ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

تەقدىرگە پۈتۈلگەن ئەھمىيەتسىز جان تالىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادەتتە مەن تارىخى كىنولار بىلەن چىگىش كىنولارنى تولاراق كۆرىمەن، كىلاسسىك تارىخى كىنولار مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ. «ئامېرىكىدىكى ئىشلار»، «جەھەننەمدىن كەلگەن كىشىلەر»، «قاغا» «نىل دەرياسىدىكى فاجىيەلىك ئەنزە»، «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى جىنايەت» لارغا ئوخشاش تارىخ، رازۋېدكا ئارلاشقان شۇنداقلا خېلى كۆپ قىسىمى چىگىشلىككە تولغانلىرىنى تاپسام قايتا-قايتا كۆرىمەن..كۆرگەنسىرى چۈشەنمەكتە يوق تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كاللامغا ھەرخىل خىياللار كېلىدۇ، ئاپتورنىڭ تەسەۋۇر قابلىيىتىگە ھەيران بولماي، ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن، بۇ خىل كىنولاردىكى مەنزىرە ھەم مۇرەككەپ ھەم خۇددى يېنىمىزدىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. «ھەرە» كەبى كىنولار (چەكلەنگەن 10 كىنونىڭ بىرسى، ئەمما ھەممە يەرگە كەڭ تارقالغان، كۆرۈرمەنلىرىمۇ بەك كۆپ) دىكى ئىشلار بىزگە پەقەت ۋەھشىلىكنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەمما رىئاللىقتا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ..بۇنىڭدىن بىر قىسىم قۇلاق كەستىلەرلا ئۆزىگە ئۈلگە ئېلىپ، ھۆنەر ئۆگىنىشى مۈمكىن.(بەلكىم ئاشۇرۋەتكەندىمەن، چۈنكى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدىغانلارمۇ بار)
«كەلگۈسى دۇنيا»، «پىلانېتلار ئارا جەڭ»، «ئۆزگىرىشچان ۋاجرا» قاتارلىق فىلىملەر ئىلمى فانتازىيەلىك ئېلمىنتلىرى بىلەن ھەرقانداق بىر ياشنىڭ قېنىنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلىق جاسارىتىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى بۇ فىلىملەر ئۈمۈدۋارلىققا تولغان، نەچچە يۈز يىل كىيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئىلمى ئاساستا سۈرەتلەپ بەرگەن. ھەتتا بۇنداق فانتازىيەلەرنىڭ بەزىلىرى ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن، ئېسىمدە قېلىشىچە 1981-يىلى 7-8 ياش ۋاقىتلىرىمدا ئاتا-ئانامغا ئەگىشىپ ناھىيمىزدىكى بىردىن بىر كىنوخانىدا فانتازىيەلىك فىلىملەرنىڭ بوۋىسى «كەلگۈسى دۇنيا» دىگەن كىنونى كۆرگەن ئىدىم. شۇ چاغدىمۇ خېلى ئەقىللىق بولسام كېرەك، ئاشۇ كىنونى راۋرۇس چۈشۈنۈپتىكەنمەن، بىلىشمچە بۇ كىنودا مەلۇم بىر شىركەت باش پىرسۇناژغا ئوپمۇ-ئوخاش قىلىپ بىر ماشىنا ئادەم ياسايدۇ ۋە راس باش پېرسۇناژ بىلەن ماشىنا باش پىرسۇناژ ئۆزئارا سوقۇشۇپ ئاخىرى راست باش پىرسۇناژ غەلبە قىلىدۇ. بۇ كىنو ئېھتىمال 70-يىللاردا ئىشلەنگەن كىنو بولۇشى مۈمكىن، كىنودىكى تىزگىنەك ئارقىلىق ماشىنىلارنى كونتۇرۇل قىلىش، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق، ۋە ماشىنا ئادەملەر ھازىر ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى. كىين بۇ خىل تىپتىكى فانتازىيەلىك كىنولار جىق ئىشلىنىپ فانتازىيەنىڭ ئېتۋارىنى قويمىغان چاغدا قەيەردىندۇر بىر يەردە پەيدا بولغان «بەند ئارال»، «چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى»، «12 مايمۇن»...قاتارلىق ھەم فانتازىيە ھەم مۇرەككەپلىك گىرەلەشكەن كىنولار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى...شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بولسا بۇ كىنولارغا ھەرخىل باھالارنى بېرىشتى...نۇرغۇن كىشىلەر ئادەمنىڭ كاللىسىنى كېرەكتىن چىقىرىشتىن باشقا نىمە ئىشى بار بۇنداق كىنولارنىڭ دىيىشتى، ئەمما بىر قىسىملار بولسا كىنونىڭ ھەر بىر ئىلمىنتىغا يوشۇرۇنغان  ئاجايىپ تەسەۋۇرنى ئايرىپ چىقىپ ئاپتورغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدى، ھەتتا ماختاپ ئالدىنقى تۈردىكى كىشىلەرنى كاللىسىنىڭ دەردى بار، بۇنداق كىنولار ئادەمنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، كاللىسىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ دىيىشتى. ئەلۋەتتە ئاق بۈركۈت ئەھلى ئوتتۇرسىدىمۇ بۇ تالاش-تارتىشلار بولۇپ ئۆتۈلگەن...ھازىر پۈتكۈل دۇنيادا مودا بولىۋاتقان كىنولار بولسا قورقۇنچلۇق فىلىملەردۇر. بۇ خىل كىنولارغا قارىتا جۇڭگو ئوبزۇرچىلىرى ئاجايىپ باھا بەرگەن (بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى). بۇ كىشىلەرنىڭ قارىشىچە قورقۇنچلۇق كىنولارنىڭ مەيدانغا چىقىشى غەرب بۇرژۇازىيەسى، غەرب دۇنياسىنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. ھازىر بولسا بەزىدە جۇڭگومۇ بۇنداق كىنولارنى ئانچە مۇنچە ئىشلەيدىغان بولدى. سەۋەپ 20 يىل ئىلگىرىكى كۆز قاراش بىلەن ھازىرقى كۆز قارش ئوخشىمايتتى، جۇڭگومۇ دۇنيا ئېقىمى بىلەن بىللە ئېقشى كېرەك ئىدى...شۇنداقلا ياشلىرىمىزمۇ ماس ھالدا بۇ خىل قورقۇنچلۇق كىنولارنى بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى كىنولاردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. دىمەك جۇڭگومۇ چۈشكۈنلەشكەنمىدۇ...؟



