ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

خىسلەتلىك ئايالنى كۆرۈشكە تەييارلاندىڭىزمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



«خىسىلەتلىك ئايال» قويۇلۇشقىمۇ نەچچە كۈن ۋاقىت قالدى، مارۋىل توغرىسىدا سۆزلەۋەرمەي DC توغرىسىدىمۇ ئازراق سۆزلەپ قويايلى


مارۋىل كىنوچىلىقىنىڭ بىرىنجى پاي ئوقى 08-يىلى «پولات پالۋان» نىڭ قويىلىشى بىلەن ئېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى  9 يىل ئىچىدە مارۋىل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ قالدى.

مارۋىل بىر تەرەپتىن  بىز ياقتۇردىغان «ئامرىكا كاپىتانى»، «چاقماق ئىلاھى»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»، «سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى» ...قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن مارۋىل كىنو كائىناتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاز بولمىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.

مارۋىل ئۇتۇقلىرىنى كۆرگەن قان رەقىبى DC مۇ قاراپ تۇرالمىدى، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋارنىر كىنو شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 10 پارچە كىنو ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

DC مۇ مارۋىلدەك كىنو كائىناتى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى ۋە ھازىرغىچە ئۈچ قىسىم كىنو ئېلان قىلدى، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا: «خاسىيەتلىك ئادەم : پولات تەن»، «شەپەرەڭ پالۋان ۋە خاسىيەتلىك ئادەم جېڭى : ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى»، «X ئالاھىدە ئەترىتى».

بىزنىڭ بۇ يازمىدا سۆزلەيدىغان باش پىرسوناژىمىز خىسلەتلىك ئايال ئىلگىرى  «شەپەرەڭ پالۋان ۋە خاسىيەتلىك ئادەم جېڭى : ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى»دىمۇ قىسقا رول ئالغان. رىژىسورنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن گەل جادوت(Gal Gadot) باش پىرسوناژلىققا تاللانغان.

بۇ خەۋەر شۇ ۋاقىتتا بەس مۇنازىرە قوزغىغان، چۈنكى جادوتنىڭ كىلىپ چىقىشى باشقا ھوللىۋود چولپانلىرىغا تازا ئوخشاپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئىسرائىليە خانقىزى بولۇپ باھالانغان، مودىلمۇ بولغان.

جادوتنىڭ «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسيات» فىلىمىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى «خىسلەتلىك ئايال» ئوبرازى بىلەن ناھايىتى پەرق ئېتىدۇ دەپ قارىغان.

«خىسلەتلىك ئايال» ئوبرازى ھەجىۋى رەسىم (漫画) تارىخدىكى تۇنجى ئايال قەھرىمان، خاسىيەتلىك ئادەم ۋە شەپەرەڭ پالۋان بىلەن بىرلىكتە «DC ئۈچ گىگانىتى» نى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداقلا «ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ چەكسىز ئۆمۈرگە ئىگە، مەڭگۈ قېرىمايدۇ، ئۇ جەننەت ئارىلىنىڭ مەلىكىسى ۋە تەخىت ۋارىسى، زىيۇس (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئۈچ چوڭ ئىلاھنىڭ بىرى) ۋە ئامازون پادىشاھىنىڭ قىزى.

بۇ رولنى ئېلىش ئۈچۈن جادوت ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتقان بولۇپ، گۇمپا، چېلىشىش، قىلىچۋازلىق، جۇجىستۇلارنى قاتتىق مەشق قىلغان، شۇڭا جادوت رولىنى ئالغان خىسلەتلىك ئايال «شەپەرەڭ پالۋان ۋە خاسىيەتلىك ئادەم جېڭى : ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» ئاخىرقى جەڭدە، ئۈچ مىڭ يىل ياشاش جەريانىدىكى، ئادەملەرنى قوغداشتىن ۋاز كەچكەن، ئەمما يەنە بىر قېتىم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئايال قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.

گەرچە فىلىمدە 10 مىنۇتقا يېقىن رول ئالغان بولسىمۇ، بۇ فىلىمنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى بوي سۇندۇرغان

بۇ فىلىم «شەپەرەڭ پالۋان ۋە خاسىيەتلىك ئادەم جېڭى : ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» بىلەن بىر ۋاقىت سىزىقىدا ئەمەس بولۇپ، ئايرىم بىر ھېكايە ھېسابلنىدۇ.

