ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

‹كاسساڭغا تېپىمەن›&چاتما رەسىم قىزغىنلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]




يۇقارقى رەسىمدىكى پىرسوناژلار تونۇش كۆرىنىۋاتامدۇ؟ بۇ ئوبرازلارنى ھوللىۋوت ياراتقان ئەمەس بەلكى دۇنياغا داڭلىق چاتما رەسىم ماگناتى بولغان marvelياراتقان. بىز كۆرىۋاتقان كىنولاردىكىسى بولسا دەل شۇ چاتما رەسىملەردىن ئېلىنغان.  ‹ئۆمۈچۈك پالۋان›، ‹سىرلىق 4پالۋان›، ئەمىسە بۇ چاتما رەسىملەر بىلەن ‹كاسساڭغا تېپىمەن›نىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
‹كاسساڭغا تېپىمەن›دە بولسا دەل ئامرېكا بالىلىرىدىكى چاتما رەسىم قىزغىنلىقىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. فىلىمنىڭ باشلىنىشىدىلا بىر بالا بىنا ئۈستىدىن ئۇچىمەن دەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، سەۋەبى ئۇ ئۆزىنى ئۇچالايمەن دەپ قارىغانلىقىدىن بولماستىن بەلكى چاتما رەسىملەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئۇنىڭ نېرۋىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىدىن ئىدى. شۇنىڭدەك چاتما رەسىملەر نۇرغۇن ياشلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلغان، باش قەھرىمانىمىز ‹كاسساڭغا تېپىمەن› يەنى دېيىۋمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
دېيىۋ داۋاملىق قەھرىمان بولۇش چۈشىنى كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئۆزى كۆرگەن چاتما رەسىملەردىكى قەھرىمانلارغا سېلىشتۇرماق بولىدۇ. مەسىلەن: مەن بىر ئادەتتىكى ئوغۇل بالا، مەن قانداقتۇر تاشقى پىلانتتىن كەلگەن ئەمەس ياكى بىرەر ئۆمۈچۈك چېقىۋالغان ئەمەس.... ئاپام ئارتىرىيە ئۆسمىسى بىلەن ئاشخانا ئۆيىمىزدە قازا قىلدى، ھەرگىزمۇ شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئاپىسىدە قاراڭغۇ كوچىدا ئەمەس،.... سىلەر ھەرگىزمۇ مەندىن ‹ مەن سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن ئاپا!› دېگەندەك گەپلەرنى كۈتمەڭلار.... بۇ جۈملىلەردىن بىز ئۇنىڭ قەھرىمان بولۇشقا نەقەدەر ئىنتىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئۆزىدىكى قابىلىيەتنىڭ تايىنى يوقلىقىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
ئۇ ئاخىرى خىيالىنى دوستلىرىغا ئاشكارىلايدۇ؟
-نېمىشقا ھېچكىم ئەزەلدىن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋان بولۇشنى سىناپ باقمايدۇ؟
-مەنمۇ بىلمىدىم، چۈنكى بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
-نېقاپ تاقىۋىلىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان ئىشقۇ شۇ، نېمىشقا مۇمكىن بولمىغۇدەك؟
-نىقاپ تاقىغانغىلا دەرىجىدىن تاشقىرى بولۇپ قالىدىغان ئىشمىكەن؟ئۇچالايدىغان ۋە ياكى باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارى بولسا ئاندىن ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان دەيمىز.نىقاپ تاقىۋالسا پالۋان ئەمەس ساراڭ دەيدۇ ھازىر خەق.
-شەپەرەڭ پالۋانچۇ؟ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدارى يوققۇ؟
-شۇنداق، بىراق ئۇنىڭ بىر قاتار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلىرى بار.
دېمەك بۇ يەردە دېيىۋنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىلدى، بىراق ئۇ يەنىلا نىيىتىدىن يانمىدى
-نمېىشقا ھەممىسىنىڭ پارىس ھېلتون بولغۇسى بار لېكىن ئۆمۈچۈك پالۋان بولغۇسى يوق؟
-شۇنداق، ئۇمۇ بىر ئادەتتىكى ناخشىچىغۇ؟
-بەلكىم ئۇنىڭ MTVسى بار بولغانلىقىدىندۇر، بىراق ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ بارمۇ؟
گەرچە خېلى كۆپ بالىلار چاتما رەسىملەرنى كۆرۈپ ھوزۇر ئالغىنى بىلەن بىراق يەنىلا خام خىيالدىن يېراق، ئىككى دوستى دېيىۋغا بۇ خىيالنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىكىنى پۇراتتى. دېيىۋ بۇ ئارزۇسىدىن قايتالمىسا كېرەك، توردىن بىر يۈرۈش تەنتەربىيە كىيىمى ۋە نىقاپ سېتىۋالدى. ئۇنىڭ راستىنلا بىر پالۋان بولۇپ ئەسكىلەرنى ئەدەپلىگۈسى، ئاشۇ يول توسۇپ كىچىكلەرنى بۇلايدىغان لۈكچەكلەر بىلەن كۆرەش قىلغۇسى بار ئىدى. ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋان بولۇش ئۈچۈن يېڭى بىر يولنى تاپىدۇ، يەنى خۇشال كەيپىيات بىلەن ئاددىي خىيالنىڭ مۇكەممەل بېرىكتۈرەلىسىلا ئاندىن ھەقىقىي پالۋان بولغىلى بولىدۇ.