يېقىندا گۇرۇپپىمىز تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان يەنە بىر قورقۇنچلۇق فىلىم «قورقۇنچۇلۇق ئايلانما» (تەرجىمان: گۈنەس-قۇياش) قورقۇنچلۇقلىقى ۋە مۇرەككەپلىكلىكى بىلەن تورداشلىرىمىزنىڭ ئارامىنى يەنە بىر قېتىم بۇزدى.. بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىن كاللامغا نىمە كەلدى؟ جاۋاپ بەرسەم بۇرۇن ئوقۇغان بىر رومان ئېسىمگە كەلدى. بۇ روماننىڭ ئىسمى «100 يىل غېرىپلىق»؛ دەل مۇشۇ رومان كاللامغا كەلدى. چۈنكى نوبېل ئەدەبىياتىنىڭ ساھىبى بولغان بۇ روماندىمۇ ئوخشاش بىر ۋەقە 100 يىل ئىچىدە قايتا-قايتا تەكرارلىناتتى، پەقەت ئادەملەر، دەۋر ئۆزگىرەتتى. ئالغا سۈرىدىغان ئىددىيسى بولسا پۈتكۈل دۇنيا ئەلمىساقتىن بېرى مەلۇم بىر كۈچ تۈپەيلى، مەلۇم قېلىپ بويىچە بولغان ئوخشاش تەكرارلىقنىڭ نەتىجىسى، بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزگەردى دىگەندىمۇ پەقەت زامان ۋە شەكىلدە ئازراق پەرق بولىدۇ دەيدىغان ئېدىئالىستىك قاراش ئىدى. ئاپتور بۇ قاراشلار ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىق سەۋەبىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى. «قورقۇنچلۇق ئايلانما» گەرچە يۇقارقىدەك پەلسەپىۋى قاراشتىن خېلى بەك يىراق بولسىمۇ، تەكرارلىنىشنىڭ سادىر بولۇشىنى بۇ رومانغا ئوخشاتقۇم كېلىپ قالدى. كىنودىمۇ ئوخشاش تەكرارلىق مەڭگۈ تۈگۈمەستىن ئايلىنىدۇ...ئاۋال بالا قاباھەتلىك چۈش كۆرىدۇ(ئەمەلىيەتتە راست ۋەقە)، بالىنىڭ ئانىسى «جېش» بالىغا تەسەللى بېرىدۇ، ئاندىن تاكسىغا چىقىدۇ، تاكسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرايدۇ، بالا ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئاندىن ئانا دوستلىرى بىلەن ساياھەت كېىمىسىگە چىقىپ دېڭىز سەپىرىنى باشلايدۇ، ئاندىن قارا بورانغا يولۇقىدۇ، كىيىن كونا بىر پاراخوتقا چىقىدۇ، ئۇ يەردە بۇرۇنقى «جېش» باشقىلارنى ئۆلتۈرۈدۇ، كىينكى «جېش» بۇرۇنقى «جېش»نى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا بالىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ساق قېلىشنىڭ بىردىن بىر يولى پاراخوتقا چىققان دوستلىرىنى ئۆلتۈرۋېتىش كېرەكلىكىنى دەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى دېڭىز دولقۇنى ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ)، شۇنىڭدىن  كېيىن كىينكى «جېش» قېيىقتىكى كىيىنكى «ئەسلى دوستلىرى» نى كۆرۈپ ئۇلارنى پاراتخوتقا چىقارماسلىقنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ، چۈنكى پاراخوتقا چىقىپ قالسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، ئەمما بۇ ئىشلار تەقدىرگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قۇرۇق جان تالىشىشلا ئىدى، ئۇلار پاراخوتقا چىققاندىن كېيىن بالىسى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ ۋە بىر بىرلەپ ئۆلتۈرىدۇ، ئەمما كىين پەيدا بولغان «جېش» تەرپىدىن يەنە ئۆلتۈرلىدۇ، ئۆلمەيدۇ بەلكى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن دېڭىز دولقۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ، ئۆيىگە بارسا تېخىمۇ كونا «جېش» بالىسىنى سىلكىشلەيدۇ، بۇنىڭغا چىدىمىغان بۇ «جېش» كونا «جېش» نى ئۆلتۈرۋېتىدۇ، ئوغلى كۆرۈپ قورقۇپ كەتسە ئۇنىڭغا چۈشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تەسەللى بېرىدۇ، ئاندىن تاكسى توسىدۇ، بۇ تاكسى باشقا ماشىنا بىلەن باشتىكىگە ئوخشاش سوقۇلۇپ كېتىپ ئوغلى ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا «جېش» نى پىرىستانغا ئاپىرىپ قويغان تاكسى شوپۇرى يەن ئۇچرىشىپ، پىرىستانغا ئاپىرىپ قويىدۇ، ئۇ يەردە دوستلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، يەنە دېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ...بۇ دېڭىز سەپىرىدە يەنە بايا مەن دىگەن ۋەقەلەرگە ئۇچرىشىپ ئۆيىگە قايتىدۇ ھەمدە بۇ ۋەقەلەر داۋاملىق تەكرارلىنىدۇ.... تەكرارلىق توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ...


