dunyablog.com
  • 2010年09月07日

    ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم مەدەنىيىتى - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74485914.html

    ئئۇيغۇر كىيىم – كىچەكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ، شەكلى ھەر خىل ۋە رەڭگارەڭ . ئۇيغۇرلاردا كىيىم – كىچەك ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ تەبىئي ئېھتىياج بىلەن ئىستىتىك ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ كىيىنىش جەھەتتىكى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغان دەۋرى ناھايىتى قەدىمىي دەۋرلەرگە تەئەللۇق . مۇندىن 1000 يىللار بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە ھەر خىل يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كىچەكلىرىنىڭ تۈرلىرىنى ، تاش كىيىم ، ئىچ كىيىم دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە شەخىسنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ، ئۆي ئىچىلىك كىيىم ، تالالىق كىيىم ، ئەمگەك كىيىمى ، كەسپىي كىيىم ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . ئۇمۇمەن ، ماددىي تۇرمۇش شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەر خىل ئېھتىياج تۈپەيلى پەرقلىق كىيىنىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن . قاراخانىلار دەرۋىگە تەئەللۇق ئىككى بۈيۈك ئەسەر - « قۇتادغۇبىلىگ » بىلەن « تۈركى تىللار دىۋانى » دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كىچەكلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتلاربار . مۇشۇ مەنبەگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇر كىيىم – كىچەكلىرى تېرە كىيىم ، يۇڭ كىيىم ، يىپەك كىيىم ۋە پاختا  رەخت كىيىم دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ . « تۈركى  تىللار  دىۋانى » دا « ئىچۈك » سۆزىنى ئىزاھلاپ «( ئىچىك ) دەپ ئاتالغىنى جۇۋا بولۇپ ، ئۇ يۇلغۇن ، سۆسەر  ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك ھايۋان تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا » دېيىلگەن . (  « تۈركى  تىللار  دىۋانى » 1 توم 93 – بەت ) ، دەرۋەقە ، جۇۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىشلىق تاشقى كىيىمى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ خىل . ئاساسەن ، كېپىنەك  تون شەكىللىك بولۇپ ، كۆپرەك قوي ، بۇلغۇن ، سۆسەر ، تۈلكە ، ئۆچكە ، بۆرە  قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن . ھۈنەر – سەنئەت ئەھۋالىغا قاراپ بەزى جۇۋىلار سىدام رەختلەر بىلەن تاشلانغان ، بەزىلىرى رەخت بىلەن تاشلانماستىن ، تېرىنىڭ يۇڭلۇق تەرىپىنى ئىچىگە ئالغان ياكى تېشىغا چىقىرىپ ئالاھىدە ھۈنەر بىلەن ئىشلەنگەن . يەنە بىرى ، « قارىس » دەپ ئاتالغان يۇڭ چەكمەن چاپان ، بۇنى (« تۈركى  تىللار  دىۋانى » 1 توم 453– بەت ) دەرۋەقە ، شىنجاڭدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلار ئىچىدە يۇڭ توقۇلما كىيىملەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ . ئەڭ بۇرۇنقى  يۇڭ توقۇلما كىيىملەرنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا ، بىر ئورتاقلىق مەۋجۇت ، يەنە ھەممىسى بۆرەكچە ياقىلىق ، ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك بولۇپ ، ئالدى پەش رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك (ھەرە چىشلىق ) كەشتە ئىشلەنگەن ، توننىڭ ئىككى كۆكرىكىگە ئۈچ دانىدىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكىل كەشتىلەنگەن . بۇخىل يۇڭ چەكمەنلەر ھەم چىرايلىق ، ھەم كۆركەم بولۇپ ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تاغلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان .  ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كىچەك ئەنئەنسىدە ، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل گۈللۈك ۋە نەقىشلىك يىپەك رەختلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ . بۇ ئەھۋالنى  « تۈركى  تىللار  دىۋانى » دا « قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر ، ياراي دېسە يېشىل كىيەر » (  « تۈركى  تىللار  دىۋانى » 1 توم 512– بەت ) دېگەن تەمسىل بىلەن سۈرەتلىگەن . ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قارىشىدا نىسپي ھالدا ، قىزىل رەڭ – خۇشاللىق ۋە شادلىقنىڭ ، ئاق رەڭ – ساپلىق ۋە قۇتلۇقنىڭ ، سېرىق رەڭ – پەرىشانلىق ۋە غەمكىنلىكنىڭ ، كۆك رەڭ – ياشلىق ۋە بەخت – سائادەتنىڭ ، قارا رەڭ – قايغۇ ئەلەم ۋە مۇسىبەتنىڭ سىموۋلى قىلىنغان . مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسەن ، جىنسى ئايرىمىلىققا ، ياش قۇرامىغا ، كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ، ئورۇن – مەرتىۋىسىگە ، پەسىل خاراكتېرىگە ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، پەرقلىق كىيىنىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن . ئەر –ئاياللارغا قارىتا ئىش تەقسىماتى جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق ، گۈزەللىك تەلىپى ۋە پىسخولوگىيىلىك ھالىتى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ، قەدىمدىن تارتىپ ئەر ۋە ئايالنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىمۇ روشەن پەرىق بارلىققا كەلگەن . مەسىلەن ، ئادەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈللۈك رەختلەردىن ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىشتان ، كۆڭلەك ، ئۈستىگە تىك ياقىلىق جىلىتكە ياكى تاۋار جىلىتكە ، ئىزمىلىق كەمزول چاپان قاتارلىق گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن ؛ ئەرلەر بولسا گۈلسىز سىدام رەختلەردىن ( كۆپرەك ئاق ، قارا ، قارا كۆك ، كۈل رەڭ ) تىزىنى بېسىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تونچە كۆڭلەك ياكى ئەستەرلىك تونچە چاپان ، ئۇزۇن ئىشتان ، كاشا ( تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان بەش – ئون سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى بەلباغ )  ياكى رەخت بىلەن بېلىنى باغلاپ سول يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ . بالىلار ۋە ياشلار كۆپرەك تىلە ياكى بۆرەك ياقىلىق خالتا كۆڭلەك ۋە كەمزۇل چاپان كىيىدۇ . كۆڭلەكنىڭ ياقىسى ۋە ئالدى پېشىگە مىللىي ئۇسلۇبتا رەڭلىك يىپ بىلەن كانۋا ئىشلەنگەن كۆڭلەكلەرنى كىيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ . كىيىنىش ئادىتى تارىخىۋىلىككە ئىگە بولۇپ ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، كىيىم – كىچەكتىمۇ نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ . جۈملىدىن جۇغراپىيىلىك  شارائىت ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقلەر  تۈپەيلىدىن ، كىيىم – كىچەك جەھەتتىمۇ بەزى پەرقلەر پەيدا بولىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ئادىتى بىلەن ئۆتمۈشتىكى كىيىنىش ئادىتى ، شەھەردىكىلەر بىلەن يېزىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە . ئۇيغۇر كىيىم-كىچەك مەدەىنىيىتىدە  ئۇيغۇر دوپپىچىلىق مەدەنىيىتنى  كۆزگە كۆرىنەرلىك بىر ساھە دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. تۆۋەندە بىز دوپپىچىلىق مەدەنىيىتى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى!

    ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى  

    ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ  تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.
    دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.
    بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.
    كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.
     بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.
    قوشۇش شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى- ھەر بىر قاتلاقتا + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ. كۆپرەك +، × ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. ئوڭ سول تەرەپ سىممىتىرىك ھالەتتە كىلىدۇ. رەڭدار، كۆركەم تىكىلىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل ئارىلىقلىرى ناھايىتى ماسلاشقان تىكىش بىرلىككە كەلگەن. رەڭلىرى روشەن پەرقلىق بولۇپ بىر خىل خاس نۇسخا قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرگە ئىگە.
    شىنجاڭنىڭ يىرى كەڭ، ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، ئۆرپ ئادەتلىرى ئۆزگىچە شۇڭلاشقا ھەر قايسى جايلارنىڭ دوپپىلىرى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
    خوتەن رايۇنىنىڭ دۇپپىلىرى رامكا شەكلىدە نۇسخىلىرى كۆپ بولۇپ ئايالچە نۇسخىلىرى خىلى داڭلىق. گىئۇمىتىرىك تىكىش بىرلەشتۈرۈلگەن، رەڭلىك يىپ ئىشلىتىلگەن نۇسخىلار كۆپ بولۇپ، سىزىقلرى زىچ گىرەلەشكەن، شەكلى تۈز ئاددىي، تۆت بۇرجىكى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار ياقتۇرىدۇ.
