تەرجىمە ئىسمى: لوناردو ۋىليلم دىكاپرو.
خەنزۇچە ئىسمى: 莱昂纳多·威尔海姆·迪卡普里奥 ئىسمى: Leonardo Wilelm DiCaprio
دۆلىتى: ئامرىكا تۇغۇلغان يېرى:لوس ئانژېلېس تۇغۇلغان ۋاقتى:1974-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى. كەسپى: ئارتىست
بوي ئىگىزلىكى: 180سانتىمېتىر. لەقىمى:Leo(ئەسەد يۇلتۇزى) ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرى: ياخشى كۆرىدىغان تەنھەركىتى:ۋاسكىتبول،كالتەك توپ ياخشى كۆرىدىغان ئەر ئارتىستلار: روبېرت دېنو («ئامرىكىدىكى ئىشلار»فىلىمىنىڭ باش رولچىسى)، ئال پاسىنو ،جىك نىكېرلىن ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئارتىسى:مېگ رېيان ياخشى كۆرىدىغان كىنوسى: «ئاتامان » ،لېنىن ئۆكتەبىردە» ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىكى: گۆش ياخشى كۆرىدىغان شەھەرلىرى: نىيو-يورك،سانتپېتىربۇرگ،سانت-فرانسىسكو ئەڭ چوڭ ئارزۇسى:مۇھىت ئاسراش،تۇرمۇش تېنچلىقتا
كىنوچىلىق تۇرمۇشى:
تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ،بىراق لوناردو تۇنجى قېتىم تېلىۋىزور ئېكرانىغا خېلى بالدۇر چىققان ئىدى.5 ياش ۋاقتىدا تېلىۋىزىيە فىلىمى
《Romper Room》نىڭ(ئۆيگە يامىشىش) سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان.12 يېشىدا 50 قېتىمغا يېقىن يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدىن كىيىن،ھارماي-تالماي تىرىشىش ئارقىلىق، كەسپى ئارتىستلىق خىزمىتىگە ئېرىشكەن.ۋە بىرقىسىم قىسقا ماشىنا ئېلانىغا چىققان.14 يېشىدا ئائىلە ۋاكالەتچىسىى ئۇنى قوبۇل قىلغان.ۋە تېلىۋىزىيە فىلىمى Santa Barbara》ۋە 《The New Classic》(يېڭى كىلاسسىك) لارنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.شۇنۇڭدىن تارتىپ ئۇ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مۇۋەپىقىيەتكە قاراپ ماڭدى.1991-يىلى «ئالۋاستى3»،«تاشقى پىلانت ئادىمىنى قوغلاش بۇيرۇقى»،1992-يىلى«ۋىروس ئېلىپ يۈرگۈچى پىچەكگۈل» قاتارلىقلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان. 1993-يىلى «باشتىن باشلىغانغا يەتمەيدۇ» دىگەن كىنونى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىپ، 1994-يىلى ئوسكار «ئەڭ جەلپكار ئەر رولچى »مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 19 ياش ئىدى.1995-يىلى20يېشىدا «چەت جاي خاتىرىسى»(يىراق جاي) دىگەن كىنونى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.1996-يىلى ھازىرقى زامان مۇھاببەت فىلىمى «رومىيو ۋە جۇلىيە» دا رومىيونىڭ ئوبرازىنى ياخشى يارىىتپ بېرلىن كىنو بايرىمىدا«ئەڭ جەلپكار ئەر رولچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،شۇنداقلا 11تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئامرىكا ۋە دۇنيادا ئەڭ كۆپ بېلەت رىكورتىنى بۇزىۋەتكەن. 2000-يىلى «دېڭىز ساھىلى» دىگەن فىلىمغا قاتناشقان.2000-يىلدىن كىيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېكرانغا چىقىپ تۇردى.ئۇ 2002،2004،2006-يىللىرى ئايرىم –ئايرىم «قانۇننىڭ سىرتىدا قېلىش»،«ئۇچقۇچى»،«قىل سىغماس ۋەزىيەت»دىگەن كىنولاردا رول ئالغان،2002-يىلى يەنە «نىيو-يوركتىكى قارا-گورۇھ» دىگون كىنوسى ئوسكار ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2008-يىلى «يالغانچى» ۋە «ئىنقىلاپ يولى» دىگەن ئىككى فىلىمدە رول ئالغان.2010-يىلى «بەند ئارال» (چەكلەنگەن ئارال) دا رول ئالغان.
يەنە شۇيىلى كىرىستوف.نۇلان بىلەن بىرلىكتە «چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى» فىلىمىدە رول ئالغان. |