ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

WWE نى چۈشىنىپ باققان بولساق !!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
799 11
5دوللار
مەن ئەڭ دەسلەپ WWE توغۇرلۇق يازما ھەم ۋىدىئونى نۇر تورىدىن كۆرگەن ، دەسلەپ ئانچە قىزىقمىغانتىم نىمە يالىڭاچ ئادەملەر بۇ
دەپ ، ئەمما بۇ توغۇرلۇق خەۋەر يوللىنىۋىرىپ مەنمۇ كۆرىۋىرىپ سەل قىزىقىپ قالدىم ، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر قىتىملىق ئىلىشىش
ۋىدىئوسىنى كۆرگەن ئىدىم ، دەھشەت ، ۋەھشى ئۇرۇشىدىكەن ھەيران قالدىم
ئەمما چۈشەنمىگەن نۇقتىلارمۇ ئاز ئەمەس ! مانداق قاراپ باقسام بۇلارنىڭ پىنتوزىلىرىمۇ ئاز ئەمەسكەن ئەمما بۇ WWE نى ئەسلى ۋەسلىنى
سۈرۈشتە قىلىپ باقىدىغانلار كۆپ بولمىسا كىرەك !
بۈگۈن مەن بىر قانچە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام خەۋىرى بارلار چۈشەنچە بىرىۋەتسەڭلار !!


1- WWE دىگەن خەتنىڭ مەنىسى نىمە ؟
2 - بۇ توپ قاچان قۇرۇلغان خوجايىنى كىم
3 - WWE قانداق تەنھەركەت تۈرىگە تەۋە ؟
4 - بىز كۆرىۋاتقان WWE مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەركەت كۆرنۈشلىرى چىنمۇ ؟
5 - ماھىرلارنىڭ ئاتقان ئىغىرراق بىر قىتىملىق ھۇجۇمىدا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ جىنىنى ئالغىلى بولغۇدەك ئەمما قارشى تەرەپ ماھىرىغا
كار قىلمىغاندەك كۆرنشكە ھەيران قالدىم ھەتتا قانمۇ چىقمايدىكەن ، بۇ زادى قانداق ئىش !


بەلكىم سۇئالار يۈزەكى ھەم كەمتۈكرەك بولۇپ قالغاندۇ  قالغىنىنى تورداشلار ئىنكاس شەكىلدە  تولۇقلاپ قويساڭلار


ئەڭ ياخشى جاۋاب

تولۇق مەزمۇننى كۆرۈش

1- WWE دىگەن خەتنىڭ مەنىسى نىمە ؟جاۋاپ: wwe بولسا World Wrestling Entertainment دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇرچىگە بىۋاستە تەرجىمە قىلساق "دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى" دىگەن گەپ بولىدۇ. 2 - بۇ توپ قاچان قۇرۇلغان خوجايىنى كىم؟جاۋاپ: 19 ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار11

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
TaymasNet ۋاقتى: 2017-6-12 19:11:06 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TaymasNet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-12 23:32  

1- WWE دىگەن خەتنىڭ مەنىسى نىمە ؟
جاۋاپ: wwe  بولسا World Wrestling Entertainment دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇرچىگە بىۋاستە تەرجىمە قىلساق "دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى"  دىگەن گەپ بولىدۇ.

2 - بۇ توپ قاچان قۇرۇلغان خوجايىنى كىم؟
جاۋاپ: 1955-يىلى قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى: Vince McMahon

3 - WWE قانداق تەنھەركەت تۈرىگە تەۋە ؟
مىنىڭچە بۇ بىر كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسى، يىپەك يولى ساداسى دىگەندەك.

4 - بىز كۆرىۋاتقان WWE مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەركەت كۆرنۈشلىرى چىنمۇ؟
جاۋاپ: پۈتۈنلەي يالغان ئەمەس.

