ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

باش قاتتۇرۇپ درامىتىكلاشتۇرۇلغان كىنو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇبادا سىز تۇركىيەلىك رىژوسسور نۇرى بىلگە كەيلاننىڭ كىنو ئىشلەش ئۇسلۇبىنى ياخش كۆرسىڭىز ئۇنىڭ كىنولىرىنىڭ ئېسىللىقىنى ماختىماي قالمايسىز ، ئۇنىڭ ئەكىسچە، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ باقمىغان، چۈشۈنۈپ باقمىغان بولسىڭىز ياكى كۆرگەندىن كىيىن سىز ياخشى كۆرىدىغان كىنولاردىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلسىڭىز، ئۇنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋېتىدىغان كىنولىرىنى ناھايتى تەستە كۆرۈپ بولىدىغانلىقىڭىزغىمۇ ئىشىنىمەن. كىشىلەر كەيلانغا نىسبەتەنمۇ مۇشۇنداق ئىككى خىل پوزىتسىيە تۇتىدۇ، ياخشى كۆرۈش ياكى ياخشى كۆرمەسلىك، ئارلىقتا قېلىش يوق.


«ئاناتولىيەدىكى ئىشلا» فىلىمىنىڭ مۇقاۋا رەسىمى

تېخى يېقىندا گانا كىنو بايرىمىدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇنىڭ ئەسىرى «ئاناتولىيەدىكى ئىشلار» كەيلاننىڭ كىنو ئۇسلۇبىنى ھەقىقەتەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ كىنونىڭ سىنارىيەسى باش قاتۇرۇپ ئويلانغان ياخشى سىنارىيە بولۇپ، بەدىئى قۇرۇلما ۋە سىيۇژۇتنىڭ گۈزەللىكىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن. مول مەزمۇن ، غۇۋا كۆرنۈش، ھىسياتىنى، خوشلۇق-خاپىلىقلىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەر،   ئادەمنى ئاجايىپ تۇيغۇغا ئىگە قىلىدىغان نۇر(يورۇقلۇق)...


نۇرى بىلگە كەيلان

بۇ كىنو رىئالىزىم تىمىسىدىكى كىنو،  ئۇنىڭ ئاساسىلىق باش قاتۇرىدىغىنى دىرامىتىك توقۇنۇش.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، كەيلان «ئاناتولىيەدىكى ئىشلار» دا ھېكايە سۆزلىمىگەن بەلكى رىئالنى ئىشنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ بىر توپ ساقچىلار، ئىككى جىنايەتچى، بىر دوختۇر، 3 سائەتلىك جەسەت ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈش....تەك ئادەتتىكى دېلو بېجىرىش جەريانىنى يېزىش ئارقىلىق ، ئەخلاق، ئىقتىزاد، جەمئىيەت، ئائىلە بېسىمى قاتارلىق زور ئىجتىمائى مەسلىلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ. رىژېسسور ئاستا-ئاستا تەرەققى قىلدۇرۇش، ئاز-ئازدىن بايان قىلىش، بۇرۇقتۇما كەيپىياتنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان تۈركىيە جەمئىتىنىڭ كارتىنىسى ۋە يۆگىمە رەسىمىنى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا ئەكىلىپ بېرىدۇ.
     