جېش پاراخوت ئۆگزىسىدە سەللىينىڭ تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن جەسىدى ۋە پاراخوت ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپ دۆۋلىشىپ كەتكەن ئۆزىنىڭ مېداليونلىرىنى كۆرگەن چاغدا ... سىز نىمىنى ھېس قىلىسىز، ئەلۋەتتە  بۇ خىل ئايلىنىشنىڭ ناھايتى كۆپ قېتىم تەكرارلانغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ توختىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى «جېش» قېچىپ قۇتۇلغۇلى بولمايدىغان ئۆلۈم تەقدىرىگە يولۇققان ئىدى، ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى ئۆلۈم تەقدىرىگە يولۇقىدىغانمۇ جېش، بۇ تەكرارلىقنى پەيدا قىلىدىغانمۇ جېش، دىمەك مۇشۇنداق تەقدىر ئىچىدە مەڭگۈ جان تالىشىپ ئۆتۈدۇكى يا ھېكايىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ، يا كۈچەپ قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى ھېچنىمىگە ئېزىق ئاتمايدۇ... خۇددى ئاشۇ پاراخوتنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئاتالغان ئەزرائىلنى ئالدىغان «ئىيۇلۇس» دىگەن ئىلاھقا ئوخشاش. (تەڭرى بۇ ئىلاھقا بىر قورام تاشنى يۇمۇلۇتۇپ تاغنى توختىماستىن ئايلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن) بۇ پاراخوتقا ئاشۇ ئەزرائىلنى ئالدىغان ئىيۇلۇسنىڭ ئىسمى قويۇلغان ئىدى. جېش رىئال دۇنيادىكى ئەزرائىلنى ئالدىغان ئىلاھقا ئوخشاش قانۇنيەتكە بويسۇنمىغان، ئۇ بىر نەپەر چۈشەكەپ، جۆيلۈيدىغان بالىنىڭ ئانىسى، ئۆزى يالغۇز تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ، تۇرمۇشتىكى جاپا مۇشەققەت ۋە تۈرلۈك بېسىم بۇ ئايالنى ھەممىدىن زارلىنىدىغان قىلىپ قويغان، ئۇ دائىم بالىسىغا ئاچچىقلىنىدۇ ۋە بالىسىدىن رازى بولمايدۇ، ئاچچىغىنى بالىسىدىن چىقىرىدۇ، ئۇ باشتا بىز دېگەن ۋەقەلەردىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ زور گۇناھ ئۆتكەزگەنلىكىنى بالىسىغا ئۇنداق قىلماسلىق كېرەكلىنى تونۇپ يېتىدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا بولسا قاتناش ۋەقەسىدە بالىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆكۈنۈش ئىچىدە يەنە ساياھەتكە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مىڭىسىدە بەزى ئاجىز خاتىرىلەر غۇۋا قالغان ئىدى...مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق  ئۆزى ۋە ئوغلىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلىرى بىكار ئاۋارچىلىق ئىدى، خۇددى ھېلقى ئىلاھقا ئوخشاش ئايىغى چىقمايدىغان «تاش» دومىلىتاتتى....