لېكىن بۇ يەردە يەنە بىر ئاتا-بالانىقاپلىق پالۋان بار. ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ھېچىكم بىلمەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئۇزۇن يىل بۇرۇنقى كونا دۈشمىنى بىلەن بىللە كۆرەش قىلىۋاتقان ئىدى. ئاتا قىزنى چاتما رەسىم كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق ئىشلارنى بىلدۈرۈپ ئۆچمەنلىك سىڭدۈرىدۇ، شۇنداقلا قاتتىق مەشىق ئارقىلىق ئۇنى تەربىيلەيدۇ، سەۋەب بولسا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دۈشمىنى، ئايالىنىڭ قاتىلى بولغان فىرانكتىن قىساس ئېلىش ئىدى. ئۇنىڭ قىساس ئېلىش ھەرىكىتى فىرانكنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، ئۇ بۇ ئىشلارنى ‹كاسساڭغا تېپىمەن› قىلدى دەپ ئويلايدۇ، چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ‹كاسساڭغا تېپىمەن› youtubeدا قاتتىق نام چىقارغان، تېلىۋىزىيەدىمۇ شۇ پاراڭ ئىدى، شۇنىڭ بىلەن فىرانك ‹كاسساڭغا تېپىمەن›نى قەستلىمەك بولىدۇ، نەتىجىدە ئۇ خاتا ھالدا بىر ھەۋەسكارنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.
شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، چاتما رەسىملەر فىرانىك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ كاللىسىدىمۇ خېلى ئورۇن ئالغان. مەسىلەن، ئۇلار چۇاينى سوراق قىلغاندا توختىماستىن شەپەرەڭ پالۋاننىڭ گېپىنى چىقىرىدۇ، گەرچە چۇاي شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئىسمىنى چىقارمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىدىن ھەممىسى ئۇنى شەپەرەڭ پالۋان دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. (قارىغاندا چاتما رەسىمنى بەك كۆرىۋەتسە بولمامدۇ قانداق؟)
دادىنىڭ ھەمراھى ماركۇس فىرانىك بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ دادا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇ دادىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئامالسىز قالغان ماركۇس ئۇنىڭغا ‹كاسساڭغا تېپىمەن›نىڭ خەتەردە قالغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئەمىلىيەتتە  ‹كاسساڭغا تېپىمەن› دادىنىڭ بىر پىچكىسى ھېساپلىناتتى، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ‹چوڭ دادا›نىڭ سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالايتى، شۇنىڭ بىلەن دادا ‹كاسساڭغا تېپىمەن› بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ.
قىزىل تۈتەك دەپ نىقاپلانغان كىرىسمۇ ئوخشاشلا بىر چاتما رەسىم سارىڭى، ئۇ ‹كاسساڭغا تېپمەن›گە قاتتىق ھەۋەس قىلىدۇ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ ئېلخەت يوللاش كويىدىمۇ بولىدۇ، ئۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ يۈرۈپ دادىسىنىڭ ‹كاسساڭغا تېپىمەن›نى ئۆلتۈرۈش خىيالىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۆزى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋان بولۇش ئارزۇيىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
قالغان جەريانلارنى تەپسىلىي يازمىساممۇ ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر، ‹كاسساڭغا تېپىمەن› ئاخىرى قاتىل قىز بىلەن دادىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ ‹پالۋان› بولىدۇ، ئۇ ھەقىقىي پالۋاننىڭ ھەممە يەردە نام قازىنىپ يۈرمەستىن بەلكى يوشۇرۇن ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلپ مېڭىپ،باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
مېنى بەكرەك قىزىقتۇرغان يېرى بولسا فىلىمدىكى ياشلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي دەيدىغان ‹fuck› سۆزى بىلەن چاتما رەسىملەرگە ئۆلگۈدۈك مەستانە بولىشى بولدى. مېنىڭ ئىككى ئىنىم ۋە بىر سىڭلىممۇ چاتما رەسىم مەستانىسى، ئايدا بىر چىقىدىغان 漫画partyناملىق ژۇرنال ئاي بېشىدا يامان تالاشتا قالىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ دەيمەنكى، بۇرۇن بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىز ‹ۋاللەي›، ‹ئودىكام›لار بولسا ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەرمىكى مۇشۇ بولامدۇ-نېمە؟
بۇ تېمىغا ئۆز تەسىراتىنى يازغانلار ئىنكاس ئەھۋالىغا قاراپ 1-30دوللارغىچە مۇكاپاتلىنىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى3
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار22

