ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئەڭ كۆپنى تېپىڭ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1دوللار



ئۈستىدىكى كارتون فىلىمنى كۆرمىگەنلەر بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر كۆرمىگەن بولسىڭىز مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىدىلا بار چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئەگەر بىلىمىگەن بولسىڭىز بىلدىغانلارنى ئىزدەپ، سوراپ بىلىۋېلىڭ...... يەنە ئۇقمىسىڭىز ئامال يوق....

خوش ئەمىسە ئويۇننى باشلاپ كېتەيلى..... ئويۇننىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
مەزكۇر كارتون فىلىمنىڭ جەريانلىرىدا ئوخشاش تەكرارلانغان سۆز-ئىبارىلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۈگۈن ئاشۇ كۆپ تەكرارلانغان سۆز-ئىبارىلەر توغرىسىدا ئويۇن ئوينايمىز. كىم فىلىمدىكى
ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنىڭ تېپىپ چىقالىسا 50 دوللار ئىنئام بېرىلىدۇ. ئەلۋەتتە، 50 دوللارغا ئېرىشمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن جىم ئولتۇرۇپ، دېققەتنى يىغىپ
كۆرمىسەڭلەر، خاتىرلەپ ماڭمىساڭلار ئىشىڭلار چاتاق..... شۇنداقلا ئويۇننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بار.
بىرىنچىدىن، تاپقان ۋاقتىڭىزدا چوقۇم ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە يېزىقىنى ئورتاق تېپىشىڭىز كېرەك. ئۇيغۇرچىسى بولسىلا بولمايدۇ. (بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن)
ئىككىنچىدىن، فىلىمدە كىشى ئىسىملىرى : يەنى رۇئايلى، خۇشاللىق، قايغۇ، ئاچچىقلىنىش، قورقۇنۇچ، يىرگىنىش، دادا، ئاپا، بىڭ باڭ قاتارلىق كىشى ئىسىملىرى خېلىلا كۆپ تەكرارلانغان
بولۇپ، مۇشۇلارنى توككىدە تاشلاپ مەن تاپتىم دېگۈچىلەر بولسا، ئويۇنغا كەلمەڭلار. چۈنكى، فىلىمدە بۇ ئىسىمدىن سىرت كۆپ تەكرارلانغان سۆز-ئىبارىلەر خېلىلا كۆپ.
ئۈچىنچىدىن، ئويۇننىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنىگىچە بولۇپ، جۈمە كۈنى كەچتە ئويۇننىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.


ئۇنداق بولسا، قاراپ تۇرماي تېز فىلىمنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشنى باشلاڭ.......




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار20

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-3-6 15:03:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئويۇنغا مەن قاتناشماي ،
يىكەنداز
barchuq ۋاقتى: 2016-3-6 15:19:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئېنگېلىزچىسىنىمۇ تاپامدۇق قېنى تېرشىپ باقاي ، بىزدەك قارا قۇرساقكارغا خېلى ئەقىل تەلەپ قىلدىغان ئىشكەن بۇ
ئەمەتجان بۇرادەر فىلىمدىكى joy نىڭ ئىسمنى نېمىشقا ‹‹خۇرسەن›› دەپ ئۆزگەرتىپ قويغانسىلە، joy دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ ‹‹خۇشاللىق›› ‹‹شادلىق›› ‹‹شاد-خۇراملىق›› تۇرسا، يەنە كىلىپ ئۇ بىر كەيپىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۇرسا خۇرسەن دەپ چوڭ كەيپىيات بولمايدىغاندۇ ئادەمدە، خۇرسەن بۇلۇشمۇ ۋاقتى كەلسە خۇشاللىقنىڭ ئىچىدە بۇلىدۇ، خۇشال بولغاندا ئاندىن خۇرسەن بۇلىدۇ ئەمەسمۇ
كىگىز
بۆرەخان ۋاقتى: 2016-3-6 16:54:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋازلىقىنى كۈرۈپ چاتاق قىپتىمەن .
ئورۇندۇق
yarqinbeg ۋاقتى: 2016-3-6 16:57:32 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇنى تېپىپ دوللارنى ئېلىپ بولغۇچە كۆزىمىزنىڭ گىرادۇسى 100 گىرادۇس ئۆرلەپ كەتكۈدەك! شۇنداقتىمۇ بىر تىرىشاي ھە
داق يەر
del ۋاقتى: 2016-3-6 17:20:29 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئاۋال كارتوننى چۇشۇرۇپ كورۇپ تاپقاندا خەت يازاي
مىخ
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-3-6 17:45:13 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-6 17:46  
ئۇيغۇر چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2016-3-6 15:28
ئەمەتجان بۇرادەر فىلىمدىكى joy نىڭ ئىسمنى نېمىشقا ‹‹خۇر ...

بىر يەردىلا شۇنداق بولۇپ قاپتۇمۇيا بۇرادەر.... لېكىن مەن ئىسىملارنى قەتئىي ئۆزگەرتمىدىم....بولۇپمۇ، بەش خىل كەيپىياتنىڭ ئىسىمىغا قەتئىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم....
9#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-3-6 17:54:27 | ئايرىم كۆرۈش
yarqinbeg يوللىغان ۋاقتى  2016-3-6 16:57
ماۋۇنى تېپىپ دوللارنى ئېلىپ بولغۇچە كۆزىمىزنىڭ گىرادۇ ...

تىرىشىڭ... ھېچ بولمىغاندا ئىنگلىزچىدىن ئاز - تولا سۆز ئۆگىنەلەيسىز....
10#
yarqinbeg ۋاقتى: 2016-3-6 20:09:24 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-6 17:54
تىرىشىڭ... ھېچ بولمىغاندا ئىنگلىزچىدىن ئاز - تولا سۆز ئ ...

توغرا
11#
ئىسىل4775 ۋاقتى: 2016-3-7 01:18:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋال چۈشۈرۈپ كۈرەي
12#
ئىسىل4775 ۋاقتى: 2016-3-7 01:20:13 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-6 17:54
تىرىشىڭ... ھېچ بولمىغاندا ئىنگلىزچىدىن ئاز - تولا سۆز ئ ...

لېكىن قانداق چۈشۈرىمە بۇنى
13#
قاغىلىق ۋاقتى: 2016-3-7 16:38:48 | ئايرىم كۆرۈش
چۇشۇرۇش ئادرىسى يوققۇ ؟
14#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-3-7 17:56:43 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل4775 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 01:20
لېكىن قانداق چۈشۈرىمە بۇنى

تىمىلارغا قاراپ قويۇڭلار باللا ماۋۇ ئورۇنغان كىرىڭ:  /eza/forum.php?mod=viewthread&tid=7130
15#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-3-7 18:12:06 | ئايرىم كۆرۈش
قاغىلىق يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 16:38
چۇشۇرۇش ئادرىسى يوققۇ ؟

تىمىلارغا قاراپ قويۇڭلار باللا ماۋۇ ئورۇنغان كىرىڭ:  /eza/forum.php?mod=viewthread&tid=7130
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

6پىنتوزىلىرى

3تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1