ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

رىئال مۇھەببەت ھېكايىسى --- سۈبھى ۋاقتى(1-قىسىم)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھېكايىمىزدە ئاق ئاتلىق شاھزادە يوق، ھەم كۈل قىزمۇ يوق. قېيىن ئانا كېلىن ئۇرۇشى،  زامان ماكان ھالقىغان مۇھەببەت، ياكى ئاق قان راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان  يادا بولۇپ كەتكەن ۋەقەلىك ھەم يوق .ھېكايىمىزدە ھەقىقىي تۇرمۇش بار، ھەقىقىي دىئالوگلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە كارتىنىلىرى بار. گەرچە فىلىم پەقەت بىرجۈپ ئەر ئايالنىڭ تۇرمۇش ھېكايىسىنى ئۇزۇن پايتىمىدەك دىئالوگلار بىلەن  بايان قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ھەرقانداق بىر كۆرۈرمەن فىلىمدىن ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى تاپالىشى مۇمكىن.
فىلىم «سۈبھىي ۋاقتى» «گۇگۇم ۋاقتى» ۋە «تۈن ۋاقتى» دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان ۋەقەلىك بولۇپ. بىز بىرلىكتە بۇلارنىڭ تۇرمۇش ھېكايىسىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى.

جېسسى: ئىككىمىز ۋېيىنانى بىرلىكتە ئايلىنايلى. بەلكىم بىز تونۇشۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر مېنى بولمىغۇر كىشى ئىكەن دەپ ئويلىسىڭىز  كېيىنكى قېتىملىق پويىزغا چىقىپ كېتىپ قالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مەن بولمىغۇر ئادەم بولمىسام ئۇچاغدا مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى چۈشىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم 20يىلدىن كېيىن نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا  كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگىنىدە مېنى ئويلاپ ئۆزىڭىزگە تەسەللى تېپىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ۋە بەلكىم  20 يىلدىن كېيىنكى شۇ تىراگىدىيەنىڭ ئالدىنى ھازىر ئالالىشىڭىز مۇمكىن

سېلىيىن:مەن باشقىلار بىلەن خوشاللىقنى بىرلىكتە ھەمبەھىرلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇ بىرخىل ئازادە  ھەم بەخىتكە تويۇنغان تۇيغۇ. بەلكىم  كېچىچە بىرگە ئايلىنىش، سەھەردە قۇياشنىڭ چىققىنىنى بىرلىكتە كۆرۈش، مەن ئۈچۈن بىر  قىسقا خوشاللىق بولىشى مۇمكىن، بەلكىم مەن ناتونۇش بىرى بىلەن توي قىلىشىممۇ مۇمكىن.  ئۇلار مېنىڭ قىزىقىشىم ، ئارزۇلىرىم ئۈستىدە باش قاتۇرامدۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. بىراق مەن سىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كېچىنى  مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە، ھەقىقەتەن شۇنداق...


