ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

پۇرچاق ئەپەندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



پۇرچاق ئەپەندى ئەنگىلىيە دۆلەتلىك رادىئيو ئىستانسىسى ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك كومىدىيە فىلىمىنىڭ نامى ، شۇنداقلا بۇ تىلۋىزىيە كومىدىيە فىلىمنىڭ باش پىرسۇناژنىڭ ئىسمى.
فىلىم ئىشلەنگەن 1989-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە ئاساسلىق پۇرچاق ئەپەندى ئوبرازى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ نەچچە يۈز مىليونلىغان تاماششىبىننىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سىلىپ كەلمەكتە...
ئۇ بۇ ئوبرازى بىلەن تاماششىبىن قەلبىگە شۇنچىلىك سىڭىپ كەتتىكىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى ئۇنتۇلۇپ پۈتۈن دۇنيا دىگۈدەك پۇرچاق ئەپەندى دەپ ئاتايدىغان بولۇشقان.
ئۇنداقتا پۇرچاق ئەپەندى زادى كىم؟
پۇرچاق ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى روۋان ئاتكىتسون «Rowan Atkinson » بولۇپ ، ئەنگىليەنىڭ دۇنياغا داڭلىق كومىدىيە ئارتىسىدۇر.
ئۇ دۇنيا كومىدىيە خەزىنىسىنى ئەنگىليەچە ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىچە كومىدىيلىك ئوبرازى بىلەن بىيتىپ دۇنياۋى سەۋىيە ۋە شۆھرەتكە نائىل بولغان.
شۇڭا مۇتەخەسىسىلەر تەرىپىدىن كومىدىيە پىشۋاسى چاپلىندىن كىيىنكى يەنە بىر كومىدىيە ئۇستازى دەپ قارالماقتا.

ئاتكىنسون 1955-يىلى ئەنگليەنىڭ دۇرخان دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان .

ئۇنىڭ دادىسى بىر دىھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ۋە بىر كارخاننىڭ خوجىدارى بولۇپ ، ئاتكىنسون بالىنىڭ كەنجىسى ئىدى.
ئۇ كىچىكىدىن ئىخلاسمەن خىرىستىيان مۇرتى بولۇپ يىتىلگەن.نىكوسنىل ئۇنۋىرسىتىدا بىر مىخانىك كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوكىستىر ئۇنۋىسىتىدا بىر ئايال پادىشاھ ئىنۇستۇتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان . كىيىن ئىلىكتىر مىخانىك كەسپىتىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
1979-يىلى بىر شەخسى تىلۋىزىيە ئىستانىسىدا بىر تىلۋىىيە كومىدىيەسىدىكى ئاساسلىق رولنى مۇۋاپىقەتلىك ئورۇنلاپ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان.
ئۇ بىر پەۋقۇلئادە تەسىرچان ئوبراز پۇرچاق ئەپەندىنىڭ تىپىنى يارىتىپ ، پۇرچاق ئەپەندى بولۇپ چاقناشقا باشلايدۇ.
1997-يىلىغا كەلگەندە پۇرچاق ئەپەندىنىڭ پالاكەتلىرى نامىدا كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ تەسىرى يەنىمۇ ئاشىدۇ.2007-يىلى پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ ئارام ئىلىش كۈنى ناملىق فىلىم قويۇلۇپ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ ئاتكىنسون ياراتقان پۇرچاق ئەپەندى ئوبرازى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدىغان ئالقىشلايدىغان تىپ بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ پۇرچاق ئەپەندى بىلەن نام قازانغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق تىلۋىزىيە كومىدىيەسى ۋە كىنو ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۇ ھازىرغىچە داۋامىشۋاتقان سەنئەت ھاياتىدا «سۆيگۈ ھەممدىن ئەۋزەل»«كونسىرۋادىكى كۈلكە ساداسى»«مەخپى ساقچى»«قارا چەۋەنداز»«تۆت توي بىر دەپنە مۇراسىمى»ۋە «پۇرچاقىنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپىسنىڭ داۋامى » قاتارلىق مۇنەۋەر فىلىملەرنى ئىشلىگەن.
ئۇ لاۋرىنىس ئۇنۋىر ئىنۇستۇتى مۇكاپاتى ، مۇنەۋەر فىلىم ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى ، ئالتۇن ئەتىرگۈل مۇكاپاتى، ئەنگىلىيە كىنو ۋە تىلۋىزىيە ئىنۇستۇتى مۇكاپاتى، مۇنەۋەر كومىدىيە ئارتىسى مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپات ۋە شان شەرەپلەرگە نائىل بولدى.
ئاتكىنسوننىڭ ئايالى پەرداز ئۇستىسى ئۇلارنىڭ بىر قىز ۋە بىر ئوغلى بار. ئۇ ئايالى ۋە باللىرىنى مىكراۋىن داڭلىق پىكاۋىغا چىقىرىپ ئۇچقاندەك ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
قان تىپى : a
بوي ئىگىزلىكى: 183cm


