۇرۇپ قويدى؟ بۇنىڭغا قارىتا خەنلەر «ئادەم ئەسكى ئەمەس، زامان ئەسكى»، «ئادەم ئەسكى ئەمەس، شەيتان ئەسكى» دەيدىغان ھەممىنى زامانغا، جەمئىيەتكە دۆڭگەپ قويىدىغان پوزتسىيەدە بولۇشۇپتۇ..ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىمۇ بىر جەھەتتىن توغرىدەك قىلىدۇ، چۈنكى ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ ئەنئەنۋى ئەخلاقلىرىمىز، ئېتقادلىرىمىزغا نۇرغۇن خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بىزدىن تۈرلۈك ئىمتىھانلارنى ئېلىپ، تاۋلاۋاتىدۇ، بىراق بىر قىسىم ئېتقادى سۇس، ئادىمىلىكنى ماھىيەتتىن بىلمەيدىغان ئادەملەر دۇنيا كەلكۈنىنىڭ زەربىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئەنە ئاشۇنداق يولغا كىرىپ كېتىشى مۈمكىن ھەمدە كىرىپ كېتىۋاتىدۇ.... خۇلاسىلىسەك كىنودا بىز ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك ھېكايە سۆزلىندىكەن.


  
سىرلىق ئوردا - تۇتقۇن
سىرلىق ئوردا، بۇنى كىنونىڭ مۇھىم بەلگىسى دىيىشكە بولىدۇ، كىنودا تىلغا ئېلىنغان «سىرلىق ئوردىدىن ئۆتۈش» ئويۇنى يېشىلمەيدۇ. كىنو ئىسمى ھەققىدە توختالساق، ھېكايىدىكى زورانۋانلىق ئىشلەتكۈچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەمدە قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە «تۇتقۇن»؛ «تۇتقۇن» لارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ «سىرلىق ئوردا» غا باغلانغان. كىنونىڭ تۈگەلجىسىدە رازۋېدچىك يەر ئاستىدىكى كەيلىنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ، سىنارىست خۇددى بىزگە كىنونىڭ تېخى ئاخىرى باردەك، كېيىنكى قىسىمىدا كەيلى قۇتۇلدۇرۋېلىنىدىغاندەك بىر خىل مەنزىرىدە ئاخىرلاشتۇرغان. كەيلى يەر ئاستىدىن چىقسىمۇ يەنىلا تۈرمىگە كىرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ياخشى تەسىرلەرنى بەرمەيدۇ، ئۇ كىنودىكى ئەڭ ئاخىرقى تۇتقۇن. ئەمما ھېلىقى «سىرلىق ئوردا» غا تەۋە بولمىغان تۇتقۇندۇر.


قاتناشقانلار سانى 2دوللار +30 يىغىش سەۋەبى
Mrdon + 15 دەششەت !
dilhayat + 15 دەششەت !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +30

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار23

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Seher Qushi ۋاقتى: 2014-1-5 20:06:39 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلەپ قۇيۇپتۇ بۇ فىلىمنى،مەن خۇددى مۇشۇ كىنودا ئوبراز يارتىۋاتقاندەك ھېسياتتا پۈتۈن زېھنىم بىلەن كۆرۈپ تۈگەتتىم.رەھمەت جاپاكەش تەرجىمان،مۇھەررىرلەر.........
يىكەنداز
QENDEL159 ۋاقتى: 2014-1-5 21:02:10 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنداق بولسا ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز ئالدىرماي ئولتۇرۇپ بىر كۆرەي. رەھمەت سىزگە!
گېلەم
QENDEL159 ۋاقتى: 2014-1-5 21:08:14 | ئايرىم كۆرۈش
ھەراس دوسلار ھازىر تىلۋىزۇردا xjtv9قانلىدا 1988يىللىق نورۇزلۇق سەنئەت كىچلىكىنى بىرۋىتىپتۇ بەكمۇ ياخشى ئىشلىگەن كىچلىك ئىكەن پەرىدە قاسىمنىڭ مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر ناخشىسى بار ئىكەن شۇنداق ئىسىل بىر كىچلىك ئىكەن . قولۇڭلاردىن كىلدىغانلار چۇشۇرۋىلىپ تورغا چىقارساڭلار سىتۋىلىپ ساقلاپ قوياتتىم ،
كىگىز
زۇلئاي ۋاقتى: 2014-1-6 04:09:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۈركۈتتى جەسۇرلارغا كەمىنە زۇلئايدىن 90 گىرادۇس ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام !!!

