ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

چاننىڭ تاتۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
860 2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-5 23:09  

ھەپتىدە بىر چولپان




ئاساسىي ئۇچۇرلىرى:
خەنزۇچە ئىسمى:查宁·塔图姆
ئىنگىلىزچە ئسىمى:Channing Tatum
ئۇيغۇرچە ئىسمى: چاننىڭ تاتۇم
تولۇق ئىسمى: Channing Matthew Tatumتۇغۇلغان كۈنى:1980.4.26
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا ئالاباما شتاتى
يۇلتۇز تۈركۈمى: سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
بوي ئېگىزلىكى: 185cm
جىنسى:ئەر
رايونى:ئامېرىكا
ئايالى: Jenna Dewan-Tatum -جېننا دېۋان تاتۇم
قىزى: Everly Tatum - ئېۋېرلى تاتۇم
كەسپى:ئارتىس، سېنارىست، فىلىم ئىشلىگۈچى، مودېل، ئۇسسۇلچى
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى: ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكەن ھايات، ئالاھىدە قىسىم ئەترىتى، جەزبىلىك مەجىك، ئاقسارايدىكى ئاپەت



چاننىڭ تاتۇم (Channing Tatum) ئامېرىكىنىڭ كىنو ئارتىسى بولۇپ 1980-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان. چاننىڭ تاتۇم كىيىم مودېللىقى بىلەن سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 2004-يىلى 《جىنايەت نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش- مىيام》 (CSI: Miami) فىلىمىدا  يانداش رول ئالغان.
2005-يىلى « كاچ ترېنېر » فىلىمىدا تۇنجى ئاساسلىق رول ئوينىغان، ئاندىن 2006-يىلى  « پۇتبول ئەپەندىسى، ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكەن ھايات ۋە مۇخلىسلار قىبلىنامىسى » قاتارلىق فىلىملاردا رول ئېلىپ بىراقلا داڭ چىقارغان. 2009- يىلى ھەجۋىي رەسىم قوللانمىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم « ئالاھىدە قىسىم - كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ قەد كۆتۈرۈشى » (G.I. Joe:The Rise of Cobra) فىلىمىدا كىنەز رولىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقان. 2012- يىلى « ئەرباب » ژۇرنىلى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ جەلىبكار يىگىت دەپ باھالانغان. 2013- يىلى « جەلىبكار مەجىك » «ئەھدە » « ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى » فىلىملىرىدا رول ئېلىپ « فوربىس » ژۇرنىلى ئېلان قىلغان ھوللىۋود ئەر چولپانلىرىنىڭ يىللىق كىرىم رەت تەرتىپىدە ئۇ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. 2014- يىلى ئۇ « كەلگۈسىدىكى X جەڭچى » فىلىمىدە قارت شاھىنىڭ رولىنى ئالغان. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ ئاساسلىق رول ئالغان فىلىم « يۇپتېرغا چىقىش » جۇڭگودا قويۇلدى.




ياشلىق سەرگۈزەشتىلىرى:
تاتۇم ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆيىدىكى سەككىز بالىنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئۇ يەرلىك ئامېرىكا، ئېرلاندىيە ۋە فرانسىيە قان سېستىمىسىغا ئىگە.  ئالتە ياشقا كىرگەندە ئائىلە بويىچە مىسسىسىپى شتاتىغا كۆچۈپ بارغان، كەڭ دالىلاردا، دەريا بويلىرىدا توپ مەيدانلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇن بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ كىچىكىدىلا ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچرىغاچقا، دوختۇر ئۇنىڭغا رىتالىن (ئەقىل دورىسى) بىلەن نېرۋىنى غىدىقلىغۇچى دورىلارنى ئىچىشكە بۇيرىغان. ئۇ زەيتۇن توپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا تايىنىپ ۋىرگىنىيەدىكى گىلېنۋىللى شىتات ئىنىستىتۇتىغا (Glenville State College) كىرىپ ئوقۇغان، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشتىن توختاپ، فلورىدا شتاتىغا بېرىپ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتكەن.
ئۇ قۇرۇلۇشچىلىق، تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدا ئەتىر ساتقۇچى، قەرز ئېلىش ۋاستىچىسى، ھەتتا يالىڭاچ ئۇسسۇلچى بولغان، ئۇ 18 ياشقا كىرگەن يىلى فلورىدا شتاتى تامپا شەھرىدىكى
بىر كېچىلىك كۇلۇبتا 9 ئاي ئەر ئۇسسۇلچى بولغان.  ئۇ كۇلۇبتىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، بىر مودېل تاللىغۇچىغا ياراپ قېلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئىستىراھەت كىيىملىرى ماركىسى Abercrombie & Fitch نىڭ مودېلى بولغان. كېيىن تاتۇم 2000-يىلى رىكى مارتىننىڭ She Bangs مۇزىكا لېنتىسىدا ئۇسسۇلچى بولغان. كېيىن تاتۇم مىيامىدىكى “Page 305” مودېل ۋاستىچىلىق شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ Vogue قاتارلىق مودا ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان. ئاندىن Abercrombie、Emporio Armani قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغان. ھەمدە Dew نىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىغا چىققان. 2001- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ
Tear Sheet ژۇرنىلى تەرىپىدىن « ئەڭ گۈزەل 50 چىراي » نىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغان.

