dunyablog.com
  • 11/4/2011

    (ئۆزھال) ياسىن جىكسۇننى چۈشىنەمسىز

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/171371525.html

     ياسىن جىكسۇن كىم ؟ ئۇنىڭ قايسىدۇر بىر شەھەرگە بىرىپ ئالقىشلانغانلىغى ۋە قايسىدۇر بىرىنىڭ ئۇنىڭغا ماشىنا سوۋغا قىلغانلىغى . سورۇندا ئولتۇرۇپ ناھايىتى كۆپ ئۆرۈمە ئالغانلىغى ھەققىدە ھىچكىمدىن سورىمىساممۇ بەزىلەر مىنى سەنئەت ساھەسىدە ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزىچىلا ماڭا دەپ بىرىدۇ .

          مەن ھاياتىمدا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان . تالانىتلىق ئەمما توغرا يولنى تاپالماي يا سەنئەتتىن مىھرىنى ئۈزەلمەي . يا باشقا ئىشنى قاملاشتۇرالماي تەمتىرەپ يۈرگەن ئادەملەرنى كۆپ كۆرگەنمەن . بىر زامانلاردا بىيجىڭدا ئاقسۇ سەنئەت ئۆمەكتىن ئىش تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بەش ئالتە ئاكىلىرىمىز بىلەن خىزمەت قىلىش بىلەن سەرگەردان بۇلۇپ ياشاش ئوتتۇرىسىدىكى بەزى بىر نازۈل ئىشلار ھەققىدە ئۈچ تۆت يىل سوقا سۆھبەتتە بولغاندىم . ئۇلار بىر تۇرۇپ خىزمەتتىن دادلسا بىر تەرەپتىن خىزمەتنىڭ ئەۋزەللىگى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان مەيداندا تۇرۇپ پىكىر قىلاتتى .

         ياسىن جىكسۇن مىنىڭچە تالانتلىق بىر ئادەم . بىراق ئۆزىنىڭ ئىجابى تەرىپى ئاز كۈرۈنۈپ سەلبى بىر تەرەپلىرى خەلىقىمىز بىلەن كۆپرەك ئۇچراشقان بىر ئادەم .
    بىراق ئۇنىڭ ھىسياتلىق بىر ئادەملىگى . ئۇنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئىقتىزاد بىسىمى . ئائىلە غىمى ئىچىدە تىرىكچىلىك يولىدا ھالسىرىغان بىر ئادەملىگىنى تەسەۋۋۇر قىلساق بىلگىلى بۇلىدۇ . قاچان ياسىن جىكسۇن پەيدا بولدى شۇنىڭدىن بىرى ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان ئادەملەر كۈپەيدى . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانلىغىنى نۇرغۇنلىغان ئادەم چاندۇرماستىن پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالىدىغان بولدى .

          ياسىن جىكسۇن ئۇيغۇر سورۇنلىرىدا پەيدا بولغاندىن بىرى بىر قىسىم قىرىنداشلار بۇرۇختۇرمىچلىقتا قالغان يىڭى ھاۋادىن نەپەس ئالغاندەك ھىسيات ئىچىدە ئۇنىڭ نۇمۇرلىرىدىن . گىتتارنى ئوينىتىپ چىلىشلىرىدىن . چولپانلارنى دوراشلىرىدىن ھۇزۇر ئىلىپ كەلدى . ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغان سورۇنلاردا كالچاراپ كۈلۈپ چىقتى لىكىن ئۇنى چىن قەلبىدىن تونۇپ ئىتىراپ قىلغانلار زادى قانچىلىك ؟ بەزىلەر ئۇنى سەنئەتكە چۈشكەن مىتە قۇرۇت . پارازىت دەپ قارىدى . مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس . پارازىت دىگەننىڭ مەنىسى مۈستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوق مەۋجۇتلۇقنى بىز پارازىت دەپ ئاتايمىز .

