ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ھېرتىك روشەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



ھىندىستانلىق سىتەيلون ھېرتىك روشەن

  ھىندىستان كىنوچىلىقىدا شاھرۇلخان بىلەن ئامىرخاندىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق كىنو چولپىنى ھەم ناخشا چولپىنى بولغان ھېرتىك روشەن 1974-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھىندىستانىدا تۇغۇلغان . ئۇ كىچىكدىنلا كىنو –فىلىملەردە رول ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ، 80-يىللاردا ھىندىستاندا خېلىلا شۆھرەت تاپقان«باغۋەن ئاتا» قاتارلىق بىر قانچە فىلملەردا بالىلارنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۆسمۈر بالا چولپان دەپ نام ئالغان. مۇزىكانىت ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ھېرتىك 2000-يىلى ھاياتىدىكى تۇنجى باش رولنى قۇبۇل قىلىپ «مىنى كەچۈر قىزىم» ناملىق فىلىمدە ھىندىستانلىق گۈزەل كىنو چولپىنى ئەمىشا بىلەن بىرگە رول ئېلىپ ھەقىقىي ئىكران ھاياتىنى باشلايدۇ . 2000-يىلى بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو فىلىم مۇكاپاتى فىلىمفار مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر كىنو فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ . ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتى فىلىملەردە يەنىلا ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ھندىستان فىلىملىرىدە ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتىدۇ . كىيىنكى نەچچە يىلدا ھېرتىك «تەقدىرگە بىرنىمە دىمەك تەس»،«شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ»، «دوستلىقتىن باشلانغان مۇھەببەت» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئېلىپ پۈتۈن ئاسىيا-ياۋروپادا نامى چىققان كىنو چولپىنىغا ئايلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە «شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ» فىلىمىدىكى رولى ھېرتىكنى مۇۋاپىقىيەتنىڭ دەرۋازىنى چىكىشىگە تۈرۈتكە بولىدۇ . ھېرتىك «شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ» نى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كىنو فىلىم رىژىسسورلىرى ئۇنى ئىزدەيدۇ . ئارقىدىنلا ھېرتىك «دوستلىقتىن باشلانغان مۇھەببەت» دە باش رول ئېلىپ بىراقلا چاقنىغان چولپانغا ئايلىنىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھېرتىك «تاشقىي پىلانىت ئادىمى جادۇ»،«ئەكبەر ئېمپىريىسى»،«لەگلەك»،«گۈزەل»،«ھىندىستانلىق ئەپەندى» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە «ئەكبەر ئىمپىريىسى»دىن سىرىت ،«گۈزەل» ناملىق فىلىمدە ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى ئايال ئارتىس ئاشۋارىيا راي بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ دۇنيا كىنوچىلىقدا يەنە بىر قېتىم قىززىق نوقتىغا ئايلىنىدۇ . ھېرتىكنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ئىككى بولۇپ ئۇ فىلىملەردە رول ئېلىش جەريانىدا بارمىقىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ بەزى بىر تاساددىبىيلىقلاردىن خالىي بولالماي قولى ئۇنىڭ كىنو مەستانىلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتىلالمىغان .
ھېرتىك 2000-يىلى سۆيگەن قىزى سۇزاننا بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلە قۇرغان ۋە ئىككى پەرزەنىتلىك بولغان .

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +30 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 30

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +30

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار16

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
kokqin ۋاقتى: 2012-6-5 12:31:46 | ئايرىم كۆرۈش
قايسى ئارتىستۇ بۇ   رەسىملىرنىمۇ  يوللاپ قويغان بولسىڭىز ئەسلى    بەيدۇنى  ئۇلىنىش  قىلىپ قويماي  
يىكەنداز
ئۆتكۈر ۋاقتى: 2012-6-5 12:48:00 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹گۈزەل ›› دېگىنى قايسى كىنو؟ خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە ئىسمىنى يوللاپ قويسىڭىز...
گېلەم
pasiban ۋاقتى: 2012-6-5 12:49:30 | ئايرىم كۆرۈش
رەسىملىرىنى يوللاپ قويدۇم، تور ئادىرىسنى بېسىپ كۆرۈشكە ھۇرۇنلۇق قىلغانلار ئەمدى كۆرۈڭلار....
كىگىز
قوشماق ۋاقتى: 2012-6-5 16:06:38 | ئايرىم كۆرۈش
ناخشىسىنى ئۆزى ئېيمايدۇ بۇ ئاداش..
ئورۇندۇق
hackir ۋاقتى: 2012-6-5 19:05:01 | ئايرىم كۆرۈش
pasiban يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 12:49
رەسىملىرىنى يوللاپ قويدۇم، تور ئادىرىسنى بېسىپ كۆرۈشك ...

باھالاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتساڭلار بولمامدۇ؟

باھا سۆز

باھالاش ئىقتىدارىنى كۆرمەپسىز دە؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-6-6 09:42
داق يەر
كۇنچى ۋاقتى: 2012-6-5 21:30:12 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بەزەن كىنۇسىنى كۇرۇپتىكەنمەن   
مىخ
رانگو ۋاقتى: 2012-6-5 23:44:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەنغۇ ئەمدى  كودۇم بۇ بالىنى.........
9#
pasiban ۋاقتى: 2012-6-6 09:42:17 | ئايرىم كۆرۈش
hackir يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 19:05
باھالاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتساڭلار بولمامدۇ؟

باھالاش ئىقتىدارىنى كۆرمەپسىز دە؟
10#
hackir ۋاقتى: 2012-6-6 10:28:10 | ئايرىم كۆرۈش
pasiban يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 09:42
باھالاش ئىقتىدارىنى كۆرمەپسىز دە؟

ھە،ئاخشام قارىسام يوق تۇراتتى،رەھمەت سىزگە
11#
بىچارە ۋاقتى: 2012-6-6 16:20:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇچقۇر ئۇغىرى دىگەن كىنوسى بۇ ئاداشنىڭ بەك ياخشى
12#
ئۆتكۈر ۋاقتى: 2012-6-6 16:22:24 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹گۈزەل ›› دېگىنى قايسى كىنو؟ خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە ئىسمىنى يوللاپ قويۇڭلارچۇ...
13#
Nejmi ۋاقتى: 2012-6-7 10:16:17 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي ۋاي  مەن بۇ گۇينىڭ كىنونىلىرىغا بەك ئامراق جۇما.
14#
ياۋائات ۋاقتى: 2012-6-8 10:42:00 | ئايرىم كۆرۈش
مەن  بۇ ئارتىسنىڭ  باشتا مىنى كەچۇر قىزئىم دئىگەن كىينوسىنې كۈرگەن
15#
رانگو ۋاقتى: 2012-6-8 11:45:40 | ئايرىم كۆرۈش
بالاڭزا  (بىچارە)  ئەمسە  ئەۋەتمەمسىلە .ئاۋۇ ئوغرىنىڭ ئادىرسىنى ئوزوم تۇتۇپ چىقىپ كورەي (بولسا ئۇيغۇرچە ھەم سۇزۇك نۇسخىسى بولسا)....ئارتۇق كەتمىگەندۇ قېرىندىشىم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ئەگەشكىنى

پىنتوزىلىرى

تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1