سەنئەت ھاياتى:
2004-يىلى چاننىڭ قىزىقارلىق چاتما تىياتىر « جىنايەت نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش-مىيامى » دا بوب داۋېنپورتنىڭ رولىنى ئالغان.
2005-يىلى چاننىڭ سامۇئېل جېكسون( Samuel L. Jackson) باش رول ئالغان «تېرىنېر كوچ » فىلىمىدە ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە ۋاسكىتبول ماھىرىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. شۇ يىلى يەنە سىتېۋېن سىپىلبېرگنىڭ( Steven Allan Spielberg)  «دۇنيا ئۇرۇشى » فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭدا چېركاۋدىكى بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا « دالىدىكى بوران-چاپقۇن »  ۋە «بالا-قازا » فىلىملىرىدە قوشۇمچە رول ئالىدۇ.
2006-يىلى چاننىڭ تاتۇم « پۇتبول ئەپەندىسى » فىلىمىدە ئاساسلىق رول ئالىدۇ. شۇ يىلى يەنە ئۇسسۇل ئاساسى تېما قىلىنغان ياشلار فىلىمى «ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكەن ھايات» تا باش رول ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا نيۇيورك خانىش رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كوچىدىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىم «مۇخلىس قىبلىنامىسى» سۇندانسې خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىپ باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ شۇنىڭ بىلەن مەنىۋى مۇستەقىللىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى نامزاتلىقىغا تاللىنىدۇ.
2007-يىلى چاننىڭ چارلىز زېرون( Charlize Theron) ۋە ھۇدى ھاررېلسون (Woody Harrelson) رول ئالغان ۋەقەلىك فىلىم  «سېئاتىل جېڭى»غا قاتنىشىدۇ.
2008- يىلى رىيان پىلىپ (Ryan Phillippe) بىلەن جوسېپ گوردون (Joseph Gordon-Levitt) رول ئالغان ئىراق ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىم « زىياننى توختىتىش » تە رول ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناخشا ئۇسسۇل تېما قىلىنغان ياشلار فىلىمى « ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكەن ھايات 2 » گە قاتنىشىدۇ.
2009-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ بازارلىق ھەجۋىي رەسىملىك كىتابتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم «ئالاھىدە قىسىم-كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ قەد كۆتۈرۈشى » دە باش رول ئالىدۇ.
شۇ يىلى يەنە ئۇ « يەر ئاستى بوكىسچىلىق مەيدانى » فىلىمىدا بىر كۆك ياقىلىق بوكىسچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، يەنە جوننى دېپ (Johnny Depp) باش رول ئالغان قارا گورۇھنى ئاساسىي تېما قىلغان « ئورتاق دۈشمەن » فىلىمىدە بىر رول ئالىدۇ.
2010-يىلى چاننىڭ تاتۇم ئاماندا سېفرېد ( Amanda Seyfried) بىلەن بىرگە مۇھەببەت فىلىمى « ئايرىلىش خېتى» دە باش رول ئالىدۇ. بۇ فىلىم ئامېرىكا يازغۇچىسى نېكولاس سىپاركىسنىڭ شۇ ناملىق رومانى ئاساسىدا سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا جوسېپ گوردون (Joseph Gordon-Levitt) رېژىسسورلۇق قىلغان قىسقا فىلىم « دىرىژابىل ھايۋاناتلار باغچىسى » دا رول ئالىدۇ.
2011- يىلى جامى بېل (Jamie Bell) بىلەن بىرلىكتە « ئېزىقىش- 9-بۈركۈت ئەترىتى » فىلىمىدە باش رول ئالغان، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن چولپانلار جەم بولغان كومىدىيەلىك  فىلىم « ئالدانغان قەلب » تە رول ئېلىپلا قالماستىن يەنە داڭلىق چولپانلار يىغىلغان ھەرىكەتلىك فىلىم «قايتۇرما زەربە » گە قوشۇلغان، ئۇندىن باشقا ئۇ رول ئالغان « ھېچكىمنىڭ ئوغلى » سۇندانسې خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان. شۇ يىلى ئايالى جېننا دېۋان بىلەن بىرلىكتە كومىدىيەلىك فىلىم « ئون يىل » دا رول ئالغان.