           تارىختىن بىرى خىزمەت دىگەن نەرسە يوق چاغدا ئەل ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق سەنئەتكارلار چېقىپ سەنئىتىمىزنىڭ بىغىدا خۇشپۇراق سەنئەت بوستانىنى قالدۇرۇپ كەتكەن . تاشۋاينىڭمۇ ھىچقانداق ئىدارىسى يوق يەنە بىز ئۈچۈن مەڭگۇ يوقالماس كۈيلەرنى قالدۇرۇپ كەتمىدىمۇ ؟ تۇرداخۇن مۇقاممۇ ھىچ بىر يەردە خىزمەت قىلماي ئەل ئىچىدە كۆكلەپ ياشاپ ئۆتمىدىمۇ ؟ ئەجىبا بىزدە خىزمىتى يوق سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى پارازىت ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوقلار بۇلۇپ ھىساپلىنامدۇ ؟ خىزمىتى بارنىڭ ھەممىسى ئەل سۆيگەن چولپان . ئەل ئوغلى ھىساپلىنامدۇ ؟ بۇ كۆز قاراش بىزگە نەدىن كەلگەن ؟ بۇنداق كېسەل ئىدىيە بىزگە كىمدىن يۇققان ؟

           ياسىن جىكسۇن يالغۇز بىر سورۇننى بىشىغا كىيىپ ، سوۋۇپ قالغان كەيپىياتنى قىزىتىپ غەم باسقانلارنىڭ دىلىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغانلىغى ھەقىقەت . ئۇنىڭ غەيۋىتىنى كىملەر ئەڭ كۈپ قىلىدۇ ؟ بىرى سەنئەتنى قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغانلار يەنە بىرى ئاز ساندىكى قابىلىيەتسىز سەنئەت چولپان بۇلۇش ئۆمىدى بار ئەمما تاھارەت بوش بەزى سەنئەت ئەھلى ئەڭ كۈپ قىلىدۇ . چۈنكى ياسىن جىكسۇنغا نىسىپ بولغان بەخىت ۋە سەلبى جەھەتتە بولسىمۇ قىزىق نوقتا بۇلۇش تىخى كۆپ ئادەملەرگە نېسىپ بولغىنى يوق . شۇڭا ئۇ سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەستىنى قوزغىشى تەبئى .

            نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەر خىل تەمىناتتىن بەھرىمەن بۇلۇپ مۇقىم مائاش بىلەن ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولغانلارنىڭ نەزىرىدە تىرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق بۇلىشى مۈمكىن . ياسىن جىكسۇن توختىماي تىرىشمىسا . گىتتارنى كىچە كۈندۈز مەشىق قىلمىسا . يۇمۇرلىرىنى يىڭىلاپ تەقىلىد قىلىدىغان ئادەملەرنى تېنمىسىز ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسا ئۇ ئاچ قالىدۇ . ھىچكىم ئۇنى قىزىقچىكەن . گىتتار چالىدىكەن . چولپانلارنى دورايدىكەن دەپ ئۇنىڭغا ئۆي ئىلىپ بەرمەيدۇ . خوتۇن ئىلىپ بەرمەيدۇ . دىمەك ئۇ مۇستەقىل ياشاشقا مەھكۈم ھەم ئۇ شۇنداق قابىليەت بىلەن شۇنداق ئىقتىدارىغا ئىگە .

           شۇنداق بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن ئۇ پارازىت ئەمەس . ياسىن جىكسۇن ئالاھىدە ھۆرمەت تىپىپ باشقا چولپانلارغا ئوخشاش ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ . ئوتىدا كۆيگەن سەنئەتكار . ئاتاغلىق ئوغلان ، دىگەندەك مۇبارەك ناملارغا مۇشەررەپ بولمىغان بولسىمۇ لىكىن قانداقلام بولمىسۇن ئۇ خەلىققە تونۇلدى .

            ھەر ھالدا ئاتالمىغان دۆڭدىن ئاتالغان ئەر ياخشى دىگەن تەمسىلگە لايىق ئادەم بولدى . مىنىڭچە ياسىن جىكسۇن جەميەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئاندىن جاننى ئالقانغا ئىلىپ قوينى كەڭىرى ئۈرۇمچىگە چىقىپ پۇت پاتقىدەك ماكان ئىزدەپ سەرسان بولغان تالاي سەنئەتكارلارنىڭ بىرى خالاس . ئۇ قايسىدۇر بىر ئولتۇرۇشتا چاخچاق ئارلاش قىلىپ ياسىن جىكسۇن ھاكىمنى دوراپ قويۇپ خىزمەتتىن ھەيدەلگەندە دىگەن بىر گىپى بار .