بۇ تەڭرىنىڭ جازاسى، پۇشايمان ۋە ئانىلىق مېھرى مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فىلىم. «قورقۇنچلۇق ئايلانما» دىكى چەكسىز ئايلىنىش (تەكرارلىنىش) تىن بىز بىر يالغۇز، ياردەمچىسىز ھالدا تەقدىر قىسمەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنغان جان تالىشىش ھەركىتىنى كۆرىمىز، بۇ جان تالىشىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاشۇ جازانىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى. ئەمما ئانىلىق مېھىر بىلەن پۇشايمانلارمۇ جازا بىلەن مەلۇم باراۋەرلىكنى ساقلىغان، «جېش» نىڭ تەقدىرىگە ھەرقانداق ئادەم ئېچىنماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە سىزمۇ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلماي قالمىدىڭىز، مەنمۇ شۇنداق، قاراڭ ئامالسىز ھالدا بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى،  بولغىسى ئاشىقىنى ئۆلتۈردى، ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ئىچىدە قالدى ئەمەسمۇ...
ياخشى ھېكايە بولسىلا دىۋە،ئەجدەرھا، قانخور ئالۋاستى بولمىسىمۇ، ھەرەڭ-سەرەڭ فانتازىيە ئۈنۈملىرى قوشۇلمىسىمۇ ياخشى بىر قورقۇنچلۇق كىنو ئىشلىگىلى بولىدىكەن، چەتئەللىكنىڭ كاللىسىغا بۇنداق ئويلار قانداق كېلىدۇ، ئەلۋەتتە «مىڭ بىر كېچە» دەك قەدىمى رىۋايەتلەردىن كېلىدۇ..شۇنداقتىمۇ بۇ كىنونى ياخشى ئىشلەپ قويۇپتۇ....


ھازىر دۇنيادا قورقۇنچلۇق كىنولارنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار، بىرى ئوپئوچۇقلا قىپ-قىزىل قان پۇراپ تۇرىدىغان ۋە ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان ئامېرىياۋروپا كىنولىرى. يەنە بىر بولسا خىيالى، ئويدۇرما، تەبىئەتتىن تاشقىرى مەنزىرىلەرگە تايىنىدىغان ياپون-كورىيە كىنولىرى. ئەنگىلىيە ئىشلىگەن «قورقۇنچلۇق ئايلانما» دېگەن كىنونى تۇنجى كۆرۈپلا ماۋۇ خىل قورقۇنچلۇق كىنوكەن ياكى مۇنداق كىنوكەن دەپ دەمال بىرنەرسە دىگىلى بولمايدۇ. مەن بۇ كىنودا باشقىچە بىرخىل ئۇسلۇپ ۋە شەكىلنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەمما قانداقلىقىنى ئېغىزىمدە ئىپادىلەپمۇ بېرەلمەيمەن، ئېھتىمال بۇندىن كېيىن بۇ تىپتىكى  كىنولار بارغانسىېرى كۆپىيشى مۈمكىن، شۇ چاغدا بۇ كىنو ئەينى ۋاقىتتا مەن كۆرگەن «كەلگۈسى دۇنيا» غا ئوخشاش ئاددىي بىر كىنو بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.


بۇ تىما ئەسلى مۇزنىڭ «قورقۇنچلۇق ئايلانما2» دېگەن تىمىسىغا يازماقچى بولغان ئىنكاس پىكىر ئىدى، يېزىش جەرياندا سەل كېڭىيىپ كېتىپ قېلىپ ئايرىم تىما قىلىپ ئالدىراپلاپ يوللىدىم. ئەگەر ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالغان بولسام، گەپ-سۆزلەرگە ئازراق رەندە سېلىپ سىلىغلاشتۇرۇپ يېزىشىم مۈمكىن ئىدى، ئۇنىڭغا تىرىكچىلىكتە ۋاقىت چىقمايدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا سىلىقلاشتۇرۇپ، زېرىكمەي ئوقۇپ پىكىرىڭلارنى بەرگەيسىلەر...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار16

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
2012 ۋاقتى: 2012-11-24 04:07:38 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ما تېمىنى ئوقۇپ ئۇ كىنونى يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ چىقتىم، ئاندىن يەنە بۇ تېمىنى قايتا بىرقىتىم ئۇقۇدۇم ،ئاندىن كىيىن ئۇ كىنونى ھەقىقى چۈشەنگەندەك بولدۇم..

باھا سۆز

سىزمۇ «ئايلانما» غا كىرىپ قاپسىز-دە... شۇنداق، بۇ فىلىمنى كۆرگەن نۇرغۇن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-24 07:35
يىكەنداز
dilmurat ۋاقتى: 2012-11-24 07:35:46 | ئايرىم كۆرۈش
2012 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-24 04:07
مەن ما تېمىنى ئوقۇپ ئۇ كىنونى يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ چىقت ...

سىزمۇ «ئايلانما» غا كىرىپ قاپسىز-دە...

شۇنداق، بۇ فىلىمنى كۆرگەن نۇرغۇن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ، ئەمما چۈشەنمىگىدەك يېرىمۇ يوق، يۇقىرىدا ئاققىركام دەپ ئۆتكەندەك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيەنى رېژىسسور بىزگە پەقەت يېڭىچە ئۇسلۇبتىلا تەسۋىرلەپ بەرگەن خالاس، چۈنكى رىقابەتكە تولغان بۇ دۇنيادا سىز يېڭىلىق ياراتمىسىڭىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتىشىڭىز ناھايىتى قىيىن بولغان بىر ئىش، 2010-يىلى «بەند ئارال»نى كۆرۈپمۇ شۇنداق يېڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ كەينىدىن «چۈش بوشلۇقى»نى كۆردۇق، بۇمۇ بىزگە يېپيېڭى بىر خىل تۇيغۇ ئاتا قىلدى، دېمەك ھازىر بىز بىر كىنونى كۆرسەك بىزگە بۇرۇن كۆرگەن كىنو ياكى ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باققان مەنزىرىلەرنى ئەسلەتمەي يېڭىچە تۇيغۇ بېرەلىسىلا مۇشۇنىڭ ئۆزى ياخشى كىنو، سېنارىستقا، رېژىسسورغا ئاپېرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز.
گېلەم
مۇز ۋاقتى: 2012-11-24 12:22:38 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز ئاققىركا!مۇكاپاتلىدىم بولدى!
كىگىز
上蛧нúМa ۋاقتى: 2012-11-24 07:35:50 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي مۇشۇ پۇل قاچىلىغىلى پەقەت ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ
بىرسى بىرسىدىن ئىسىل كىنولار چىقىپ كىتىپتۇ مانا
ئورۇندۇق
gunes ۋاقتى: 2012-11-24 07:56:35 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىىمنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2يىل بۇرۇن كۆرگەن ئېدىم،كۆرۈپ بولغۇچە كېچە سائەت 2دىن ئېشىپتىكەن ، ئەتىگەن سائەت 7گىچە يەنە ئۇخلىيالماي جېس قانداق قىلسا قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ. بالىسىغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولغان ۋاقىتتا قانداق بولسا بالىسى بىلەن جەم بولالايدۇ دەپ ئۇنىڭ غېمىنى يەپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلغان .
ئاشۇ ۋاقتتىلا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەش خىيالىغا كەلگەن بولساممۇ ئەمما پۇرسەت بولمىغان ئىدى . مانا ھازىر بۇنداق پۇرسەت كەپتۇ .
مېنىڭمۇ كاللامدىن پەقەت كەتمىگەن ئېدى . ھەر قاسىللىرىنىمۇ خىياغا سەپ قويۇپتىمەن . ئۆزىرلىكمەن
بۇنداق بېشىڭلارنى ئاغرىتماڭلارا ،بولمىسا بۇنداق فىلىملەرنى تەرجىمە قىلمايمەن جىمۇ
داق يەر
free ۋاقتى: 2012-11-24 08:46:30 | ئايرىم كۆرۈش
gunes يوللىغان ۋاقتى  2012-11-24 07:56
بۇ فىلىىمنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2يىل بۇرۇن كۆرگەن ئېدىم، ...

بۇرادەر ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ  بۇ فىلىم بىزگە بەك يارىدى بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلغايسىز
مىخ
ئالىپ0998 ۋاقتى: 2012-11-24 11:10:54 | ئايرىم كۆرۈش
上蛧нúМa يوللىغان ۋاقتى  2012-11-24 07:35
ھەي مۇشۇ پۇل قاچىلىغىلى پەقەت ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ
بىرس ...

