بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-5 23:03
بۇ ھەپتىدە تونۇشىدىغىنىمىز يېقىندىلا كۆرۈپ ئۆتكەن «ئىمكانسىز ۋەزىپە 5 - سىرلىق دۆلەت» فىلىمىدىكى ئايال باش رولچى- رېبىكا
رېبىكا فېرگۇسون(Rebecca Ferguson) 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىشىۋېتسىيىدە تۇغۇلغان، شىۋېتسىيە كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى 2013-يىلى رېبىكا فېرگۇسون BBCئىشلىگەن تارىخ تېمىسى ئاساس قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى 《ئاق خانىش》قا تايىنىپ،71-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتى مىكرو فىلىم/تېلېۋىزىيە كىنو فىلىمىدائەڭ ياخشى ئايال باش رولچى تۈرىدە نامى ئاتالغان. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى،ھەرىكەتلىك تەۋەككۈلچىلىك فىلىمى 《زېۋىس ئوغلى: ھېركۇلېس》شىمالىي ئامېرىكىداقويۇلدى. رېبىكا فىلىمدە ئىرجىنىيانىڭ رولىنى ئالغان. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىھەرىكەتلىك فىلىم 《ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت》شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلدى.رېبىكا فىلىمدە ئىلسا فائۇستنىڭ رولىنى ئالغان. ۋەكىللىك ئەسىرى: ئاق خانىش
ئىنگىلىزچە ئىسمى:Rebecca Ferguson ئۇيغۇرچە ئىسمى:رېبىكا فېرگۇسون يۇلتۇزى: مىزان يۇلتۇزتۈركۈمى تۇغۇلغان ۋاقتى:1983-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋەكىللىكئەسەرلىرى: ئاق خانىش، ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت مۇۋەپپىقىيىتى:71-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى تېلېۋىزىيە كىنو فىلىمى ئەڭ ياخشى ئايال باشرولچى نامى ئاتالغان
2013-يىلى6-ئاينىڭ 16-كۈنى، رېبىكا فېرگۇسون ئەنگىلىيە BBCتېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئامېرىكا Starz تېلېۋىزىيەتورى بىرلىشىپ ئىشلىگەن تارىخ تېما قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى 《ئاق خانىش》تاباش رول ئالغان، BBC قانىلىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان. 2014-يىلى7-ئاينىڭ 10-كۈنى، رېبىكا فېرگۇسون《 ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت 》فىلىمىدارولغا چىقىدىغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغان. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى رېبىكا رول ئالغان فىلىم 《زېۋىس ئوغلى: ھېركۇلېس 》شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلدى. ئۇ فىلىمدا ئىرجىنىيانىڭ(Ergenia) رولىنى ئالغان. 2015-يىلى7-ئايدا، 《 ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت 》فىلىمىنىڭ يەر شارىدا تۇنجى قويۇلۇشمۇراسىمى ۋېينا دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. رېبىكا نەق مەيدانغاقاتناشتى،《 ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت 》فىلىمىدە رېبىكا ئالاھىدە خادىمئىلسا فائۇست رولىنى ئالغان. ئۇ بىر قېتىملىق ۋەزىپىدە ئىتىن خونتنى قۇتقۇزۇپقالىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقئارالىق جىنايەت تەشكىلاتىغا قارشىتۇرىدۇ. 8-ئايدا، رېبىكا چاننىڭ تاتۇم (Channing Tatum) باش رول ئالغان دەرىجىدىنتاشقىرى قەھرىمانلىق تەسۋىرلىنىدىغان فىلىم 《قارتا شاھى》فىلىمىدە باش ئەر رولچىنىڭتۇنجى مۇھەببىتى بېلانىڭ رول نامزاتلىقىغا تاللانغان. بىراق ئۇ《ياردەم》فىلىمىنىڭرېژىسسورى تاتې تايلور(Tate Taylor) نىڭ غارايىبفىلىمى《پويىزدىكى قىز》نى تاللىدى. ئۇ فىلىمدە لىچىلنىڭ ئالدىنقى ئېرىنىڭ مۇھەببىتىئاننانىڭ رولىنى ئېلىپ، ئەملى برانت (Emily Blunt) ۋە كاتې مارا(Kate Mara) لار بىلەن بىرگە رولغا چىقىدۇ.
2015-يىلى ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت ئىلسا فائۇست تام كروس بىلەن ھەمكارلاشقان 2014-يىلى زېۋىس ئوغلى: ھېركۇلېس(Hercules) ئىرجىنىيا داينى جونسون بىلەن ھەمكارلاشقان 2013-يىلى ۋاتىكان (Vatican City State) ئولىۋىيە 2013-يىلى Vi لىندا گۇستاف بىلەن ھەمكارلاشقان 2011-يىلى زەڭگەر دېڭىزغا بارىدىغان بېلەت (En enkel till Antibes) مارىيە 2004-يىلى تۇنجۇققان ئالۋاستى (Strandvaskaren) سارا 2016-يىلى پويىزدىكى قىز ( The Girl on the Train) ئاننا
رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى: 2013-يىلى10-ئاي ئاق خانىش
71-نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم تېلېۋىزىيە كىنو فىلىم ئەڭ ياخشىئايال باش رولچى ئاق خانىس نامى ئاتالغان
رېبىكا فېرگۇسوندەسلەپتە شىۋېتسىيىنىڭ كىنو ئەسەرلىرىدە رولغا چىققان بولۇپ، كۆپىنچە قەدىمىيپاسوندىكى ئوردا تىياتىرلىرىدا سۈكۈتتىكى ساھىبجامال بولغان. ئۇ BBC ئىشلىگەن ئاق خانىش تىياتىرى بىلەن كۆپچىلىككەتونۇلغان. شۇ رولى بىلەن ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ئايال باش رولچى تۈرىدە نامىئاتالغان. نامى چىققاندىن كېيىن ئۇ ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلىپ، داينى جونسون باش رولئالغان زېۋىس ئوغلى: ھېركۇلېسقا قاتناشقان. ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىقدۆلەتتە رېبىكا بىر دومىلاپلا نازاكەتلىك، قابىلىيەتلىك سىرلىق شەخىسكە ئايلانغان.فىلىمدە ئۇنىڭ ماھارىتى خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە چىرايلىقئەمما قىممىتى يوق ماھارەتلەر ئەمەس، مەيلى سۇ ئاستىدىكى ئېسىل ماھارەتلەر بولسۇنياكى ۋېينا تىياتىرخانىسىدىكى بىر سەكرەپلا دۈشمەننىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىشماھارەتلىرى بولسۇن بۇ ئايال باش رولچىنىڭ ھەرىكەتلىرى فىلىمنى سەر خىلكۆرۈنۈشلەرگە شۇنداقلا ھېسسىياتچانلىققا ئىگە قىلغان. شۇنداقلا ئايال «ئىتىن خونت»دەپ ئاتالغان. (1905 كىنو تورى باھاسى)
مەنبە: بەيدۇ قامۇسى
تەرجىمان: ئەركان
|