ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئانىلار بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wiiros تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-17 02:16  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار سالامەتمۇ سىلەر؟ ئالدى بىلەن بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن... بارلىق ئانىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، تۇرمۇشى زىيادە بولسۇن... پەرزەنت ئۈچۈن يېمەي يىگۈزگەن، كىيمەي كەيگۈزگەن ئاشۇ بىر جۈپ قوللىرىدىن گۈللەر ئۈنسۇن! گەرچە ئانىلار بايرىمى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىمىزگە كۈندە ئانىلار بايرىمى.
چۈنكى، بىز ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ئاشۇ مېھنەتكەشلەرگە ھەر ۋاقىت بايرام بولغۇسى...
جان ئانا جېنىم ئانا، ئەجرىڭ تېخى يادىمدا،
جان ئانا جېنىم ئانا، ئەجرىڭ تېخى يادىمدا.
كىردىم بىلىم بېغىغا، ئەقىل تېپىپ باغرىڭدا،
كىردىم بىلىم بېغىغا، ئەقىل تېپىپ باغرىڭدا.

كۆڭلۈڭ ئەمىن تاپمايدۇ، كەم بولسا بىر ۋاخ ئېشىم،
كۆڭلۈڭ ئەمىن تاپمايدۇ، كەم بولسا بىر ۋاخ ئېشىم.
پېشانەمنى سىلايسەن، ئۆمۈر تىلەپ سىردىشىم،
پېشانەمنى سىلايسەن، ئۆمۈر تىلەپ سىردىشىم.

ئىشەن ماڭا مەن چوقۇم ئاقلايمەن ئۈمىدىڭنى،
ئىشەن ماڭا مەن چوقۇم ئاقلايمەن ئۈمىدىڭنى،
..........................................................
..........................................................

كەچۈر ئانا قوللىرىڭدىكى ئاق، مېنىڭ نەزىرىمدە ئەمدى ھەرگىز قورقۇنۇچلۇق كېسەل ئەمەس. ئۇ كېچىگىمدە ئالدىڭغا تەمتىرەپ كەلگۈچە، كۆكسىڭ چىڭقىلىپ تۇتۇۋالالمىغىنىڭدا، ماڭا ئۈلگۈرمەي قوللىرىڭغا ئېتىلىپ چىققان سۈتۈڭنىڭ غېمى، سۈتۈڭنىڭ دېغى، ئۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن پاكىز ۋە ھەممىدىن قىممەتلىك...

قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا؟
ياق، تېخى يارقىن ئەرتىلەر.



بەلكىم يۇقىرىقى مەزمۇنلار تورداشلار ئېسىگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلىرىمىز كىچىكىمىزدە سىملىق تېلېۋىزىيەدە كۆرگەن بۇ فىلىم بىزنىڭ بالىلىق ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولغان ئېسىل فىلىم << كەچۈر ئانا >> ناملىق فىلىمنى بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. چۈنكى فىلىمنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر پەرزەنتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بۇ فىلىمگە سىڭىپ كەتكەن... شۇڭا تورداشلارنىڭ ئانىلار بايرىمىغا ئاتالغان بۇ فىلىمدىن بەھىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر فىلىمنى مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى مەلۇم بىر بېكەتتىن ساقلىۋالغان ئىدىم. بېكەت نامى ئېسىمدە قالمىغاچقا، ئەسكەرتىپ قويۇشقا مۇمكىن بولمىدى. ناۋادا مەزكۇر فىلىمنى يوللىغۇچىنىڭ تەكلىپ- پىكىرى بولۇپ قالسا، مەزكۇر فىلىم دەل ۋاقتىدا ئۆچۈرۋېتىلىدۇ. شۇنداقلا، ھەرقانداق كىشىنىڭ فىلىمنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز توردا تارقاتسا (توربەت، ئۈندىدار، كوت كوت ) بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز... شۇنداقلا، مەزكۇر ئەسكەرتىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىنغانلار بايقالسا مەسئۇلىيىتىنى ئاق بۈركۈت نامىدىن سۈرۈشتە قىلىمىز. دىققەت قىلغايسىلەر؟

فىلىم تەسىراتىنى ئالاھىدە ياخشى يازغانلارغا تۇغتېكىن ۋە تەرجىمانلار دوللار بىلەن تارتۇقلايدۇ. ئانىلار مەدىيلەنگەن ياخشى ئىنكاسلار ئۈزۈلمىگەي...