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
 ئىگىسى| سۈرخان ۋاقتى: 2011-10-24 13:23:36 | ئايرىم كۆرۈش
كۆرۈلۈشى 15، ئىنكاس 0
يىكەنداز
erdawel ۋاقتى: 2011-10-24 14:01:53 | ئايرىم كۆرۈش
يۇقارقى رەسىمدىكى پىرسوناژلارنى ۋوللىۋود ئەمەس marvel ياراتقان دەڭ ؟ مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن. ھازىر بىلۋالدىم.
   مېنىڭچىمۇ بۇ كىنودا چاتما رەسىم توغرىسىدىكى گەپلەر خېلى كۆپ جايدا تىلغا ئېلىنىپتۇ، دېمەك يۇقىردا دېيىلگەندەك غەرىپتە چاتما رەسىمنىڭ تەسىرى خېلى چوڭ ئوخشايدۇ.
ھازىر دەۋرىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بۇرۇنقى نۇرغۇن ئېسىل ئويۇنلىرىمىزنى ئوينىمايدىغان بوپكەتتۇق ، شەخسەن مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئاجايىپ ئويۇنلارنى ئوينىغان. ھازىرقىدەك  چىدىماسلىق بىلەن ئەمەس، بىرەر نەپ چىقمايدىغان ئويۇنلاردىمۇ راسچىللىق بىلەن ئاخىرغىچە ئويۇننى تاشلاپ كەتمەي ئوينايىتتقۇق. مەسىلەن: بىز سۇقۇنۇشماق دەپ قويىدىغان (مۆكىمۆكىلەڭ) ئوينىغاندا كەنىتنىڭ بىر بېشىدا ئۇيۇننى باشلىساق كەنىتنىڭ ئاخىرىغا ، ياكى باشقا كەنىتلەرگە سۇقۇنساقمۇ تېپىپ قايتا باشلاپ ئوينايىتتۇق ، بەزىلىرىمىزنى ھەتتا نەچچە كىلومىتىر ئارىلىقتىن تاپاتتۇق، تاپالمىساق ھەرگىز ئويۇننى تاشلاپ قاچمايىتتۇق .بۇنداق ئۇيۇنلار كېچىلەردە ئوينىلاتتى. ئۇچاغلار توك يوق ، توك بولغاندىمۇ كۈندۈزى يوق چاغلار ئىدى.
    ھازىر ئۇيۇنلارمۇ زامانىۋىلىشىپ كەتتى، كىشىلىرىمىزمۇ غەرىپنى، مودىنى قوغلىشىدىغان بولدى، مەنمۇ ئۆيدىن چىقماي بىكارچاغلاردا كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان بولدۇم.
   چاتما رەسىملەر بىزدىمۇ مودا بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى بىز تەرەققىياتقا مۇھتاج بولغاچقىمىكىن تاڭ باشقىلارنى بەكلا تېز دورۇيمىز، ھازىر ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان  دوسىتلىرىمىز ھەممىسى ئەمەس بەزىلىرى بەزى گەپ ئارىلىقلىرىدا سىز يۇقىردا تىلغا ئالغان ‹fuck› نى تىلغا ئېپ قويىدۇ. چاتما رەسىم قىزغىنلىقى بولسا ھېچقىسى يوق ، ئەمما بەزىلىرىمىزنىڭ ھەممىلا ئىشنى قارىغۇلارچە دورىشىنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن، بىز غەرىپنىڭ تەرەققىياتىنى ، تىرىشچانلىقىنى، ئۆزلۈك كۆز قاراشلىرىنى،  دېمەكچىمەن ياخشى تەرەپلىرىنى ئۈگەنمەي، قاملاشمىغان ، دىنىمىزغا ، مەدەنىيىتىمىزگە زىت بولغان تەرەپلىرىنى بەك قۇبۇل قىلىدىكەنمىز، مەسىلەن قىزلىرىمىز كىيىنىش جەھەتتە . ئارتۇق گەپلەر ئارلاشقان بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
سۈرخان + 10 دەھشەت!!!