1995-يىلى سۈرئەتكە ئېلىنغان بۇ فىلىم   ھازىرقى مەۋھۇم توردىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن خالى  ھەقىقىي ھېسىياتنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشنى ئاساس قىلغان فىلىم بولۇپ ، دەرۋەقە ئېنتىرنىت ، ئالاقە ئەمدىلەتىن يېڭى سۆزلىنىۋاتقان دەۋىر ھېكايسى . كىنونى كۆرۈپ شۇلارنى ئويلاپ قالدىم.  شۇ دەۋىرلەمۇ ياخشى ئىكەن. مەۋھۇم ئالاقە ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە  كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىدىكى  ھېسىياتمۇ  مەۋھۇملىشىپ كېتىدىكەن. مەيلى دوستلۇق ياكى مۇھەببەت بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاش ئىكەن.
ھېكايە باش قەھرىمانلىرى جېسسى بىلەن سېلىيىن بىر قېتىملىق پويىز سەپىرىدە تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ. (بەلكىم كۆپىنچىمىزنىڭ شۇنداق بىر كەچۈرمىشلىرى بولغان بولىشى مۇمكىن) ئۇلار ناھايىتى تېزلا بىر بىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر تەرىپىدىن مايىل بولىشىدۇ. بىراق پويىز ناھايىتى تېزلا جېسسىنىڭ بېكىتى ۋېيىناغا كېلىپ قالىدۇ. بىراق ئۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭى تۈگىمىگەن دە ، جېسسى بولسا ئامرىكىلىق بولۇپ  ۋېيىنادىن ئامرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئامرىكىغا قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ۋېيىنادا بىر كېچە قونۇشىغا توغرا كېلىدۇ،  لېكىن ئۇ سېلىين بىلەن شۇنچىلىك قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتكەنلىكتىن  ئۇنىڭغا قىيماي ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۇنى ۋېيىنادا چۈشۈپ قېلىپ  بىرلىكتە ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، سېلىين بولسا  فىرانسىيەلىك بولۇپ ، چوڭ ئانىسىنىڭ قېشىدىن  ئۆيىگە يەنى پارىژغا قايتىۋاتقان ، ئۇ ئالدىكى بۇ گەپ سۆزلىرىدە قىلچە  قۇۋلۇق يوق يىگىتنىڭ تەكلىپىگە  قوشۇلۇپ پويىزدىن چۈشۈپ قالىدۇ.  ئىككىيلەننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قالتىس دىئالوگى ماقالە بېشىدا بېرىلدى. (بەلكىم بۇ جېسسىنىڭ قىز كەلتۈرۈش تاكتىكىسى بولسا كېرەك) دەرۋەقە  جېسسى سېلىيننى قايىل قلىپ ۋېيىنادا بىرلىكتە ئايلىنشىنى باشلاپ كېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ پارىڭى دىنوزاۋۇرلار دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ، بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشقا چىققان كىشىگىچە ، ئائىلە تەربىيەسى، ئەر -ئاياللار ئارىسىدىكى  ھەرخىل تالاش -تارتىشلار،  ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى مەۋجۈتلۇق ئۇسۇلى ، چوڭلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزلىرى ، ئىشقىلىپ دېيىشمىگەن ساھەسى ، قىلىشمىغان پاراڭلار قالمايدۇ.  بەلكىم فىلىمنى كۆرىۋېتىپ ئۇلارنىڭ قىلىشىۋاتقان گېپىنى تەپسىلىي ئاڭلىمىغىنىڭىزدا  تولا كوتۇلدايدىكەن دەپ ئۆتكۈزىۋېتىپ قېلىشىڭىز مۇمىكىن. ناۋادا شۇنداق قىلدىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بۇ فىلىمنى كۆرمەيلا  قويغىنىڭىز ئەۋزەل. ئىشقىلىپ  ۋېيىنادىكى  كوچا سەنئەتكارلىرى،  ئۆزگىچە  تىلەمچىلىك مەدەنىيىتى،  كەچلىك كۇلۇپ ، فىلىمدە ھەرگىزمۇ كام ئەمەس ، بىراق ئىككىيلەننىڭ پارىڭى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمايدۇ. شۇنچىلىك تەبىئىي، ئىچكىرلەپ پاراڭلىشىپ ھەتتا تونۇشقىلى نۇرغۇن يىللار بولغان كىشىلەردەك بولۇپ كېتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرى قىلىشنى ئويلىغان ھەممە ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرىدۇ. فىلىمدە ئۇلار بىر كىچىك تاماقخانىدا غىزالىنىدۇ.  شۇ كۆرۈنۈشتە ئاشۇ ئاشخانىدىكى ھەر بىر ئۈستەلدىكى كىشىلەرنىڭ  شۇ دەقىقىدىكى ھېسىياتى، بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ئاغرىنىشلىرى، بەزىلىرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ۋە ياكى ئاللىقانداق  باش قېتىنچىلىقلىرىنى بىر قېتىملىق  ئاتلاپ سۈرئەتكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنتايىن ئېنىق ئېچىپ بەرگەن. شۇنداق ، ھېچكىمنىڭ تۇرمۇشى ئاسان بولغان ئەمەس.......

دەل شۇ ئاشخانىدا ئۇلار بىر بىرىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان ھېسىياتىنى چۈشۈنىشىنى بىلىش ئۈچۈن  دوستىغا تېلفۇن قىلىش ئويۇنىنى ئويناپ  دوسىتلىرىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پاراڭلىشىپ بىر بىرىگە بولغان قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان يەنە بىر كۆرۈنۈش بار، دەل مۇشۇ يەرنى كۆرىۋاتقان چېغىمدا  رېژىسسورنىڭ كاللىسىنىڭ دەھشەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز شۇنداق ، بىراۋنىڭ ئۆزىمىزگە بەرگەن تەسىراتىنى ھېچقاچان يۈزىدىن يۈزىگە دىيەلمەيمىز. ئەكسىچە  دوسىتلىرىمىز ياكى ئەڭ يېقىن سىردىشىم دەپ قارىغان كىشىمىزگە ئېيتىدىغىنىمىز ھەقىقەت، دېمەك بۇ كۆرۈنۈش فىلىمدە قالتىس چىققان كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.



