ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئۇيغۇر تىلىنى مەدھىلەيدىغان شېئىر ئىزدەيتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1دوللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر چەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 00:50  

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئاقبۈركۈت ئەھلى، توساتتىن ئەقلىمگە بىر ئىش كىلىپ قالدى، مۇشۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان فىلىملەرنىڭ ئاياقلاشقان يىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ياكى يېزىقىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان ئېسىل شېئىر ئېلىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ، ياردەم قىلىپ قانچىلىك بىلسەڭلەر شۇنچىلىك يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.
بۇنداق ئويلىشىمدىكى سەۋەب ھەر-بىرىمىز شۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ ئاياقلاشقان يىرىدە يۈرەككە تەككىدەك بىر كۇبلىت شېئىرنى كۆرگەندە ئەتراپىمىزدىكى بەزى ئاز بىرقىسىم مىڭكاۋخەنلىرىمىزنىڭ، ئانا تىلغا بولغان ھۆرمىتى ئازراق بولسىمۇ ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن قاراشتا، شەخسەن ئەترەپىمدىمۇ بۇنداق كىشىلەر ئاز ئەمەس، << نىمە قىلىسىز بۇنچە جاپا تارتىپ >> <<خەنچە خەتلىگىنى كۆرسىڭىز بولمىدىمۇ>> دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ، ئۇلاردا ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەت، ئانا تىلنى سۈيۈش، ئانا تىلنى قوغداش دىگەن ئاڭ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس. بولدىلا بۇ گەپنى قىلسام قايناپ قالغىدەكمەن، شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنى مەدھىلەيدىغان شېئىر بۇلامدۇ ياكى نەسىر بۇلامدۇ ئىشقىلىپ قاپىيەسى قاملىشىپ كەلگەنلا بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار، ئېسىل شېئىرلار بولسا، ئاز بولسىمۇ 30 دوللار مۇكاپات بار

ئەڭ ياخشى جاۋاب

تولۇق مەزمۇننى كۆرۈش

بىل شۇنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى، مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى. بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى، مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى. بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پ ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار13

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
يولۇچې ۋاقتى: 2016-2-28 00:22:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولۇچې تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 00:52  


بىل شۇنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر  قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى.
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى.
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.
    ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
قاتناشقانلار سانى 3دوللار +40 يىغىش سەۋەبى
ئالىم521 + 5 ئىسىل
ئۇيغۇر چەۋەنداز + 30 ئېسىل
پولات. + 5 ئىزدىنىشچان

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +40

يولۇچې يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 00:51
بىل شۇنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ  ...

مانا   چەۋەنداز ئاداش   دوللار ما ئاداشقا  مەنسۇپكەن مىنا      
گېلەم
شاكىر ۋاقتى: 2016-2-28 01:24:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 01:41  

تولىمۇ ياخشى ئويغا كەپسىز ئىشلىرىڭىز خەيىرلىك بولسۇن،مەن ئۆزەم ياقتۇرغان شىئېرلاردىن يوللاپ قوياي (مۇكاپات بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)



ئانا تىلىم

ئېلىيا بەختىيا

ئۇلۇغ ئانىنىڭ يۈرەك سۆزىنى،
ئاڭلىدىم دەسلەپ ئانا تىلىمدىن.
كۆردىم ئەس كىرىپ ھايات كۆزىنى،
چوڭ قىلغان پەپىلەپ ئانا تىلىمدىن.

ئوقۇدۇم مەنمۇ "ئا" "ب" دىن باشلاپ،
ئىلىم تەمىنى تېتىپ بىلىمدىن.
ئۆمۈر يۈكىنى ئالدىم ھاپاشلاپ،
رەھمەت ئانا تىل، رەھمەت دىلىمدىن!

ئانا تىلىمنىڭ مۇڭلۇق ئەللىيى،
تەۋرەتتى مېنى بۆشۈكتە ياتتىم.
چىۋىق"ئات" ياساپ، شۇ تىلدا ئاتاپ،
كېپىنەك قوغلاپ سەيلە ئېتىپ كەتتىم.

جاھاندا تەڭكەش كېلەر ئۇنىڭغا،
تىل بارمۇ دەيمەن قەدىرلىك شۇنچە.
پارتىيەمگىمۇ مىڭ رەھمەت ئېيتىپ،
تىزدىم شۇ تىلدا شېئىرىمدىن ئۈنچە.


ئانا تىل
ئابدۇللا توقاي

ئىھ ئانا تىل، ئىھ گۈزەل تىل.
ئاتا-ئانامنىڭ تىلى.
دۇنيادا كۆپ نەرسە بىلدىم،
سەن ئاناتىل ئارقىلىق.

ئەڭ بۇرۇن بۇ تىل بىلەن،
ئانام بۆشۈكتە ئەللەيلىگەن.!
شۇنداق كېچە تۈنلىرىدە،
ئانام ھىكايە سۆزلىگەن.

ئىھ ئانا تىل ھەر ۋاقىتتا،
ياردىمىڭ بىللە سىنىڭ.
كىچىكىمدىن ھەمراھ بولغان،
شادلىقىم، قايغۇم مىنىڭ.


ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام
مۆمىنجان ھەمرايىف

مەيلى ، مۈلكۈم ھەم مېلىمدىن ئايرىلسام ،
مەيلى ، بارار مەنزىلىمدىن ئايرىلسام .
مەيلى ، تۈندە مەشئىلىمدىن ئايرىلسام ،
ياق ، ئۆلىمەن ، ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .

رازىمەنكى كېچىشكە ئۆز بەختىمدىن ،
مەنسەب - ئابروي ، ھەتتا تاجۇ تەختىمدىن .
ئۆرتىنىپ قۇل بوپ كېتىمەن تەكتىمدىن ،
ئانام بەرگەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .

تىلىڭدىن كەچ دەپ كىملەردۇ ئەگەردە ،
كۆمىۋەتسە ئۈستۈمنى تىللا - زەرگە .
ئانام بەرگەن سۈت ئايلىنار زەھەرگە ،
قازا يېتەر ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .

ئانا تىلسىز - ماڭا دۇنيا يالغاندەك ،
تىلىمىز يات بىرى يۇلۇپ ئالغاندەك .
تۇيۇلىمەن ئۆزۈمگە مەن ھايۋاندەك ،
ئادەملىكىم ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .

ئۇنتىسام گەر ئۆز تىلىمنى بىر زامان ،
چايان بولۇپ چاقار مېنى پاك ۋىجدان .
ئاچ - زار قالغان كەبى كۆرمەي ئاپئاق نان ،
كۈنۈم پۈتەر ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .




قاتناشقانلار سانى 2دوللار +35 يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇر چەۋەنداز + 30 ئېسىل
پولات. + 5 ئەستايىدىك

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +35

كىگىز
پولات. ۋاقتى: 2016-2-28 01:41:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پولات. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 01:43  


مىنىڭچە  2 قۇر بولسىلا يىتەرلىك دەپ ئويلايمەن

ئورۇندۇق
quyash ۋاقتى: 2016-2-28 10:53:39 | ئايرىم كۆرۈش
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى يازغان بۇ شىئىر بولامدىكىن

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامېرىكايۇ ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
ئى ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلەردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىپتىخار ئەتكۈم كېلۇر!
داق يەر
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2016-2-28 11:25:36 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە بىر كۇپلىتتىن ئىشىپ كەتمىسە ياخشى
مىخ
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2016-2-28 11:39:15 | ئايرىم كۆرۈش

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل يۇرت ئاۋات،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،
ئۆتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.
9#
نۇرئەلى2 ۋاقتى: 2016-2-28 13:22:17 | ئايرىم كۆرۈش
پولات. يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 01:41
مىنىڭچە  2 قۇر بولسىلا يىتەرلىك دەپ ئويلايمەن

كىلور ئەمەس كىلۇر دىسەك بۇلامىكى
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +3 يىغىش سەۋەبى
پولات. + 3 ئىملا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +3

10#
نۇرئەلى2 ۋاقتى: 2016-2-28 13:23:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئانا تىلىم جان تىلىم دىسەكلا بۇلىدۇ
11#
 ئىگىسى| ئۇيغۇر چەۋەنداز ۋاقتى: 2016-2-28 14:45:17 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭمۇ ئويلۇغىنىممۇ شۇ بىرە كۇبلىت، ئۇنىڭدىن جېق چىقرىپ قويسيمۇ قاملاشمايدۇ
12#
barchuq ۋاقتى: 2016-2-28 17:06:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئانا تىلىم

ئۈمىدجان قادىرى

بولسا سايلام،بارچە تىلغا شاھى-سۇلتاندۇر تىلىم،
گاھ شىۋىرلار ئىزغىرىندەك،گاھى ۋۇلقاندۇر تىلىم.

جان ئانامنىڭ مېھرى بىرلە قوزىچاقتەك شادلىنىپ،
تۇنجى ئېيتقان سۆزلىرىممۇ سەندە بولغاندۇر تىلىم.

سۆيگۈ كۈيلەپ سېخى يىللار سوغىتىدىن ياشلىقىم،
يارغا يازغان خەتلىرىممۇ سەندە تولغاندۇر تىلىم.

قالسا سەيياھ يول تاپالماي چۆلدە ئالۋۇن قەستىدىن،
سەندە تاپقان زور تەسەللى،قەلبى گۇلخاندۇر تىلىم.

ھەق ئۈمىدجان ماختىنىشقا بۇ ئانا تىل زەۋقىدىن،
بارچە تىلدۇر مىسلى يۇلتۇز،ئانداچولپاندۇر تىلىم.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇر چەۋەنداز + 10 ئېسىل

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

13#
yarqinbeg ۋاقتى: 2016-2-28 17:17:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
گەر شۇ ئانا تىل بولسا ئامىركا ۋە ياكى ئافرىقىدا.
شۇ ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
14#
abdusala ۋاقتى: 2016-2-28 21:51:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdusala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 21:53  

ئىسىل شېئىرلار يوللىنىپتۇ

2015-03-28.png (22.46 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

2015-03-28.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


17ئەگەشكىنى

14پىنتوزىلىرى

27تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1