 بۇ كىنو ئىككى سائەت 20 مىنۇتلۇق كىنو بولۇپ، ئالدىنقى بىر سائىتىدە، ساقچى جىنايەتچىنى ئېلىپ ھەممە يەردە جەسەت ئىزدەپلا يۈرۈيدۇ، ھىچقانداق بىر ئىلگىرلەش ياكى كىنونىڭ راۋاجى كۆرۈلمەيدۇ، بىراق مۇشۇنداق بولسىمۇ، كىنونىڭ يورۇق نۇقتىلىرى ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ مەنزىرە تىلى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان (مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالالايمىز). كەيلان نۇردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان، كامىرانىڭ ئۇستىلىق بىلەن يۆتكىلىشى كۆرنۈشنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن: ئۇزۇن بويۇنلۇق سىرىلما كامىرا بېشى سىرىلىپ تۇرۇپ كېچىدە كېتىپ بارغان ماشىنىلارنى سۈرەتكە ئالىدۇ، ئاندىن شاپپىدە مۇقۇم ھالەتتە سۈرەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. (كىنودا ئامېرىكىدەك كومپىيۇتېردىكى تەييار كۆرنۈشلەرنى كىرگۈزىدىغان ئىش يوق بولۇپ، ئەنئەنۋى ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىي نەخ مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنغان. ئاجايىپ ھەيران قالغان يېرىم، ئىككى ئادەمنىڭ بېشىنىڭ ئارىسىدىكى چوڭلۇقى تۈگمىچىلىك كېلىدىغان بوشلۇقتىن خېلى يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن تەبىئى كۆرسىتىپ بەرگەن. بەزىلىرىڭلار بۇ ئاسان گەپقۇ دىيىشىڭلار مۈمكىن راست كارتونچىلار ياكى ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئۇ ئاسانلا بىر ئىش، ئەمما ئەنئەنۋى ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن كىنوغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئۇستىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ھۆنەر بولۇشى مۈمكىن.مۇنداق يەرلىك گەپ بىلەن چۈشەندۈرەي سىز قولدا تىككەن بادام دوپپىنى ئەتىۋارلاپ كىيەمسىز ياكى كومپىيۇتېردا تىككەن دوپپىنىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئادەم جانلىق، ماشىنا بولسا جانسىز). ماشىنىلار بار-بارا ئىچكىرلەپ يىراققا كېتىدۇ، تاكى قاپقاراڭغۇلىشىپ پەقەت ئىكرانلا قالغانغا قەدەر ئاجىز چىراغ نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.  بۇ جەھەتتە ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن «3 مايمۇن» بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش
  
بۇ كىنودا، كەيلان ئاددى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىر يولىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. مەزمۇن، ئوبراز ، رىتىم ھەممىسى غۇۋا، ئاددى. بىراق ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن، شۇڭا ناھايتى كۈچلۈك جەلىپكارلىققا ئىگە. ئۇ چۈشۈپ كەتكەن بىرتال ئالما، شامالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىرتال سۇلىياۋ باك قاتارلىق ئۇششاق نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن سۈرەتكە ئالغان. (شۇنىڭدىمۇ ئاجايىپ گۈزەللىك بار، ئەگەر دۆلىتىمىزدە ياكى باشقا كىنولاردا ئۇ كۆرنۈشنى كۆرسىڭىز ۋۇھ لاۋزىلار شۇ نەرسىنىمۇ چاكىنىلىشىپ سۈرەتكە ئالغان بارمۇ؟
  
دەپ غودۇرايسىز، ئەمما ما كىنودا ھەيرانلىقتا قايتا-قايتا كۆرۈسىز. مەنمۇ غازاڭلارنىڭ ئۇچۇشلىرى، سىمغا يېيىپ قويغان كىرلەرنىڭ شامالدا لەپەڭشىشلىرى، ئالمىنىڭ سۇدا ئېقىشى قاتارلىقلارنى قايتا-قايتا كۆردۈم. چۈنكى ئۇ كۆرنۈشلەر قايسى بىر داڭلىق رەسسامنىڭ ماي بوياق رەسىملىرگە بەك ئوخشايدۇ، رەسىم كۆرۈپ ھوزۇرلىنالايدىغانلار بۇنى ھېس قىلالايدۇ. ئالمىنىڭ يەرگە قانداق چۈشكەنلىكى، قانداق دوملىغانلىقى، سۇغا قانداق چۈشكەنلىكى، قانداق ئاققانلىقى، قانداق يوقىغانلىقى ۋاي-ۋۇي ئاجايىپ كۆرنۈش، كۆرسىڭىز ھاياجانلانماي قالمايسىز)
  