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

گېلەم
erdawel ۋاقتى: 2011-10-24 14:04:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمما مەن مۇشۇ غەرىپنىڭ تەپەككۇرغا باي، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر تەرەپلىرىنى ياقتۇرىمەن. يەنە مۇشۇ خەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېلىپباز ، پىرىنسىپ ئىچىدىن چىقالمايدىغان ،  تېخنىلىكىق مەھسۇلاتلارنى ئوخشىتىپ ياساشتىكى يۈكسەك ھۆنىرىگە ھەيران قالىمەن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erdawel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-24 14:08  

كىگىز
shirin0997 ۋاقتى: 2011-10-24 16:08:30 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخى يېڭى تەرجىمە قىلغان كارتون ئوخشايدۇ دېسەم

باھا سۆز

توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال  ۋاقتى: 2011-10-24 17:36
ئورۇندۇق
aral52 ۋاقتى: 2011-10-24 21:26:03 | ئايرىم كۆرۈش
كارتون ساھەسى بىر تازا چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغان ئەمما فىلىمى بولسا بالىلار كۆرۇپ قانمايدىغان بىر كەسىپ ....ھازىر كاارتۇن بالىىلارغا ئاڭ تېز تەسىز قىلىدىكەن ئۇكام  قاچان قارىسا ئاۋتۇمەننى كۆرىدۇ تاماق ۋاقتىدا شۇ بولمىسا جىدەلنىڭ چىققىنى چىققان ...ياخشىراق تەربىلەش قىممىتى بار بولسا بولىدىكەن  ئەمما ھېلقىدەك زوراۋانلىق ئىدىيىسىسنى سىڭدۇرسە بۇ يامان ئوسمە بۇلۇپ قالىدىكەن ،يەنە قانداق تەسىرلەرنى بىرىدۇ كىينچە بىلىمىز ....ئاڭلىسام كارتون ئىشلىمەك بەك تەس ئىكەن ...بىز قايسى ئورۇنلار شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇلىنىدىغاندۇ ؟..كىملەر بىرقەدەر سېستىمىلىق ئىشلەيدىغاندۇ ...؟
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +3 يىغىش سەۋەبى
سۈرخان + 3 يامان ئەمەس

