ئورنىڭىز: باشبەت > چولپانلار > ئۇيغۇر چولپانلار چولپان باشبىتىگە قايتىش
تۆمۈرخان روزى
يوللانغان ۋاقتى: 2014-02-28
كۆرۈلۈش سانى: قىتىم
مەزمۇن مەنبەسى: ئاقيول تورى
چولپان تەۋەلىكى:ئۇيغۇر چولپانلار
728*15 googlead

تۆمۈرخان روزى

تۆمۈرخان روزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى37uئاقيول تور بىكىتى

37uئاقيول تور بىكىتى
37uئاقيول تور بىكىتى

تالانلىق ياش ناخشىچى ۋە تۇنۇلغان ئاۋاز ئارتىسى تۆمۈرخان رۇزى 1968-يىلى غولجا شەھەرلىك بوستان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ تىلى چىقىشى بىلەنلا دادىسى__ ئاتاقلىق خەلق ناخشىچى رۇزى ئابۇۋەلىنىڭ تەسىرىدە ناخشا ئېيتىشنى ئۈگۈنىشكە كىرىشكەن. 9 ياش ۋاقتىدا دۇتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ غولجىدا بالا ناخشىچى بولۇپ تۇنۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دادىسىنىڭ ۋە ئۇستازى پەرھات ئابىت چوغلاننىڭ يېتەكلىشىدە دۇتار ۋە تەمبۇر چېلىشتا خېلى يۇقۇرى ماھارەت يېتىلدۈردى. 1984-يىلى تۆمۈرخان غولجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئاۋاز ئارتىسلىققا تاللىنىپ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلەپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «سىرلىق كارۋان»، «پۇل دىگەن نەرسە»، «ساھىبجامالنىڭ ئۆلىمى»، «مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ»، «بويتاقلار ئائىلىسى»، «جۇشقۇن ياشلىق»، «غېرىب-سەنەم»، «موللا زەيدىن»، «باياۋانغا كەلگەن مىھمان»، «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى».....قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەردىكى باش پىرسۇناژ ۋە ئاساسلىق پىرسۇناژنىڭ ئاۋازىنى چىن ھېسسىيات ۋە يۇقۇرى ماھارەت بىلەن بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. 37uئاقيول تور بىكىتى
تۆمۈرخان رۇزى پىشقان بىر ئاۋاز ئارتىسى بولۇپلا قالماي يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان بىر تالانتلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋە ئىجادىي ناخشىلارنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق ئورۇنداپ، سەنئەتسۆيەر خەلقىمىزگە زور بەدئىي زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ 1990-يىلىدىن ھازىرغىچە نادىر ناخشىلىرى كىرگۈزۈلگەن «ئىلى ۋادىسى»، «ئاي زۆھرە»، «جان ئاتا»، «تەقدىر»، «سوۋغات»، «دىلخاراج»، «شازادىخان».... قاتارلىق ئۇنئالغۇ لىنتىسى، «بۇ مېنىڭ خوش كۈنلىرىم»، «نىگارىم»، «تاللانما ناخشىلار»...قاتارلىق MTV پىلاستىنكىلىرى نەشر قىلىنىپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا كۈچلۈك ئالقىشلارغا ئېرىشتى. شۇنداقلا تاماشىبىنلار ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىچىغا ئايلاندى. 37uئاقيول تور بىكىتى
تۆمۈرخان رۇزى 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە ئېتوتلاردا رول ئېلىشقا يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ھەقىقىي سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئۇ ھازىرغىچە «ئادىمىي ھايۋان»، «جۇدۇندىكى چېچەك»، «مەنپەتكە باغلانغان دوستلۇق».....قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغاندىن سىرت كۈلدۈرگە چولپىنى ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھەمكارلىشىپ «مەككار سودىگەر»، «كونا ئاياق»، «يىراقتىكى موللا__داموللا»، «كۆڭلۈم»، «ھەر كاللىدا ھەر خىيال»، «ھەۋەسكارنىڭ يېڭى ھەۋىسى».....قاتارلىق ئېتوتلاردا خىلمۇ-خىل خارەكتىردىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى جانلىق يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. 37uئاقيول تور بىكىتى

960*90 ilan orni 2
960*90 ilan orni