2012- يىلى مېيچىل رېكدامىس (Rachel McAdams) بىلەن بىرلىكتە مۇھەببەت فىلىمى «ئەھدە » دە باش رول ئالغان، بۇ فىلىم ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا قويۇلغان. شۇ يىلى ئۇ رول ئالغان «ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى 1 » 3-ئاينىڭ 16- كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلغان. بۇ فىلىم 1980-يىللىرى قويۇلغان شۇ ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. شۇ يىلى يەنە ماتتېۋ (Matthew McConaughey) ، ئالىكىس پېتتېفېر (Alex Pettyfer) بىلەن بىرلىكتە R دەرىجىلىك فىلىم «جەزبىلىك مەجىك 1» تە رول ئالغان، بۇ فىلىم چاننىڭنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينىغانلىق تارىخى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىمنىڭ باش رولچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە سېنارىست ۋە فىلىم ئىشلەش خىزمىتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. يىل ئاخىرىدا ئامېرىكا « خەلق » ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2012- يىللىق ئەڭ جەزبىدار چولپان بولۇپ باھالانغان.
2013- يىلى چاننىڭ « ئالاھىدە قىسىم - ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم » دا يەنە داۋاملىك كىنەز ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇندىن باشقا رولاند (Roland Emmerich) رېژىسسورلۇق قىلغان « ئاقساراينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى » فىلىمىدا باش رول ئالغان، يەنە ئۇ باش رول ئالغان « ئەكىس تەسىر » 2-ئاينىڭ 8- كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلغان. شۇ يىلى ئاننې باش رول ئالغان مۇھەببەت فىلىمى « ساختا سۆيگۈ » گە سىرتتىن قاتناشقان. ئۇندىن باشقا R دەرىجىلىك كومىدىيىلىك فىلىم « قىيامەت » تە كىچىك بىر رولنى ئوينىغان. «فوربىس» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان ھوللىۋود ئەر چولپانلىرىنىڭ يىللىق كىرىم تەرتىپىدە، 60 مىليون دوللارلىق كىرىم بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
2014- يىلى ئۇ ئاكا-ئۇكا ۋارنېر شىركىتى ئىشلىگەن كارتون فىلىم «لېگونىڭ كىنوسى » دا خاسىيەتلىك ئادەمگە ئاۋاز بەرگەن، ئۇندىن باشقا 20-ئەسىر فوكىس شىركىتى ئىشلىگەن كارتون فىلىم « ھاياتلىق كىتابى » دا جواكىئىنغا ئاۋاز بەرگەن. ئۇ رول ئالغان فىلىم « ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى 2 » 6-ئاينىڭ 13- كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلدى. شۇ يىلى ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا سېنارىيىلەشتۈرۈلگەن فىلىم «تۈلكە ئوۋچىسى» دا باش رول ئالغان. ئۇندىن باشقا دالا تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەقىقىي ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى بايان قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال پروگرامما « دالىدىكى مىڭ چاقىرىم » غا قاتناشقان، يەنە كەلگۈسىدىكى «X جەڭچى  » فىلىمىدا قارتا شاھىنىڭ رولىنى ئالغان.2015-يىلى چاننىڭ ئىلمىي فانتازىيە فىلىمى «يۇپتېرغا چىقىش » تا تاشقى پىلانېت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم 3-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلدى. شۇ يىلى يەنە مات بومېر(Matt Bomer) ۋە جوي مانگانېللو (Joe Manganiello) لار بىلەن بىرلىكتە رول ئالغان فىلىم  « جەلىپكار مەجىك 2 » 7-ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلدى. چاننىڭ بۇ فىلىمدە باش رول ئېلىپلا قالماي يەنە سېنارىست ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا كۇئنىتىن (Quentin Tarantino) رېژىسسورلۇق قىلغان « سەككىز بەتنىيەت » فىلىمىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 12- كۈنى 24-نۆۋەتلىك MTV كىنو مۇكاپاتى كېچىلىكى لوس ئانژېلېستا ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇ « ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى 2 » فىلىمى بىلەن ئەڭ ياخشى كومىدىيە ماھارىتى كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.