            بۇنداق ئەھۋالنى بىز كۆپ ئۈچۇرتىمىز . مىنىڭ ئاكاممۇ ئەينى يىللىرى يەكەن سەنئەت ئۆمەكتە ئىشلەيدىغان چىغىدا مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىغىنى دوراپ قويغانلىغى ئۈچۈن ئىدارىدىن باشقا ئىدارىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان . بەلكىم ئۇنىڭ بۇ گىپى راستۇ ياكى يالغاندۇ . ياكى باشقا بىر سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ھەيدەلگەندۇ . دىمەك كۆز قارىشى . ئىدىيىسى بىر بىرگە ئوخشىمايدىغان ئادەملەر بىر زاماندا . بىر ماكاندا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بىلەن بىر ئىدارىغا پاتمايدىغان . باشلىقلارنىڭ كۆزىگە سىغمىسا خۇددى مائاشنى شۇ باشلىق ئۆزىنىڭ پۇلىدىن بىرىدىغاندەك ئادەملەرنى قىستاپ چىقىرىپ كوچىغا پالاندى قىلىدىغان ئەھۋال بىزگە كۆپ ئۇچرايدۇ .

            سەنئەتكار ئالدى بىلەن سالاپىتىنى ساقلاش كىرەك ئىدى . بىراق بۈگۈر ناھىيلىك سەنئەت ئۈمەكتىن ھەيدەلگەن ياسىن جىكسۇن ئىشتىن بوشىتىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ سالاپەتىنى ساقلاشقا ئامالسىز قالغان . ئاندىن ئۈرۇمچىگە كەلگەندىن كىين ئۇ قانداق قىلىپ سالاپىتىنى ساقلىشى مۈمكىن . سەنئەتخۇمار خەلىقىمىزنىڭ ھەممىسى يىتىملار مەكتىۋى ئاچقان ھۈرمەت ئىگىسى نۇرتاي ھاجىمدەك ئۈنچىلىك ساخاۋەتچى ئەمەس ياكى ساخاۋەت قىلغىدەك ئەھۋالدىمۇ ئەمەس . بىزنىڭ قولىمىزدىن پەقەت باشقىلارنى تىللاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ روھىدىكى ئارزۇ ئىستەكلەرنى نامايەن قىلىش بىلەن پەقەت ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىش كىلىدۇ . چۈنكى غەيۋەتنى خىزمەت بولسا كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ كىيىپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ قىلغىدەك ئاررامچىلىق ۋە پۈرسەت بۇلىدۇ .

          ئەمدى ياسىن جىكسۇن قانداق قىلىشى كىرەك ؟ ئۇ بارلىق ھۈنىرىنى چىقىرىپ ئۆزىنى تونۇتىشى كىرەك . بىراق ئۇ بىزگە قانداق تونۇلدى ؟ ئۇ ئىدارىسى بار بىرى بولغان بولسا تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا بىرىپ سالاپىتى بىلەن تېلېۋۇزۇرغا چىقىپ باشقا چولپانلارغا ئوخشاش تونۇلغان بۇلاتتى . لىكىن ئىشتىن ھەيدەلگەن . ھىچقانداق ئۇرۇق تۇققىنى . يولى يوق بىر ئىنسان قايسى يولنى قانداق مىڭىپ ئۆزىنى تونۇتۇشنى قانداق بىلسۇن ؟

            ياسىن جىكسۇن ئەنە شۇ سورۇنلاردىن چىقىپ ئاندىن سەھنىگە يۈزلەندى . ئالدىنقى يىلى ئۇنى ئويۇنغا ئويۇشتۇرۇپ ئىلىپ چۈشكەن دوستۇم مىنىڭ قەشقەر سەنئەت مەكتەپتىكى ساۋاغدىشىم ئىدى . ئۇ ماڭا ياسىن جىكسۇن بار دىسە خەلىق ئويۇننى بەك كۈرىدىكەن دىدى . ياسىن جىكسۇن تور ئارقىلىق خەلىققە تونۇلۇپ . سورۇندىن سەھنىگە چىققان سەنئەتچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .

            مىنىڭچە ئۇ توغرا يىتەكلەشكە ئىرىشكەن بولسا . تالانىتىنى قىزىپ قايسى تەرەپتىن تەرەققى قىلىشنى بىلگەن بولسا توغرا بىر يول ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىشنى بىلگەن بولسا چوقۇم ئەل ئوغلى سانىلىۋاتقانلاردىن ھىچقانداق پەرقى يوق ئىدى . لىكىن تەقدىر ئۇنىڭغا تەتۇر قارىدى . تەقدىر تەتۇر قاراپ يىقىلغان جايىدىن تۇرۇش دىمەك ئاسان بولغان بىلەن قىلماق تەس بىر ئىش . ئۇنى چاكىنا . تىتقسىز دەپ غەيۋىىتنى قىلىۋاتقانلار مىنىڭچە ئۇنى ئىتىراپ قىلماسلىققا تىرىشىپ ئىتىراپ قىلىۋاتقانلاردىن ئىبارەت .

           بىر نەرسىلەرنى ياكى بىرەرسىنىڭ تالانىتىنى ئىتىراپ قىلىش ئىككى تۈرلۈك بۇلىدۇ . بىرى چىن مەنىىسى بىلەن قەلبىدىن قايىللىق ئىچىدە ھۈرمەت قىلىش . يەنە بىرى ياراتماسلىق ۋە كۆزگە ئىلماسلىقنى ئىپادىلەش ئارقىلىق داۋاملىق ئۇنى ئىغىزغا ئىلىپ ئۇ ھەققىدە ئويلاپ ئىتىراپ قىلمايدىغانلىغىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئاڭسىز ئىتىراپ قىلىش . ياسىن جىكسۇن ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ئادەملەر ئىتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدىغان لىكىن سەلبى تەرەپتىن بولسىمۇ يەنە پات پات ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زىلىزىلە پەيدا قىلىپ كىلىۋاتقان مەشھۇر بولمىغان مەشھۇرنىڭ بىرىدۇر . مىنىڭچە ئۇ ھەممىزدىن بەكرەك ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە . قوللىشىغا . ياخشى كۆرىشىگە . تاشلىۋەتمەسلىككە مۇھتاج .

             ئويلاپ باقايلى . ياسىن جىكسۇن باشقا مىللەتتىن بولغان بولسا قانداق قىلاتتۇق ؟ چوقۇمكى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ چىن قەلبىمىزدىن قايىل بۇلۇپ ئىتىراپ قىلاتتۇق . ئەگەر ئۇ بىرەر نازارەتنىڭ نازىرى بولغان بولسا ئۇنىڭغا ئادەمنىڭ نامى يەتمەيتتى . خىزمەتتە قابىليەتلىك . ناخشا ئىيتالايدىغان . گىتتار چالالايدىغان . دۇتتار چالالايدىغان . قىزىقچى نازىر دەپ ئالاھىدە ھۈرمەت بىلەن ئىسمىنى ئاۋايلاپ تىلغا ئالىدىغان بىر ئادم بۇلۇپ قالاتتى . لىكىن ئۇنىڭ پىشانىسى تەتۇر كىلىپ خىزمەتتىن ھەيدەلدى . ئاندىن جەميەتكە چىقىپ كەتتى . لىكىن خىلمۇ خىل پىكىر ئېقىمىنى . تۈرلۈك غەيرى تالانىتلىقلارنى ئۆز قوينىغا ئىلىپ كىلىۋاتقان باغرى كەڭ سېخى جەميەت ئۇنى باغرىغا ئالدى . نۇرغۇن ئادەم ھەسەت ئوتىدا پۇچىلاندى . نۇرغۇن ئادەم ئۇنى تىللسىمۇ لىكىن كۇڭلىدىن ئىتىراپ قىلدى . چۈنكى ئۇنىڭ تالانىتنىمۇ چېغىر يولدىن تېپىۋالمىغان باشقا سەنئەتكارلارغا ئوخشاش ياراتقان ئىگەم بەرگەندى .

            قازاق پەيلاسۇپى ئاباي قۇنانباي . بىر ئادەم يامان بولسا ئۇنىڭدىن كۆرمە . ئۇنى ئۆستۈرگەن زاماندىن كۆر دەپ توغرا ئېيتقان . بىز ياسىن جىكسۇن ئۆسۈپ يېتىلگەن دەۋىرنى . ماكاننى . ئائىلە موھىتىنى چۈشەنمەيمىز . شۇڭا مەن بۇ ھەقتە ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم . ئۈ لەنەتكە ئۇچۇرىغان كۈنلەردە ئۇنىڭغا قەلبىمدىن ھىسداشلىق قىلدىم .