5 - ماھىرلارنىڭ ئاتقان ئىغىرراق بىر قىتىملىق ھۇجۇمىدا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ جىنىنى ئالغىلى بولغۇدەك ئەمما قارشى تەرەپ ماھىرىغا كار قىلمىغاندەك كۆرنشكە ھەيران قالدىم ھەتتا قانمۇ چىقمايدىكەن ، بۇ زادى قانداق ئىش!
جاۋاپ:مەلۇم بىر ماھىرلارنىڭ دائىم قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز، ھەتتا بەزى ماھىرلار ئۇرۇلۇپ ئاغىز بۇرنىدىن قان كېتىدۇ، ئەمما ئۆلۈپ قالمايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تەربىيلەشتىن ئۆتكەن بولۇپ، زەربىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قارشى تەرەپنى ئۇرغاندىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرمايدۇ، چېلىشىش سەھىنىسىمۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ماھىرلار سەھنىگە قاتتىق يىقىلسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر WWE نى پۈتۈنلەي ساختا دەپ قارايدۇ، گەرچە ماھىرلارنىڭ ماھارەت ئورۇنلاش سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بەزى بىر قىسىملىرى راس، چېلىشىش سەھنىسى ئالاھىدە ياسالغان بولسىمۇ، ماھىرلارنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە يۈز كىلوغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقىنىڭ زەربە كۈچىنى كونترول قىلىش تەس، ھەمدە سەكرەپ ئۇرغاندىكى ھۇجۇم كۈچىنىمۇ كونترول قىلىش تەس،ھېچ بولمىغاندا ماھىرنىڭ تىزى بىلەن بىلىكى ئاۋال يەرگە چۈشتى دېگەندىمۇ، ماھىرنىڭ پۇت قولى چوقۇم ئاغرىيدۇ.

wwe نى تېخىمۇ چۈشۈنۈش ئۈچۈن ماۋۇ كىنونى كۈرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئۈستىدىكى كىنونىڭ تەشۋىقات فىلىمى
يىكەنداز
Danish ۋاقتى: 2017-6-12 20:02:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Danish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-12 20:03  

مەنمۇ ھەيران    جا مىكى دېسەم جىڭدەي ، جىڭمىكى دېسەم جا دەي قالغىنىغا ئۇستازلار بىر نېمە دەپ باقسۇن