    قەشقەر رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك بولۇپ قاۋىسى چوڭ ئىغىزى كىچىكرەك  بولىدۇ. چۇچا ساڭگىلاپ تۇرغان بادام دوپپىسى ئەڭ داڭلىق. بۇ خىل دوپپىنى ئۇيغۇر خەلقى كەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئىنتايىن ياقتۇرىشىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش زەر يىپتا تىكىلگەن ئايالچە دوپپىلار قەشقەر رايۇنىدا ئۆزگىچە بولۇپ خىلى كەڭ ئومۇملاشقان.
    كۇچا رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - مارجان دوپپىلىرىنىڭ ئايالچە نۇسخىسى ئۈستىگە كۆتىرىلگەن نۇسخىدا بولۇپ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ مارجانلىرى تەكشى تىزىلغان، كۆزلەرنى چاقنىتىدۇ. رەڭگى كۆركەم ، چىرايلىق ، زىننەتلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، ھەر بىر دوپپا قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرى بولۇپ ئادەمگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
    تۇرپان رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - ئۆزگىچە بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى گۈلى كەڭ، تەگلىكى تار ، ھەممە يىرى تەكشى تىكىلگەن، گىرۋەكلىرى ماسلاشتۇرۇلغان. دوپپا ئاساسەن گۈل بىلەن ئورىلىپ تىكىلگەن بولۇپ گوياكى گۈل تاجىسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ. رەڭگارەڭ بولۇپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كىشىلەرگە باياشاتلىق ، تىتىكلىك، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
    ئىلى رايۇنلىرىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى دۆڭرەك ، يۇمىلاق كىلىدۇ. رەڭگى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان. بىر خىل تىكىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان. دوپپىلار نەپىس ئازادە.
    قۇمۇل رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئەمما رەڭلىرى چىرايلىق.
    نىيە، كىرىيە، چىرىيە، چەرچەنلەردە كىپىنەك شەكىللىك دوپپىلارنى كىيىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ساپ نەقىشتىن ئىشلەنگەن بولۇپ دىئامىتىرى 10 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار يىڭنە بىلەن تىكىپ چىقىدۇ. گوياكى بىشىغا قوندۇرۇۋالغان گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە دوپپىلارنىڭ گەرچە ئەمەلىي قىممىتى بولمىسىمۇ كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرىگە ئىگە. بۇ خىل دوپپىلارنى مۇشۇ رايندىن باشقا جايلاردا ئۇچراتماق تەس.
    ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر- ئايال، قېرى، ياش دىگەندەك پەرىقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
    ئۇيغۇرلاردا دوپپا تىكىدىغان ئۇستىلار ياشانغان ئاياللار ۋە ياش قىز جۇۋانلار بولۇپ ئۇلار ھەقىقىي خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكەرلاردۇر. ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىق ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولىغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنىپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق- شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تىكىش نۇسخىلىرى كۆپرەك كەڭ تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، تىكىش سەنئىتى خىلمۇ خىل. ئۇلار دوپپا گۈللىرىنى تىكىشتە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى مەنبە قىلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستىتىك قارشى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپ، شەكىل ئۆزگەرتىپ قويۇق سەھرا تۈسىگە ۋە كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ خىل دوپپا نۇسخىلىرىنى پەرپا قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك تىكىش ماھارىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
    ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان نۇسخا گۈللىرىدىن گۈل بەرگى، مىۋە، قۇش، ھاشارەت شەكىللىرى بار. مەسلەن: شاپتۇل، ئۈرۈك، ئانار، بادام، ئۈزۈم، بۇغداي، پۇرچاق يەنە توز، قارلىغاچ، كىپىنەك، ئاي، قارلەيلىسى ... قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا گىئۇمىتىرىك شەكىللەرمۇ خىلى كۆپ قوللىنىلىدۇ.
    ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ دۇنيا مەدەنىيەت سەنئەت بىغىدىكى بىر دەستە گۈل دىيىشكە بولىدۇ.شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتى گۈلزارلىقىنىڭ گۈلتاجى .
      ئۇيغۇر كىيىم -كىچەكلىرى  ،بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرى ئىچىدىكى دوپپىچىلىق مەدەنىيىتى  فولكلۇرشۇناسلىقتىكى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر ساھە .چۈنكى ، بۇ تەتقىقات ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us