ياش ناخشىچى باتۇر ئابدۇقادىرنىڭ تەرجىمىھالى
ئىسىم - فامىلىسى: باتۇر ئابدۇقادىر
تۇغۇلغان يۇرتى: چىرا ناھىيە دامىكو يېزىسى
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى
تۇرۇشلۇق ئورنى: خوتەن شەھىرى
خىزمەت ئورنى: خوتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى
ئوقۇغان مەكتىپى: خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى
ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتى: 2003 - يىلى
كەسپى: تەمبۇر
خىزمەتكە چىققان ۋاقتى: 2008 - يىلى
ياقتۇرىدىغان رەڭ: ئاق، قارا، يېشىل
ياقتۇرىدىغان تامىقى: قوناق ئۇنى ۋە گۈرۈچ تاماقلىرى
بوي ئېگىزلىكى: 1.75cm
قىزىقىشى: ساياھەت قىلىش، شېئىر يېزىش، رېژىسسورلۇق
ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلىك سۆز: ئىجادىيەتتە ئىستىل، پەزىلەت ۋە ئۇسلوب يارىتىش ھەممىدىن مۇھىم
ھۆرمەتلەيدىغان سەنئەتكار: نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن، سەيدۇللام توختى، غىياسىدىن بارات
ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى: ئاتا - ئانىسى، ئۇستازى ۋە دېھقانلار
كەسىپتىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى: نۇرئەلى ئابدۇقادىر
نىكاھ ئەھۋالى: توي قىلمىغان
تاماشبىنلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزى: مېنى قوللىغان بارلىق دوستلارغا رەھمەت!
باتۇر ئابدۇقادىرنىڭ بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2010 - يىلى 9 – ئايدا ( تەنھامەن )، ( قەدىرلەيلى دېھقاننى ) ،( دۇتتارىم )، ( يار ئوتى )، ، ( بولماس ) قاتارلىق 11 دانە ناخشىسىدىن تەركىب تاپقان تەنھامەن ناملىق فىلاستىنكىسى سەنئەتخۇمار دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.
باتۇر ئابدۇقادىرنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى، مۇزىكىسى ۋە MTV غا كىرىشتۈرگەن مەنزىرىلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، تەبىئىيلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە ئىستېتىك لەززەت، بەدىئىي زوق ۋە مەنىۋىي ھۇزۇر بېغىشلىيالايدۇ.
تۇنۇلىۋاتقان تالانتلىق ناخشىچىمىز باتۇر ئابدۇقادىرنىڭ كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ يۇرۇقلۇق تىلەيمىز!