فىلىم سىغىمى: 320مب
ئۇزۇنلىقى:32مىنۇت
رازمىىرى: 720*576

بت ئۇرۇقى:
Kechur Ana.mkv.torrent (25.55 KB, چۈشۈرۈش سانى: 30, باھاسى: 10 دوللار)




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار18

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تەۋسىيىلەش
خانتاجى ۋاقتى: 2017-5-17 14:46:29 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاتا-ئانىنى يىغلاتقان ، قاقشاتقان ئىنسان بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ بىرى ھەرگىز ئىككى بولمايدۇ ، پەلتۇسى تىزىدىن ئاشماي خارلىقتا ئۆپىدۇ ، ئەكىسچە قىلغان ئىنسان بولسا بىر ئۆمۈر ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭغا ئۆزى ئويلاپ باقمىغان پايدا-مەنپەئەت ياخشى شارائىتلار تۇيۇقسىزلا كىلىپ تۇردۇ ، بۇلاردىن ھەتتا ئۆزىمۇ ھەيران قالىدۇ
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +12 يىغىش سەۋەبى
تۇغتېكىن + 12 ياخشى گەپ...

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +12

دىۋان
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2017-5-17 02:16:51 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنى كۆرۈپ 30 مېنۇت توختىماي يىغلىيالايدىغانلارغا مۇكاپات بېرىلدۇ... دەلىل ئىسپات بولمىسا ھېساب ئەمەس. شو شىپىن قىلىپ قويغايسىلەر...

باھا سۆز

مەن كۆرمەي تۇرۇپلا يىغلايمەن، ھەممىڭلارنىڭ ئانىسى سالامەت بولسۇن...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2017-5-17 09:38
يىكەنداز
saarhil ۋاقتى: 2017-5-17 08:44:39 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوما بۇ يوللىغىڭىز
گېلەم
dilmurat ۋاقتى: 2017-5-17 09:38:28 | ئايرىم كۆرۈش
تۇغتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2017-5-17 02:16
فىلىمنى كۆرۈپ 30 مېنۇت توختىماي يىغلىيالايدىغانلارغا م ...

مەن كۆرمەي تۇرۇپلا يىغلايمەن، ھەممىڭلارنىڭ ئانىسى سالامەت بولسۇن...
كىگىز
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2017-5-17 10:30:21 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2017-5-17 09:38
مەن كۆرمەي تۇرۇپلا يىغلايمەن، ھەممىڭلارنىڭ ئانىسى سا ...

ئىككىمىز ئوخشاشكەنمىز...
ئورۇندۇق
abdusala ۋاقتى: 2017-5-17 11:10:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdusala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-17 11:19  

تىمىنى ئوقۇپلا كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى
.بارچە ئانىلار سالامەت بولسۇن ...كەتكەنلەر خاتىرجەم ياتسۇن...پەرزەنتلەر قەدرىگە يەتسۇن.ئانىلار بايرىمىڭلارغا  مۇبارەك بولسۇن تىنىڭلارنىڭ سالامەت ئائىلەڭلارنىڭ تىنىچ خاتىرجەملىكىنى تىلەيمەن
ئاتا-ئاناڭ،دۇئاسىنى ئىلىۋال

ھايات چاغدا ئاتا-ئاناڭ،دۇئاسىنى ئىلىۋال
ئۈزۈلدۈرمەي ياخشىلىق،بۇرچۇڭ ئادا قىلىۋال،
ئۆمرى تۈگەپ قەبرىگە،كىتىپ قالار بىر كۈنى،
جاپالاردا قۇرۇق باسقان يۈزلىرىگە قىنىۋال.
كىرىپ قالدى ئاتمىشكە،چىچى قاردەك ئاقىرىپ
ساغلام قىزىل چىرايى،كەتتى تامدەك تاتىرىپ،
كەتمەن تۇتقان قوللىرى، قالدى مانا قاپىرىپ،
شۇ مىھرىبان داداڭنىڭ، خىزمىتىنى قىلىۋال.
ئاھ ئانا دەپ ھەسرەتتە، لەۋلىرىڭنى چىشلەيسەن
خوشلىشىالماي بىر كۈنى، كىتىپ قالسا تۇيۇقسىز
ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنمەي،رىئاللىق بۇ دىيەلمەي،
زار -زار يىغلاپ كىچىنى، ئۆتكۈزەرسەن ئۇيقۇسىز.
قىزنى قوشتى قاتارغا ،قىلىپ شەرمى-ھايالىق،
ياخشى تەلىم بەرگەچكە،ئوغلى بولدى ياراملىق
قالدى بۈگۈن ياشىنىپ،كەتتى كۈچ-مادارىدىن
راھەت كۆرسۈن شۇلارمۇ،تاپسۇن بىر ئاز ئاراملىق
يالغۇزسىراپ قالمىسۇن،يوقلاپ قويغىن داۋاملىق،
ھەر سەھەردە ئۇلار ئۈچۈن،تىلەپ تۇرغىن ئامانلىق،
توغراق كەبى ئاتاڭنىڭ،پەرىشتىدەك ئاناڭنىڭ
قۇلاق سالغىن سۆزىگە،قىلما زىنھار يامانلىق .  



