ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

بوللىۋود تاماشا خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-14 15:40  

بۇ ھەپتىگىچە چىققان بوللىۋودنىڭ كىىنو ئۇچۇرلىنى كۆرۈپ باقايلى!
1. شاھرۇكخان بىلەن ئانۇشكا شارما يېڭى فىلىمدا ھەمكارلاشتى، فىلىم ئىسمى: «Jab Harry Met Sejal»

شاھرۇكخان بىلەن ئانۇشكانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھەمكارلىشىشى بولۇپ، بۇلار بۇرۇن «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر» ۋە «جېنىم تېنىمدا بولسىلا» فىلىملىرىدە ھەمكارلىشىپ ئۇتۇق قازانغان، بۇ فىلىمى قانداق بولىدۇ؟ چىققاندا بىلىمىز....فىلىم رېژىسسورلۇقىنى ئىمتىياز ئەلى قىلغان، فىلىم 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇلۇشقا بېكىتىلدى، تەشۋىق فىلىمى مۇشۇ ئاينىڭ 19-20 كۈنلىرى چىقىشى مۇمكىن.

2. ئامىتاب باچچان بىلەن رىشى كاپۇر «102 ياشتىمۇ قاتاردىن قالماسلىق» فىلىمىدە رول ئالدى.

مانا بۇ ئېكراندىكى پېشقەدەملەر 20 يىلدىن كېيىن يېڭى فىلىمدە بىرلىكتە ھەمكارلاشتى، بۇرۇن ئۇلار بىر قانچە فىلىمدە ھەمكارلاشقان، ئۇ بولسىمۇ...
《Amar Akbar Anthony》(1977)、《Kabhi Kabhie》(1976)、《Naseeb》(1981)، مانا ئەمدى يېڭى فىلىم [102 Not Out] دا بىرلىكتە ئاتا-بالىنىڭ رولىنى ئالدى، ئامىتاب باچچان 102 ياشلىق دادىنىڭ رىشى كاپۇر 75 ياشلىق بالىنىڭ رولىنى ئالىدىكەن،  بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى: Umesh Shukla
فىلىم مۇشۇ يىل ئاخىرىدا قويۇلىدۇ.

3. رانى مۇكارجىنىڭ يېڭى فىلىمى «Hichki» نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرى تاماملاندى.


رانى مۇكارجى ئالدىنقى قېتىم 「Mardaani 2014」(مەردانە ئايال ساقچى) فىلىمىدە رول ئالغاندىن بۇيان يېڭى فىلىمى چىقمىغانىدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ يېڭى فىلىمى «Hichki» نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرى تاماملىنىپ ئاخىرى باسقۇچلۇق ئىشلىرى باشلىنىپتۇ، دېمەك پات ئارىدا ئۇنىڭ يېڭى فىلىمى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى!


4. ئايۇشمان كۇررانىڭ يېڭى فىلىمى 《Bareilly Ki Barfi》 ئاۋغۇست ئايلىرىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

ئايۇشمان كۇررانا (Ayushmann Khurrana) بوللىۋودنىڭ ياش يېتىلىۋاتقان ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كىرىتى سانون(Kriti Sanon) بىلەن يېڭى فىلىمدا رول ئالدى، بۇ فىلىم ئاۋغۇست ئايلىرىدا كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.


5. رىتىك روشاننىڭ كېيىنكى فىلىمى «Super 30»

رىتىك روشان قابىل(قىساس) فىلىمىدىن كېيىن نۇرغۇن سېنارىيەلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەرزىگۈدەكلىرى چىقمىغانتى، مانا ئەمدى ئۇ ۋىكاس بالنىڭ «Super 30» فىلىمىدا بىر ماتېماتىكنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولدى. بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە باشلىنىدىكەن.


6. ئاخىرىدا كىرىتى سانوننىڭ(Kriti Sanon) ۋوگ مودا ژۇرنىلىغا چۈشكەن بىر يۈرۈش رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى!







ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار4

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
خانتاجى ۋاقتى: 2017-6-14 13:55:15 | ئايرىم كۆرۈش
شارۇلخاننىڭ فىلىم ئىشلەش سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدىكەن.
يىكەنداز
شارۇخ ۋاقتى: 2017-6-14 14:14:07 | ئايرىم كۆرۈش
رەسمدىكى چوكان ھىندىستانلىقما بەكلا ئۇزكەن
گېلەم
ئىھسان520 ۋاقتى: 2017-6-14 15:04:42 | ئايرىم كۆرۈش
شاھرۇكخان بىلەن ئانۇشكا ئىكى قىتىم ھەمكارلىشپ بولدى، بۇ ئۈچۈنجى قىملىقى،
كىگىز
 ئىگىسى| arkan2010 ۋاقتى: 2017-6-14 15:39:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئىھسان520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-14 15:04
شاھرۇكخان بىلەن ئانۇشكا ئىكى قىتىم ھەمكارلىشپ بولدى،  ...

توغرا دەيسىز، جېنىم تېنىمدا بولسىلا قاپتۇ، شۇنىڭدىمۇ ئىككىسى بىرگە چىقاتتى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1