تىپ-تىنچ، بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە يالغۇز بىرنەچچە ساقچى ۋە جىنايەتچىنىڭ مىدىراپ يۈرۈشى ھاياتلىق ئىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خۇددى ئىگىز بىلەن پاكارنى، سەت بىلەن چىرايلىقنى بىر يەرگە ئەكەلگەندىلا سېلىشتۇرغىلى بولغاندەك، جىمجىتلىق ئىچىدىكى كىچىككىنە جاننىڭ مىدىرلاۋاتقان كۆرنۈشتىن ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كىنودا بۇ نۇقتا ياخشى ئېچىپ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسلىق ھىكايىنى بايان قىلىش جەريانىدا، «دوختۇر»، «ساقچى»، «جىنايەتچى» ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرۈپ ئىنسان تەبىئىتى ۋە ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىش قانۇنيىتىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. پۈتكۈل ھىكايىدە تىمتاسلىق ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ.
  
ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كىنولىرىغا ئوخشاش، «ئاناتولىيەدىكى ئىشلار» دا كەيلانمۇ  تەبىئەت ئامىللىرىغا سىڭىشىپ كەتكەن، شامال، يامغۇر، چاقماق، توك قاتارلىقلار ھەر بىر ئىش، ھەر بىر ھالقىغىچە سىڭىپ كىرىپ، ئادەمنى كىنونىڭ ئىچىگە بىللە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ.(خۇددى سىزنىڭ سەھرايىڭىزدا چىقىۋاتقان شامال، يېغىۋاتقان يامغۇردەك)  بۇ كىنو بىلەن ئىرانلىق رىژېسسور ئابباسنىڭ كىنولىرىدا ئوخشاش بىر ھىسيات ۋە ئۇسلۇپ بار. (نادىر بىلەن سىمىن تەرجىمە قىلىنىپ ئاق بۈركۈتكە بېرىلىپ بولۇندى)
 كەيلان مۇنداق دەيدۇ، كىنو مېنىڭ بالامغا ئوخشاش، ھەممە ئادەم ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ گېپىدىن ئۇنىڭ كىنوغا بولغان قىزغىنلىقى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ..
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12:00 دە يېزىلدى.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار21

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Mrdon ۋاقتى: 2012-2-22 02:53:07 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ بولغان ئوخشىمامسىز ئاققىر ئاكا   ئېسىل فىلىمدەك قىلىدۇ....

