dunyablog.com
  • 11/2/2011

    قەھۋەگە مۇناسىۋەتلىك گەپلەر

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/170963064.html

    ھەر بەش ئامېرىكىلىقنىڭ ئۈچى بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى باشلايدىكەن.ئامېرىكىدىكى قەھۋە ئىچىدىغان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا ئېرىشكەن سانلىق مەلۇمات تۆۋەندىكىدەك بولغان :

    65%كىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە 13ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىكەن .

    68%كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر سائەت ئىچىدە بىرنچى ئىستاكان قەھۋەنى ئىچىپ بولىدىكەن .

    57%كىشى قەھۋەگە شېكەر ياكى باشقا تېتىتقۇ سالىدىكەن ،35%ئادەم بولسا ساپ قەھۋە ئىچىدىكەن .

    54%ئادەم قەھۋەنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىتىنى يېڭىلاشقا(كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى)ئىشىنىدىكەن.

    ئامېرىكا ھەر يىلى قەھۋەدىن 4مىليارد دوللار كىرىم قىلىدىكەن .


    دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت قەھۋە ھېندنوزىيەدىن چىقىدىغان بولۇپ ،ئۇ قەھۋەنىڭ ئىسمى لۇۋاك قەھۋەسى ،بۇ خىل قەھۋەنىڭ ھەر بىر قاداق قەھۋە پۇرچىقى 600دوللار ئىكەن، شۇنداق بولغاندا بىر ئىستاكان لۇۋاك قەھۋەسىنىڭ باھاسى 50دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن .ئامېرىكا دۇنيا بويۇنچە قەھۋە ئىستمالچىلىقىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ھەر كۈنى ئامېرىكىدا 450مىليون ئىستاكان قەھۋە ئىچىلدىكەن .ئامېرىكا ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان قەھۋەنىڭ 3\1قىسىمىنى ئىمپورت قىلىدىكەن .تېز ئېرىيدىغان قەھۋەنى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگىتون بايقىغان ئىكەن .ئامېرىكىدا پەقەت ھاۋاي ۋە پېرتورىكودىنلا قەھۋە چىقىدىكەن .

    قەھۋە،چاي ۋە كاكائو قوشۇلۇپ دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىچىملىك دەپ قارىلىدىغان بولۇپ ،تارىختا ئەڭ بۇرۇن ئەرەبلەر قەھۋە پۇرچىقىنى قۇرۇتۇپ ،قايناتقاندىن كىيىنكى شىرنىسىنى ئاشقازان دورىسى شەكلىدە ئىستىمال قىلغان .كېينچە قەھۋەنىڭ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاشتىن باشقا ئادەمنىڭ روھنى كۆتۈرىدىغان رولى بارلىقى بايقالغان .ئىسلام دىنىدا ھاراق چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ،قەھۋە ناھايىتى تىزلا ھاراقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ كىشىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان ئىچىملىككە ئايلانغان.15-ئەسىردىن كىيىن مەككىگە ھەجگە بارغان كىشىلەر قەھۋەنى ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن قەھۋە ئاستا-ئاستا مىسىر،سۈرىيە،ئىران،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان .قەھۋەنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشىدا ئوسمانىيلارنىڭ رولى بار ،ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانلىلار ئارمىيىسىنىڭ ياۋروپادا تۇرغان قىسىمى چېكىنىپ چىققاندىن كىيىن قەھۋە پۇرچىقى قاتارلىق تەمىنات بۇيۇملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن .ۋيېنالىقلار ۋە پارىژلىقلار تۈركىيەلىكلەردىن ئۈگۈنىۋالغان قاينىتىش تېخنكىسىغا تايىنىپ ياۋروپا قەھۋە مەدەنىيتىنى بەرپا قىلغان .

    قەھۋەنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا ئۇزۇقلۇق ماددا بار.ئۇنى قۇرۇتقاندىن كىيىن ئوزۇقلۇق مىقدارى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ،قەھۋەنىڭ تېرىگە پايدىسى بار ،ئادەم بەدىنى مېتابولىزىمنى ياخشىلايدۇ ،بولۇپمۇ قەۋزىيەتكە شىپالىق رولى بار ،قەھۋە پاراشۇكىدا يۇيۇنۇش ئىسسىقتا داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ ،قەھۋەنىڭ يەنە ئورۇقلىتىش رولى بار .قەھۋە يەنە چارچاشنى تۈگىتىدۇ ،كۈندە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .رادىئوئاكتىپ نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ ،يەنە ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋالاش رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ.
    ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا قەھۋە ئىستىمال قىلغاندا كۆپ مىقداردىكى كوففېئىن ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈپ كىرىپ ،كوففېئىندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ھەمدە ئادەمنىڭ روھى ۋە جىسمانى سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،مەسىلەن :ئاسان ئاچچىقلىنىش،تەشۋىشلىنىش،تىترەش،مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ،ئۇيقۇسىزلىق،يۈرەك سىقىلىش .ئۇنىڭدىن باشقا قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن ئاشقازان كىسلاتاسىنى جىقلىتىۋېتىدۇ .ھەزىم قىلىش يولىدا يارا پەيدا بولۇش ،كۆكىرىش خاراكتېرلىك قىزىل ئۆڭگەچ يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

     

     
    500-يىلى كاردايلار تۇنجى بولۇپ قەھۋەنىڭ شىپالىق رولىنى بايقىغان .
    525-يىلى بىرنچى قەھۋە دەرىخى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تىكىلگەن.
    1475-يىلى تۇنجى قەھۋەخانا كونستانتىنوپولدا ئېچىلغان .
    1615-يىلى قەھۋە ئىتالىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇنجى قېتىم تارقىلىپ كىرگەن
    1620-يىلى قەھۋە شىمالى ئامېرىكىغا تارقالغان
    1690-يىلى قەھۋە ئاسىياغا كىرگەن 

     

    بەيدۇ قامۇسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىندى