ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

رىئال مۇھەببەت ھېكايىسى ---تۈن ۋاقتى(3-قىسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاۋغۇست تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-23 19:31  

ئۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولدى، يەنە شۇنچە تېز غايىپ بولاتتى.خۇددى كۈن چىقىپ  كۈن پاتقاندەكلا، خۇددى بىزنىڭ ھاياتىمىزدەكلا،  بۇ دۇنياغا كېلىپلا كەتكىنىمىزدەك. بىز بەزى كىشىلەر ئۈچۈن  شۇن قەدەر مۇھىم ، بىراق بىزمۇ بىر كارۋان خالاس.


بەلكىم 2013-يىلى سۈرئەتكە ئېلىنىپ  ئىشلەنگەن «تۈن ۋاقتى» بولمىغان بولسا ، ئەسلىمىلىرىمىز  جېسسىنىڭ  سېلىيننىڭ ئۆيىدا پىلاستىنكا تىڭشىغىنىچە  سىلىيننىڭ ئوينىغان ئۇسۇلىغا قارىغان پېتى  ئاياقلاشقان شۇ دەقىقىلەردە قېلىشى مۇمكىن ئىدى. توغرا، ھېكايىمىز نىڭ داۋامى بار،
ۋېيىنا كوچىلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىدىن باشلىنىپ ، پارىژدىكى قايتا ئۇچرىشىشقىچە  يەنە شۇ ھېكايىدىن توققۇز يىل كېيىن،  جېسسى ۋە سېلىين بىر ئائىلە كىشىلىرى  رومانتىك ماكان  گېرىتسىيەگە كۆچۈپ كەلگەن.  ھېكايىنىڭ بېشىدىلا  جېسسىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن بولغان  ئوغلى دادىسى بىلەن كۆڭۈلسىز ھالدا ئايرىدورومدا خوشلىشىۋاتقان  كۆرۈنۈشتە باشلىنىدۇ.  جېسسى بىلەن سېلىيىن توي قىلىپ  قوشكېزەك قىز پەرزەنىتلىك بولغان، جېسسى بولسا ئىككىنجى قىسىم كىتابىنى نەشىردىن چىقىرىپ بولۇپ  دەم ئېلىش قىلىۋاتقان، سېلىيىن بولسا بىر ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قۇبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقتەك ھاياتلىقنىڭ تۆت كوچىسىدا گاڭگىراۋاتقان  ۋاقىتلار.



ئەگەر رېژىسسور «تۈن ۋاقتى» نى ئىشلىمىگەن بولسا ، ھېلىقى  يىلى جېسسى سېلىيننىڭ ئۆيىدە قېلىپ ،  ئايروپىلانغا چىقمىغانلىقىنى بىز بىلەلمەيتتۇق، ھەم بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ  سلېىين بىلەن توي قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيتتۇق.   شۇنداق، بەزىدە مانا بۇ رىئال تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى، يۈرىكىمىزدە سۆيىدىغان ھەم ئۇنتالمايدىغان بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ، نىكاھ تۇرمۇشىمىزنى  دوغا تىكىپ   مۇھەببەتمۇ يوق بىرى بىلەن توي قىلىمىز. كېيىنكى كۈنلەردە يا ھېلىقى يۈرىكىمىزدىكى كىشى بىلەن ئۇچرىشالايمىز ياكى ئۇچرىشالمايمىز، ۋە ياكى  پەرزەنتىمىزگە  دىل يارىسى سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن   چىداپ تۇرۇپ ھېلىقى سۆيمەيدىغان بىرى بىلەن ھاياتىمىزنى داۋام قىلىمىز، بىراق جېسسى ئۇنداق قىلمىدى، ئۇ سېلىيننى پارىژدا ئۇچراتقان ۋاقىتتا سېلىين تېخىچە  جېسسى سەۋەبلىك باشقا بىرىنى سۆيەلمەيۋاتقانىدى.  جېسسى شۇ ۋاقىتتا  ئۆزىگە  9 يىل بۇرۇنلا تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك  مۇھەببەتنى تېپىۋالغاندەك  ھېس قىلغانىدى.  ئۇ ئاجرىشىپ  يەنىلا سېلىيىن بىلەن بىرگە بولۇشنى تاللىغان، بىراق ئۇ  ئوغلى ھېنرىيغا ئوخشاشلا ئازار  بەردى،  يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرىدە   دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمايۋاتقانلىقىنى  ھېس قىلىپ ئازابلىناتتى. ھەتتا بالىنىڭ بېقىش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈشمۇ ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان بىر مەسىلە  ئىدى.



جېسسى بىلەن سىلېيىن  ھېنرىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن  ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ.  ھېلىقى چوڭلار ، تەڭتۈشلەر بىلەن يېيىلگەن بىر ئۈستەل تاماق جەريانىدا  بولۇنغان گەپلەر، ئەمەلىيەتتە جېسسى ۋە سېلىيننىڭ يېشىدىكى ئەر ئاياللارغا نىسپەتەن ھەقىقەت ئىدى.  تاماق ئۈستىلىدە، ھەرقانچە سۆيۈشكەن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭمۇ  ھېسىياتىنىڭ بىر كۈنى سۇسلىشىدىغانلىقى، ھەرقانچە ئامراق ئەر-ئايالنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى  نىكاھىنى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ، ئەلۋەتتە  باش قەھرىمانلىرمىز جېسسق  بىلەن سېلىينمۇ  بۇ سۆزلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ.

ئۇلار جۈپ قىزىنى چوڭلارنىڭ قېشىغا  قويۇپ ، ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان شۇ ۋاقىتتىن بەھرىمەن بولغىلى سىرىتقا قاراپ ماڭدى،   ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە قەدەم بېسىپ بولغان ئىدى.  بۇ ۋاقىتتا ئەر-ئايللار ئارىسىدا ئاسانلا  ئۇقۇشماسلىق ۋە كۆڭۈل ئازارى كېلىپ چىقىدىغان دەۋىر ئىكەنلىكى كۆرۈرمەن دوسىتلارغىمۇ  ئايان . دەرۋەقە ھېكايە باش قەھرىمانلىرىمىز ئارىسىدىمۇ  بەزى ئىختىلاپلار يەنىلا مەۋجۈت ئىدى.  جېسسى بولسا  دائىم ئوغلى ھېنرىينىڭ ئىشىنى كاللىسىغا كىرگۈزىۋالايتتى،  سېلىيىن ھېلىقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى  ئۈستىگە ئېلىش ئالماسلىق توغرىسىدا جېسسىدىن مەسلىھەت سورايىتتى، جېسسى بولسا ئۇنىڭغا قوشۇلمايىتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىپ  پەرزەنىتلەرنىڭ تەربىيلىنىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەسلىك مەغلۇبىيەت ئىدى.  سېلىين بولسا ھازىر بالىلارغا ۋاقىت ئاجرىتىمەن دەپ نۇرغۇن ئارزۇلىرىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېيتىپ جېسسىدىن ئاغرىناتتى. بىراق ئۇلار ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەت يەنىلا يېپيىڭى پېتى تۇرغاندەك، گېرىتسىيەنىڭ  رىۋايەتلەرگە تولغان كوچىلىرىدا  قول تۇتۇشۇپ ئايلىنىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلاردەك قىلاتتى.

ئۇلار ئائىلە ۋە كەلگۈسى توغرىسدا پاراڭلىشىپ ماڭغانسىرى  ئارىسىدىكى ئىختىلاپ بىردە كۆتۈرلۈپ بىردە دولقۇنلاپ  ماڭاتتى.  بەلكىم مۇشۇ يەرلىرىنى كۆرگەن كۆرۈرمەن ئۇلارنى چوقۇم ئۇرۇشپ كېتىدۇ ، بۇ رىۋايەتلىك مۇھەببەت ھېكايىسىمۇ ئاخىرلىشىدىغان بولدى دەپ ئويلىشىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ سوقۇشۇش ، گەپ تالىشىش ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ، ئارىدا بولۇنغان گەپلەرنى بەزى كۆرۈرمەنلەر .اڭقىرالماي چاقچاق دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، ھېكايىدە   جېسسى سېلىينغا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ يۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيىتقاندا ، سېلىين بىر گەپ قىلىپ  جېسسىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ دىئالوگ بىر ئاز قىرتاق تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن ، سېلىين جېسىىنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلاپلا:« مېنىڭ ھازىر پەقەت ھاجەتخانىدا ئولتۇرغان ۋاقتىمدىلا  ئۆزۈم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا ۋاقتىم چىقىدۇ» دەيدۇ، ھەقىقەتەن  تۇرمۇش ، بالىلار توغرىسىدا كاللىسىدا مىڭ خىل غەم بىلەن تويۇنغان بۇ ئانا  بۇرۇنقى ھايات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان ۋاقتىدىن  تەلتۆكۈس ئايرىلغانىدى، ئىشىنىمەنكى بۇخىل ھېسىيات جەمىيىتىمىزدىكى %99 ئانىلىرىمىزدا بار.
ئۇنداقتا جېسسى بىلەن سېلىيىن ۋاز كېچىشى كېرەكمۇ؟  ھېكايىلىرىمىز شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىزلەر ۋاز كېچىشىمىز كېرەكمۇ؟بىراق بىزدە بۇنداق تاللاش يوق،  بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ؟  خۇددى ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان  رېئاللىق كەبى ھاياتىمىز مۇشۇ شۇمۇ ؟  خۇددى كۈن چىقىپلا پاتقىنىدەك ، ھاياتىمىزدىكى قەدىرلىك كىشىلىرىمىزنى تاشلاپ غايىب بولىشىمىز كېرەكمۇ؟  لېكىن بىزنىڭ بۇنداق تاللىشىمىز يوق، چۈنكى بىز ياشاۋاتىمىز، ھەم ياشىشىمىز كېرەك،  چوقۇم بۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك، تۇرمۇشنى قۇبۇل قىلىشىمىز، بىزگە ھەمراھ بولۇپ مۇشۇ يولنى تەڭ بېسىشىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ كىشىنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

سۆيگۈدە تاللاش بولىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ مۇكەممەل ئەمەس، قىلالايدىغىنىمىز قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى بىر مۇكەممەللىك دەپ قاراپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىش،  ئۇنى ئۆزگەرتىشنى ئەمەس، قۇبۇل قىلىشنى ئۆگىنىش. ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ سەلبىي تەسىرىنى قارشى تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئۇنىڭغا ئارتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.





مانا بۇ مۇھەببەت، مۇكەممەل ئەمەس، بىراق ئىنتايىن گۈزەل ھەم رېئال، مۇكەممەل بولمايۋاتقان بۇ تۇرمۇشنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە  بىزنىڭ ھەقىقىي سۆيۈشكە تېگىشلىك بولغىنىمىز  قارشى تەرەپ بولۇپلا قالماستىىن، تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنىمۇ  بىر سوۋغا دەپ تۇرۇپ سۆيىشىمىز....

مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلىكى مۇشۇنداق تەسۋىرلەنسە كېرەك، ئۇ سۈبھىي ۋاقتىدىكى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن باشلىنىدۇ،گۇگۇمدا  ۋاقىت تەرىپىدىن يېڭىلىدۇ، ئاخىرى تۈن ۋاقتىدىكى رىئاللىقتا تاۋلىنىدۇ. ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ تەسۋىرلەنگەن 18يىلغا سوزۇلغان مۇھەببەت ھېكايىسى بىزگە  ھەقىقىي  مۇكەممەل بولغان بىر تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ
شۇنداق ، مۇھەببەت ھازىرمۇ مەۋجۈت، پەقەت ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە مەۋجۈت،  بىزنىڭ قولىمىزدىن ئىككى ئىش  كېلىدۇ، بىرى : قارىغۇلارچە تۇرمۇشنىڭ ھەممە  قاتمالچىلىقلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولغان دەپ  ئۇنى ۋەيران قىلىش.
يەنە بىرى: بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرمۇشنىڭ مۇكەممەللىكى دەپ قاراپ ، ئۇنىڭ قوغداپ قېلىش،  
ئاخىرىدا تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىىنى ئېرىنمەستىن ئېچىپ بەرگەن رېژىسسورغا رەھمەت،بۇ  فىلىمنى پۈتكۈل  دۇنيادىكى  ئەينى چاغدا پەرھاد شېرىن كەبى سۆيۈشكەن، بىراق ئاخىرىدا تۇرمۇشنىڭ  بىئارامچىلىقلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان  بىر جۈپلەرنىڭ  ھەقىقىي   دورىسى دېسەك قىلچە ئارتۇق كەتمەيدۇ

مۇھەببەتتنى ساقلاپ قېلىشتا نېمە مۇھىم؟
ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن ، بۇ3 بۆلۈم فىلىمنى كۆرسىڭىز تامامەن چۈشىنەلىشىڭىز مۇمكىن.


ئالدىنقى قىسىملىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىسى بېسىپ كۆرۈڭ


سۈبھى ۋاقتى


گۇگۇم ۋاقتى























































p2153726947.jpg (64.52 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

p2153726947.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار1

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

7پىنتوزىلىرى

41تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1