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +3

داق يەر
dilmurat ۋاقتى: 2011-10-24 22:40:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۈركۈتتە فىلىمنى چۈشۈرۈپ ئۆزى كۈرۈپمۇ ئۈلگۈرمەي يايمىغا ئەپچېقىپ ساتىدىغان دەيچىلەر جىمكىن دەيمەن، مۇشۇنداق بىر نېمىلەرنى يېزىپ قويسا ئاز بولسىمۇ مەيلى، كىنو تەرجىمە قىلغان بىزلەرنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىقىپ قالاتتى دە...
مىخ
muzat ۋاقتى: 2011-10-25 00:38:42 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىرقى باللارغمۇ ئامال يوق بۇرۇنقى ئۇيۇنلارنى ئوينايدىغان ....ئۇلارغا ئويناي دىېسمۇ ئۇنداق ئۇيۇنلارنى ئوينايدىغان شارائىت يوق ۋاقىتمۇ يوق، مەكتەپتىن كەلسە ئۆيدە تۈگمەس تاپشۇرۇق....   تەتىل بولسا تۈرلۈك كۈچەيتىش ،بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى  ئۇلارنى كۈتۈپ تۇردۇ.....بەزدە ئۇلارغا ئىچىم ئاغىرىپمۇ قالىدۇ....باشلانغۇچنىڭ بىرنچى سىنپىدا ئوقۇيدىغان باللارنىڭ سومكىسغا قارايدىغان بولسىڭىز ماتىريالنىڭ جىقلىقغا ھەيران قالسىز ....بىچارە باللار......
ھەممە يەر شەھەرلىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نەگىلا قارسىڭىز بىنا....نەگىلا قارسىڭىز ......ھەي بولدىلا .....
قىسقىسى زامانۋىلىشش ،تەرەققىيات ،رىقابەت بۇرۇنقى نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرنى يۈتۈپ كەتتى......
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
سۈرخان + 5 يەنىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +5

9#
上蛧нúМa ۋاقتى: 2011-10-25 01:41:56 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ تىمىنى ئوقۇپ مىنىڭمۇ كىچىك ۋاختىمدىكى بىر ئىش يادىمغا كەلدى بۇرۇن بىز دىڭلاش دەپ بىر ئويۇننى ئوينايتۇ
ئككى گۇرپپا بولۇپ بىر گۇرپپا بىر چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە يەنە بىرەيلەن سىرتىدا تۇرۇپ چەمبىرەك ئچىدىكى بالىلارنى قوغلاپ تۇتاتتى مەن بىرچاغدا قىچىپ چىقىپ بەكلا يىراقلاپ كىتىپ تىمەن ئىشقىلىپ بەكلا يىراق قىچىپ قىچىپ كەينىمگە قارىسام مىنى قوغلىغان بالا كۆرەنمەيدۇ شۇڭا مەنمۇ كەينىمگە يىنىپ شۇ ئوينىغان جايغان كەلسەم بىرسىمۇ كۆرۇنمەيدۇ مەن بەك قىچىپ يىراقلاپ كەتكەچكە باشقىلارمىنى ساقلاپ ساقلاپ ئويۇننى يا قايتىدىن باشلىيالماي ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىپ تۇ شۇ چاغدا مەن يىڭى ئالغان چاپىنىمنى سلىپ قويغانتىم قايتىپ كەلسەم  چاپىنىم كۆرۇنمەيدۇ شۇنىڭ بىلەن چاپانننى يۇتتۇرۇپ ئانامدىن بىرمۇنچە تاياق يىگەنتىم لىكىن شۇ ئويۇننى ئويناپ قالساق باللا مىنى بەك تالىشاتتى چۇنكى جان كەتسىمۇ مەن تۇتۇق بەرمەيتىم شۇلارنى ئويلىسام ھازىرقى باللا  تۇگۇشۇپتۇ دەيمەن ئىككى كۇندە بىر قىتىم دوختۇرغا ئاپارغىلى سىلىپ
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
سۈرخان + 5 يامان ئەمەس