گېلەم
بەھرام710 ۋاقتى: 2017-6-12 20:03:38 | ئايرىم كۆرۈش
سىز ئۈندىدارغا  uywweسالونىنى قېتىۋېلىڭ، نۇر تورىغىمۇ مۇشۇ سالوندىن يوللايدۇ.
شۇ سالوندىن سىزسورىغان ھەممە سوئالغا جاۋاب چىقىدۇ.
كىگىز
ئاكاش1 ۋاقتى: 2017-6-12 20:16:45 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ جاۋاپنىڭ بىرسىگە مەن جاۋاپ بىرەي ، بۇلارنىڭ ئۇرۇشقىنى ئەلۋەتتە يالغان ، لىكىن 100 دە 100 يالغان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، لىكىن سىزمۇ بۇ مۇسابىقىنى خۇددى كىنو كۆرگەندەك ھىسياتتا ئويلىسىڭىزلام بولدى چۈنكى ئۇرۇش كىنولىرىدىمۇ نۇرغۇن ئادەم قىرىلىپ تۈگەيدۇ لىكىن بۇ چىن كۆرۈنۈش ئەمەس بەكلى مەقسەت ئىپادىلەشتىن ئىبارەت خۇددى شۇ كۆرۈرمەنلەرگە شۇنداق بولىۋاتقانلىقىنى قانداق قىلسا چىن ھىسياتتا ئىپادىلەش دىگەندەك .......... قالغىنىنى مەن ئۆمرۈمدە ئەڭ خوشام يوق نەرسە مۇشۇنداق چامباشچىلىق ھەم بوكىس سەھنىسىدە مۇشلۇشىدىغان ئىشلار   قالغىنىنى خەنزۇچىنى چۈشىنىسىز ھەقچان بەيدۇغا كىرىپ wwe是真打还是假打 ئىزدەپ باقسىڭىز قانائەتلىنەرلىك جاۋاپلار چىقىدۇ
ئورۇندۇق
شارۇخ ۋاقتى: 2017-6-12 22:01:18 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا 13 يىل بولدى ئۈزۈلدۈرمەي كۆرۋاتقىلى بۇ بىر چوڭ شىركەت مۇئاش تەمىناتى بەك ياخشى  بۇ شىركەتىنىڭ قول ئاستىدا يەنە نۇرغۇن كىچىك مۇسابىقە كولۇبىلرى بار يۇئەفسگە نۇرغۇن ماھىر تەربىلەپ بەردى يەنە تىخى نۇرغۇن كىنو چولپانىرى چىقىتى بۇ مۇسابىقىدىكى ھەركەتلەر راس ئىشەنمىگەنلەر سىنائپ باقساڭلار بولدۇ
داق يەر
ئىھسان520 ۋاقتى: 2017-6-12 22:35:51 | ئايرىم كۆرۈش
مۇسابىقە نەتىجىسى بۇرۇن بىكىتىلىدۇ، سىنارىيەگە ئاساسەن مۇشلىشىدۇ، چىمپىيون ئىجابى رول، يىڭىلگىنى سەلبى رول بولىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق نورغۇن داڭلىق چولپانلار مەيدانغا كىلىدۇ، جون سىنا، گىگانىت تاش جونسون، رەندى ئورتۇن، بروك لەسنار قاتارلىق داڭلىق تەنتەربىيە ساھەسىدە ئادىنقى قاتاردا تۇرىغان ماھىرلار توپلاشقان ماكان …
مىخ
ئىسىل. ۋاقتى: 2017-6-12 22:56:14 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلار پەقەت سىنارىيە بۇيۇنچە ئۇرشۇدۇ ،يېڭىش يېڭىلىش ئالدىن بىكىتىلگەن بۇلىدۇ، لىكىن تاياق يەپ ئۇرغىنى ھەم ھەركەتلىرى راس ، ھەم بىۋاستە نەخ مەيدان ماھارەت 1 قېتىمدىلا ئۇرۇندايدۇ، ئالاھىدە ئۈنۈم يوق
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +200 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 200 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +200

9#
ئاكاش1 ۋاقتى: 2017-6-13 00:06:23 | ئايرىم كۆرۈش
دىمەك ھەممىسى ئاكتىيور دەڭلا ....
10#
يولۇچې ۋاقتى: 2017-6-13 00:20:19 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ بەزى يەرلىرى چىنىپ قالىدۇ يالغانلىقى كۆرسە لىكىن زىرىككەندە كۆرۈپ قويسا بولىدۇ ،
مەنمۇ كۆرۈپ قويىمەن ئانچە مۇنچە ، مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، بۇ بىرخىل ئويۇن ، ھەممىسىنىڭ مەخسۇس ياسالغان بىر بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ماھارەتلىرى بولىدۇ ، مەسلەن ئويۇنلاردىكى داجاۋسى دەپ قويىمىزما ، شۇنىڭدەك ئەڭ ئاخىرىدا داجاۋسىنى چىقىرىدۇ يەپلا كەتسە، 10 نى سانىغىچە قوپماي يېتىپ بېرىشى كېرەك ، ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك، سىنارىيسى ئالدىن يىزىلىپ يېڭىش يېڭىلىش بېكىتىلىپ بۇلىدۇ، شۇنداق قىلىپ رومان چىقىرىدۇ، تاماشىنىبلار كىيىنكى قىسىملىرىغا قىزىقىپ بېلەت ئېلىپ كىرىپ كۆرىۋېرىدۇ، ئەمما ئۇرۇشۇش كۆرۈنۈشلىرى 80 پىرسەن راست ئېلىنىدۇ، ئۇلارمۇ شۇ تاياققا بەرداشلىق بەرگىدەك ھالەتتە چېنىقىدۇ ئىمەسما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

4تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1