دوستۇم بەك كۆپ ۋاقىت كەتمەيدىغۇ؟
9#
ئالىپ0998 ۋاقتى: 2012-11-24 11:13:14 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملىك ئادەمنىڭ دېئالۇگى باشقىچە بولىتىكەن ...
بىزدەك بىلىمسىزلىنىڭ باشقا
10#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-24 17:31:15 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭ مەركەزدىن قاچما كۈچۈم خېلى بەك كۈچلۈككەن ئايلانمىدىن بىر قېتىمدىلا چىقىپ كېتەلىدىم

باھا سۆز

ئايلانمىنىڭ تازا مەركىزىگە بارالماي قالغان ئوخشايسىز...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-27 18:35
11#
razzak ۋاقتى: 2012-11-24 20:48:55 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ كاللامدىن ئوتمىگىنى بۇ خىنىم پاراخۇتقا چىققاندا   (مەن بۇ جايغا كەلگەندەك قىلىمەن )دىدى
يەنە ئاچقۇچنى كورۇپ (بۇ ئاچقۇچ مىنىڭكى) دىدى       ئۇزۇ قالدۇرۇپ قويغان  باغاقچىلارنى  كۇرۇپ يەنە ھەيران قالدى  ئۇلارنىڭ ئۇلۇپ قايتا كىمىگە چىققىننى كۇرۇپ  يەنىلا ھەيران قالدى . يەنە  كىلىپ كونىسىنى يىڭىسى كىلىپ ئۇرۇپ  تىڭىزغا تاشلىۋەتتى . كونىسى ئولمەي دىڭىزدىن لەيلەپ چىقىپ  ئۇيىگە قايتى .
يەنە كىلىپ بالىسىدىن ئاچچىغىنى چىقىرىدىغان ئەڭ كونا بولغان ئوزىنى ئولتۇرۋەتتى .
ئۇنى ماشىنىغا سالدى  
ھادىسىگە ئۇچىردى ، يەنە كىلىپ دىڭىزغا چۇشۇپ كەتكەن ئۇزى ،  يەنە پىرىستانغا قايتتى .
ئۇ پاراخۇتقا چىقىپ بىر نەچچە سائەتلەر ئەتراپىدا ئۇخلاپ قىلىپ چۇچۇپ ئويغانغاندىن كىيىن ، مىنى قارا بىسىپتۇ دەپ چۇچۇپ ئويغاندى ، ھىلىقى يوقاپ كەتكەن ئايال قانداق چۇش كۇرۇپسىز دىسە ئۇ قەستەن مەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ يۇشۇردى  ، كىيىن بۇران چىقتى  .   كىچىك كىيمە ئورۇلدى 6 ئادەم 5 كە قالدى  . ھىلىقى چوڭ پاراخۇت كەلدى ، ئۇ يەنە پاراخۇتقا چىقتى.                     ئىشلار يەنە قايتىلاندى .
دىمەك ئەمدى مەن چۇشەنمىگەن يىرىم نىمە ئۇچۇن ئاخىرىدا دىڭىزغا چۇشۇپ كەتكىنى باشتا كەلگىنى ئۇزى تۇرۇپ  پۇتۇللەي ھىچ نىمىىن خەۋىرى يوقتەك  قورقۇپ كىتىدۇ .        نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ .
بۇ كىنونى يازغۇچى بىلمەي شۇنداق باغلاشتۇرۇپ قويغانمۇ يا ، مەن ئەقىللىقمۇ ، يا بۇ كىنونى يازغان سىنارىس بۇ يەرلەرگە دىققەت قىلمىدىمۇ ، يا  مەن كىنونى پەقەتلام چۇشۇنەلمىدىمۇ   .  بولسا ئۇستازلارنىڭ مۇشۇنىڭغا مىنى قايىل قىلارلىق بىر جاۋاپ بىرىشىنى سورايمەن .
ئىملا ياكى چىكىت پەش  تىرناق دىگەندەك بەلگىلەرنى قانداق يەرگە قويىدۇ تازا بىلىپ كەتمىگەچكە مۇۋاپىق ئىشلىتەلمىدىم ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