رول ئالغان فىلىملىرى:

保持缄默  2005 憨豆先生的假期  2007 2003 پۇرچاق ئالاھىدە خادىم1
憨豆特工2  2011 大卫·科波菲尔  2008 真爱至上  2003
狗狗震  2002 疯狂世界  2001 宝贝喜临门  2000




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئۆتكۈر ۋاقتى: 2013-1-21 22:16:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئوماق قېرى بۇ...
يىكەنداز
sardari ۋاقتى: 2013-1-22 11:20:58 | ئايرىم كۆرۈش
بولسا پۇرچاق ئەپەندىنىڭ كىنولىرىغا ئۇيغۇرچە ئاۋاز كىرىشتۈرۈپ يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى
گېلەم
 ئىگىسى| مۇز ۋاقتى: 2013-1-22 13:11:00 | ئايرىم كۆرۈش
sardari يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 11:20
بولسا پۇرچاق ئەپەندىنىڭ كىنولىرىغا ئۇيغۇرچە ئاۋاز كىر ...

ئاۋاز ھۆججىتىنى سىز تەمىنلەمسىز ؟
مەن سۈزۈك كىنولىرىنى چۈشۈرۈپ كىرىشتۈرەي.
كىگىز
sardari ۋاقتى: 2013-1-22 13:47:13 | ئايرىم كۆرۈش
مۇز يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 13:11
ئاۋاز ھۆججىتىنى سىز تەمىنلەمسىز ؟
مەن سۈزۈك كىنولىرى ...

بىر ھەپتە بۇرۇن xjtv5 دە پۇچاق ئالاھىدە خادىم 1.بۆلۈمىنى بەرگەن كىيىن تور بەتلەردىن تاپالمىدىم . تۇرانىمدا خەتلىكى باركەنتۇق يەنە بەزى تور بەتلەردە پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى باكەن لىكىن تولۇق ئەمەسكەن ھەم بەك گۇنۇسكەن ئەگەر تولۇق ئاۋازلىقنى تاپالىسىام چوقۇم يوللاپ بىرەي
ئورۇندۇق
كۆلەڭگە ۋاقتى: 2013-1-22 20:18:22 | ئايرىم كۆرۈش
sardari يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 13:47
بىر ھەپتە بۇرۇن xjtv5 دە پۇچاق ئالاھىدە خادىم 1.بۆلۈمىنى  ...

http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/m ... 1358232773697.shtml    بۇيەردىن كۆرۈڭ
داق يەر
razzak ۋاقتى: 2013-1-23 03:18:10 | ئايرىم كۆرۈش
مەن دەل مۇشۇ ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ 1 نى بەيدۇ توردىسكىسىغا يوللاۋاتىمەن
xjtv5 بەرگىنى ئولچەملىك ئاۋاز لىكىن مەن سەل كىيىن كۇچۇرۋالغاچقا باش لىنىشتىن 5.10 مىنۇتلۇق يىرىنى كۇچۇرەلمەي قالدىم  شۇندا بولسىمۇ يوللاپ قويىشنى توغرا تاپتىم  ، ساقلىۋىلىشنى خالايدىغانلار بولسا چۇشۇرۇپ ساقلىۋالسا بولىدۇ
مىخ
razzak ۋاقتى: 2013-1-23 03:19:03 | ئايرىم كۆرۈش
كۆلەڭگە يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 20:18
http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/movie/gwdy/2013-1-15/1358232773697.shtml    بۇيەردىن كۆر ...

بۇ كىنولارنى چۇشۇرۋالغىلى بولماسمۇ
9#
sardari ۋاقتى: 2013-1-23 11:06:48 | ئايرىم كۆرۈش
كۆلەڭگە يوللىغان ۋاقتى  2013-1-22 20:18
http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/movie/gwdy/2013-1-15/1358232773697.shtml    بۇيەردىن كۆر ...

سىز دىگەن بۇ يەدىن مەن ئىزدەدىن ئىزدەپ تاپقان لىكىن پەقەت چىقماۋاتىدۇ شۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

15تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1