ئۇزۇندىن بىرى سىلەر بىلەن دىدار غەنىمەتتتە بولۇپ بىرگە ھەم سۆھبەتتە بۇلالمىدىم ، سەۋەبى مابەت دىگەن بالاڭزىنىڭ ئىشى بولمامدۇ . توي قىلاللى دەيدۇ ، بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن دەپ ‹‹ ئوكېي ›› دىسەم ... ھىلى دادام ئۇنىمىدى دەيدۇ ، ھىلى ئالتۇن بەك قىممەتكەن باھاسى بىر ئاز چۈشسۇن دەيدۇ . ئىشقىلىپ ھىلى بىر نىمە ھىلى بىر نىمە دەپ ئىچىمنى بەك سىقىۋىتىپتى تۈنۈگۈن ماڭا بېرىپ ئوينا دەپ خېتىنى بىرىۋەتتىم ، خۇدايىم بۇيرىسا ئەتىدىن باشلاپ تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ئاق بۈركۈتنىڭ تۆرىدە 6 سائەت ياق پو گەپ بوپ قالدى 2 سائەت ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندەك مىدىرلىماي ئولتۇرۇشقا ۋەدە بىرىمەن ( خۇددى مابەت دىگەن گۇيغا يالغان ۋەدە بەرگەندەك ) ... ھى ھى ھى

قالغان گەپنى ئەتە دىيىشەيلى كۆزۈمنىڭ قارىسى خىلى بولدى ئارقىغا ئۆتۈپ كىتىپ بولغىلى .

ئورۇندۇق
زۇلئاي ۋاقتى: 2014-1-6 04:17:27 | ئايرىم كۆرۈش
ھە راس ، يىگىتلە بۈگۈن خان ئاچاڭلا كىگىزدە ئولتىراپ قالدى ، ئەتە ئۆزۈڭلا بىلىپ بىر ئىش قىلا سىلە ؟!
داق يەر
سۈرخان ۋاقتى: 2014-1-6 10:09:09 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2014-01-06 04:17:27
ھە راس ، يىگىتلە بۈگۈن خان ئاچاڭلا كىگىزدە ئولتىراپ قا

خاتىرجەم بولۇڭ، ئەتە مىخ بار يەرنى سىزگە ئېلىپ قويىمىز来自: Android客户端
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +1 يىغىش سەۋەبى
فىلىم + 1 دەششەت !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +1

مىخ
سۈرخان ۋاقتى: 2014-1-6 10:13:19 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بوب ئوبرازىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىم
ھېلىقى خوتۇننىڭ ئېرىمنىڭ مەخپى رىتىسىپى دەپ ئالاكىس، بوب ۋە باشبا بالىلارغا شۇنداقلا كەيلىگە ئىچكۈزگىنى زادى نېمىدۇ؟ ئۇ دورا بوب ۋە ئالىكىسنى كونتىرول قىلالاپتۇ، دېمەك كەيلىمۇ بەلكىم ئورەكتىن چىققاندىن كېيىن غايىپ ئادەم رولىنى ئالامدۇ قانداق؟ ئىنقىلابى يولداش ئاققىر، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق来自: Android客户端
9#
سۈرخان ۋاقتى: 2014-1-6 11:57:53 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھېلىقى خوتۇن ئاخىرىدا كەيلىگە كىشىلەرنىڭ ئىتىقادىنى يوقىتىپ، ساڭا ئوخشاش ئالۋاستى قىلىپ ئۆزگەرتىمىز دەيدۇ، دېمەك ئۇ كەيلىنىڭ ئالىكىسنى تۇتۇپ كەتكىنىنى شۇنداقلا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى بىلىدىكەن来自: Android客户端
10#
كامىل ۋاقتى: 2014-1-6 12:53:44 | ئايرىم كۆرۈش
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 04:17
ھە راس ، يىگىتلە بۈگۈن خان ئاچاڭلا كىگىزدە ئولتىراپ قا ...

غوجا ئاكىڭىز پايانداز تەييالاپ قويىدۇ ،خاتىرجەم بولۇڭ . بەك يۇمشاق !
11#
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2014-1-6 16:22:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2014-01-06 11:57:53
ھېلىقى خوتۇن ئاخىرىدا كەيلىگە كىشىلەرنىڭ ئىتىقادىنى ي

Meningchimu shundaq, kayli. Ormanliqta balisini izdewatqanda alikisni saqchilar qoyup bardi dep telefonda hawar qilghanmu ashu momay来自: Android客户端
12#
زۇلكىف ۋاقتى: 2014-1-7 18:08:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلكىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 18:09  

مەن ماۋۇ تىمىنى ئوقوپ بۇلۇپ ئاندىن چۈشەندىم
13#
ياساۋۇل ۋاقتى: 2014-1-8 01:45:09 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 16:22
Meningchimu shundaq, kayli. Ormanliqta balisini izdewatqanda alikisni saqchilar qoyup bardi dep tel ...

ئورمانلىقتا تىلفۇن سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپ چىقمايدۇ
ئۇ 《ئۆگەي ئانا》ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىلە پىشقەدەم ئۇستاز
14#
سۈرخان ۋاقتى: 2014-1-8 09:10:01 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-01-08 01:45:09


ئورمانلىقتا تىلفۇن سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپ چىقمايدۇ

ئاۋازىدىن بىلگەن چېغى، مەن تېخى خوتۇنى قىلغان تېلىفون دەپ ئويلاپتىكەنمەن来自: Android客户端
15#
ياساۋۇل ۋاقتى: 2014-1-8 10:58:01 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياساۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 10:59  


دۈگىلەك ئىچىدىكى ئادەم كىم؟




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1