ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
مۇنبەردىكى بارلىق دوسىتلار ياخشى تۇرۇپسىلەرمۇ؟ مەن ئويلايمەن، يېقىندا مۇنبەردە فىلىملەر ساماندەك ، كۆرۈشكە ۋاقىت يوق دېگەندەك بولۇپ بەلكىم ھەممىڭلار ناھايى تى ياخشى كېتىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم: قان شورىغۇچىلار فىلىمىنىڭ تەرجىمە خىزمىتى باشلىنىپ ئېلان قىلىنغۇچە مانا ھازىر 13 قىسىم چىقتى، ھەمدە 5 ئايغا يېقىن ۋاقىت كېتىپتۇ. فىلمنىڭ مۇنبەردىكى قىزغىنلىقى ئەمدى كۆرۈرۈلىۋاتىدۇ. ئەڭ دەسلەپ ئاشىق0320 دوستۇم ياردەم قىلىپ خېلى ياخشى كېتىۋاتاتتى، يېقىندىن ئۇنىڭمۇ ئىمتاھانلىرى باشلىنىپ ، بىر مەھەل ۋاقىت چىقىرالمىدى، تەرجىمانلىرىمىزدىن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالىغانلار تاپشۇردى، تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق، بەلكىم ئۇلارمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ھەممىمىز بىلىمىز، فىلىم تەرجىمە قىلىپ ئۇنى تەھرىرلەپ مۇنبەردىكىلەرگە سۇنۇش ھەقىقەتەن جاپالىق ھەمدە ۋاقىت كېتىدىغان خىزمەت، مۇشۇ كەمگىچە «قان شورىغۇچىلار تەرجىمە گۇرۇپپىسى» دىكىلەر خېلى كۈچ چىقىرىپ 13 قىسىمنى تۈگىتىپتىمىز. كەينىدە يەنە 14- ۋە 15- قىسىملىرى ئىككى بۇرادەرگە ۋەزىپە بېرىلگەن، بىراق ئىز دېرىكىنى قىلالمىدىم، بەلكىم ئۇلارمۇ بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ. شۇڭا ھەر يىلى قىش پەسىلدىكى قىسىملىق فىلىملەرنىڭ «قىشلىق دەم ئېلىش» ىغا ئوخشاش، «قان شورىغۇچىلار » فىلىمىمۇ قىشلىق دەم ئېلىشقا كىرمەكچى. شۇڭا ئۇشبۇ سەۋەبتىن قان شورىغۇچىلار فىلىمىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرىگە ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولساق چىن كۆڭلىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. فىلىم بەلكىم 2-ئاينىڭ بېشىدا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئارىدا تەرجىمانلىق خىزمىتىگە ياردەمدە بولىدىغان دوسىتلار بولسا چىن قەلبىمدىن مىننەتدار بولىمەن، ھەمدە قارشى ئالىمەن.
قان شورىغۇچىلار چ چ توپ نومۇرى: 103472980
ھۆرمەت بىلەن: قان شورىغۇچىلار تەرجىمە گۇرۇپپىسى
|