باھا سۆز

بۇ يەردە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن جىش كونا جىشنىڭ جەسىدىنى ماشىنا ساندۇقىغا سالدى، ئاندىن بالىسىنى ئېلىپ تاكسىغا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-25 05:02
12#
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2012-11-25 05:02:51 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2012-11-24 20:48
مىنىڭ كاللامدىن ئوتمىگىنى بۇ خىنىم پاراخۇتقا چىققاندا ...

بۇ يەردە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن جىش كونا جىشنىڭ جەسىدىنى ماشىنا ساندۇقىغا سالدى، ئاندىن بالىسىنى ئېلىپ تاكسىغا چىقتى، ئاندىن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى، ئۆيگە قايتقان جىش ماشنىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىپ، ماشىنىدىن يىراقراق يەردە ھوشىغا كېلىپ، ماشىنا ئەتراپىدىكى جەسەدلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقان كىشىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىدۇ، بۇ چاغدا پىرىستانغا ئاپىرىدىغان تاكسى شوپۇرى كېلىپ سىزنى ھەقەچان پىرىستانغا ئاپىرىپ قويىمەن، شۇ يەرگە بارامسىز دەيدۇ، ۋە پىرىستانغا بارغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىسىز ھەقەچان، ھېساپلىغۇچنى ئۆچۈرمەي تۇراي دىگەن گەپنى قىلىدۇ. ئۆيگە قايتقان جېش ناھايتتى بىئاراملىقتا تاكسىغا چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆيگە قايتقان جىش خاتىرىسنى يوقاتقان ھالدا ھوشىغا كەلگەن، ئەمما ناھايتتى غۇۋا بىرنەرسىلەر ئېسىدە قالغان ھالەتتە يەنە ساياھەتكە ماڭغان.
مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگەن يەر تاكسى شوپۇرنىڭ گەپلىرى ئىدى.. كېيىن خەنلەرنىڭ مۇنازىرە توپىغا قارىسام، ھەممە ئىش تاكسى شوپۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولغان، بۇ تاكسى شوپۇر دەل رىۋايەتلەردىكى ئىلاھنى تاش دومىلاتقىلى سالغان ئەزرائىل شۇ دىيشىكەندەك گەپلەرنى قىلىشىپتۇ.. بۇ گېپى كاللامدىن ئۆتتى، چۈنكى ھەرقانداق ئىش سەۋەپسىز بولمايدۇ، مەلۇم نەرسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە بولىدۇ ئەمەسمۇ...

باھا سۆز

شۇڭا فىلىم ئاخىرىدا ئۇ شوپۇر ناھايىتى سىرلىق قىياپەتتە كۆرىنىدۇ، خۇددى ئەزرائىل كەلدى فىلىمىدىكىدەك.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-25 06:25
13#
dilmurat ۋاقتى: 2012-11-25 06:25:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2012-11-25 05:02
بۇ يەردە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن جىش كونا جىشنىڭ جەسىدىنى ...

شۇڭا فىلىم ئاخىرىدا ئۇ شوپۇر ناھايىتى سىرلىق قىياپەتتە كۆرىنىدۇ، خۇددى ئەزرائىل كەلدى فىلىمىدىكىدەك.
14#
رىشتە01 ۋاقتى: 2012-11-26 04:48:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەن نىمىشقا قورقۇنۇچلۇق كىنولارغا قىزىقمايدىغاندىمەن.....
15#
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2012-11-27 18:35:11 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-11-24 17:31
مېنىڭ مەركەزدىن قاچما كۈچۈم خېلى بەك كۈچلۈككەن  ئايل ...

ئايلانمىنىڭ تازا مەركىزىگە بارالماي قالغان ئوخشايسىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1