پاراڭ تۈگىمەس بولغىنى بىلەن  كېچە ھامىنى تۈگەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار  بىر قاۋاق خوجايىنىغا ھال ئېيتىپ   ئۇ يەردىن بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقىغا ئېرىشىپ ،  سلىيننىڭ سومكىغا تىقىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن  ئىككى دانە رومكىسى بىلەن  بىر باغچىغا كېلىپ    ئولتۇرۇپ پارىڭىنى داۋام قىلىدۇ... ئۇلار  بىر بىرىگە شۇنچە ئېرىشكۈسى بار بولسىمۇ ئەمما ئەتىلا كېتىپ قالىدىغان بۇ خوشاللىقنى ئويلاپ يەنىلا جىمىپ قېلىشىدۇ.  ئەمەلىيەتتە  بىر كۈنلۈك قىزغىن پاراڭ ۋە چۈشىنىشلەردىن كېيىن جېسسى بىلەن سلىيىن ئىككەيلەن  قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە نەقەدەر ماس كېلىدىغان چۈشتىكى مەشۇقى ئىكەنلىكىگە ئىشنىدۇ، لېكىن تاڭ ئاتسىلا ئايرىلىپ كېتىدىغان بىر رىئاللىق ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى مەجبۇرى چۈشەپ قالىدۇ.



سۈبھىدىكى جىمجىتلىك گويا ئىككىيلەننىڭ يۈرىكىدىكى جىمجىتلىقتەك. ئۇلار ۋاقىتنىڭ شۇ دەقىقىدە توختاپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىشتى، بىراق ۋاقىت ئۇلارنىڭ دىگىنىگە كۆنمەيدۇ دە جېسسىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى، سېلىينمۇ پارىژغا ماڭىدىغان پويىزغا چىقىش ئۈچۈن ۋوگزالغا كەلدى، جېسسى سېلينننى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆزى ئايرىدورومغا بارماقچى بولغانىدى. لېكىن پويىز ئىستانسىسدا ئۇلار بىر -بىرىگە قىيىشالماي قېلىشتى. تېلفون نومۇرىنى ياكى ئادرىسىنى قالدۇرماقچى بولدى، بىراق ئۇلار تېلفۇن ۋە خەت ئالاقىسى قىلىشىپ بارا-بارا ئالاقە قىلماس بولۇپ كېتىشىدىن قورقتى.  ئاخرىى ئۇلار  6 ئايدىن كېيىن يەنى  ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلاپ دېكابىردا كەچ سائەت 6 بىلەن 9- نومۇرلۇق  ئېغىزدا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.... سىلىېيىن قىيمىغان ھالدا  يالتىراق ياشلىرىنى ئېيىتقىنىچە پارىژغا يول ئالدى،  جېسسى بولسا بىلىپ بولمايدىغان بىرخىل ھېسىيات بىلەن ئايرىدورومغا بارىدىغان ماشىنىدا كېتىپ قالدى





فىلىم ئاياقلىشىدىغاندا چىقدىغان ۋېيىنادىكى ھېلىقى مەنزىرىلەر فىلىمدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان  ۋېيىنا كوچىلىرى بىر بىرلەپ چىقىدۇ،  ئۇلار تەۋە بولمىغان بىر شەھەر، لېكىن ئۇلارغا ئورتاق تەۋە بولغان بىر گۈزەل ئەسلىمە بىلەن ھېكايە ئاياقلىشىدۇ..............
ھېكايە  تۈگىدى، ئەمدىكى مەسىلە  ئۇلار 6 ئايدىن كېيىنكى ئاشۇ كۈنى دەل شۇ 9--نومۇرلۇق  چىقىش ئېغىزىدا كۆرۈشەلەمدۇ؟






مۇھەببەت ----- بەلكىم سەن بىلەن ناتونۇش بىر شەھەر كوچىسىدا ئايلىنىشتۇر



مۇھەببەت ----- بەلكىم سېنىڭ شۇ كۈلكەڭگە جۆر بولۇشتۇر




مۇھەببەت ----- بەلكىم سەن بىلەن ئارىمىزدا بولغان ھېلىقى تۈگىمەس «قۇرۇق» پاراڭلاردۇر




مۇھەببەت ----- بەلكىم سەن ئوينىغان ھېلىقى  ئويۇنلاردۇر




مۇھەببەت ----- بەلكىم ئىككىمىز بىرلىكتە تىڭشىغان ھېلىقى مۇزىكىدۇر



مۇھەببەت ----- بەلكىم سەن بىلەن كوچىدىكى مۇزىكىغا ئوينىغان بىر مەيدان تانسىدۇر




مۇھەببەت ----- بەلكىم سېنىڭ ماڭا ، مېنىڭ ساڭا بولغان ئەڭ قىممەتلىك ھېس تۇيغۇلىرىمدۇر.............

داۋامى بار.......

ئىككىنجى قىسمى : گۇگۇم ۋاقتى  









قاتناشقانلار سانى 1دوللار +3 يىغىش سەۋەبى
kokqin + 3 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +3

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى7
ناچار
ناچار0
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

7پىنتوزىلىرى

41تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1