خىسلەتلىك ئايال ئەر زاتى بولمىغان جەننەت ئارىلىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئادەملەر دۇنياسى بىلەن مەدىنىيەت جەھەتتە ئاز بولمىغان پەرقلەر مەۋجۇت، ئۇلار ئۆز ئالدىغان پىكىر قىلىدىغان ۋە قارا چىقىردىغان بولۇپ ئەرلەرگە تايانمايدۇ. خۇددى جادوت ئېيتقاندەك : « ئۇ ھېچقانداق ئەركىشىگە تايانمايدۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ھىكايسىدىن بىرىنى يېزىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ فىلىمدە بىرسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدۇ. »

تۇنجى قېتىم ئايال رىژىسور يۈز مىليون مەبلەغكە ئېرىشىپ ئىشلىگەن فىلىم بولۇش بىلەن، ئايال ھوقۇقچىلىرىنىڭ سىموۋىلى بولغان قەھرىمان بولۇپ ئىكرانغا چىقتى، رىژىسور سىتىۋمۇ قەھرىماننىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا:« بۇ رولغا 75 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى، بىز ھەرگىزمۇ دەرجىدىن ئايال قەھرىمان ئوبرازى تىكلىمەكچى ئەمەس، بەلكى باشقىلاردەك چوڭ قەھرىمان قىلماقچى»  دەپ جاۋاب بەرگەن.

«خىسلەتلىك ئايال» ئاز بولمىغان بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، 2013-يىلى قويۇلغان خاسىيەتلىك ئادەم فىلىمى ئاز بولمىغان بېسىملارغا قارشى ھالدا قويۇلغان، ئومۇمى جەھەتتىن مەستانىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمغان.

داۋراڭلىق فىلىملەرنىڭ بىرى بولغان «شەپەرەڭ پالۋان ۋە خاسىيەتلىك ئادەم جېڭى : ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» مەزمۇن ۋە ئىلگىركى ۋەقەلەر ئېنىق بولماسلىق، فىلىم ۋەقەلىكى ۋە پىرسوناژلارنىڭ ئالاھدىلىكى جەھەتتە ئاز بولمىغان مەسلىلەر كۆرۈلگەچ، يېڭى كۆرگەنلەر چۈشەنمەيدىغان، مەستانىلەر ياقتۇرمىغان ھالنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان.

«X  ئالاھىدە ئەتىرىتى» مۇ پېرسوناژلارنىڭ تاللىنىشى ۋە تەشۋىق فىلىمىگە تايىنىپ مەستانىلەرنىڭ قىزقىشىنى قوزغىغان بولسىمۇ، فىلىم ۋەقەلىكى كىشىنى ئۈمىدسزلەندۈرگەن. گەرچە ئالدىنقى ئۈچ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى يامان ئەمەس بولغان بولسىمۇ. يەنىلا كىشىنى ئەنسىرتىدۇ.

كەينىدىكى فىلىملەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ۋە تەشۋىق فىلىمى كىشىنى ھاياجانغا سېلىش، ئەمما فىلىم ئۆزى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماسلىق ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ داۋاملىق ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىككە تاللاش قويۇپ قويىدۇ.

ئەگەر «خىسلەتلىك ئايال» فىلىمىمۇ ئىلگىركى فىلىملەردەك «مەغلۇب» بولسا، DC نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىرى يىغىلغان «ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» فىلىمىمۇ كىشىنى ئەنسىرتىدۇ.





فىلىم 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەرقايسى كىنوخانلاردا قويۇلىشنى باشلايدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا «خىسلەتلىك ئايال» نىڭ بېلەت كىرىم نىشانى 750 مىليون بولغان، بۇنىڭدىن ۋارنىر شىركىتىنىڭ بۇ فىلىمگە بولغان ئىشەنچىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلغاندىن كېيىن تىۋىتىردىكى باھالىرى ئىنتايىن ياخشى.



قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇر05 + 100 يامان ئەمەس

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +100

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار5

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئاۋغۇست ۋاقتى: 2017-5-30 14:31:18 | ئايرىم كۆرۈش
مەن چوقۇم ئاشۇ 750مىلىيون ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن
يىكەنداز
del ۋاقتى: 2017-5-30 21:25:04 | ئايرىم كۆرۈش
مە فىلىمنىڭ تەشۋىقاتىدىن قارىغاندا يامان ئەمەستەك ھېس قىلدىم . كۆرمەي بولمىغۇدەك
گېلەم
كۆكنار ۋاقتى: 2017-5-31 12:54:43 | ئايرىم كۆرۈش
خېلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ . لېكىن مەن يەنىلا ھەممىدىن بەك شەپەرەڭ پالۋاننى ياقتۇرىمەن.
كىگىز
ئەلدوس01 ۋاقتى: 2017-5-31 15:22:32 | ئايرىم كۆرۈش
كۆكنار يوللىغان ۋاقتى  2017-5-31 12:54
خېلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ . لېكىن مەن يەنىلا ھەممىدىن ب ...

شۇ ئۈزۈڭلامۇ شەپەرەڭ پالۋان چىرايتۇساڭلا
باش رولنىڭ چىرايلىقلىقى  ئۈچۈن بولسىمۇ كۈرىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

3تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1