            چۈنكى باشقا مىللەتلەردە بۇنداق غەيرى تالانىت ئىگىلىرى قەدىرلىنىدۇ . ھەتتا يىللىق ئەڭ چوڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ سەھنىگە چىقىش باھاسى يىلدىن يىلغا ئۈسۈپ بارىدۇ . مەن تونۇيدىغانلاردىن ئاباۋ دىگەن بىرسى بار . 2004- شىنگۇۋاڭ داداۋ ( تۈزلا يازدىم ) دا چىققاندىن بۇيان نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزۈپ شەنبى ناخشا پادىشاھى دەپ ئاتالدى .

            ئىتىزدىنلا كەلگەن بىر ناخشىچىنى خەلىق ياخشى كۆرگەنلىگى ئۈچۈن ھۈكۈمەت دائىرلىرى قوللاپ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسى تەرىپىدىن قۇبۇللىنىپ نەچچە مەيدان كېچىلىك قىلىپ بەردى .

          يەنە شىياۋ شىنياڭنى مىسالغا ئالساق ئۇمۇ سەنئەت ئوتىدا يۈرگەن بىر ساياق ئىدى . جاۋ بىنشەننى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇنىڭ يۆلىشى ، قوللىشى بىلەن باھار بايىرىمىلىق كېچىلىكتە بىر سەھنىگە چىقىۋىدى سەھننىڭ ئارقىسىدا يىتىپ قوپوپ ئويۇن قويىدىغان ئايلىقچى بىر بالا بىر دەمدە بىر مەيدان ئويۇن ئۈچۈن 600 مىڭ سوم ئالىدىغان ئەڭ نۇرلۇق چولپانغا ئايلىنىپ پۈتۈن جۇڭگۇنى ئايلىنىپ ئويۇن قويالايدىغان ھالەتكە كىلىپ ھەتتا ئۈرۈمچى سەھنىلىرنىمۇ چالا قويماي يىلدا نەچچە مىليۇنلاپ پۇل تىپىپ يۇرىدۇ .

           دۇنيا سەنئىتىدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بار بۇلۇپ ناخشىچى شاكىرانى ھوللوۋۋۇدتا نامى بار ناخشىچىلار دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكى بىر ئەخلەت . كەسپى تەربىيە كۈرمىگەن دەپ باھا بەرگەن بولسىمۇ لىكىن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ئەڭ نادىر ناخشىچى دىگەن نام بىرىلگەندە ھىلىقى ئەخلەت دەپ باھا بەرگەن ناخشىچىلارنى خەلىق ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتتى . مەن ياسىن جىكسۇننى ئىككى ئۈچ قىتىم سىرىتتا كۆرگەن . ئۇنىڭ بىلەن تونۇشلۇغۇممۇ يوق . بىراق جەميەتتە ئۈزۈلدۈرمەي بۇلۇپ تۇرغان گەپ سۆزلىرىدىن ئىچىمدە يامان گۇيكەن دىگەن بىرلا باھا بار . لىكىن كۆز قارىشىمىدا ئۇ توغرا يولغا يىتەكلەنسە . ئىقتىزادى ئەھۋالى يار بەرسە ، كەسپى مەكتەپلەردە بىر ئىككى يىل سېستىمىلىق تەربىيە قۇبۇل قىلسا چوقۇم بىز ئۈچۈن ياخشى سەنئەت ئەسەرلىرىنى سۇنالايدۇ دەپ ئىشەنچىم بار . چۈنكى ئۇنىڭدا تالانىت بار پەقەت ماڭغان يولى خاتا بولغان بۇلىشى مۈمكىن .

           ئۇنىڭ ئادەم دوراۋاتقان . ساز چىلىۋاتقان ئاشۇ رىئاللىقىنىڭ ئارقىسىدا تالايلاپ ھاقارەتكە ئۇچۇرىغان . دەرىت تارتقان مۇشاقەتلىرى ۋە مەشىقلىنىش جەريانلىرى بار . بىر ئادەم قانچىلىك تىرىشسا ياسىن جىكسۇن بۇلالايدۇ ؟

         ھوشۇر قارىنىڭ نام چىقىرىش يولىدىكى كەسىپى مۇشاقىتىنى . ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ ھازىرغا كەلگەندىكى ئىجادى ھايات جەرياننى . ئەركىن ئابدۇللارنىڭ قانداق قىلىپ ئەركىن ئابدۇللا بولغانلىغىنى كىم قانچىلىك چۈشىنىدۇ ؟

         دىمەك بىزنىڭ چۈشىنىشىمىز چاغلىق . ھەممىنى ھىس قىلىشقا قويۇپ بەرسەك ئەقىلى ھۈكۈم چىقىرالمايمىز . چۈنكى ھايات - رىئاللىق ئەقلى نەرسە . ئەقىل بىلەن ياشمىغاندا ئادەم نۇرمال ھايات كەچۇرەلمەيدۇ .


