ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ھەپتىلىك بوللىۋود قىسقا خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-3 21:30  

ھەپتىلىك بوللىۋود قىسقا خەۋەرلىرىدە ئاساسلىقى بوللىۋودنىڭ كىنو ئۇچۇرلىرى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ، بۇ ھەپتىدە قانداق ئۇچۇرلار تارقالدى ئاڭلاپ باقايلى قېنى!!!


1. سالمانخان بىلەن جەككىلىن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشماقچى.

سالمانخان بىلەن جەككىلىن فېرناندىز (Jacqueline Fernandez) بىللە 2014-يىلدىكى «زەربە»( Kick)فىلىمىدە ھەمكارلاشقانىدى مانا ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېڭىدىن ھەمكارلىشىدىغان فىلىمى ئېلان قىلىندى.

ئۇلار 「 ABCD 3」 ئۇسسۇل ئاۋانگارتلىرى 3 فىلىمىدە ھەمكارلاشماقچى، سالمانخان بۇ فىلىمدە 13 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئاتىسى بولۇپ چىقىدىكەن،  بۇ ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە سۆزلىنىدىغان تەسىرلىك فىلىمكەن، جەككىلىن بۇ ئاتا-بالىغا ئۇسسۇل ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىقىدىكەن،
ئۇسسۇل ئاۋانگارتلىرى يۈرۈشلۈكى ئاساسلىقى ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىگە چۈشۈش ئارقىلىق چىمپىيون تاللاش مەزمۇن قىلىنىدىغان فىلىم بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى ناھايىتى زور ئالقىش ۋە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن، ئىككىنچى بۆلۈمى بىر مىليارد رۇپىيەلىك بېلەت كىرىمى ياراتقان، ئۈچىنچى بۆلۈمىگە سالمانخاننىڭ قوشۇلۇشى فىلىمنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئىگە قىلغۇسى! فىلىم كېلەر يىلى روزى ھېيتتا قويۇلۇشى مۇمكىن!

2. ساننى دولنىڭ ئوغلى كاران دول تۇنجى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ...

ساننى دول (Sunny Deol) يېڭى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى، ئۇ فىلىمنىڭ ئىسمى 《Pal Pal Dil Ke Paas》بۇ فىلىمدە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كاران دولمۇ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇنى تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇھەببەت فىلىمى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي ۋەقەلىكلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن.

3.كەبىرخان ۋە سىددارت ئاناند جۇڭگو ھىندىستان بىرلەشمە فىلىمىنى سۈرەتكە ئالماقچى

تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستان ئۈچ بىر گەۋدە كىنو شىركىتى جۇڭگو توز تېغى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ۋە خۇاشىيا فىلىم تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىككى فىلىم ئىشلەشكە توختام ئىمزالىدى،
بۇلار كەبىرخان رېژىسسورلىقىدىكى «The Zookeeper» (ئاسىننىڭ سىرلىق سەپىرى) بىلەن سىددارت ئاناندنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى 《Love in Beijing》 (جۇڭگوغا سەپەر)
بۇ ئىككى فىلىم تىپىك تاشيول خاراكتېرىدىكى يۇمۇرىستىك فىلىملار بولۇپ، فىلىمنىڭ ئىجادىيەت نازارەتچىلىكىنى جۇڭگولۇق داڭلىق سەنئەتكار خەن سەنپىك ئۆز ئۈستىگە ئالغان،
بۇ ئىككى فىلىم كۆرۈرمەنلەر بىلەن 2018-يىلى يۈز كۆرۈشىدىكەن.

4. ئارجۇن كاپۇر بىلەن پارىنىتى چوپرا قايتا ھەمكارلاشماقچى

بەش يىل ئىلگىرى بۇ ئىككى يېڭى يۇلتۇز ياش راج فىلىم شىركىتىنىڭ 《Ishaqzaade》(سۆيگۈ ئوتى) دا ھەمكارلاشقانىدى، مانا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇلار بەش يىلدىن كېيىن قايتا يېڭى فىلىمدە ھەمكارلاشماقچى بولدى، فىلىم نامى: Mubarakaan
بۇ فىلىم كەلگۈسى ئىككى ئاي ئىچىدە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىكەن.

5. ئانۇشكا شارما پارامباراتا چاتتېرجى بىلەن ھەمكارلاشماقچى

ئانۇشكا شارما يېقىندا پارامباراتا چاتتېرجى (Parambrata Chatterjee)بىلەن يېڭى فىلىم 《Pari》 دا ھەمكارلاشماقچى بولدى.
پارامباراتا 2012-يىلىدىكى ۋىدىيا بالەن بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «قەيسەر يۈرەك» تە كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى، بۇ يېڭى ئېكراندىكى بىر جۈپلەر بۇ فىلىمدا قانداق تەسىر بېرىدۇ بۇنى فىلىمدىن بىلگەيمىز، بۇ فىلىم ئالتىنچى ئاي ئىچىدە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىكەن. رېژىسسورى: Prosit Roy


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار1

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
نۇر0997 ۋاقتى: 2017-6-5 18:52:33 | ئايرىم كۆرۈش
ئانۇشكا شارمانىڭ تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر فىلىمىدىكى ئوبرازى ماڭا بەك يارايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1