شەخسىي تۇرمۇشى:
چاننىڭ تاتۇم جېننا دېۋان بىلەن 2006-يىلى « ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكەن ھايات» فىلىمىدا تونۇشقان بولۇپ، فىلىمدىكى يالغان مۇھەببەت راستقا ئايلانغان. ئۇلار بىر مەزگىل مۇقىم ئارىلاشقاندىن كېيىن 2009-يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى توي قىلغان. 2013-يىلى 5- ئاينىڭ 30 -كۈنى لوندوندا ئۇلار تۇنجى بالا يۈزى كۆرگەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرى:
رول ئالغان كىنولىرى

2016-يىلى
ياشا قەيسەر---- 2016- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى----Hail Caesar  
قارت شاھى------------------------------------Gambit
X جەڭچى: ۋەھىي--------------------------------X-Men: Apocalypse
2015-يىلى
سەككىز بەتنىيەت-------------------------------- The Hateful Eight
مەڭگۈلۈك جەڭ----------------------------------The Forever War
جەلىبكار مەجىك...-...2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنى....-....Magic Mike XXL
يۇپتېرغا چىقىش............................................................Jupiter Ascending
2014-يىلى
ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى2-------------------21 Jump Street 2
لېگونىڭ كىنوسى-----------------------------------The Lego Movie
تۈلكە ئوۋچىسى-----------------------------------Foxcatche
رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى
سىمپىسون ئائىلىسى...2014-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى------The Simpsons
جىنايەت نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش-مىيامى----2004-يىلى----CSI: Miami




