ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ستىۋىن سپىلبىرگ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


Steven Spielberg


سەنئەتكار(مۇزىكانت)ئاپىسى ۋە ئېلىكترون رىمنوتچسى دادىسىنىڭ گېن تەسىرىدە1947-يىلى بارلىققا كەلگەن بۇ يولداش كىچىكىدىنلا فانتازىيە ۋە تەۋەككۈلچىللىككە ئامراق بۇلۇپ، 12ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ تەقدېرىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. دادىسى سۇۋغا قىلغان كامېرا ئۇنى فىلىم ئىشلەشكە قىززىقتۇردى. كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سپېلبېرىگ، ئۇنىۋېرسال ستودىيەسىنىڭ تېلۋىزىيە بۆلۈم دېرىكتورى بىلەن تونىشىدۇ ۋە ئىشلەشكە توختاملىشىدۇ. 1971-يىلى سپېلبېرىگ  تۇنجى قېتىم رېجىسسورلۇق قىلغان دوئىل (Duel)ناملىق فىلىم مەبلەغ ۋە ۋاقىت سەرپىياتى جەھەتتە بۇ ھوللىۋودلۇق ئەڭ ياش رېجىسسورنىڭ ئاقنانچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى 300مىڭ دوللار مەبلەغ ئاجىرتىلغان 10كۈندە رېجىسسورلىقى تۈگىگەن بۇ فېلىم نەچچە 10 مېلىيون كىرىم قىلىدۇ.


ئۇ ئاكولانى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە ئاكولا ھەم فانتازىيىلىك ھەم خەتەرلىك جانلىق ئىدى، يۇقارقى غەلبىسى ئۇنىڭ چۈشلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتلىرى، ئەلۋەتتە ئۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى، 1975-يىلى ئۇ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى فىلىم  (Jaws) ئاكولا، 400 مىلىيوندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ پۈتۈن ھوللىۋودنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردى.  بۇ ئەلۋەتتە ئورۇنلۇق،  فانتازىيە ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش شۇ ۋاقىتتىكى(ھازىرقىلارمۇ شۇ) كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئىدى.


ئۇ ھېچكىمنىڭ كۆزىگە قارىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. سپىلبىرگنىڭ دەۋىرى باشلاندى ئۆز ستايىلى بويىچە،  (Close Encounters of the ThirdKind)،  تاشقى پىلانت ئادىمى(E.T)، كەلگۈسىگە قايتىش(Back to the Future)، ھىندىياننا جونىس(Indiana Jones ) قاتارلىق كۆرۈرمەنلەر ئەزەلدى ھېس قىلىپ باقمىغان فانتازىيە ۋە خەتەرگە تولغان  چوڭ تىپتىكى كىنولارنى ئىشلىدى، بولۇپمۇ تاشقى پىلانىت ئادىمى(E.T) شۇ دەۋىردىكى ۋە يېڭى ئەۋلاتلاردىكى فانتازىيەلىك تۇيغۇلارغا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ نۇرغۇن ئالقىشلارغا ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.  


ئۇنىڭ قوللىغۇچىللىرىغا جاۋاپ قايتۇرغۇسى بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قارا تەنلىك قىزنىڭ كەچۈرمىشىلىرى تەسۋىرلەنگەن سۆسۈن(The Color Purple)ناملىق فېلىمنى ئىشلەيدۇ. فېلىم ھىچقانداق تەسىر قوزغىيالمايدۇ، ئىككى يىلدىن كىيىن يەنى 1987-يىلى  بۇرنىغا يىمىگەن سپىلبىرگ قۇياش خاندانلىقى(Empire of the Sun) ناملىق فېلىمىنى بازارغا سالىدۇ، ھەممەيلەن سپىلبىرگنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنى ئەسلىشىدۇ...  ئەستائىدىللىق بىلەن ئىشلەنگەن فېلىملىرىنىڭ  بۇ ئېچىنىشلىق رىئاللىقى ئۇنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ.


  ئۇ ئۆزىنى ياخشى چۈشەندى، سەنئەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، بەك چۈشۈنۈپ كېتىپ بىزنى خالىغان ۋاقتىدا ئەخمەق قىلىلايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئوسكار مۇكاپاتى ئېلىش ياكى پۇل تېپىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلە ئەمەس ئىدى.  ئۇ ئادەملەرنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدى.  1991-يىلى (Hook)خوك ، 1993-يىلى 600مىلىيون مەبلەغ سېلىنغان خىياللارنىڭ چېكى بولغان دېنىزاۋۇرلار دۇنياسىنى تەتقىق قىلىپ سىنارىيەلەشتۈرىدۇ ۋە يۇرا باغچىسى(Jurassic Park)ناملىق فىلىمىنى بازارغا سالىدۇ، فىلىم بىر مىلىياردقا يېقىن قىممىتى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى بىلەت كىرىمى رىكوردىنى يارىتدۇ.