    ئەمدى ياسىن جىكسۇنغا تەكلىپ .

    ياسىنجان . سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز خەلىقنىڭ ئىچىدە ئۆتىدۇ . داۋاملىق سورۇنلاردا باش تىما بۇلۇپ قالسىز . شۇڭا بۇنىڭدىن كىينكى ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىپ يۇرۇڭ . ئىنساننىڭ ئىناۋىتىنى باشقىلار ئەمەس ئۆزى تۈكىدۇ . شۇ سەۋەپلىك ناھايىتى تىزلا نام چىقىرىپ قانداق تىز نامى چىققان بولسا شۇ پىتى ئىناۋىتى چۈشۇپ بىر بۇلۇڭدا كېسەل تەككەن توخۇدەك دۈگىدىيىپ قالغان چولپانلارنى ئۇيغۇر جەميىتى جىق كۆرگەن . خەلىقىمىز كەڭ قورساق خەلىق لىكىن ئەخلاقسىز . ساپاسىز . سورۇن سورۇندا ئاغزىنى بۇزۇپ . باشقىلارنىڭ بىر دەملىك خۇشاللىغى ۋە كۇڭلى ئۈچۈن ئىغىزنى بۇزۇپ لەتىپە ئىيتىپ . ئادەمىلىك قەدىر قىممىتىنى ساقلاش ئەمەس باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇغى بۇلۇپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن . چۈنكى سىز ئەخلاقسىز يۇمۇرلارنى ئىيتىقاندا ھەممە كۈلگەن بىلەن سورۇندىن چىقىپلا سىزنى تىللاپ رەسۋا قىلىدۇ . سىز گىزى كەلگەندە ئارتىس ئەمەس ئويۇنچۇق بۇلۇپ قالسڭىز ئەھۋالىڭىز تىخمۇ چاتاق . شۇڭا ئالدى بىلەن ئادەم ئۆزىدە بىر جەميەتتە باش كۈتۈرۈپ چىقىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئۇنىڭدا يىتەرلىك سالاپەت ۋە نامغا لايىق ساپا بۇلۇشى كىرەك .

    يەنە بىرى سىز نام چىقارغان ئادەملەرنى چۈشۈرۈپ . ئاللا ياراتقان تۇرقىنى مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى كۈلدۇرىمەن دىسڭىز بۇ ئىشمۇ ئۇزۇن داۋملاشمايدۇ . سىز كەمسىتىپ دوراۋاتقان چولپانلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر كۆپ . بەزىسى تۇققىنى بۇلۇپ قالىدۇ شۇڭا باشقىلار بىلەن جىدەللىشىپ ياكى بىئەپ ئەھۋالدا قالماسلىغىڭىز ئۈچۈن بىر توپ ئادەمنىڭ ئالدىدا باشقا چولپانلارنى كەمسىتىپ قىلىدىغان چاخچاقنى توختىتىڭ .


    مەن ئاخىرىدا ياسىن جىكسۇنغا توغرا يول تىلەيمەن . توغرا يىتەكلىنىشكە ئىگە بۇلۇپ دورامچىلىقتىن ئىجادىيەت مەنزىلىگە قاراپ پەرۋاز قىلىشىنى تىلەيمەن . ئۆزىنىڭ ئىجادى ئىقتىدارى بولمىغان ھالەتتە ئىجادكارلار بىلەن يىقىن تۇرۇپ يىڭى ئىجاد مىۋىلىرى ئارقىلىق غەيۋەتنى يالغان قىلىپ توغرا بولغان پىكىر يۈنۈلۈشىدە تەرەققى قىلىشنى ۋە داۋاملىق غەيۋەتنىڭ بىشى بۇلۇپ قالماي خەلقىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەقىقى قەدىرلىشىگە ئىرىششىنى چىن قەلبىمدىن ئۆمىت قىلىمەن . چۈنكى ئۇمۇ ھەر بىرىمىزگە ئوخشاش بىر ئۇيغۇر بالىسى .


    http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=43443