مۇكاپاتلىنىش خاتىرىسى:
MTV كىنو مۇكاپاتى
2015-يىلى      24-نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى بەدىئىي ئارتىس                      تۈلكە ئوۋچىسى                                 (نامى ئاتالغان)
2015-يىلى      24-نۆۋەتلىك   ئەڭ ياخشى كومىدىيە ئارتىسى                   ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى2     (مۇكاپاتلانغان)
2015- يىلى     24-نۆۋەتلىك   ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى                      ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى2      (نامى ئاتالغان)
2015-يىلى    24-نۆۋەتلىك     ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس                           تۈلكە ئوۋچىسى                                   (نامى ئاتالغان)           
2015-يىلى     24-نۆۋەتلىك   ئەڭ ياخشى كومىدىيە ئارتىسى                   ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى2     (نامى ئاتالغان)
2014-يىلى     23- نۆۋەتلىك    مەنىۋى ئاۋانگارت مۇكاپاتى                                                                          ( مۇكاپاتلانغان)
2014-يىلى    23- نۆۋەتلىك     ئەڭ ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈش                قىيامەت                                            (نامى ئاتالغان)
2014-يىلى   23- نۆۋەتلىك   ئەڭ ياخشى قەھرىمان ئوبرازى                 ئاقساراينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىشى           (نامى ئاتالغان)      
2013- يىلى 22- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى ناخشا-ئۇسسۇل كۆرۈنۈشى       جەلىبكار مەجىك                                 (نامى ئاتالغان)     
2013- يىلى 22- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى ئەر رولچى                           جەلىبكار مەجىك                                  (نامى ئاتالغان)
2012- يىلى 21- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى ئەر رولچى                            ئەھدە، قەسەم                                   (نامى ئاتالغان)     
2012- يىلى 21- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى            ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى       (نامى ئاتالغان)     
2012- يىلى 21- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى قەھرىمان ئوبرازى                ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى        (نامى ئاتالغان)   
2010-يىلى 19- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى ھەرىكەت چولپىنى                                                                        (نامى ئاتالغان)   
2010-يىلى 19- نۆۋەتلىك    ئەڭ ياخشى ئەر رولچى                         ئايرىلىش خېتى                                    (نامى ئاتالغان)  
شىمالىي ئامېرىكا رادىيو تەقرىزچىلىرى جەمئىيىتى مۇكاپاتى
2015-يىلى  20-نۆۋەتلىك  ئەڭ ياخشى ئەر كومىدىيە ئارتىسى مۇكاپاتى   ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى2  (نامى ئاتالغان)
2013- يىلى 18- نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر كومىدىيە ئارتىسى مۇكاپاتى   ئەجدىھا يولۋاس ئۆسمۈرلەر ئەترىتى1  (نامى ئاتالغان)
مەنىۋى مۇستەقىللىق مۇكاپاتى
2015-يىلى   30-نۆۋەتلىك    ئالاھىدە شەرەپ مۇكاپاتى     تۈلكە ئوۋچىسى    (مۇكاپاتلانغان)
2007- يىلى  22- نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى يانداش رولچى مۇكاپاتى مۇخلىس قىبلىنامىسى  (نامى ئاتالغان)
گوزام مۇستەقىل كىنو مۇكاپاتى  (Gotham Independent Film Awards)
2014-يىلى 24-نۆۋەتلىك باھالىغۇچىلار ئۆمىكى ئالاھىدە مۇكاپاتى-كوللېكتىپ ماھارەت كۆرسىتىش  تۈلكە ئوۋچىسى (مۇكاپاتلانغان)
2006-يىلى 16- نۆۋەتلىك يېڭىلىق يارىتىپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇكاپاتى   مۇخلىس قىبلىنامىسى (نامى ئاتالغان)
ھوللىۋود كىنو مۇكاپاتى
2014-يىلى 18- نۆۋەتلىك  يىللىق كوللېكتىپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇكاپاتى    تۈلكە ئوۋچىسى  (مۇكاپاتلانغان)
سۇندانسې خەلقئارا كىنو فېستىۋالى     ( sundance film festival)
2006- يىلى  22- نۆۋەتلىك  باھالىغۇچىلار ئۆمىكى ئالاھىدە مۇكاپاتى       مۇخلىس قىبلىنامىسى   (مۇكاپاتلانغان)
خەلقئارا كىنو ھېرىسمەنلىرى ئىتتىپاقى مۇكاپاتى
2014- يىلى  ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى     تۈلكە ئوۋچىسى           (مۇكاپاتلانغان)




پېرسوناژ باھالىرى:
«ئېزىقىش- 9-بۈركۈت ئەترىتى »  بولسا چاننىڭ تاتۇمدەك ‹ ياش چولپان›نى ئەسلى قىياپىتى بىلەن ئەينەن ئىپادىلىگەن فىلىمدۇر، قەيسەر، كەم سۆز، ئەستايىدىل، ئوچۇق بەدەن، چەبدەس بولۇشتەك ئامىللار ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى « ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكەن ھايات» تا مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭ ھالقىلىق ئەسىرى « مۇخلىس قىبلىنامىسى» دۇر.
سودا خاراكتېرىنى ئالغان ئەسىرى « ئالاھىدە قىسىم» دۇر. تۇنجى بەدىئىي مۇھەببەت فىلىمى « ئايرىلىش خېتى » دۇر.

چاننىڭ تاتۇمنىڭ بىز يۈز كۆرۈشكەن نادىر فىلىملىرىمۇ ئاز ئەمەس ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن:
ئاقساراينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى (ئۇيغۇرچە خەتلىك)
بۇ يەردىن كۆرۈش
ئاقسارايدىكى ئاپەت (ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق)
بۇ يەردىن كۆرۈش
يۇپتېرغا چىقىش (ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق)
بۇ يەردىن كۆرۈش
ئالاھىدە ئەترەت:كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى(ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق)بۇ يەردىن كۆرۈش

مەنبە : بەيدۇ قامۇسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركان
بىر نەچچە پارچە رەسىملىرى







ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Ablazewolf ۋاقتى: 2015-7-3 11:53:11 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخى قايسى ھىندى ئارتىسىدۇ دەپ كىرىپتىمەن.
بەك تۇلۇق بوپتۇ بۇ! ھارمىغايسىلەر ئاداش!
يىكەنداز
kokqin ۋاقتى: 2015-7-3 14:19:10 | ئايرىم كۆرۈش
بەك تەپسىلى چۈشۈئەندۈرۈپسىز   رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1