ئۇ تەۋەككۈلچىلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇ شۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلدىكى كىشىلەر فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىنمۇ بۇ ئىشقا ئىشەنمىدى، بۇ دەل ھەقىقەتەنمۇ كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك فىلىم "شىندلىرنىڭ تىزىملىكى"(Schindler's List).   شۇنداق قىلىپ سىپىلبىرگ بىر تارىخى فېلىم ئىشلىگەن بولدى. ئۇ ئۆزى كەسىپلىشىپ كەتكەن كىنو تېخنىكىلىرىنى تاشلاپ ھىچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق رەڭسىز فېلىمدىن بىرنى ئىشىلىدى.(ياق.... بۇ ئۇنىڭ ستايىلسى ئەمەس... ئۇ چىدىماسلىق قىلىۋاتىدۇ، باھالىغۇچىلار... ئۇ كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىكەن...) نىمىلا دىمەيلى ئۇ غەلبە قىلدى، مەيلى رېئاللىق تەرەپتىن بولسۇن مەيلى بىلەت كىرىمى جەھەتتىن بولسۇن ئۇ غەلبە قىلدى. ئۇنىڭ تەۋەكۈلچىلىكى كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى.(ئەمەلىيەتتە ئۇ بايا دەپ ئۆتكەندەك ھەممىنى بىلىپ بولدى، بىزنى ئوينىتىۋاتىدۇ خالاس...) ئەڭ موھىمى ئۇ ئوسكار تېمىسىنى توغرا تاللىيالىدى.


بۇ ئوغۇرىنىڭ پۇلى ئازلاپ قالدىمۇ يا يېڭى مەبلەغ تېمىسى تاپتىمۇ ئۇخمىدىم، 1997-يىلى يۇرا باغچىسىنىڭ ئاخىرى: يۈتكەن دۇنيا(The Lost World:Jurassic Park)نى ئىشلەپتۇ. ھىساپتا بىر يىل پۇل تېپىپتۇ،  كىيىنكى يىلى يەنى 1998-يىلى ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم سىناپ باققۇسى كەلگە سپىلبىرگ ھوللىۋوددىكى ئەڭ ياخشى ،چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش فېلىمى "ئەسكەر رىياننى قۇتقۇزۇش"(Saving Private Ryan)نى بازارغا سېلىپ يەنە بىر قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى رېجىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ.
مەنبە: گۈللۈك تورى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
جاسۇس007 ۋاقتى: 2012-11-12 15:07:09 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوسىنىمۇ بللە يوللىغان بولسىڭز ياخشى بۇلاتتى.

باھا سۆز

بۇ ئادەم ئارتىست ئەمەس، رىژىسور  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-12 15:13
يىكەنداز
 ئىگىسى| سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-12 15:13:35 | ئايرىم كۆرۈش
جاسۇس007 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-12 15:07
كىنوسىنىمۇ بللە يوللىغان بولسىڭز ياخشى بۇلاتتى.

بۇ ئادەم ئارتىست ئەمەس،  رىژىسور

باھا سۆز

رىژىسورلۇق قىلغان كىنوسىنى دىمەكچى ئوخشايدۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-12 19:32
گېلەم
pasiban ۋاقتى: 2012-11-12 19:32:15 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-11-12 15:13
بۇ ئادەم ئارتىست ئەمەس،  رىژىسور

رىژىسورلۇق قىلغان كىنوسىنى دىمەكچى ئوخشايدۇ.
كىگىز
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-11-12 19:59:47 | ئايرىم كۆرۈش
E.Tدىگەن كىنونىڭ ناخشىسىنى كاتىر پىترىي دىگەن ئايال ئوقۇغان ، ئەينى ۋاقىتتا شۇ ناخشىنى ئاققىركام خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپتىكەن ، مەن بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم .
ئورۇندۇق
ئالىپ0998 ۋاقتى: 2012-11-12 20:49:37 | ئايرىم كۆرۈش
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بىرى كىنو ئىشلىمەپتۇدە ماۋۇ ئارتىس ئەمەس رىژىسور
داق يەر
wasdnoasdw ۋاقتى: 2012-11-12 22:47:05 | ئايرىم كۆرۈش
گۈللۈگنىڭ تېمىسىغۇ بۇ كۆچۈرگەندىكىن ئەسكەرتىپ قويۇڭ بولمىسا سەت تۇرىدۇ .
مىخ
wasdnoasdw ۋاقتى: 2012-11-12 22:49:42 | ئايرىم كۆرۈش
يېقىدىن بىرى پېتىر جەكسۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى «تىن تىن » ۋە مۇستەقىل رېجسۇرلىقىدىكى فىلىم «جەڭ ئېتى » بار . ئۇندىن باشقا «ئۆزگەرگۈچىلەر» نىڭ فىلىم ئشىلىگۈچىسىغۇ دەيمەن .
9#
كۇلمەس ۋاقتى: 2012-11-13 09:19:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئىشلىگەن كىنولارنى ئاساسى جەھەتىن كۆرۇپتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1