قاتناشقانلار سانى 1دوللار +15 يىغىش سەۋەبى
تۇغتېكىن + 15 دەششەت !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +15

مىخ
del ۋاقتى: 2017-5-17 15:51:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئانىلارنى مەڭگۇ ياد ئېتىشىمىز كىرەك ، مىھرىبان ئانىلار مەڭگۇ سالامەت بولسۇن ..
9#
كۆكنار ۋاقتى: 2017-5-17 16:15:52 | ئايرىم كۆرۈش
نائىشىسىمۇ شۇنداق مۇڭلۇق بۇ فىلىمنىڭ...
10#
ئۇنۇتما ۋاقتى: 2017-5-17 16:48:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۈركۈت تورىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن مەن كۈرەلمىدىم بۇ فىلىمنى 5 دوللار بىرىپ تۇرۇڭلا دوسلار
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +7 يىغىش سەۋەبى
تۇغتېكىن + 7

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +7

11#
abid ۋاقتى: 2017-5-17 17:48:33 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۇر ئانا دىگەن بۇ كىنونى ئەينى يىلى ئاغىنەمنىڭ دەيخانىسدا تۇنجى قىتىم كورگەن ئىدىم.شۇ چاغدا ئوزەمىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن. ئاڭغىچە بۇ فىلىم كەڭ تارقىلىپ ،فىلىمنىڭ ناخشىمۇ رىستۇرانلاردا كەڭ ئىيتىلدىغان ئېسىل ناخشىلاردىن بوپ قالغان ئىدى.فىلىمدىكى مەرھۇم زۇنۇنقىز ئىلاخۇن ئاپىمىزمۇ ئانا ئوبرازىنى ھەقىقەتەن بەك ئىسىل ئاپتىكەن.ناخشىىنى ئەسقەر ئىيتقانغۇ دەيمەن شۇنداقراق ئىسىمىدە....ناخشىمۇ كىنو بىلەن بەكلا كىرشىپ كەتكەن.كىشىنىڭ يۇركىنى ئىختىيارسىز لەرزىگە سالىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئاتا-ئانىنى بولۇپم ئانىنى بەك ئەزىز كوردىغان ئانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشىنى باش تارتىپ بولمايدىغان ئىككى دۇنيالىق بۇرۇچ دەيدىغان ئىسىل ئەقىدىمىز بولغاچ ،فىلىم ئەينى يىللىرى كىشلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
ھەرە6 + 5 ئوبدان پاراڭ...

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +5

12#
ئىھسان520 ۋاقتى: 2017-5-18 01:06:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئانىنىڭ كۆڭلى بالادا ئىكەن،
بالىنىڭ كۆڭلى تالادا ئىكەن،
كەچۈرەمدۇ بىزنى …
كەچۈر ئانىجان، كەچۈر ئانىجان .
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
ھەرە6 + 10 قارىماققا يىغلىغاندە.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

13#
ablikim1239 ۋاقتى: 2017-5-18 11:09:46 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق نادىر تىمىنى  تىخمۇ كۆپ پەرزەنتلەرنىڭ كۈرۈشى ئۈچۈن ھەقسىز قىلىۋەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى.
14#
ئۇنۇتما ۋاقتى: 2017-5-18 11:41:16 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىم 10 قېتىم قايتىلاپ كۆردۇم يىغلىماي دىسەممۇ  يەنە يىغلاپ سالدىم  شۇ مىھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ ،
بايرىمىغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن  ، ئاق بۈركۈت تورىدىكى تورداشلار نىڭ،
بۇ فىلىمنى  بىر كۈرۈپ قۇيشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

يەنە ماڭا 7 دوللار بىرىپ تۇرغان (تۇغتېكىن) گە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن رەھمەت سىز گە
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
ھەرە6 + 20 يىغلىغاننىڭ مۇكاپاتى

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

15#
ablikim1239 ۋاقتى: 2017-5-18 19:01:07 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا قايسىڭلار 10دوللار ئارىيەت بىرىپ تۇرىسىلەر؟نادىر فىلىمنى كۆرىۋالاي.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +8 يىغىش سەۋەبى
wiiros + 8

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +8

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

16پىنتوزىلىرى

74تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1