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +5

10#
 ئىگىسى| سۈرخان ۋاقتى: 2011-10-25 13:32:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزالارنىڭ فىلىمدىن تەسىرات يېزىشقا بۇنچىۋالا ئېرىندىغانلىقىنى بىلگەن بولساق، كىنوخانىلا ئاچساق بوپتىكەن ئەسلى، نېمە قىلاتۇق بىر مۇلازىمىتىرنى يىلىغا نەچچە مىڭنى خەجلەپ ئىجارە ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرە كىنو بەت سېستىمىسىدىن بىرنى قويۇپلا 56دىن ئۇلاپ قويغان بولساقمۇ بوپتىكەن،
دوستلار، بۇ كىنوخانا ئەمەس، كىنو كۆرۈپلا چىقىپ كېتىدىغان. فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئويلىغىنىڭلار بولسا بىرەر ئىككى قۇر يېزىپ قويساڭلار نېمە بولىدۇ دەيمەن؟
بولسا مۇشۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار، دىلمۇرات بىلەن دېيىشىپ كىنو يوللاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدۇق. بىر كىنوخانىدىن ھەقىقىي بىر كەسپىي بېكەتكە ئايلانغاندا ئاندىن داۋاملىق كىنو يوللىنىدۇ.ئارتۇقچە سۈلھى-سالا قىلىنمايدۇ.
11#
aral52 ۋاقتى: 2011-10-25 15:05:17 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنداق قىلايلى  كىنو تۈگەشكە ئازلا قالغاندا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىستۇرۇپ قۇيايلى ...‹بۇ فىلىم سىزگە قانداق تەسىر بەردى ؟ تەرجىمە قانداق بولۇپتۇ؟› دىگەندەك...........بەلكىم تەىسىرات يېزىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-25 16:50  

12#
alip ۋاقتى: 2011-10-25 23:16:47 | ئايرىم كۆرۈش
تەسىرات يازمىدىڭلار شۇڭا كىنو تارقىتىشنى توختىۋەتتۇق دېگەنمۇ گەپما ئەمدى. ئۇششۇقمۇ يا سىلەر؟
ئاخشىمى كۆرگەن كىنونى ئەتىسى مەكتەپكە چىقىپ ئاخشام ئانداق چېپىۋەتتى، مانداق تىقىۋەتتى دەپ چۇلدۇرۇلۇشۇپ سۆزلىشىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بولمىساق بىز يا.
13#
shirin0997 ۋاقتى: 2011-10-26 13:52:35 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2011-10-25 13:32
ئەزالارنىڭ فىلىمدىن تەسىرات يېزىشقا بۇنچىۋالا ئېرىند ...

نېمە بولدىڭىز ھوي،بىر مۇنچە كارتون ئادەمنىڭ سۆرىتى تۇرغاندىن شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

باھا سۆز

بۇ باشقا گەپ  ۋاقتى: 2011-10-26 15:47
14#
上蛧нúМa ۋاقتى: 2011-10-27 06:48:33 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مۇ بولىدىغان ئىشكەن خۇددى تاماقنى يەپ دۇئا قىلماي  كەتكەندەك  مىنىڭچە ئازراق مۇلاھىزە  تەھلىل
كۆز قاراش ھەم ئىملا خاتالىقى بولسا شۇنى كۆرسىتىپ بەرسەك
مەن قوللايمەن
15#
arwah ۋاقتى: 2011-10-29 18:38:08 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن شۇنچىۋالا جاپانى تارتىپ تېما يازغۇچى ۋە كىنو تەرجىمە قىلغۇچىلار باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپلا بىر ئېغىزمۇ ئىپادە بىلدۈرمەي چىقىپ كەتكىنىگە قاراپ سەل رايى يېنىپ قالىدۇ،بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.ئەمما زادى چوقۇم ئىنكاس يازىسەن دېيىشمۇ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس،ئۈن تىنسىز ياخشى ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرغاندا چوقۇم ھامان بىر ۋاقىتلاردا بۇ ئىشلارمۇ ئۆزلىكىدىن ياخشىنىلىپ كېتىدۇ.ئاق بۈركۈت تورىدىكى تەرجىمان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ جاپاسى ۋە تىرىشچانلىقىغا مەن خېلىدىن بېرى قايىل،تورداشلارغا بېرىلىدىغان ئەركىنلىك قانچە كېڭەيگەنسىرى بىكەتنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ،ئەمما چەكلىمە قانچە كۆپەيگەنسىرى بۇ مېنىڭچە ئەزالارنى تېزىتىۋىتىشتىن باشقا كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.گەپلىرىم سەل تۈزلا چىقىپ كەتتى،ھەرھالدا مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ئويلىنىپ باقارسىلەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1