باھا سۆز

دون ئاداش،يېڭى كىنولار چىققاندا چ چ رىمغا خەت يېزىۋىتىڭلارچۇ!!!! ھەراست، ئىشلىرىڭلار قانداق بولاپ كەتتى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-23 18:56
يىكەنداز
كەچمىش ۋاقتى: 2012-2-22 15:44:04 | ئايرىم كۆرۈش
بىزمۇ كۈرۈپ باقساق بۇپتىكەن.ئەزانراق ساتساڭلار.
گېلەم
kokqin ۋاقتى: 2012-2-22 16:14:15 | ئايرىم كۆرۈش
ھە   ياخشى  كىنودەك  قىلدۇ   
كىگىز
tuprak ۋاقتى: 2012-2-23 00:48:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر مۇئەللىم ئەمدى تەتىلنى يىغدى - دەپ كۆرۈنمەس بولىۋالارمۇ ؟
ئورۇندۇق
dilmurat ۋاقتى: 2012-2-23 00:50:27 | ئايرىم كۆرۈش
يۇقىردىكىلەرنى ئوقۇپ كاللامغا نۇرغۇن مەنزىرىلەر كېپ كەتتى، ئېسىمدە قېلىشچە «دەستار گۈل» ناملىق فىلىمدىمۇ ئاشۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەر بولىدىغان.
داق يەر
free ۋاقتى: 2012-2-23 00:53:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمىسە تېزراق مۇنبەرگە  يوللىسىڭىز   كۆرسەك
مىخ
نۇسرۇت ۋاقتى: 2012-2-23 01:29:22 | ئايرىم كۆرۈش
تېمىدا تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمغا كىلىپ ، خۇددى قاچاندۇر بىر چاغدا بولۇپ ئۆتكەن ئىنتايىن جىمجىت ھەم شۇ قەدەر گۈزەل ، بالىلىقىممۇ ياكى ئاپامنىڭ قۇچىقىدىكى ۋاقتىممۇ ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل لەرزان ھېسيات پەيدا بولدى ~~~ ھېس قىلىشىمچە بۇ فىلم يالغۇز ئولتۇرۇپ ھۇزۇر ئالىدىغان فىلمدەك قىلىدۇ ~~~ تەققازالىق بىلەن ساقلايمەن ~~~ رەھمەت سىزگە
9#
كۇلمەس ۋاقتى: 2012-2-23 09:19:50 | ئايرىم كۆرۈش
بۇۋاي تىزىراق دەيمەن
10#
rohqin ۋاقتى: 2012-2-23 17:50:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈچ مايمۇن  فىلىمىنى  يېرىمىغىچە ئاران كۆرەلىگەنتىم. بەكلا تىنىچ. ئاققىرنىڭ چۈشەندۈرشىدىن كىنونىڭ كۆرۈشكە تىگىشلىك جايلىرىغا دىققەت قىلمىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەمدى قايتا كۆرەپ چىقاي .
11#
ۋورست ۋاقتى: 2012-2-23 18:53:47 | ئايرىم كۆرۈش
نەفسە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-23 07:36
بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ،تېمائىگىسىگە كۆپ  ...

ئاھ خۇدا !!!بۇ تور بەتتە راستلا قىزلار باركەن!!!!!!

باھا سۆز

ھە قىزلارنى پات پات ئۇچرىتىپ قويىمىز خۇددى قوينىڭ ئارىسىدا ئۆچكە پەيدا بولغاندەك !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-23 22:04
12#
ۋورست ۋاقتى: 2012-2-23 18:56:49 | ئايرىم كۆرۈش
donapandi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-22 00:53
بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ بولغان ئوخشىمامسىز ئاققىر ئاك ...

دون ئاداش،يېڭى كىنولار چىققاندا چ چ رىمغا خەت يېزىۋىتىڭلارچۇ!!!!  ھەراست، ئىشلىرىڭلار قانداق بولاپ كەتتى

باھا سۆز

ھە بولىدۇ ئاداش.. ئۇ ئىشلارغىمۇ ئاز قالدى ۋاقتى كەلگەندە سىلىگە دىيىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-23 21:38
13#
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2012-2-23 20:14:24 | ئايرىم كۆرۈش
نەفسە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-23 18:45
مەن بۇ فىلىمگە ئاددى بولسىمۇ بىرمۇقاۋا ئىشلەپ باققان ئ ...

مۇقاۋىڭىز ياخشى چىقىپتۇ..
14#
Mrdon ۋاقتى: 2012-2-23 21:38:06 | ئايرىم كۆرۈش
ۋورست يوللىغان ۋاقتى  2012-2-23 18:56
دون ئاداش،يېڭى كىنولار چىققاندا چ چ رىمغا خەت يېزىۋىت ...

ھە بولىدۇ ئاداش.. ئۇ ئىشلارغىمۇ ئاز قالدى   ۋاقتى كەلگەندە سىلىگە دىيىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن   !
15#
Mrdon ۋاقتى: 2012-2-23 22:04:19 | ئايرىم كۆرۈش
ۋورست يوللىغان ۋاقتى  2012-2-23 18:53
ئاھ خۇدا !!!بۇ تور بەتتە راستلا قىزلار باركەن!!!!!!

ھە قىزلارنى  پات پات ئۇچرىتىپ قويىمىز خۇددى  قوينىڭ ئارىسىدا ئۆچكە پەيدا بولغاندەك   !

باھا سۆز

شۇنى دېگىنە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-2-23 22:56
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1